GameLoft بەلكى iOS ئويۇنلىرى بىلەن ھەپىلىشىۋاتقان ئويۇنخۇمارلارغا ناتونۇش بولمىسا كېرەك. مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ شىركەت نۆۋەتتىكى ئەڭ چوڭ iOS سۇپىسىدا ئىشلەيدىغان ئويۇن ياساش شىركىتى ھېسابلىنىدۇ. EA مۇ iOS تە بۇنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ بولالمايدۇ. بۈگۈن بۇلارنىڭ داڭدار ماشىنا مۇسابىقە ئويۇنى ASPHALT 6 نىڭ iPhone ۋە iPad نۇسقىسى تەڭلا ۋاقىتلىق ھەقسىز ئىكەن!
چوڭ ھاسىلات بولمىش Xtreme Sports: Biker ناملىق 3D لىك دالا ۋېلىسىپىتى ئويۇنى بۈگۈن ھەقسىز تەمىنلەندى. ئويۇننى 1-شەخس كۆرۈنۈش يۈزى ھالىتىدە ئوينايدىغان بولۇپ، چىنلىقى ئاشۇرۇلغان. ئوينىغۇچى پەچەت خوتلۇق دالا ۋېلىسىپىتىنى تاغمۇ-تاغ چاپتۇرۇپ مۇسابىقىلىشىدۇ. Open Feint سۇپىسى ئارقىلىق نومۇرنى دۇنيا بويىچە رەتكە تىزغىلى بولىدۇ. Sport نى سۆيىدىغان بالىلار ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ھەقسىز ھوزۇرلانغايسىلەر!
مۇسابىقە ئويۇنلىرىنى ياقتۇرمايدىغانلار بەكلا ئازغۇ دەيمەن. بولۇپمۇ ئوغۇللار ئىچىدە. Uber Racer 3D – Sandstorm ناملىق مونو ئويۇن ھەقىقىي مەنزىرىدەك تۇيغۇ بېرىدىغان 3D لىك دالا ماشىنا مۇسابىقە ئويۇنى. ماتورنىڭ شەھەر خارابىلىرى ئارىسىدا ئەتراپنى بىر ئېلىپ ھۆكۈرىگەن ئاۋازى بىلەن يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئەمەلىيەتكە تەدبىقلانغان ئويۇن كۆرۈنۈشى سىزنى چوقۇم رازى قىلىدۇ. ئايپەد ۋە ئايفونىڭىز ئۈچۈن پەقەت 1 تاللا چۈشۈرسىڭىز يېتىدۇ. يەنە بىر Universal ئويۇنى!
بۇ چاقچاق ياكى قىزىقتۇرۇپ چېكىلىش سانىنى كۆپەيتىش ئەمەس. بۇ ھەقىقەت. GameLoft شىركىتىنىڭ ئويۇنلىرىنى ئايفونغا كونا بولسىڭىز چوقۇم ئويناپ باققانغۇ دەيمەن. ھەممىس دېگۈدەك پەچەت، شۇنداقمۇ؟ ئىلگىرى بىز ئاشخانا ئاچىدىغان ئويۇنىنى ھەقسىز تەمىنلىگەندە سىلەر بىلەن ئورتاقلاشقان ئېدۇق. بۈگۈن ئۇلارنىڭ پەچەت ئويۇنى بولمىش Asphalt ناملىق مۇسابىقە ئويۇنىنىڭ بىرقىسمى بولغان Asphalt Audi RS 3 ناملىق ئويۇنىنى بىر ئالاھىدە پائالىيەت يۈزىسىدىن ھەقسىز تارقىتىپتۇ. بىز بۇ توپىلاڭدىن توغاچ بولسىمۇ ئوغۇرلىغاچ تۇرايلى.
فورد فىيېستانىڭ Fiesta RS تىپلىق دۇنيا راللىي مۇسابىقە ماشىنىسى يىل بېشىدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا مۇسابىقە ماشىنا كۆرگەزمىسى Autosport International Racing Car Show دە تۇنجى بولۇپ كىشىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى. بۇ يېڭى مۇسابىقە ماشىنىسىنىڭ يوپۇقىنى فورد مۇسابىقە ئەترىتىگە تەۋە Mikko Hirvonen ئاچتى.
2011-يىللىق شىمالىي ئامېرىكا ماشىنا كۆرگەزمىسى، يەنى دىترويىت ماشىنا كۆرگەزمىسى 1-ئاينىڭ 10- كۈنى رەسمىي باشلاندى. بۇنىڭ بىلەن ھەر قايسى چوڭ ماشىنا تور بېكەتلىرى ئالدىنقى سەپكە ئاتلىنىپ ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار بىلەن تور ئەھلىنى تەمىن ئېتىشكە باشلىدى. رەسىمدىكى بۇ ماشىنا ئامېرىكىنىڭ كونا ماركىسى كادېللاكنىڭ SCCA World Challenge مۇسابىقىسىگە ئاتاپ ياسىغان CTS-V Coupe نامىدىكى مۇسابىقە ماشىنىسىدۇر.
ئىلگىرى سىز مۇسابىقە ئويۇنلىرىنى كۆپ قېتىم ئويناپ باققانغۇ دەيمەن. نەچچە خىلىنى ئويناپ باققانلىقىڭىزنى ئۆزىڭىزمۇ بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن. لېكىن بۇ ئويۇن ئىلگىرىكىلەرگە پەقەتلا ئوخشىمايدۇ. بۇ ھەقىقەتەن «يېڭى ئويۇن» . بۇنى ئىنتايىن ئىسىل مۇسابىقە ماشىنا ئويۇنى دېيىشكە تامامەن بولىدۇ. چۈنكى بۇنىڭ ئويناش ئۇسلۇبى پەقەت باشقىچىلا.
يېقىندا باھا تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلار