ئادىنقى يازمىدا لوۋاغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم رەسىملەر ئارقىلىق تونۇشۇپ چىققان ئىدۇق. بۈگۈن بۇ ماشىنىنىڭ ئەمەلىي سىناق ۋە باھالاش ئېلىپ بارغاندىكى سۈرەتلىرى بىلەن بىرلىكتە داۋاملىق مۇلاھىزە ئېلىپ بارايلى.
ئارقا تەرەپ ساندۇقىنىڭ زادى قانچىلىك چوڭلۇقىنى كۆرۈش ئۈچۈن ساندۇققا بىرەر نەرسىنى قويۇپ سىناپ بېقىش كېرەك. چوڭراق چامداندىن 2 سى راۋۇرۇس پاتقۇدەك
ساندۇقىنىڭ ئىچىگە بېشىمىزنى بەكرەك تىققاندا مونۇ مەنزىرە كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولىدىكەن. قارىساق ياڭراتقۇسى سىرتتىلا تۇرىدىكەن. قارىماققا سەل قوپال
رولغا قارىساق سېگنال بېرىدىغان جاينى 2 گە بۆلۈپ كىچىك-كىچىكتىن قىلىپ ئىككى تەرەپكە ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. بۇ مېنىڭ ئەڭ خوشۇم يوق ئۇسلۇب. ماڭا رولنى خالىغان جايىنى باسسام سېگنال بېرىلمىسە سېگنال بەرگەندەك ھاردۇقۇم چىقمايدىكەن. بۇنىڭ رولىنى تېرە بىلەن ئوراپ چىققان بولۇپ، قارىماققا خېلى يامان ئەمەس.
تۈنۈگۈن ئېيتقاندەك، كۆرسەتكۈچ ئەسۋاپلىرىنىڭ لايىھەلىرى خېلىلا ئۆزگىچە، لېكىن ئۆزىدىن نۇر تارقاتمىغانلىقى ئۈچۈن كۈندۈزدە سەل قاراڭغۇ كۆرۈنىدىكەن. پەقەت كەچلىك چىراق ياكى چوڭ چىراقنى ياققاندا ئاندىن بۇ جاينىڭ چىرىقى يانىدىكەن.
بىخەتەرلىك تاسمىنى ئېلىپ قويغۇچە ئارىلىق تار بولغانلىقتىن يان تەرەپنى سىزىۋېتىدىكەن.
قاملاشقان يېرى، بۇ جاينى باسساقلا ساندۇقى خېلى چوڭ ئېچىلىدىكەن. بەزى ماشىنىلاردىكىدەك ئازراقلا كۆتۈرۈلۈپ تۇرمايدىكەن.
1.75 مېتىر كېلىدىغان ئادەم ئولتۇرغاندىكى ئارىلىق بۇ ھالەتتە. بوشلۇقىنى يامان ئەمەس دېيىشكە بولىدۇ.
ئاچقۇچ سالىدىغان جايغا كىچىككىنە لامپا ئورنىتىپ قويسا كېچىدە خېلى قولايلىق ئېلىپ كېلىدۇ. بۇنىڭ پۈتۈپ چىقىشى شۇنداق ئەرزان نەرسە. لېكىن لوۋادا بۇ چىراق يوق ئىكەن.
ئالدىدىكى ئۇششاق-چۈششەك نەرسە قويىدىغان ئورۇنلار
كەينىدىكى ئىستاكان قويىدىغان جايغا ئىچىملىك قويغاندا ئاسانلا يىقىلىپ كېتىدىكەن. كونسىرۋا قويۇشقا لايىھەلىگەن بولسا كېرەك
بايىقى ئادەمنىڭ ئالدى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان ھالىتى. يەنىلا كىچىك ماشىنىدە …
ئىچكى بېزىلىشىدىكى كۈمۈش رەڭلىك بۇ جاي خېلىلا تۈس قوشقان بولۇپ ئالىي دەرىجىلىك ماشىنىدەك تۇيغۇ بېرىدۇ.
