3-ئەۋلاد تويوتا پرىيۇسنى ئېلىكتىر مەنبەگە چېتىپ تۇرۇپ توك قاچىلىغىلى بولىدىغان قىلىپ لايىھەلىگەن بولۇپ، بۇ ماشىنا مۇنەۋۋەر بولغان HYBRID، يەنى «ئارىلاش كۈچ مەنبەلىك» ماشىنا ھېساپلىنىدۇ. پرىيۇس دۇنيادا ئەڭ دەسلەپ ياسالغان ئارىلاش كۈچ مەنبەلىك ماشىنا ئىدى. ھەممە يەردە  ئېنىرگىيە تېجەشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە كۆپلىگەن ماركىدىكى ماشىنىلار ئارىلاش كۈچ مەنبەلىك ماشىنا ياساش يولىغا قەدەم قويۇشقا باشلىدى ۋە قويۇپ بولدى. مەسىلەن، ھەشەمەت تىپىدىكى ماشىنىلاردىن  لېكساسنىڭ LEXUS LS 600hL،  بېنزنىڭ  M-BENZ S400 HYBRID ، ئوتتۇرا قاتلامدىكى كۆپ ئۇچرايدىغان ماشىنىلاردىن دۆلىتىمىزدە ياساۋاتقان خوندا سۋىك، تويوتا كەمرىي قاتارلىقلارنىڭمۇ ئارىلاش كۈچ مەنبەلىك تىپىدىكى ماشىنىلىرى بار.

ئىلگىرىكى پاسونلىرىدا ئايرىم توك قاچىلايدىغان ئېغىزى يوق ئىدى. بىر تەرەپتىن بېنزىندا مېڭىپ بىر تەرەپتىن قاچىلايتى. ئۇنىڭ توك قاچىلاش ئۈنىمى تەلەپتىن يىراق بولغاچقا 3-ئەۋلاد پرىيۇس ئايرىم توك قاچىلايدىغان قىلىپ لايىھەلەنگەن. ساتقۇچى ئورۇننىڭ ئېيتىشىچە پرىيۇسقا 100 كېلومېتىر مېڭىش ئۈچۈن پەقەت 3.92 لېتىر بېنزىن كېتىدىكەن. تيەنجىن بىرىنجى ئاپتوموبىل – تويوتا شىركىتى كېلەر يىلىدىن باشلاپ كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىدىكەن.

3-ئەۋلاد پرىيۇسقا لىتيى ئىئونلۇق باتارىيەنى ئېلىكتىر ماتورغا توك مەنبەسى قىلىپ تاللىغان بولۇپ، ئائىلىدە ئىشلىتىدىغان توكقا چېتىپلا توك قاچىلاشقا بولىدۇ. بۇ ھازىرغىچە HYBRID تېخنىكا ساھەسىدە تېخى يېڭىلىق. نېمىلا دېگەن بىلەن ئەڭ دەسلەپ ياسالغان ئارىلاش كۈچ مەنبەلىك ماشىنا يەنە مۇشۇ ساھەدە ئالدىنقى سەۋىيەدىكى تېخنىكا ئورنىنى ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ.

PRIUS PLUG-IN HYBRID Concept دەپ ئاتىلىدىغان 3-ئەۋلاد پرىيۇسنىڭ نىشانى 1 لېتىر بىنزىن بىلەن 55 كېلومېتىر يول يۈرۈش. كاربون -IV ئوكسىدنىڭ قويۇپ بېرىلىش مىقدارىنى 42g/km دائىرىسىدە ساقلاش. توكى  لىق قاچىلانغان ھالەتتە  ساپ توك مەنبەسى بىلەن يول يۈرگەندە ئارىلىقنى 20 كېلومېتىردىن ئاشۇرۇش.  زاۋۇت تەرەپنىڭ ئۇچۇر تەمىنلىشىچە 100 ۋولتلۇق توك مەنبەسى بىلەن 180 مىنۇتتا، 200 ۋولتلۇق توك مەنبەسى بىلەن 100 مىنۇتتا توكنى لىق قاچىلاپ بولغىلى بولىدىكەن.

ئېنىرگىيە مەنبەسى توختىماي خوراۋاتقان، ماشىنىلار تۈركۈملەپ كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان، ماي باھاسى كۈندىن-كۈنگە ئۆسىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئارىلاش كۈچ مەنبەلىك ياكى ساپ توكلۇق ماشىنىلار – ئەڭ ئاقىلانە تاللاش ھېساپلىنىدۇ.

* باشقا جايدا ئېلان قىلماقچى بولسىڭىز مەنبەنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ. يازما ئادرىسى:

/20101226386.html

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش