سۆز قالدۇرۇڭ

سالام پاسىبان كۇلۇبىنىڭ ئەزىز مېھمانلىرى! قەدىمىڭلارغا مەرھابا! «ئاز-ئاز ئۆگىنىپ دانا بولۇر، تامچە-تامچە يىغىلىپ دەريا بولۇر» دەك، پېقىرمۇ كۇلۇبىمىزدا سۆزلىنىدىغان ھەرقايسى ساھەدە تېخى ئۆگىنىش باسقۇچىدىكى ھالەتتىمەن. ئەلۋەتتە ھەرخىل خاتالىق نوقسانلاردىن خالىي ئەمەسمەن. ئۆزۈم بىلىدىغانلىرىم بولسا ياردەمدە قولۇم كۆكسۈمدە!  بىللە ئۆگىنىپ بىللە ئىلگىرلەيلى. سىلەرنىڭ تەكلىپ پىكىرىڭلار، مېنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچۈم!


无觅相关文章插件,快速提升流量



509 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. بىر دوستۇمنىڭ 3.ئەۋلاد قۇلۇپلۇق نوسخىدىكى ئايفونىنى 5.0.1 گە كۆتۈرۈپ تۈرمىدىن قاچۇردۇم.لىكىن تېلفۇن كارتىسىنى تونىمىدى. بازاردىكى رىموتچىلار150يۈەن بەرسەڭ ئوڭشايمەن،دەيدۇ، ھەممىنى بىرمۇ-بىر ئوڭشاپ مۇشۇ كىچىككىنە يەردە توختاپ قىلىپ سىزدىن ياردەم سوراشنى لايىق كۆردۈم.بۇمەسىلە بەك كۆپ ئۇچرايدىكەن.

    • سىزگىمۇ بۇ يازمىنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن./ultrasn0w-upgrated-to-1-2-5.html
      قۇلۇپ يېشىشتە مۇشۇنىڭدىن پايدىلىنىمىز. يازمىدا 3-ئەۋلادنىڭ يېشەلەيدىغان مودىم نەشىرلىرى بار. ئەگەر سىزنىڭ مودىم نەشىرى شۇلارنىڭ ئىچىدە بولسا ئۇلتراقار قۇلۇپىنى يېشەلەيدۇ. 

  2. مەن ئايفون تۆت ئېسنى لىيەنتوڭ دىن سېتىۋالغان ئۇيۇن ئوينىسام ، تورغا چىقسام تىلفۇن قىزىۋالىدۇ، يەنە سېتىۋالغاندا 100% تۇكىدىن 1-2 سائەتتە 2% ئازلايتى ،ھازىر 1 سائەتتە 4~5% تۇكى تۈگەيدىغان بوپ كالدى بۇ نورمال ئەھۋالمۇ ياكى تىلفۇننىڭ چاتىغىمۇ؟ ،لىيەنتوڭغا ئاپارسام ئاقسۇغا ئاپىرىپ تەكشۈرتىمىز لىكىن ئالمشتۇرمايمىز دەيدۇ شۇڭا سزدىن مەسلىھەت سوراي دەپ يازغانتىم.

    • بۇ نورمال ئەھۋال. باتارىيەنىڭ خورىشىنى سىز بۇنداق ئۆلچەپ توغرا نەتىجىگە ئېرىشەلمەيسىز. مۇشۇنداق خورىغىنىمۇ نورمال بىر ئەھۋال ئۇنىڭ ئۈستىگە

  3. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پاسىبان كۇلۇبىدىكىلەرگە ۋە پاسىبان ئەپەندىمگە ياخشىمۇ سىلەر؟
    بۇ كۇلۇپتىن شۇنداق ياخشى پايدىلنىپ كېلۋاتىمە پاسىبان ئەپەندىمگە ۋە شۇنداق پايدىلىق تىمىلارنى يولىلىغان قېرىنداشلار غا كۆپ رەخمەت.
    مەخسەتكە كەلسەم ئاندىرود ۋە Symbian سېستىمىدىكى تېلىفۇنلانىڭ نەشىرنى كۇرۇتۈرۈشكە دائىر بىرا دەرىسلىك بامىدۇ؟
    بولسا ئادىرىسنى يوللاپ بەرگەن بولسېىڭىز!!!!!
    رەخمەت…………

  4. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !

    مەنپەئەتلىك خېلى كۆپ ئەپلەر بار ئايپەد 2 ، Ipad2 ئىشلىتىلىشتىن توختىدى ،iTunes غا ئۇلاڭ ، دېگەندەك ئۇچۇر چىقىپ ، مەخپىي نومۇرى قۇلۇپلىنىپ قاپتىكەن . ئىچىدىكى ھۆججەتلەرگە تەسىر يەتكۈزمەي مەخپىي نومۇرنى ئېچىشنىڭ يوللىرى بارمىدۇ ؟

    توردىن خېلى ئۇچۇر ئىزدىگەن بولساممۇ ، ياخشىراق چارە ئۇچىرىتالمىدىم .

    • ئەگەر مەخپىي نومۇرى قۇلۇپلىنىپ شۇ ئەسكەرتمە چىقىپ قالغان بولسا بۇنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ، پەقەت سىستىمىنى قايتىدىن يېزىش ئارقىلىقلا ئوڭشىغىلى بولىدۇ. چۈنكى ئالما ئۈسكۈنىلىرى قۇلۇپ سېلېقلىق ھالەتتە كومپيۇتېردىكى ھىچقانداق يۇمشاق دىتال ئۈسكۈنە بىلەن ئالاقە قىلالمايدۇ.

  5. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، پاسىبان ئەپەندىم.
    بۈگۈن دوستۇم ئۆزىنىڭ 2- ئەۋلاد ئايفونىدىكى 通用 دىكى 还原 دېگەن ئورۇندىكى 抺掉所内容和设置 دېگەن يەرنى بېسپ ساپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئايفون بىر دەم تۇرۇپ قايتا قوزغالماي ئېكراندا ئالمىنىڭ لوگوسى چىقىپلا تۇرۇپلا قاپتۇ. مەنمۇ ھەر قانچە قىلىپمۇ ئوڭشىيالمىدىم. قانداق قىلسام ئوڭشىلىدۇ؟

    • كونا سىستىمىلاردا 抺掉所内容和设置 دېگەن كونۇپكىنى باسقاندا تىلىفۇندىكى بارلىق نەرسىلەرنى ئۆچۈرگەندىن كىيىن بولدى قىلماي يەنە تور ئارقىلىق شۇ ئۈسكۈنىگە چۈشىدىغان يېڭى نۇسقىدىكى سىستىمىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاشقا ئۇرىنىدۇ، كۆپۈنچە ئەھۋالدا تور ئارقىلىق چۈشۈرەلمەي ، ھەم يېڭى سىستىمىنى قاچىلىيالماي مۇشۇنداق ئالمىنىڭ رەسىمى چىققان ھالەتتە قىتىپ قالىدۇ. بۇنى ئوڭشاشنىڭ بىردىنبىر چارىسى ئۆزىمىز قايتىدىن سىستىما قاچىلىماقتۇر.

      • سىستېما نەشىرى 4.1.3 ئىكەنتۇق. سىستېمىنى قايتا قاچىلاي كومپىيۇتېرغا چاتسام كومپىيۇتېردا ئايتىيۇنىستا ئايفوننى تونۇغانلىق ئىنكاسى بولمىدى.
        ئايفوننىڭ سىمى ساق ئىدى. ھەم بىر نەچچە بالىلارنىڭ ئايفونىنىڭ سىمىنى ئالماشتۇرۇپ باقتىم. يەنىلا ئوخشاش

        • 4.1.3 دىمۇ ئوخشاش. ھازىرقى ھالىتىدە(يەنى ئالما سۈرىتى چىقىپ تۇرغان ھالەتتە) ئايتۇنىس مۇ تونۇمايدۇ، بۇنى سىستىما يازىدىغان ھالەت يەنى (恢复模式(Recovery mode (بۇ ھالەتتە تىلىفۇن سىمىنىڭ ئايتۇنىس قا ئۇلىنىشنى ئىشارەت قىلىنغان سۈرەت چىقىپ تۇرىدۇ)غا ئەكىرىپ تۇرۇپ ئاندىن ئايتۇنىس قا چاتساق تونۇيدۇ.

