تويوتا كەمرىي TOYOTA CAMRY نىڭ 2012-نۇسقىسى بازارغا سېلىنماقچى بولىۋېتىپتۇ. يېڭىلىغانسىرى ياشىرىپ كېتىۋاتقان بۇ لايىھەلەرگە قاراپ ئادەم باشقىچە سۆيۈنۈپ قالىدىكەن. كېلىپ بىر كۆرۈپ باقايلىمۇ؟
تويوتا TOYOTA ماشىنىلىرىنى ئادەتتە كېچىككەندە 4 يىلدا چوڭراق بىر يېڭىلايدۇ. ئىلگىرى بىۋاستە ياپونىيەدىن ئىمپورت قىلىدىغان نۇسقىسىنى ئۈچ-تۆت يىل مۇقەددەم ۋەيران بولۇشقا ئاز قالغا گۇاڭجۇ ماشىنا سانائىتى گوروھىغا ياساشقا تەقسىملەپ كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىغاندىن بۇيان، جۇڭگو نۇسقىسىدىكى كەمرىي كەڭ بازار تاپتى.
قارىماققا بىر تۇققىنى رېيز REIZ نىڭ يېڭى نۇسقىسىغىمۇ ئوخشاپ قالىدىكەن. بايقىدىڭلارمىكىن، چوڭ چىرىقىدىن لېكساسنىڭ پۇرىقى كەپ تۇرىدىكەن. بۇرۇنقىغا قارىغاندا ھەجمىمۇ چوڭايغاندەك تۇرىدۇ.
ئىلگىرىكى يۇمىلاق قىرلىق لايىھەدىن ھازىر ئەسەرمۇ قالماپتۇ. بۇنىڭدىن قارىغاندا ئىلگىرىكى تىجارىي پۇراق چىقىدىغان لايىھەنى يېڭىسىدە ئىنكار قىلغاندەك …
پەلەمپەيگە ئوخشىغان تور ئالدى تەرەپنىڭ ئاساسلىق كۆرۈش نوقتىسى بولۇپ، كاپوت بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن ئىكەن. كاپوتنىڭ دوڭغاقراق چىققان يېرى كەمرىينى تېخىمۇ ھەيۋەت كۆرسىتىپتۇ. قارىماققا ناھايىتى كۈچتۈڭگۈر كۆرىنىدىكەن.
يېڭى نۇسقىسىدا بەنداش 16 سۇڭ ۋە 17 سۇڭلۇق ئىككى خىل ئىكەن. چاقنىڭ 215/60 R16 ۋە 215/55 R17 ئىككى خىل نۇسقىسى بار ئىكەن. ئالىيراق نەشىرلىرىدە 17 سۇڭلۇق بەنداش ۋە كەڭرەك چاق قوللىنىلغانكەن.
يېڭى لايىھەسىدە ئاساسەن كىشىگە «چوڭ» تۇيغۇسىنى بېرىش مەقسەت قىلىنىپتۇ. كەينى تەرەپتىن كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان جايلىرىدىن چوڭ لايىھەلەنگەن تورموز چىراقلىرى، پار (كۈمۈشرەڭ پارقىراق تاياقچە) دېگەندەك ھەممە ئېلىمېنتلىرى بۆلەكچە باشقا بىر شەكىلدە لايىھەلەنگەن.
ئىككى تەرەپكە سىممېترىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان مورا (گاز چىقىرىش تۇربىسى) ھەشەمەت نۇسقىدىكى ماشىنا پۇرىقىنى بېرىپ تۇرىدىكەن. ئارقا تەرەپتىكى لايىھەسىدىن ماشىنىنىڭ بۇرۇنقىغا قارىغاندا خىلىلا چوڭ لايىھەلەنگەنلىكىدەك تۇيغۇنى بېرىدىكەن.
پۇراق ساقلاپ قېلىنغان بولسىمۇ، لايىھە يەنە باشقىچىلا ئۆزگىچە. يېڭى نۇسقىدا 2 چوڭ تۈر بار ئىكەن. بىرى سپورت نۇسقىسى بولۇپ، رولى 3 بالداقلىق. ئادەتتىكى نەشىرىنىڭ ئۈستىدىكى رەسىمدىكىدەك 4 بالداقلىق ئىكەن.
ئۈستىدىكى رەسىمدىكى باشقۇرۇش ئۈستىلىنىڭ قەيەردىكى نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلەلىدىڭلارمۇ؟ بۇ ئارقا ئورۇندۇقتىكى «جەينەك قويغۇچ» ۋە «ئىستاكان قويغۇچ» ئىكەن. بۇنىڭدا ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ تېمپىراتۇرىسىنى تەڭشەيدىغان؛ ئارقا ئەينەكتىكى پەردىنى چىقىرىپ-چۈشۈرىدىغان؛ ئاۋاز، قانال ئالماشتۇرىدىغان كونۇپكىلاردىن باشقا، ئورۇندۇقنىڭ بۇلۇڭىنى تەڭشىگىلىمۇ بولىدىكەن. بۇ قەدەر ھەشەمەتچىلىك خېلى كۆپ كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى ئوبدانلا قاندۇرىدىغاندۇ ھە؟
ماتور قىسمىدا 2.0 لىك ماتورنىڭ ئىلگىرىكىسىنىلا ئىشلىتىپتۇ. لېكىن كونا نۇسقىدىكى 2.4 لىكنى 2.5 لىك يېڭى ماتورغا ئالماشتۇرۇپتۇ. ئات كۈچى ئىلگىرىكى 167 دىن 184 كە كۆتۈرۈلۈپتۇ. تولغىنىش مومېنتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىدە 235 نىيۇتۇن.مېتىرغا يېتىدىكەن. ئات كۈچى ئاشۇرۇلۇپتۇ. لېكىن ئېغىرلىقى كېمەيتىلىپتۇ. ئۇنداقتا يېڭى كەمرىي قانچە «شاشلىشىپ» كەتكەندۇ ھە؟
يېڭى نۇسقىسىنىڭ باھاسىنىڭ قانچىلىك بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات يوق ئىكەن. ھازىرچە رەسىملىرىنىلا كۆرۈپ تۇرىدىغان بولدۇق.









































بىزنىڭ مەيەدە ھەجەپ ئەزان دېسە ماشىنىلار، باج ئالمايلا كىرگۈزگەندىكىن ۋەتەندىكىدىن بىر، ئىككى ھەسسە ئەزان بولىدىكەن.
باھاسى 20 تۈمەنگە بارامۇ ؟
ماڭا يارىمىدى ، 2009يىلى دەھشەت كۆيەتتىم بۇ ماشىنىغا ، كەمرىي دىسە نى نى ماشىنى ماشىنىلادىن ئۈستۈن قوياتتىم ! لېكىن ھازىر بولاممىغىلى تۇردى ، سىز دىگەندەك يۇمىلاق قىرلىق لاھىيەدىن ئەسەرمۇ قالماپتۇ ، بىر چىرايلىق كروۋن نى قىرلاپ باشقا بىر نەرسىگە .وخشۇتۇپ قويدى ، ئەمدى مۇشۇ كەمرىي قالغانتى .ۇشلىمىغان ! بۇنىمۇ .ۇشلاپ بوپتۇ !
يۇمىلاق قىر ئاۋدىدا بار. TT دىن بىرەدىن ئويناپ قويسىلا بولمىدىمۇ …
ئاۋدى ت ت كۆزىمگە بىرخىل مەتۇ كۆرىنىدۇ ،ت ت لا ئەمەس ئاۋدى نىڭ 4ئېل بىلان 6ئېل دىن باشقا ھەممە ماشىنىسى كۆزىمگە سىغمايدۇ ، ھازىر كۆزىمگە سىغىدىغىنى لېكساس نىڭ يېڭى چىققان كىچىك تىپتىكى س ت 200 خ سى ، خايبېرد ئىكەن ، پۇلىسىمۇ مۇۋاپىقكە، بىرەكۈنى مۇنبەردە تۇنۇشتىرىشنى ئويلاۋاتىمەن .
پاسىبان ئەپەندى’سىز ئەزەلدىن ھەرقانداق سوئالىمىزغا ئىرىنمەي ئەستايدىل جاۋاپ بىرىپ كىلىۋاتىسىز،شەخسەن مەن سىزگە ناھايىتى قايىل، قارىسام ماشىنا توغرىسىدىكى بىلىملىرىڭىزمۇ ئاز ئەمەسكەن، مۇنداق بىر ئىشقا سىزدىن مەسلىھەت ئالاي دىگەنتىم، مىنىڭ ماشىنا ئالىمەن دەپ تەييارلاپ قويغان قىرىق مىڭ يۈەن ئەتراپىدا پۇلۇم بار ئىدى،ئىككىنچى قول ماشىنىدىن بىرەرنى ئالاي دەپ ئويلىغان، قانداقراق ماشىنا ئالغىلى بولار؟ ھەم قايسى خىلدىكى ماشىنا ئالسام مۇۋاپىق؟ ئائىلەمدە ئايالىم ۋە بىر بالام بار،بەك چوڭ ماشىنا بولمىسىمۇ بولىدۇ، مەسلىھەت بەرسىڭىز…
سۇزۇكىنىڭ SX4 天语 نى ئويلىشىپ باقسىڭىز بولىدۇ. بۇ باھادا ئىككىنجى قول ماشىنا بازىرىغا چىقىپ قارىمىسىڭىز ئېنىق بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ. بۇ باھاغا كونا-يېڭىلىقىغا ئاساسەن ئەسلى باھاسى 80~90 مىڭلىق كونىراق ماشىنىلارنىمۇ بېرىشى، 50~60 مىڭلىق يېڭىراق ماشىنىلارنىمۇ بېرىشى مۇمكىن. ئىشقىلىپ چەتئەل ماركىسىدىكى ماشىنىلارنى ئەڭ ئاۋال ئويلىشىڭ. ساپ جۇڭگونىڭ ماشىنىلىرىنى ئالىسىز، ساتسىڭىز پۇلغا ئالمايدۇ. چەتنىڭ ئارىلاشقان ماشىنا بەرىبىر بىر يەرلىرىدىن سىزنى رازى قىلىدۇ.
ئىشقى..ئىشقى.. قەلەندەرنىڭ ماشىنىدا ئىشقى
بۈرە يار ،سىز قەلەندەر دەپ كىمنى دەۋاتىسىزكىن؟بۇنى تازا چۈشىنەلمىدىمغۇ؟
رەھمەت سىزگە،ماڭالايىقىدا مەسلىھەت بىرىدىغىنىڭىزغا ئىشىنەتتىم ،يېڭى يىللىق ئىشلىرىڭىزغا بەرىكەت،خۇشاللىق تىلەيمەن!