سىرتقى كۆرىنىشى ۋە ئۆلچىمى
لايىھە دەسلىۋىدىلا راھەتلىكنى ئاساس قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەگىلگەندە ناھايىتى يۇمشاق ھېس قىلىدۇ. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن تېز سۈرئەتتە ھەيدەپ سپورت لەززىتىنى سۈرۈشكە ماس كەلمەيدۇ
14 سۇڭلۇق 12 تاياقلىق ئاليۇمىن بەنداش. چاقىنىڭ پارامېتىرىنى ھېلىقى يازمىدىكى ئۇسۇل بويىچە ھېساپلاپ كۆرۈڭلار. بۇ خىل چاق ئوتتۇراھال سەۋىيەدىكى چاق تۈرىگە كىرىدۇ.
ماي قاچىلايدىغان جايىنى شوپۇر ئورۇندۇقىنىڭ ئاستىدىكى يەرنى تارتىپلا ئاچقىلى بولىدۇ.
بوشلۇق جەھەتتە يەنە ئازراق كەمچىللىكلەر بار ئىكەن. ئالدى ئىشىكتىكى جايغا پەقەت گېزىت-ژورنال ياكى CD قويۇپ قويسا بولغۇدەك. باشقا نەرسە پاتمايدىكەن.
ئورۇندۇقنىڭ بۇ يېرىگە ئەگەر بىرەر ئىشكاپ قويۇلغان بولسا ….
ئارقا ئىشىكتە ھېچنىمە يوق …
ماي سەرپىيات سىنىقىدا تۆۋەندىكىدەك نەتىجە كۆرۈلگەن.
بۇ سىناق 1.6 لىك ئاپتۇماتىك خوتلۇق نەشىرىدە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، 100 كېلومېتىرغا 7.9 لېتىر ماي سەرپ قىلغان. بۇ بەك تۆۋەن سەرپىياتمۇ ئەمەس
تىزلىنىش سىنىقىدا نەتىجە تۆۋەندىكىدەك.
نېمىلا دېگەن بىلەن 1.6 لىك ئاپتۇماتىك خوت. كۆپ ئۈمىد كۈتۈشنىڭ ئورنى يوق. سىناق نەتىجىسىدىن مەلۇمكى، 60 لىق سۈرئەتكە 5.33 سېكونتتا، 100 لىك سۈرئەتكە 12.4 سېكونتتا چىققان.
100 لىك سۈرئەتتە تورموز سىنىقىدا نەتىجە بەك ياخشىمۇ ئەمەس. بۇنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈپ باقايلى
نەتىجىگە قارىساق 46.6 مېتىر ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز. بۇ 1.6لىك ئاپتۇماتىك خوتلۇق ئۈستىدە قىلىنغان سىناق. بۇ نەتىجىنى ناچار دېيىشكە بولىدۇ. چاق بەلكى بۇنىڭدىكى چوڭ ئامىل بولسا كېرەك. ئەمدى 1.6لىك قول خوت ۋە 1.4 لىك قول خوت ئۈستىدە قىلىنغان سىناققا قارايدىغان بولساق
بۇنىڭ نەتىجىسى 40 ۋە 42 مېتىر بولۇپ چىققان. ھەر قايسى كىشىلەر ئۆزىنىڭ تەلىپىگە يارىشا خالىغان نۇسقىسىنى ئالسا بولىدۇ.
يېڭى لوۋانىڭ نۆۋەتتە 4 خىل نۇسقىسى بار. بۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا:
2010 نەشىرلىك 1.4 لىك قول خوت. باھاسى : 81 مىڭ 9 يۈز يۈەن.
2010 نەشىرلىك 1.4 لىك ئاپتۇماتىك خوت. باھاسى : 89 مىڭ 9 يۈز يۈەن.
2010 نەشىرلىك 1.6 لىك قول خوت. باھاسى : 93 مىڭ 9 يۈز يۈەن. (تۇڭلۈكى بار)
2010 نەشىرلىك 1.6 لىك ئاپتۇماتىك خوت. باھاسى : 101 مىڭ 9 يۈز يۈەن. (تۇڭلۈكى بار)









































داۋامى بارمىتى يا ؟
ماڭا بۇ ماشىنىنىڭ ئالپىسىن رەڭدىكىسى بەك چىرايلىق بىلىندى .
博主的文章很不错,学习了。
谢谢!欢迎
بۇ راس سىزنىڭ ماشىنىڭىزما؟
ياقەي. تونۇشتۇرغىنىمنىڭ ھەممىسى ئۆزۈمنىڭ بوپكەتسە ماشىنا بىدىكى بوپقالارمەن