  6. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
    پاسىبان ئەپەندىم سېز خەزىنىگە :
    ((ئادەتتە 1 دانە Apple ID ئالما ھېساۋاتىنى پەقەت 5 دانە ئۈسكۈنىگە باغلىغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە iTunes قاچىلىغان PC (كومپىيۇتېر) مۇ بار بولۇپ، ئەڭ ياخشىسى پەقەت ئۆزىمىز 1 كىشىلا ئىشلەتكىنىمىز ياخشى. باشقىلارغا دەپ بەرسەك بۇ چەك بىردەمدىلا توشىدۇدە، ئاخىرىدا سىز ئۆزىڭىزمۇ بۇ ھېساۋاتىڭىزنى ئىشلىتەلمەي قالىسىز. بۇنداق ئەھۋالدا باشقا ئۈسكۈنىلەردىكى مۇشۇ ھېساۋاتنى ئىشلىتىش ھوقوقىنى ئېلىپ تاشلاش ئارقىلىق بۇ باش ئاۋارىچىلىقىدىن قۇتۇلالايمىز. بۇنىڭ ئۇسۇلى مۇنداق:
    ئاۋال iTunes نى ئېچىڭ. ئاندىن iTunes Store نىڭ ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى Apple ID رىڭىزنى باسىسىز. ئەگەر كىرمىگەن بولسىڭىز 登录 دەپ كۆرىنىدىغۇ دەيمەن. كىرىسڭىز iTunes Store نىڭ مۇشۇ جايىدا ئالما ھېساۋاتىڭىز كۆرىنىدۇ. رەسىمدىكىدەك

    cancel-authorized-01

    ئاندىن مەخپى نومۇرنى يەنە بىر كىرگۈزۈپ ھېساۋات بېتىڭىزنى ئاچىسىز. ئاستىغىراق ئەكەلسىڭىز 云端iTunes دەپ بىر جاي بار. مۇشۇ يەردە سىزنىڭ مۇشۇ ھېساۋاتىڭىزنىڭ قانچە دانە ئۈسكۈنىگە باغلانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. رەسىمدىكىدەك (رەسىمنى چېكىپ چوڭ رەسىمنى كۆرۈڭ.)

    ئاخىرىدىكى 管理设备 نى بېسىپ تەپسىلاتىنى كۆرۈڭ.

    cancel-authorized-02

    مەسىلەن مېنىڭ پەقەت 2 لا ئۈسكۈنىگە باغلانغان ئىكەن. بىرى iPhone ، بىرى مۇشۇ كومپىيۇتېرىم ئىكەن. رەسىمدىكىدەك:

    cancel-authorized-03

    سىزمۇ شۇلاردىن ئۆزىڭىزگە لازىملىقنى پەرق قىلىپ بولۇپ، باشقىلىرىنى ئاخىرىدىكى 删除 نى بېسىپ چىقىرىۋەتسىڭىزلا كۇپايە. ئاندىن مۇشۇ كومپىيۇتېرنى ئۆزىڭىزنىڭ ھېساۋاتىڭىزغا باغلىسىڭىز (ھوقۇق بېرىش دېگەن گەپ، خەنچە 授权) سىز دېگەن مەسىلە ھەل بولىدۇ.

