بۇ يىلقى گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىدە ئۇقۇم ماشىنىلىرىمۇ يىللاردىكىدىن كۆپ بولدى. بىر قاراشقا ئادەم لاسۋېگاس ماشىنا كۆرگەزمىسىگە كەپقالغاندەك ھېس قىلمىغان تەقدىردىمۇ ئىشقىلىپ خېلى چوڭ كۆرگەزمىلەرگە ئوخشىدى. بۇ ماشىنىمۇ كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلغان ئاشۇ ئۇقۇم ماشىنىلىرىنىڭ بىرى. ئەگەر كوچىدا مۇشۇ ماشىنىنى كۆرۈپ قالساق ھەممە ئادەم قاراپ، ماشىنا ھەيدەۋاتقانلار ئالدىدىكى ماشىنىغا ئۈسسۈسە، پىيادىلەر ئىستولبىغا… مانى ھەيدىگەن شوپۇر بولسا مىيقىدا كۈلۈپ قويۇپ ئاخسا ھەيدەپ كەتسە …
بەك خىيالى بوپ كەتتىممۇ قانداق؟
ئۇقۇم ماشىنىسى مۇشۇ سەۋەپلىك ھەممە يەرمەنكىلەردە ئەڭ قىزغىن كەيپىياتقا تولغان ھالەتنى شەكىللەندۈرەلەيدۇ. تويوتانىڭ بۇ ماشىنىسى ھازىر ياۋورۇپادا بازارغا سېلىنىپ كاتتا ئالقىشقا ئېرىشكەن ئەپچىل ماشىنا iQ نىڭ ئۇسلۇبىغا ۋارىسلىق قىلىپ ياسالغان بولۇپ، خاس ياشلار ياكى يېڭى توي قىلغانلارغا ماس كېلىدىغان ئائىلىۋى ئىخچام ماشىنا.
ماشىنىنىڭ ئۇزۇنلىقى 2.73 مېتىر، كەڭلىكى 1.68 مېتىر، ئېگىزلىكى 1.49 مېتىر. ئوق ئارىلىقى بولسا پەقەت 1.9 مېتىر. سەرەڭگە قېپىدەك مۇشۇ ماشىنىغا يەنە 4 ئادەم سىغىدىكەن. تويوتا شىركىتىنىڭ بىلدۈرىشىچە بۇنىڭغا كۈچلۈك ئېلىكتىر ماتور سەپلىنىدىكەن، ھەيدەش ئىنتايىن قولاي بولۇپ، بۇ ساھەدە يۇقىرى ئۈنۈملىك ماشىنا تۈرى بوپقالىدىكەن.
ماتور ۋە ماشىنىغا مۇناسىۋەتلىك باشقا تەپسىلىي ئۇچۇرلار تېخى بېرىلمەپتۇ. بىر-ئىككى پارچە رەسىمىنى كۆرۈپ باقايلى:
* باشقا جايدا ئېلان قىلماقچى بولسىڭىز مەنبەنى ئەسكەرتىڭ . يازما ئادرىسى:









































ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مانا ئۇيغۇرلاردا ماشىنا ساۋاتلىرىغا ئائىت كەسپىي بلوگدىن بىرسى مەيدانغا كەپتۇ. يۈكسەل بلوگى پاسىبان بلوگىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى قىزغىن قۇتلۇقلايدۇ ۋە مەزكۇر بلوگنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتىغا زور مۇۋەپپەقىيەتلەر تىلەيدۇ. مانا مۇشۇنداق كەسپىي بلوگلارنىڭ كۆپىيىشى ، مەزمۇنىنىڭ سەرخىللىشى كىشى كۆڭلىنى قۇۋاندۇرىدىغان ئېسىل ئىشتۇر. پاسىبان بلوگى بىلەن قول تۇتۇشۇپ ، ھەمكارلىشىپ، ئۆز – ئۆگىنىپ ، بىرلىكتە تەرەققىي قىلىش يۈكسەلنىڭمۇ كۆڭۈل ئارزۇسى ، ئەلۋەتتە!
پاسىبان بلوگى يېڭى يىل پەيتلەردە ئېلان قىلىنماقچى بولغان ، ئۇيغۇرلاردىكى تۇنجى خاس بلوگلار ئۇلىنىش بېتى ‹‹ ئۇز بلوگ، Uzblog.net ›› دا كەڭ تورداشلارغا ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىنغۇسى!
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام!
مەرھابا يۈكسەل ئەپەندى! قەدىمىڭىزگە تەشەككۈر! سىزنىڭ قوللىشىڭىز ئەلۋەتتە مەن ئۈچۈن چوڭ ئىلھامدۇر. سىزمۇ ئۇيغۇر تور دۇنياسى ئۈچۈن ياخشى سورۇن ھازىرلاپ، پايدىلىق بىلىم ۋە ئۇچۇرلار بىلەن تەمىن ئېتىپ كاتتا تۆھپىلەرنى قوشۇۋاتىسىز. مەنمۇ قۇربىتىمنىڭ يېتىشىچە بىلگەنلىرىمدىن باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىش يۈزىسىدە بۇ بلوگنى قۇردۇم. پاسىبان كۇلۇبى يۈكسەل بلوگى بىلەن قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇر تورچىلىقىنى يۈكسەلدۈرۈشنى ئەلۋەتتە ئارزۇ قىلىدۇ!