WWDC 2011 يىغىنى ئېچىلغاندىن كىيىن iOS 5 نىڭ Beta سىناق نۇسقىسى تارقىتىلدى. پروگراممىلار ئۆزىنىڭ پروگراممىر كودى ئارقىلىق بۇ يېڭىلىقنى ئەڭ دەسلەپتە سىناش پۇرسىتىگە ئېگە بولۇشتى. iEatApples يېڭى سېستىما iOS 5 تىكى يېڭىلىقلارنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈپتۇدەك. ئۇلار تونۇشتۇرغان يېڭىلىق جەمئىي 154 خىل ئىكەن.

ئاساسى بەت كۆرۈنىشى ئۈستىدىكى رەسىمدىكىدەك بولۇپ، قاراپلا بىر-ئىككى خىل ئۆزگىرىشلەرنى بايقىيالايمىز. تۆۋەندە بۇ يېڭىلىقلارنى بىر-بىرلەپ ساناپ ئۆتەيلى.

  • يىپيېڭى قۇلۇپ ئېكران كۆرۈنىشى
  • 1-قېتىم قوزغاتقاندىكى قارشى ئېلىش كۆرۈنىشى
  • كومپىيۇتېرغا ئۇلىمايلا ئاكتىپلاش
  • يېڭى PUSH مەركىزى
  • قۇلۇپ ئېكرانىدا كامېرا تىزلەتمىسى بار
  • پايچەك ۋە ھاۋارايى مەلۇماتى PUSH مەركىزىگە بىرلەشتۈرىۋېتىلگەن
  • iPod نىڭ ئىسمى iMusic دەپ ئۆزگەرتىلىپ يېڭى Logo غا ئالماشتۇرۇلغان
  • يېڭىدىن قوشۇلغان سىن ئېلىش دېتالى
  • iMessage
  • قىسقا ئۇچۇر يوللىغاندا يېشىل كونۇپكا نورمال قىسقا ئۇچۇرغا، كۆپ كونۇپكا iMessage گە ۋەكىللىك قىلىدۇ
  • گېزىت-ژورنال ئۈچۈن مەخسۇس قوشۇلغان Newsstand
  • رەسىم ئۈچۈن ھۆججەت جازىسى قۇرۇشقا بولىدۇ
  • سېستىما Twitter نى ئۆزئىچىگە ئالغان
  • مەخسۇس Twitter ئۈچۈن قوشۇلغان #  ۋە @ تىزلەتكە كونۇپكىسى بولغان كونۇپكا تاختىسى قوشۇلغان
  • رەسىم تەھرىرلەش
  • كامېرادا ئۈنۈم قوشۇش ئىقتىدارى كۆپەيتىلگەن.
  • New rounded buttons يېڭى يۇمىلاق كونۇپكىلار 
  • ئۇقتۇرۇش مەركىزى Notification Center
  • قايسى ئەپلەرنى Notification Center گە قوشۇش كېرەكلىكىنى تاللىغىلى بولىدۇ
  • تەڭشەك ئىچىدە ئۈسكۈنىنىڭ نامىنى بىۋاستە ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.
  • يېڭىچە يېڭىلاش ئۇسۇلى Air Delta Software ئارقىلىق سېستىمىنى يېڭىلاش
  • ئىشلىتىش مىقدارى ئىچىدە ھەر بىر ئەپنىڭ سېستىمىدا ئېگەللىگەن مەنبە كۆرىنىدۇ.
  • سىمسىز iTunes ماسقەدەملەش
  • ئاۋازلىق تېلىفۇن ئۇرۇش
  • ئۆزى بەلگىلەپ تىزلەتمە سۆز قوشۇش (مەسىلەن OMG دېسەك Oh My God دەپ چىقىرىدۇ)
  • قوشۇمچە ئىقتىدار تاللاش تۈرىدە Speak Selection تۈرى قوشۇلغان
  • ئۆزى بەلگىلەپ تىترەتكۈزۈش
  • قوشۇمچە ئىقتىدار 辅助功能
  • LED چاقماق ئەسكەرتمىسى
  • ئاۋاز ھۆججىتىنىڭ ئوڭ-سول ئاۋاز يولىنى تاللاش
  • تەڭشەك بېتىگە يېڭىدىن قوشۇلغان iCloud تەڭشىكى
  • ئېلخەت تەڭشەيدىغان يېرىگە @Me.com قوشۇلغان
  • ئالاقە خاتىرىسىگە Twitter تۈرى قوشۇلغان
  • تەڭشەك ئاستىدىن مەزكۇر تېلفۇن نومۇرىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ (ئەمەلىيەتتە بۇنى ھازىرمۇ ئۆزگەرتكىلى بولاتتىغۇ؟)
  • Facetime تاللاش تۈرىگە تېلىفۇن نومۇرى ۋە ئېلخەت ئادرىسىدىن خالىغان بىرىنى تاللاپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ
  • سافارىدا مەخپىي زىيارەت قىلغىلى بولىدۇ 隐私浏览
  • زىيارەت قىلىۋاتقان مەزكۇر بىكەتنىڭ يەرلىكتىكى ئۇچۇرلىرىنى چىقىرىپ تاشلاش
  • تەڭشەك ئىچىگە iMassage نىڭ ئېچىش-تاقاش تاللاش تۈرى قوشۇلغان
  • Read Receipts (بۇنىڭ نېمىلىكىنى بىلمىدىم)
  • iMessage ئىشلىمىگەن ۋاقىتتا ئاپتۇماتىك ھالدا قىسقا ئۇچۇر شەكلىدە ئىۋەتىش
  • ئوقۇلمىغان ئۇچۇر ئۈچۈن قانچە قېتىم ئەسكەرتىش تاللىشى قوشۇلغان
  • ئاۋاز ۋە سىن ھۆججىتى ئۈچۈن ئايرىم ئەپ قوللىنىلغان
  • Photo Stream
  • ئاپتۇماتىك چۈشۈرۈش ئىقتىدارىنى ئېچىش-تاقاش
  • «WiFi غىلا ئۇلانغاندا ئاندىن چۈشۈرۈش» تاللاش تۈرى قوشۇلغان
  • خەرىتىدە يول لىنىيەسىنى تاللاش ئىقتىدارى قوشۇلغان
  • App Store دا ئەپ سېتىۋېلىش خاتىرىسى ئىقتىدارى قوشۇلغان
  • تېلىفۇن خاتىرىسىدىن 1 تال 1 تالدىن ئۆچۈرگىلى بولىدۇ
  • iCloud ئارقىلىق زاپاسلاش
  • ئاۋاز چىڭايتىش كونۇپكىسى ئارقىلىق سۈرەتكە تارتىش (يانتۇ تۇتۇپ سۈرەتكە تارتقاندا ئىشلەيدۇ.)
  • مۇزىكا ھۆججىتى ئۈستىگە بېسىپ تۇرساق بۇنىڭ تەپسىلىي ئۇچۇرلىرىنى كۆرسىتىدۇ
  • ئېلخەت ئېۋەتكەندە ئادرىس دەپتىرىدىن كىشى ئىسمىنى تۇتۇپ تۇرۇپلا سۆرەپ ئەكىرگىلى بولىدۇ
  • ئېلخەت ماۋزۇسى يوق ھالەتتە ئېۋەتكەندە ئەسكەرتىدۇ
  • ئېلخەت تەڭشىكى ئىچىدىكى Windows Live Mail،Gmail، Exchange قاتارلىقلارنىڭ تۇغىنى ئۆزگەرتكەن
  • سېستىما لۇغىتى ئىقتىدارى قوشۇلغان
  • خەرىتىگە پرېنتىرلاش ئىقتىدارى قوشۇلغان
  • خەرىتىدە يول ئەھۋالىنى يوشۇرۇش ۋە ئېچىش
  • تېلىفۇن دەپتىرىدىكى ھەر بىر كىشىگە ئوخشىمىغان تىترەش ئۇسۇلى تاللىغىلى بولىدۇ
  • 备忘录 دا  نەچچە دانە خاتىرە بارلىقىنى كۆرستىدۇ
  • Game Center غا رەسىم قوشقىلى بولىدۇ
  • Game Center تەڭشىكىگە شەخسىيەتكە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاش ۋە يوشۇرۇش ئىقتىدارى قوشۇلغان
  • Game Center باش بېتىدە ئوينىغان ئويۇن نومۇرلىرى كۆرسىتىلىدۇ
  • Game Center دىكى دوسلىرىمىزنىڭ نومۇرلىرىنى كۆرەلەيمىز
  • Game Center دىكى دوسلىرىمىز بىلەن ئويۇن بەھرلىنەلەيمىز
  • يېڭى ئويۇنلارنى Game Center ئارقىلىق چۈشۈرەلەيمىز
  • Game Center دا دوستقا قوشۇش بېتى يېڭىچە لايىھەدە
  • 备忘录 دا ئېكراننى خالىغانچە ئۆزگەرتسەك شۇ ھالەتكە ماس ئۆزگىرەيدۇ
  • تېلىفۇن دەپتىرىدىكى ھەر بىر كىشىگە ئوخشىمىغان ئۇچۇر ئاۋازى تەڭشىگىلى بولىدۇ
  • ھاۋارايىدا «مەزكۇر شەھەر» ئىقتىدارى قوشۇلغان
  • ھاۋارايىنى ھەر بىر سائەتتە بىردىن يېڭىلىغىلى بولىدۇ
  • سافارىدا تىزىملىكنى ئوقۇش ئىقتىدارى قوشۇلغان
  • iPad نىڭ بۆلەككە بۆلگىلى بولىدىغان كونۇپكا تاختىسى
  • AirPlay Mirroring
  • iTunes بىلەن ماسقەدەملەۋاتقاندا iPhone نى يەنىلا ئىشلەتكىلى بولىدۇ! (ماۋۇ بەك پەچەت ئىش بوپتۇ)
  • Emoji كونۇپكا تاختىسى قوشىۋېتىلگەن. (ماۋۇ ئېنىڭدىنمۇ پەچەت ئىش بوپتۇ. ئىلگىرى تاپالمىغانلار ئەمدى سېستىمىنىڭ ئۆزىدىلا قوشسا بولىدىكەن. كونا سېستىما ئۈچۈن Emoji نى قانداق ئېچىش توغرىسىدا ئاللاھ خالىسا مەن ئايرىم تېما يوللامەن.)
  • iCal ھالىتىدە ئېكراننى يانتۇ قىلساق ھەپتە بويىچە كۆرىنىدۇ
  • iPad كە قوشۇلغان يېڭىچە مۇزىكا دېتالى
  • iCloud ماسقەدەملەش ۋە زاپاسلاش
  • كالېنداردا بەت ئۆرىگىلى بولىدۇ.
  • رەسىمگە تارتىۋاتقاندا ئېكراننى سۈرسەك يېقىندا تارتقان سۈرەت كۆرىنىدۇ. تەتۈرسىگە سۈرسەك رەسىمگە تارتىش ھالىتىگە قايتىپ كېلىدۇ
  • قىسقا ئۇچۇر رامكىسىدا خەت يازساق نۆۋەتتە iMessage ھالىتىدە ياكى قىسقا ئۇچۇر ھالىتىدە ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئەسكەرتىدۇ
  • مەخپىيلەشتۈرۈلمىگەن تېلفۇن كەلگەندە سىزنىڭ نۆۋەتتە بىخەتەر بولمىغان تور ھالىتىدە ئىكەنلىكىڭىزنى ئەسكەرتىدۇ.
  • iMessage ئارقىلىق سىن ۋە رەسىم ئېۋەتكىلى بولىدۇ
  • ئوخشاش ئۈسكۈنىدە ئوخشىمىغان Apple ID  ئىشلەتكىلى بولىدۇ. (بۇمۇ پەچەت ئىش بوپتۇ)
  • قۇلۇپ ئېكرانىدا PUSH قوبۇل قىلىۋالساق، ئېكراننى يانتۇ قىلىش ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك ئەپكە كىرگىلى بولىدۇ
  • PUSH مەركىزىدىكى ھاۋارايىدا ئېكراننى يانتۇ قىلساق كەلگۈسى 5 كۈن ئىچىدىكى ھاۋارايى كۆرىنىدۇ
  • iPad تە يېڭىچە قول ئىشارىتى قوشۇلغان
  • SIM كارتىسى سېلىنمىغان ئايفوندىمۇ Facetime دا سۆزلەشكىلى بولىدۇ ( ئېلخەت شەكلىدىكى ID بولىشى كېرەك)
  • تېلىفۇن دەپتىرىدە يوق بولغان ناتونۇش كىشىدىن تېلىفۇن كەلگەندە قارشى تەرەپنىڭ شەھەر تەۋەلىكىنى كۆرسىتىدۇ. پەرق قىلالىسا دۆلەت ۋە رايوننىمۇ كۆرسىتەلەيدۇ
  • سۈرەتكە تارتقاندا ئېكرانغا بېسىپ تۇرساق تىزىملىك چىقىدۇ، ئۇ جايدىن AE/AF نى تەڭشىگىلى بولىدۇ
  • سۈرەتكە تارتقاندا رەسىمنى چوڭايتقاندەك قول ئىشارىتى بىلەن يېقىنلىتىپ يىراقلاتقىلى بولىدۇ
  • كالىنداردا يان تەرەپتىكى ئاۋاز چوڭايتىش «+» نى بېسىش ئارقىلىق يېڭى پىلان قوشقىلى بولىدۇ
  • مۇزىكا ئۆچۈرگىلى بولىدۇ. ( مۇزىكا ئىسمى ئۈستىگە ئەكىلىپ يانغا سىيرىش ئارقىلىق 删除 دېگەن خەتنى پەيدا قىلالايسىز. بۇ نۆۋەتتىكى سېستىمىڭىزدىمۇ نۇرغۇن جايدا ئىشلەيدۇ. ھازىرلا سىناپ كۆرمەمسىز؟)
  • iCloud بوشلۇقىنى كېڭەيتىش (ئەلۋەتتە ئاقچىغا سېتىۋالىدىكەنسىز)
  • بىرەر ئەپتە Crash بولغاندا بۇرۇنقىدەك «لەپ» لا قىلىپ غايىپ بولۇپ كەتمەي ئەسكەرتمە كۆرىنىدۇ. يەنى، ئۆلسىمۇ چىرايلىقچە خوش دەپ قويۇپ ئۆلىدۇ…
  • ئەپ ئىچىدە ئەسكەرتمە سانىنى كۆرسىتەمدۇ يوق تەڭشىگىلى بولىدۇ. (بۇ ئىقتىدارنىڭ نېمىلىكىنى تازا بىلەلمىدىم، بىلگەنلەر چۈشەندۈرۈپ قويۇڭلار 可以选择是否在应用上显示提示数字)
  • iTunes تىن چۈشۈرگەن نەرسىنى iPhone ئۇلاغلىق ھالەتتە بىۋاستە iPhone غا قاچىلىۋېتىدۇ
  • كۆكچىش ئارقىلىق يىراقتىن قويىلىۋاتقان مۇزىكا ئۇچۇرلىرىنى كۆرسىتەلەيدۇ
  • «يەنە بىرئاز ئۇخلىۋالاي» ئىقتىدارى (قوڭغۇراق)
  • ىرقانچە Twitter ھېساۋاتىنى تەڭ ئىشلىتىش
  • ھەر بىر ئەپنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئايرىم ئۆچۈرۈش
  • iTunes قوڭغۇراق ئاۋازى دۇكىنى
  • پايچېك (ئەڭ يېڭى، دەل ھازىرقى ھالەتنى كۆرسىتەلەيدۇ)
  • ئاۋازلىق قىسقا ئۇچۇر
  • بىرقانچە ئېلخەتنى بىرلا تاللاپ «ئوقۇلمىغان» قىلىشقا بولىدۇ
  • بىرلا ۋاقىتتا بىرقانچە ئەپنى بىراقلا چۈشۈرەلەيدۇ (پەچەت ئىش بوپتۇ. بۇرۇنقىدەك بىرنى چۈشۈرۈپ بولۇپ قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن كىيىنكىسىنى باشلاپ يۈرمەيدىكەن)
  • ئاۋازلىق كونترولغا يېڭى ئاۋاز قوشۇلغان
  • ئېلخەتتە ئەڭ يۇقىرى چۈشۈرۈش چوڭلىقى 250 دىن 1000 غا كۆپەيتىلگەن
  • Google Maps تە ئۇلىنىش قوشۇلغان
  • YouTube دا سىن كۆرىۋاتقاندا Home نى 2 باسساق بۇ سىننى يوللىغۇچىنىڭ ئۇچۇرلىرى كۆرىنىدۇ
  • iOS تە Airport ۋە TimeCapsule تەڭشىكىنى تەڭشگىلى بولىدۇ
  • VoiceOver دا ئەرەپچە  قوللايدۇ
  • ئارقا سۇپىدا ئۇلىنىش ئاچالايدۇ (بۇنىمۇ تازا چۈشەنمىدىم)
  • Twitter دىكى باش سۈرەتنى تېلىفۇن دەپتىرىگە قوشقىلى بولىدۇ
  • iPad تە 1080p لىك سىننى قويالايدۇ
  • ئېلخەت مەزمۇنىدىنمۇ ئىزدىگىلى بولىدۇ
  • سافارىدا تاللاپ تۇرۇپ بىر بېكەتنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئۆچۈرگىلى بولىدۇ. مەسىلەن، Cookies
  • iOS 5 تە تېلىفۇن دەپتىرىدىكى كىشىلەرنىڭ Twitter، Facebook، Flickr، LinkedIn، Myspace قاتارلىق IDلىرىنى قوشقىلى بولىدۇ
  • iPad كونۇپكا تاختىسىغا «بەتتىن ئىزدەش» ئىقتىدارى قوشۇلغان
  • iMessages دە GIF ھەرىكەتلىك رەسىمنى قوللايدۇ
  • Twitter يوق بولسا App Store دىن چۈشۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق. تەڭشەك ئىچىدىن ئاچساقلا چۈشۈرىدۇ
  • ئېلخەتكە Hotmail مۇ قوشۇلغان
  • iPad تە سافارىدا ئارقىغا قايتىش كونۇپكىسىنى بېسىپ تۇرساق بەت تىزىملىكى كۆرىنىدۇ
  • سافارىدا مەخپىي زىيارەت قىلغىنىمىزدا ئۇسلۇب قارا رەڭگە ئۆزگىرىدۇ
  • توغرا ئىملا تەۋسىيە قىلىش ئىقتىدارىنى ئايرىم ئەتكىلى ئاچقىلى بولىدۇ. ئاپتۇماتىك ئىملا توغرىلاش بىلەن ئايرىۋېتىلگەن.
    مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى قوشقىلى بولىدۇ. مەسىلەن، ئانىسى، دادىسى دېگەندەك
  • ئاۋاز چوڭايتىش كونۇپكىسىغا سىنغا ئالغاندا باشلاش ۋە ئاياغلاشتۇرۇش ئىقتىدارى قوشۇلغان
  • مەخپىي نومۇر ئارقىلىق قۇلۇپلاش دېگەن تۈرگە App سېتىۋالغاندا ئىشلىتىدىغان مەخپىي نومۇر قوشۇلغان
  • App Store دا باھاسىنى باسساق سېتىۋالاتتۇق، ھەقسىز بولسا Free ياكى 免费 نى باسساق چۈشۈرۈپ قاچىلايتتۇق. يېڭى سېستىمىدا بۇ جاي 安装 ياكى Install  غا ئۆزگىرەپتۇ.
  • App Store دا iForgot  دېگەن تۈر قوشۇلغان بولۇپ، مەخپىي نومۇرنى ئۇنتۇپ قالغاندا ئىشلەيدىكەن.

 ئۆزى بەلگىلەپ تىترەش قوشۇش

 ھاۋارايى

   يېڭى تاللاش تىزىملىكى

 

  لۇغەت

 

  ئۆزى بەلگىلەپ ئاۋاز تەڭشەش

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



17 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. نەچچە كۈن يېزىپ ئاخىرى پۈتتى ماۋۇ يازما. ئۆز قولۇڭلار بىلەن ئىشلىتىپ كۆرگەنلەر ئەمەلىي تەسىراتىڭلارنى بىر سۆزلەپ ئۆتكەيسىلەر!

  2. بۇ ئۆزگۈرۈشلەر قاچانراق يىتىپ كىلەر قولىمىزغا….

    بۈگۈن چۈشتە تىلفۇنىڭىزنى زايا قىلماڭ6دىگەن تىمىدىكى ئەپ قوشقان ئۈنۈم ئارقىلىق تىلفۇنۇمنى قايتا قوزغاتماقچى بولغانتىم..خاتا مەشخۇلات قىلدىممىكىن تىلفۇن ئىكرانىدا Restarting Springboard دىگەن خەت ھەم كىچىك رەڭلىك دۈگىلىك بەلگە چىقىۋىلىپ يا قايتا قوزغالمىدى.. يا تاقىغىلى يا ئاچقىلى بولمىدى تىلفۇن كەلسە قۇبۇل قىلغىلىمۇ بولمىدى….
    iTunesئارقىلىق سىستىمىنى ئەسلىگە كەلتۈرەي دىسەم 3 3 4 كە يىڭىلامسىز دەپ ئۇچۇر چىقىۋالدى… ئەمدى تۈرمىدىن قاچۇرۇپ ئالمىنىڭ پەيزىنى سۈرىۋاتقاندا يىڭىلىغۇم كەلمىدى….. پاسىبان ئەپەندىم ئالمامنى ئوڭشاشقا يول كۆرسەتسىڭىز… رەھمەت

  3. خەنزۇچە مۇنبەرلەردە 淡定一点,碰到卡机不要慌,尝试强重启 دەپتىكەن مەن تىلفۇننىڭ 3 كۇنۇپ كىسىنى تەڭ باسسام قايتا قوزغىلىپ ئوڭشالدى… پاسىبان ئەپەندىم مىنىڭ يازغان ئىنكاسلىرىمنى ئۆچىرىۋەەتسىڭىز بوغىدەك..

    • ئوڭشالغىنى بەلەن بوپتۇ. 3 كونۇپكا ئەمەس Home بىلەن ئۆچۈرۈش كونۇپكىسىنى تەڭ بېسىپ تۇرساق ئۆچەتتى. قايتا قوزغالسا ئوڭشىلىدۇ. بۇنىڭدىمۇ ئوڭشالمىسا ئىلگىرى مەن 91 دىكى 修复白苹果 دېگەن جايدىن ئوڭشىغىنىم ئېسىمدە.
      ئىنكاس تۇرىۋەرسۇن. باشقىلار كىيىن كۆرۈپ پايدىلىنىپ قېلىش ئېھتىمالى بار.

  4. مەن خېلى ھەپىلىشىپ باقتىم ، iOS 5 نى پەقەت قاچىلىيالمىدىم… iTunes 10.5 Beta نى چۈشۈرۈپ قاچىلىسام ئېچىلغىلى ئۇنىمىدى… :( :appoint:

    • قاچىلاپمۇ بولدۇم، بىراق، سىگنال چىقمايۋاتىدۇ ئەمدى… تېلفۇنۇم تور قۇلۇپىمۇ يوق دۆلەت مېلى ئىدى بولمىسا… :evil:

  5. قايسى 3 كونۇپكا ئۇ ؟

  6. ئەسسالامۇئەلەيكۇم پاسىبان ئەپەندىم مۇشۇكۇلۇپقا ئازراق بولسىمۇبىرەر نەرسەيوللايدىسە يوللايدىغان يەرنى تاپقىلى بولمايدىكەن مەسلىھەت سوراي ياكى بىرەر نەرسە ئەۋەتەي دىسە سىز نىڭ چ چ نى تاپالمىغان ئادەم قانداققىسساق بولار ئەمدى ؟ چ چ 1540200123 :?:

  7. مەن iOS 5 نى قاچىلاپ ئىشلەتتىم. ئەڭ ياخشى يېرى ئۇقتۇرۇشنى يەتكۇزۇپ بىرىش سېستىمىسى قايتىدىن يېڭلىنىپتۇ. بەك پەچەتكەن. مەن مۇشۇ iOS 5نى قاچىلاش ئۈچۈن 开发者 ھېساۋات نۇمۇرىدىن بىرنى ئېلىپ ئشلەتتىم. بولمىسا تېلفونىڭىزنىڭ تېلىفون ئىقتىدارىنى تىزىملاتقىلى بولمايدۇ. ئۇ چاغدا iPod بۇلۇپ قالىدۇ. بۇ نىڭ بولمايدىغان يېرى خەنزۇچە كىرگۈزگۈچىسى بەك ناچار، خەتنى كۆرگىلى بولماي جاپا سالدىكەن. شۇڭا مەن 4.3.3گە قايتىپ كەتتىم.

  8. ئىۋۇ نۇمۇرنى بىردىن – بىردىن ئۆچۈرۈش دىگەن ئىقتىدارىنى قوشۇپ يامان بەلەن ئىشتىن بىرنى قىپتا جوبىزكام :cool:

  9. ئايپاددا قانداق قىلغاندا 20مب دىن ئارتۇق دىتاللارنى چۈشۈرگىلى بولىدۇ؟

    • 3G تورى بىلەن چۈشۈرسىڭىز شۇنىڭدىن چوڭ بولغان ئەپلەرنى چۈشۈرگىلى بولمايدۇ. WiFi بىلەن 100 مېگابايتقۇ دەيمەن، ئۇنىڭدىن چوڭىنى چۈشۈرگىلى بولمايدۇ. چوڭ نەرسىلەرنى كومپىيۇتېردىكى iTunes بىلەن چۈشۈرۈڭ. ئاندىن چۈشۈرەلەيسىز

  10. مىنىڭ 3-ئەۋلات ئامىرىكا نۇسقىسى ئىدى، بۇ بېتا نۇسقىنى قاچىلىسام سىگنال چىقىرىپ نورمال ئىشلىتەلەمدىم؟ ھازىر 4.3.3 تە زاپاسلىغان ھۆججەت ماتېرياللىرىمنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەمدىم؟ رەھمەت.

    • يامان قىپسىز. ئامېرىكا نۇسقىسىنى ئالدىراپ بىرەر نەرسىگە يېڭىلىمايمىز. قۇلۇپى بار نۇسقىسى تۇرسا خالىغانچە يېڭىلىساق بولمايدۇ. يېڭى نەشىرىنىڭ مۇكەممەل يېشىش ئۇسۇلى تېخى چىققىنى يوق. تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى ئېلان قىلىندىمۇ يوق شۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپ يېڭىلاڭ. سورىغان سۇئالىڭىزغا قارىتا مەنمۇ ئېنىق بىلمەيمەن. iTunes نىڭ Beta نۇسقىسىنى قاچىلاپ شۇنىڭ بىلەن ماسقەدەملەپ سىناپ بېقىڭ. ئىلگىرىكى زاپاسلىغان نەرسىلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەمدۇ يوق. لېكىن سېگنالى يوق يېڭى سېستىمىنى نېمىمۇ قىلاسىز. ئەڭ ياخشىسى بۇرۇنقى نەشىرىگە چۈشىرىۋېلىڭ. قورقماي يېڭىلاپسىز، Modem نەشىرى يۇقىرى كۆتىرىلىپ كەتمىگەنلا بولسا مەيلىغۇ؟ ئىلاجىنى قىلىپ 4.3.3 كە چۈشۈرىۋېلىڭ.

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)


App Store دىن ئىزدەش

iOS 5 نىڭ بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسلىرى

iOS 5.0 ئابونتلىرى 5.0.1 گە يېڭىلىماقچى بولسا OTA شەكلىدىلا يېڭىلىسا بولىدۇ. بۇ ئەڭ قولاي ھەم ئەڭ ئىخچام ئۇسۇل. (مۇناسىۋەتلىك يازما) يېڭىلاش باسقۇچى: 设置-通用-软件更新

iPhone 3GS 4.3.5 5.0 5.0.1
iPhone 4 4.3.5 5.0 5.0.1
(iPhone 4 (CDMA 4.2.10 5.0 5.0.1
iPhone 4S - 5.0 5.0.1
iTouch 3 4.3.5 5.0 5.0.1
iTouch 4 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 1 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 Wifi 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 3G 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 CDMA 4.3.5 5.0 5.0.1

نۆۋەتتە iTunes نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى 10.5.3 . بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى: [Windows 64] [Windows 32] [Mac]

iTools نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى iTools 2012 Beta 0111 . بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى:
[English Version] [简体中文] [iTools for Mac]

© 2012 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
E-mail : ICP 备案 : 新ICP备10202432号
بەت ئۈستىگە قايتىش