    بۇنىڭ ئۇسۇلى:

    iTunes تىزىملىكى ئىچىدىكى Store دىن 对这台电脑授权 نى باسىسىز. ئاخىرىنى مېنىڭچە ئۆزىڭىز قىلالايسىز))

    دەپ يوللاپ تىكەن سېز ، مەن (云端iTunes)بۇ جاينى تاپالمىدىم ،ياكى ھازىرقى يېڭى نەشىر دە يوقمۇ(مېنىڭ ئىشلىتۋاتقېنىمitunes نىڭ ئەڭ يېڭى ھازىرقى نەشىرى ئىدى). مېنىڭ ھېساۋاتىمدا 5سان تۇشۇپ بۇپ تىكەن خالىغان ئۈزەم ئىشلەتمەيدىغاننى چىقىر ۋېتەي دىسەم بولمىدى.
    شۇڭا قايتا بىر چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسېڭىز!!!!…….. بولسا itunes نىڭ ئېنگىلىسچە ھالىتىدە بولسا تېخې ياخشى !!!
    رەخمەت ئاۋارە قىلدىغان بولدۇم.

    • ھىساۋات كۆرىنىدىغان جايغا قاراپ 电脑授权 دېگەننى تېپىڭ. شۇ يەردە قانچە دانە كومپىيۇتېرنىڭ باغلانغانلىقىنى كۆرەلەيسىز. شۇنىڭ ئاخىرىدىكى 全部解除授权 دېگەننى باسسىڭىز بارلىق باغلانمىلارنى ئۈزىدۇ. ئاندىن ئۆزىڭىز خالىغان كومپىيۇتېرنى قايتىدىن باغلىۋالسىڭىز بولىدۇ. ئېنگلىزچە لازىم بولسا مۇشۇ سۆزلەرنى Google دىن تەرجىمە قىلىپ ئىزدەپ كۆرۈڭ. مەن ئېنگلىزچە iTunes ئىشلەتمەيدىكەنمەن.

  7. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم Cydia دىن ئۇقۇشماستىن بەزىبىر ئەپلەر تېلىفونىمىزغا چۈشۈپ قالسا بۇ ئەپنى ئۆچۈرگىلى بولامدۇ؟

    • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. Cydia نى ئېچىپ 管理 دىن 软件包 دېگەن تۈرنىڭ ئىچىگە كىرىسىز. بۇ سىز Cydia دىن قاچىلىغان بارلىق ئەپلەرنى تاپالايسىز. ئۆزىڭىز ئۆچۈرمەكچى بولغاننى چېكىپ ئىچىگە كىرىپ، ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى 更改 نى بېسىڭ. چىققان ئىككى كونۇپكىنىڭ 卸载 دېگەننى باسسىڭىز ئۆچۈرىدۇ.
      ئىملايىڭىز بەكلا خاتاكەن. دىققەت قىلغايسىز.

  8. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
    كومپىيۇتېر(خاتىر كومپىيۇتېرwindows7مۇھىتتا) ئارقىلىق سېمسىز (WiFi)تورنى قانداق ھاسىل قىلىمىز؟ iphoneغا ئۇلاش ئۈچۈن؟قايسى دېتال ئارقىلىق؟

  9. سالام تورداشلار ، مىنىڭapple ID تۇيۇقسىزلا مەخپى نومۇر خاتا دەپ ئېچىلمىدى ، ئىچىدە پۇلىمۇ بار ئىدى ….. ؟؟؟؟ ياردەم قىلساڭلار

  10. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، پاسىبان قېرىندىشىم، مەن پاسىبان تورى بىلەن ئۇچراشقىلى ئۇزۇن بولمىدى، لىكىن مۇشۇنچىلىك ياخشى بىر تور بەتنى سىزنىڭ قانچىلىك كۈچەپ روياتقا چىقارغانلىقىڭىز ھەممەيلەنگە نامەلۇم، دەيدىغىنىم، ئاللاھ قولىڭىزغا دەرىت بەرمىسۇن، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن، يېقىندا تىلفۇنۇم ئارقىلىق تورغا چىققان ئىدىم، تىلفۇن نۇسخىسىمۇ ناھايىتى چىرايلىقكەن، مىنىڭ پىكىرىم «خەزىنە» گە يېزىلغان يېڭى تىمىلار ئاخىرىدا كۆرۈنىدىكەن، كونا تىمىلار باشتا كۆرۈنىدىكەن، شۇنى ئوڭشىغىلى بولامۇ؟
    گەپلىرىم ئارتۇق كەتكەن بولسا كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ، رەھمەت.

  11. ئىنكاس يېزىشىمدا سەۋەب شۇكى:
    ئىشتىن چۈشۈپ كەلسەم كىتاب ياكى تور كۆرىدىغان مېجەزىم بار(جاھاندىن بېخەۋەر بەك نازۇك مېجەزمۇ ئەمەسمەن)، ئانا يېزىقىمدا بەرپا بولىۋاتقان تور بەتلەردە لازىملىق نەرسىلەرنى تاپماق سەل مۈشكۈل. لىكىن چوقۇم كۆرىمەن.
    پاسىبان كۇلۇبى مېنىڭلا تور بېتىمكەن، مەن ياقتۇرىدىغان ماشىنا(ھەۋەسنىڭ بىرىنچىسى، قاتىلى)، ئايفون، فوتۇ-سۈرەت… ھەممىسى مۇشۇ جايدا جەم بوپتۇ.
    بەلكىم تور بەت ساھىبى بىلەن ھەۋەس، قىزىقىشلىرىمىز شۇ قەدەر ئوخشىشىپ كەتسە كېرەك. مۇشۇنداق كۆڭلۈمنى ئاچالايدىغان تور بەتنىڭ ئۆز يېزىقىمىزدا مەۋجۇدلىقىغا ئىشەنمەيتتىم، بۈگۈن ئىشەندىم(بۇ گېپىمنى ئارتۇقچە شەرھىلىمەي، مېنىڭچە بۇ كۈلۈب پۇتاقچىلاردىن خالىي بولسا كېرەك).
    يازمىلار ئارسىدىكى قەشقەرچە پۇراققا تويۇنغان ئىبارىلەردىن تېلىقىپ كۈلۈپتىمەن، ھاردۇقۇم چىقتى، ئۈمىدىم، ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن.
    رەھمەت.

    • ئىنكاسىڭىزنى ئوقۇپ شۇنداق ھاردۇقۇم چىقتى. سىزگە ئوخشاش كۈندە نەچچە قېتىم قايتا-قايتىلاپ ئېچىپ كۆرىدىغان ئىشتراكچىلار سەۋەبىدىن مەن ھېلىھەم يازما يېزىپ كېلىۋاتىمەن. ھەرقايسىڭلارنىڭ قىزغىن ئىنكاسلىرى ماڭا چوڭ مەدەت بولىدىكەن. قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت! :)

  12. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەن چچ تۇپىغا قاتنىشاي دىگەن چىچى نۇمۇرۇم 550887551

    • توپ نومۇرىنى ، قوشۇلۇش ئۇسۇلىنى شۇ يازمىدا ئېنىق ئېيتقان ئىدۇق. توپقا كىرىش ئىلتىماسى ئىۋەتسىڭىز ئاندىن كىرەلەيسىز. تەكلىپ قىلىپ ئەكىرگىلى بولمايدىكەن

  13. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پاسىبان ئەپەىندىم.مەن مەك بوك ئەيئېر ئشلىتىۋاتاتتىم.بۇ كومپىيوتېرنى سىلىق تورغا ئۇلاپ بۇنىڭدىن سىمىز تور تارقىتاي دېگەن سىمىز تورنى ئايرىپورتتىن يېڭى تور قۇرۇش دېگەن يەردىن قۇردۇم ھەم تارقاتتىم ،بۇنى ئايفونۇم نورال قۇبۇل قىلدى،لېكىن تورغا چىقىپ بور بەتلىرىنى ئاچالمىدى،باشقا كومپىيوتېرلارمۇ قىبۇل قىلىپ ئوخشاشلا تورغا چىقالممدى بۇ مەكسەتكە يېتىدىغان ئۈنۈملىك ئۇسۇل بارمۇ؟
    ئاللاھ ئلىمىڭىزنى زىيادە قىلسۇن.

  14. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
    cydiaدىن چۈشۈرگەن appلەرنى PCغا قانداق زاپاسلايمىز؟

    • ئۇنداق قىلغىلى بولمايدۇ. IPA فورماتىدىكى ئەپلەرنى iTools ئارقىلىق زاپاسلىۋالغىلى بولاتتى. Cydia دىكىنى بولامدۇ يوق سىناپ باقمىغانكەنمەن. سىز سىناپ كۆرۈڭ بولمىسا.

  15. بۇ تور بەتنى ئايپەتتە زىيارەت قىلغاندا بەت يۈزى قالايمىقان بولۇپ ، تولۇق كۆرۈنمەيدىكەن … بۇنى ھەل قىلىشنىڭ ئامالى يوقمىدۇ؟

  16. ياخشىمۇ سىز پاسبان كۇلۇبى!
    مىنىڭ ئايفونۇم ئككنچى قول ئايفون ئىدى،مەخپى نۇمىرى بائكەن(通用-访问限制密码)،مەخپى نۇمىرىنى بىلمىگەچكە كومپيوتېرمغا باغلىيالمايۋاتىمەن،شۇڭا سېستمىنى قايتا قاچىلاي دىگەنتىم،بۇ ئەھۋالدا قانداق قىلىشىم كىرەك؟
    تۈنۈگۈن ئايتۇنىستىن 修复نى باسسام ،مەخپى نۇمىرى يۇيۇلماي نەشىرى 5.0.1گە كۆتۇرلۈپ كىتىپتۇ.

    • مەخپىي نومۇرىنى بىلمىسەك سېستىمىنى قايتا قاچىلىماي ئامال يوق. سىز سېستىمىنى يېڭىلاپ بوپسىز. ئىش تۈگەپتىغۇ؟

      • سېستىما يېڭلانغان بىلەن، مەخپى نۇمىرى يۇيۇلماپتۇ.

        • يىڭىلىماي قايتا قاچىلىسىڭىز شىفىر يۇقايدۇ.

          • قايتا قاچىلاشنى بلمەيدىكەنمەن شۇ

          • بۇ كومپىيۇتېردا خەنچە يېزىلمايدىكەن. HuiFu نى بېسىپ سېستىمىنى قايتا قاچىلاڭ. ئاندىن قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن بۇرۇنقى زاپاستىن قايتۇرامسەن ياكى يېڭىدىن بىر ئايفون قىلىپ تەڭشەمسەن دەپ سورايدۇ. سىز يېڭى قىلىپ تەڭشەشنى تاللاڭ. ئايفون يىپيېڭى بىر ئايفون بولىدۇ. بۇرۇنقى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆچىدۇ.

  17. سىلەرگە كۆپ رەخمەت . ئوڭشالدى.

    راسلام بەك رەخمەت.

    مۇشۇ تور بەتكە رەخمەت.

    تورداشلارغا رەخمەت

  18. ئەسسىلاممۇ ئەلەيكۇم پاسىبان تورىدىكى بارىلىق تورداشلار ۋە باشقۇرغۇچىلار .
    كۆپتىن بېرى سىلەرنىڭ ئۇيغۇر تور تەرەققىياتى ۋە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنى بىزگە يېقىندىن تونۇشتۇرۇش ، جاپالىق ئىزدىنىپ يېڭى-يېڭى ھۆنەرلەرنى بىزگە ئۆگىتىشىڭلار بىلەن بىزگە ئاز بولمىغان خوشاللىق ، قىممەتلىك ماتىرىيال ، ياخشى بىر ئۆگىنىش سەھنىسى يارىتىپ بەرگىنىڭلاردىن تولىمۇ مەمنۇنمەن .
    ئىنشائاللاھ ، بۇلار بىردە قارىماققا كىچىك بىر ئىشتەك قىلغىنى بىلەن ،ئەمما ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور بىر ئىش . شۇڭا بارىلىق ئىزدەنگۈچىلەر ۋە ھەۋەسكارلارنىڭ تىنىنىڭ سالامەت ، ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشىنى تىلەيمەن .
    بۇ يوللاردا ھارمىغايسىلەر ! ئاللاھ خالىسا سىلەردەك ئىزدەنگۈچىلەرگە چەكسىز خوشاللىق ۋە سالامەتلىك يار بولغاي .
    …..
    ناۋادا گەپلىرىمدە خاتالىق بولسا كەڭ تورداشلارنىڭ پىقىر ‹ئۇيغۇرباي›نى كەچۇرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن . رەھمەت .

  19. دوسلار ماڭا ياردەم قىلساڭلار مەن س4ۈسكۈنەمنى5.1نەشرىگە ۆكترۈپ قويۇپ تۆۋەنلىتەلمىدىم ياكى تۇرمىدىن قاچرۇش ۇسۇلىنى تاپالمىدىم توردا تەمىنلىگەن بويچە نەشرى تۆۋەنلىتىش ۇسۇلى بويچە مەشغۇلات قىلساممۇ كار قىلمىدى ياردەم قىلساڭلار؟؟؟؟؟

    • 5.1 گە يېڭىلاشتىن بۇرۇن ئوبدان ئويلىشىپ ئاندىن يېڭىلاش كېرەك ئىدى. يېڭى سېستىمىنىڭ تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى ئېلان قىلىنغىنى يوق. ئالمىنىڭ نەرسىلىرىنىڭ يېڭى نەشىردىن كونا نەشىرگە چۈشمەكتىن مۈشكۈل ئىش يوق. سىز ئەڭ ياخشىسى تۈرمىدىن قاچۇرماي ئىشلىتىڭ. بۇنىڭدا كۆپ ئاۋارىچىلىقلاردىن خالىي بوپ قالىسىز.

  20.  تىلگىراف كارتىسىنى قوللايدىغان سىلەر توردا ئېيىقاندىكى 1387بولغان بۇخىل ئايفوننى تۇرمىدىن قاچۇرغىلى ۋە نەشرىنى يۇقىرلاتقىلى بولمايدىكەن ئەگەر بىلىپ بىلمەي  نەشرى يۇقىرلاپ كەتسە ھېچقانداق كارتا تونماس بوپ قالدىكەن بۇ قانداق ئەھۋال ؟يەنە سىلەر شۇ خىلدىكى ئايفونلارنىڭ ‏قۇلۇپسىز ياكى قۇلۇپلۇق ئىكەنلىگىنى تەۋسىيە قىپسىلەر قانداق پەرىقلەندۈرمىز؟؟؟ئەگەر قۇلۇپسىزى بولسا نۇرمال تۈرمىدىن قاچرۇپ ۋە نەشرىنى يۇقرى كۆترۈپ ئىشلەتكىلى بولامدۇ؟؟؟

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟


App Store دىن ئىزدەش

iOS 5 نىڭ بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسلىرى

iOS 5 نىڭ كونا نەشىر ئابونتلىرى 5.1 گە يېڭىلىماقچى بولسا OTA شەكلىدىلا يېڭىلىسا بولىدۇ. بۇ ئەڭ قولاي ھەم ئەڭ ئىخچام ئۇسۇل. (مۇناسىۋەتلىك يازما) يېڭىلاش باسقۇچى: 设置-通用-软件更新

iPhone 3GS 5.0.1 5.1
iPhone 4 5.0.1 5.1
(iPhone 4 (CDMA 5.0.1 5.1
iPhone 4S 5.0.1 5.1
iTouch 3 5.0.1 5.1
iTouch 4 5.0.1 5.1
iPad 1 5.0.1 5.1
iPad 2 Wifi 5.0.1 5.1
iPad 2 3G 5.0.1 5.1
iPad 2 CDMA 5.0.1 5.1
iPad 3 WiFi - 5.1
iPad 3 4G - 5.1
iPad 3 4G CDMA - 5.1

نۆۋەتتە iTunes نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى 10.6 . بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى: [Windows 64] [Windows 32] [Mac].

iTools نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى iTools 2012 Beta 0228 . بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى: [English Version] [简体中文] [iTools for Mac]

© 2012 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
E-mail : ICP 备案 : 新ICP备10202432号
بەت ئۈستىگە قايتىش