BMW نىڭ ھەشەمەت تىپىدىكى ماركا ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. بۇ ماركىنىڭ خېرىدارلىرىغا 1 دانە ئايپەد ئەلۋەتتە چوڭ مەسىلە ئەمەس. لېكىن، ئايپەدنى ئالغاندىن كىيىن ئۇنى قايسى ئورۇنغا قويۇشنىڭ ئۆزى بىر مەسىلە. شۇڭا BMW بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس ئالما مەھسۇلاتلىرىغا ئاتاپ يۇمتال ۋە قويىدىغان دەستەك لايىھەلەپتۇ.
بۇ دەستەك بىلەن ئايپەدنى چاتساق ماشىنا ئىچىدىكى كونترول سېستىمىسى بىلەن ئاپتۇماتىك ئۇلىنىدىكەن. قىسقا ئۇچۇر، خاتىرە دەپتەر، ئېلخەت، تېلفۇن دەپتىرى قاتارلىقلار ماسقەدەملىشەلەيدىكەن.
BMW تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە بۇنى بۇندىن كىيىنكى ياسايدىغان ماشىنىلىرىدا كەڭ ئوموملاشتۇرۇپ، خېرىدارلىرىغا سىفىرلىق دۇنيانى ئەڭ قولاي شەكىلدە بىرلەشتۈرۈشكە شارائىت ھازىرلايدىكەن. بىز بۇلارنى خۇدا خالىسا كېلەر قېتىملىق پارىژ كۆرگەزمىسىدە كۆرەلىگۈدەكمىز.









































يېقىندا باھا تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلار