Time to Cook

يازما نامىغا قاراپ ئالمىنىڭ ھازىرقى CEO سى Tim Cook نامىنى قويىۋاپتىغۇ دەپ قالغانسىز؟ بۇ ئەپنى ياسىغان پروگراممىر ئىسىمنى مەنچە قەستەن مۇشۇنداق ئالغان بولسا كېرەك. بۇ ئاشخانىدا ئىشلەيدىغان ۋاقىت بەلگىلەپ قويىدىغان ئەسكەرتمىلىك سائەت ئىكەن. قوللىنىشچانلىققا ئېگە بۇ ئەپ بۈگۈن ھەقسىز تارقىتىلىپتۇ.

mzl.nhdoyxcu.175x175-75

بۇ ئەپنىڭ ئىچىدە پروگراممىر قوشۇپ قويغان بىر قانچە خىل يىمەكلىكلەرنىڭ پىشۇرۇش ۋاقتى بېرىلگەن بولۇپ، بىز ئۇنى خالىغانچە تەھرىرلىيەلەيمىز. بۇنىڭ مەنىسى، بىز ئۆزىمىزنىڭ ئېھتىياجىمىز بويىچە ۋاقىت بەلگىلەپ، ھەم ئىسىم قويۇپ ئۆزگەرتەلەيمىز. مەسىلەن، پولو، دۈملىمە، كاۋا مانتىسى، بولاق مانتا … دېگەندەك ئۇيغۇرچە تائاملارنىڭ نامىغا ئۆزگەرتىۋالساقمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان كىچىك رەسىملەرنى تاللىغىلى بولىدىكەن. قايسى خىلدىكى تاماقنى پىشۇرماقچى بولساق شۇنى باسساقلا ئالدىن بەلگىلەپ قويغان ۋاقىتنى تەتۈر ساناشقا باشلايدىكەن.

IMG_1218

IMG_1220

بۇ ئەپ ئارقا سۇپىدىمۇ ئىجرا بولىۋېرىدىغان بولۇپ، مەن ئارقا سۇپىدىنمۇ ئۆچۈرىۋېتىپ سىناپ باقتىم. يەنىلا نورمال ئاۋازلىق ئەسكەرتتى. بۇنى ياسىغاندا بۇ تەرەپنىمۇ ئالاھىدە ئويلاشقاندەك قىلىدۇ. مەسىلەن تېلىفون كېلىپ سۆزلىشىۋاتقان چاغدىمۇ، ئەسكەرتمە يەنىلا كۈچىنى يوقاتمايدىكەن.

UI غىمۇ خېلى كۈچەپتۇ. قارىماققا تاماق ئۈستىلىدىكى ۋاقىت بەلگىلىگۈچكىلا ئوخشاشكەن.

دۇخوپكىدا ياكى قاسقاندا دۈملەيدىغان، پىشۇرىدىغان يىمەكلىكلەرگە ئىشلەيدىغاندەك تۇرىدۇ. بولىدىكەن دەپ قارىسىڭىز ھازىر ھەقسىز چۈشۈرىۋېلىڭ.

 

ئەپ ئىسمى : Time to Cook

ساتقۇچى : Ali Karagoz

تۈرى : قوللىنىشچان

چوڭلۇقى : 2.0 MB

چۈشۈرۈش ئادرىسى :

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



5 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. بوپ قويىدىكەن ئەمما قاچىلاپ بولۇپ ئۆچۈرۋەتتىم iphoneخوتۇننىڭ بوپ كەتمىسۇن دەپ.ھى ھى ھى

  2. پاسىبان ئەپەندىم ، ئايفۇننىڭ خەنزۇچە خەتنى ئېكرانغا قولدا يېزىپ كىرگۈزۈش ئىقتىدارىنى كۆپرەك ئىشلىتىمەن ، ئەمما ئېكران يېرىمىدا يېزىلغاچقا سەل بىئەپ بولىدىكەن ،
    پۈتۈن ئېكرانغا يېزىپ كىرگۈزگىلى بولىدىغان ئامال بارمىدۇ ؟

  3. نىمە دەپ يېزىپ ئىزدەشنىمۇ بىلەلمىدىم ، بىزدىن ياخشىراق بىلىسىز ، ۋاقتىڭىز يەتكەندە سىز بىر ئىزدىنىپ باققان بولسىڭىز ، ياردەم قىلغايسىز .
    بۇرۇن نوكىيا 5800 ئىشلەتكەن ، ئۇنىڭدا خەنزۇچىنى پۈتۈن ئېكرانغا يېزىپ كىرگۈزگىلى بولاتتى ، ھەم قەلەممۇ ئىشلىگەچكە خېلى مۇرەككەپ خەتلەرنىمۇ كىچىكرەك يېزىپ يازغىلى بولاتتى ، ئايفۇندا قەلەم ئىشلىمىگەچ بارماقتا يا كىچىكرەك يازغىلى بولمىغان ،
    بالامنىڭ تاپشۇرۇقلىرىغا ياردەم قىلغاندا بەك ئەسقاتىدۇ بۇ ئىقتىدارى ، ئەمما شۇ سەل بىئەپ بولدى .
    ئايفۇننىڭ يېڭى سېستىمىسىنى 12 – چىسلا چىقىدۇ دەۋاتقان ، بۇ يېڭى سېستىمىنى ئايفۇن 3 كىمۇ قاچىلىغىلى بولامدىغاندۇ ؟ بۇ يېڭى نەشىرىدە پۈتۈن ئېكران يېزىش ئىقتىدارى بولۇپ قالسا ياخشى بولاتتى .
    ناۋادا 5.0 لىك يېڭى سېستىمىغا يېڭىلىساق بىز قاچىلىغان دېتال ، ساقلىغان ئۇچۇرلىرىمىزغا تەسىر يەتكۈزمەي يېڭىلىنامدىغاندۇ ؟ مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك يازمىلار بولسا ئۇلىنىشىنى قالدۇرسىڭىز …

    • قولىڭىزدا يېزىش ئەپسىز بولسا iPad ھەم iPhone نىڭ ھەممىسى ماس كېلىدىغان يۇمشاق باشلىق «توك سىغىملىق قەلەم» دەيدىغان بىر نەرسە بار. مەخسۇس سىزدەك خەت يېزىش ئېھتىياجى بارلار ئۈچۈن لايىھەلەنگەن. 20~30 كويغا بېرىدۇ. 淘宝 دىن 电容笔 دەپ ئىزدىسىڭىز چىقىدۇ. مۇشۇ قەلەمنى ئىشلىتىپ خەت يېزىڭ.
      iOS 5.0 نىڭ 3GS نۇسقىسى باركەن. يېڭىلىغاندا iTunes ئارقىلىق ئاۋال زاپاسلىۋېلىپ ئاندىن يېڭىلاڭ. ئوخشاشلا بۇرۇنقى نەرسىلىرىڭىز يۈتۈپ كەتمەيدۇ

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش