ئالما تېلىفۇنى ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفون ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تېلىفۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن بىز بىلىپ بولمايدىغان نۇرغۇن ئىقتىدارلارنى، تېگىگە يېتىپ بولمايدىغان سىرلارنى، چەكسىز كېڭەيتىشچانلىققا ئېگە بولغانلىقى ئۈچۈن بىزگە كۈندە يېڭىلىق بېرەلەيدىغان يوشۇرۇن ئىقتىدارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن. سىز ئايفون ئىشلەتكۈچى بولسىڭىز ئايفونىڭىزنى قانچىلىك چۈشىنىسىز؟ بەلكى مەن ئۆزۈممۇ بۇ سۇئالغا جاۋاب بېرەلمەسلىكىم مۇمكىن.

بۈگۈن دوسلار بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولغىنىم ئايفوندىكى «ئۈسكۈنە ھەققىدە»، يەنى 关于本机 دېگەن تىزىملىكتىكى بەزى سان-سىفىرلارنىڭ مەنىسى. بەلكى سىز بۇ تىزىملىكنى ئايفوننى دەسلەپ قولىڭىزغا ئېلىپ ئۇيەر-بۇيەرلىرى بىلەن ھەپىلىشىپ بىلمەي بىرەر قېتىم ئاچقانسىز ياكى ئاچمىغانسىز. بەلكى بۇ جايدىكى سان-سىفىرلارنىڭ نېمە مەنا بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ قويمىغانسىز. بۈگۈن بىز بىرلىكتە بۇنى يېشىپ چىقايلى.

بۇ تىزىملىك ئايفونىڭىزنىڭ بارلىق ئۇچۇرلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇنى تەڭشەك تىزىملىكىدىن چىقىرىمىز. يەنى 通用 دىن ئەڭ ئۈستىدىكى 关于本机 باسسىڭىز بولىدۇ. بىز ئۈستىدىن ئاستىغا تەرتىپ بويىچە كېلەيلى.

بۇ تىزىملىكنىڭ ئىچىگە كىرىپ ئەڭ ئۈستىگە قارىساق، سىزنىڭ ئايفونىڭىزنىڭ ئىسمى كۆرىنىدۇ. يەنى پالانچىنىڭ ئايفونى، دېگەندەك. بۇ خەتنى سىز iTunes ئارقىلىق ئۆزگەرتىۋالالايسىز. iTunes قا ئۇلاپ مۇشۇ خەتنى يان ستوندىن تېپىڭ. شۇنى ئاستا 2 قېتىم بېسىپ تەھرىرلەش ئارقىلىق خالىغانچە ئۆزگەرتىۋالالايسىز.

ئۇنىڭ ئاستىدا 网络 يەنى تور دېگەن ستون بار. بۇ سىزنىڭ قايسى تېلېگراف شىركىتىنىڭ تورىنى (يەنى SIM كارتىسىنى) ئىشلىتىۋاتقانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ.

歌曲 بولسا ئايپودنىڭ ئىچىگە قاچىلىغان مۇزىكىنىڭ سانى. بۇنى iTunes بىلەن 同步音乐 دېگەن جاي ئارقىلىق قوشالايسىز.

视频 دېگىنى سىزنىڭ ئايپود ئىچىدىكى سىن ھۆججىتى ئەمەس. بەلكى ئايفونىڭىز ئارقىلىق سۈرەتكە ئالغان فىلىمنىڭ سانىنى كۆرسىتىدۇ.

照片 بولسا ئايفون ئىچىدىكى رەسىم ئامبىرىدىكى رەسىمنىڭ سانىنى كۆرسىتىدۇ.

应用程序 سىزنىڭ ئايفونغا قاچىلىغان ئەپلىرىڭىزنىڭ سانى.

总容量 ئايفوننىڭ ھەجمىنى كۆرسىتىدۇ. بىز دەيدىغان 16 گېگابايتلىق ۋە 32 گېگابايتلىق دېگەننى مۇشۇ يەردىن كۆرىمىز. ھەقىقى بوشلۇق دەل 16 ياكى 32 بولمايدۇ. ئادەتتە ئۇنىڭدىن ئازراق بولىدۇ. بۇ ھەرقانداق قاتتىق دېسكىنىڭ ھېساپلاش ئۇسۇلى بويىچە ھېسابلىنىدۇ. يەنى، 1 كېلوبايتنى 1024 بايت بويىچە ھېساپلىغىنىمىز بىلەن 16 گېگابايت دەپ سېتىلغان قاتتىق دېسكىلار 1000 كېلوبايت بويىچە ھېساپلىنىدۇ. شۇنداق بولۇپ 1 كېلوبايتتا 24 بايتتىن كەم ھېساپلىنىپ ئاخىرىغا كەلگەندە شۇنچىلىك پەرق چىقىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ 16 مىليارت بايت بولۇپ، مۇشۇ بويىچە ھېساپلىساق تەخمىنەن 14 ياكى 15 گېگابايت ئەتراپىدا چىقىدۇ. شۇڭا بۇنىڭدىن چۆچۈپ كېتىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق.

可用容量 بولسا بىكار ئورۇن بولۇپ، بۇ ئورۇنغا سىز يەنە ئويۇن ياكى باشقا ئەپلەرنى قاچىلىسىڭىز بولىدۇ.

版本 بولسا ئايفونىڭىزنىڭ سېستىما نەشىرى. بىز دەۋاتقان iOS 4.3.5 دېگەندەك سېستىما نەشىرى دەل مۇشۇ. ئۇنىڭ ئاخىرىدىكى تىرناق ئىچىدىكى بولسا سېستىما نەشىرىنىڭ كود نومۇرى. بۇ ھەر بىر نەشىردە ئوخشاش بولمايدۇ.

运营商 بولسا سىزنىڭ قايسى تېلگىراف ئابونتى ئىكەنلىكىڭىزنى ۋە كارتىڭىزنىڭ نەشىرىنى كۆرسىتىىپ بېرىدىغان جاي.

型号 دېگەن بۇ جايدىكى سان ۋە ھەرپلەرنىڭ ئارىلاشمىسى بىر قەدەر مۇھىم ئۇچۇر بولۇپ، سىز مۇشۇلار ئارقىلىق ئايفونىڭىزنىڭ قايسى يەرنىڭ ئىكەنلىكىنى، قۇلۇپى بار يوقلىقىنى پەرقلەندۈرەلەيسىز.  پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكى مەلۇماتقا مۇراجىئەت قىلىڭ.

قۇلۇپسىز نەشىرى

جۇڭگو
MC603CH/A – 16GB Black
MC605CH/A – 32GB Black

شىياڭگاڭ
MC603ZP/A – 16GB Black
MC605ZP/A – 32GB Black

ئاۋمىن
MC603ZP/A – 16GB Black
MC605ZP/A – 32GB Black

تەيۋەن
MC603TA/A – 16GB Black
MC605TA/A – 32GB Black

سىنگاپور
MC603ZA/A – 16GB Black
MC605ZA/A – 32GB Black

مالايسىيا
MC603ZA/A – 16GB Black
MC605ZA/A – 32GB Black

يېڭى زىلاندىيە
MC603X/A – 16GB Black
MC605X/A – 32GB Black

ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكى
MC603AB/B – 16GB Black
MC605AB/B – 32GB Black

رۇسىيە
MC603RS/A – 16GB Black
MC605RS/A – 32GB Black

گرىتسىيە
MC603GR/A – 16GB Black
MC605GR/A – 32GB Black

ئىتالىيە
MC603IP/A – 16GB Black
MC605IP/A – 32GB Black


تۆۋەندىكىلىرى قۇلۇپى بار نەشىرى

ئامېرىكا
MC608LL/A – 16GB Black
MC610LL/A – 32GB Black
MC318LL/A – 16GB Black
MC319LL/A – 32GB Black

كانادا
MC603C/A – 16GB Black
MC605C/A – 32GB Black

ياپونىيە
MC603J/A- 16GB Black
MC605J/A- 32GB Black

كورىيە
MC603KH/A – 16GB Black
MC605KH/A – 32GB Black

فىلىپپىن
MC603PP/A – 16GB Black
MC605PP/A – 32GB Black

ئاۋسترالىيە
MC603X/A – 16GB Black
MC605X/A – 32GB Black

گىرمانىيە
MC603DN/A – 16GB Black
MC605DN/A – 32GB Black

ئەنگىلىيە
MC603B/A – 16GB Black
MC605B/A – 32GB Black

فرانسىيە

MC603FB/A – 16GB Black
MC605FB/A – 32GB Black

دىيىلىۋاتقان قۇلۇپى بار ۋە قۇلۇپسىز نەشىرى دېگەنگە ئازراق چۈشەنچە بېرىپ ئۆتەي.

ئايفون ياسالغان چاغدا ئالما شىركىتى تېلېگراف شىركىتى بىلەن توختاملىشىپ ياسىغان بولۇپ، ياسالغان تېلىفۇن پەقەت شۇ شىركەتنىڭ كارتىسى سېلىنغاندىلا ئاندىن نورمال خىزمەت قىلىدۇ. بولمىغاندا تېلىفۇن ئىقتىدارى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، ئامېرىكىدا AT&T نىڭ كارتىسى چۈشىدىغان ئايفوننى بىز جۇڭگودا نورمال ئىشلىتەلمەيمىز. ھەتتا ئامېرىكىنىڭ ئۆزىدە باشقا شىركەتنىڭ كارتىسىنى سېلىپمۇ ئىشلىتەلمەيمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن تۈرمىدىن قاچۇرۇپ بۇ چەكلىمىنى بۇزۇشقا توغرا كېلىدۇ. لېكىن بۇ چەكلىمە مودىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك. چاتاق يېرى ئايفون ھەر قېتىم سېستىما يېڭىلىغاندا يېڭىچە مودىم نەشىرى Baseband 基带版本 ئىشلىتىدۇ. يەنى مودىم نەشىرى ھەر قېتىم يېڭىلىنىدۇ. مودىم نەشىرى نۆۋەتتە بۇزۇپ تاشلاش ئەڭ قىيىن بولىۋاتقان نەرسە بولغاچقا، ئايفون 4 ئابونتلىرى پەقەت 01.59.00 دېگەن نەشىردىن باشقا نەشىردىكى قۇلۇپى بار ئايفوننى يېشەلمەيۋاتىدۇ. قۇلۇپى بار ئايفوننىڭ تېلىفۇن ئىقتىدارىنى يېشىش ئۈچۈن ultrasnow بىلەن يېشىمىز.  Cydia دىن قاچىلايمىز.

دۆلىتىمىزدە كۆپ ئۇچرايدىغان قۇلۇپى بار نەشىرى ئامېرىكا نۇسقىسى. ھەممە خىلدىكى قۇلۇپى بار ئايفونلار ئامېرىكا نۇسقىسىغا ئوخشاش. ئەگەر سىز مۇشۇنداق ئايفون ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز يېڭى سېستىما چىققاندا ئەڭ ياخشىسى مائوسنى بۇ جايدىن نېرى تۇتۇڭ. يېڭىلاپ قالسىڭىز يېڭى نۇسقىسىنىڭ تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى چىقمىغۇچە تېلىفۇن ئۇرالماي يۈرۈيسىز. چۈنكى تېلىفۇننى يېشىش ئۈچۈن Cydia بولىشى كېرەك. بۇ بولۇشى ئۈچۈن تۈرمىدىن قېچىشى كېرەك. ئەگەر قۇلۇپى بار ئايفون 4 ئىشلەتكۈچىسى بولسىڭىز تېخىمۇ ئېھتىيات قىلغايسىز. مودىم نەشىرىنى چوقۇم TinyUmbrella ئارقىلىق 01.59.00 نى ساقلاپ قالغان ئاساستا يېڭىلىمىسىڭىز بولمايدۇ (ئۇلانمىدىن كۆرۈڭ). چۈنكى ئايفون 4 نىڭ باشقا مودىم نەشىرلىرىنى UltraSnow يېشەلمەيدۇ. ئەگەر يېڭىلاپ قالغان بولسىڭىز ئۇ چاغدا كارتا چاپلاپ ئىشلىتىسىز. ياكى ئايپودنىڭ ئورنىدا ئويۇن ئويناپ ناخشا ئاڭلاپ، تېلىفۇندىن باشقىنى ئالىسىز. مۇشۇنداق گەپ.

كۆپ ئۇچرايدىغان قۇلۇپسىز نەشىرى بولسا شياڭگاڭ نۇسقىسى ۋە جۇڭگو نۇسقىسى. ھەممە خىلدىكى قۇلۇپسىز ئايفونلار شياڭگاڭ نۇسقىسى بىلەن ئوخشاش. بۇنىڭ بىر قولاي يېرى شۇكى، يېڭى نەشىرى چىققاندا يېڭىلاپ قالسىڭىزمۇ ھېچقىسى يوق. چۈنكى تېلىفۇن نورمال ئىشلەۋېرىدۇ. پەقەت Cydia دىن بىر نەرسە قاچىلىيالمايسىز. تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى چىققۇچە جىم بېسىقىدا ئايفون ئىشلىتىشنىڭ ئەسلى قائىدىسى بويىچە App Store دىن ئويۇن قاچىلاپ ئىشلىتىپ تۇرىسىز. بۇنىڭدا چوڭ چاتاقمۇ چىقمايدۇ. ئىشقىلىپ قۇلۇپى يوق نەشىرى بەكلا قولاي.

مېنىڭچە سىز مۇشۇ يەرگىچە سۆزلەنگەن مەزمۇنلارنى ئوقۇپ خېلى كۆپ بىلىملەرگە ئېگە بولدىڭىزغۇ دەيمەن؟ يەنە داۋاملاشتۇرايلى.

序列号 بولسا سىزنى ئايفونىڭىزنىڭ سېرىيال نومۇرى بولۇپ، بۇ نومۇرلاردىن ئايفونىڭىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىلغان يىل ۋە ئاينى بىلگىلى بولىدۇ. بۇنىڭ 3-خانىسى ئىشلەپچىقىرىلغان يىلنى ئىپادىلەيدۇ. 4- ۋە 5- خانىسى بولسا شۇ يىلغا تەۋە ھەپتىنى ئىپادىلەيدۇ. مەسىلەن، 3-، 4-، 5- خانىسى 019 بولسا 2010-يىلى 19- ھەپتىدە ئىشلەنگەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز. ئەگەر 932 بولسا 2009-يىلنىڭ 32-ھەپتىسى ئىشلەنگەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز.

سىز يەنە مۇشۇ نومۇر ئارقىلىق ئورگان تور بېتىدىن تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئېگە بولالايسىز. ئايفونىڭىزنىڭ راس-يالغانلىقىنى مۇشۇ نومۇر ئارقىلىق تەكشۈرۈپ باقتىڭىزمۇ؟ تەپسىلاتىنى گوگل ياكى بەيدۇلاپ بېقىڭ.

WiFi ئادرىسىڭىز سىزنىڭ شۇ ئۈسكىنىڭىزگە تەۋە بولغان بىردىنبىر پەرقلەندۈرگۈچى نومۇر بولۇپ، سان ۋە ھەرپنىڭ ئارىلاشمىسىدىن تۈزۈلگەن. بەزى سىمسىز تور مۇھىتىدا مۇشۇ نومۇرنى كىرگۈزۈپ سىزنى تور زىيارەت قىلىشقا يول قويىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا بۇ سىزنىڭ WiFi كىملىكىڭىز.

蓝牙 كۆكچىش كىملىكىڭىز. بۇنىڭ خاراكتىرىمۇ ئۈستىدىكىگە ئوخشاپ كېتىدۇ.

IMEI نومۇرى بولسا خەلقئارا كۆچمە ئۈسكۈنە كىملىكى International Mobile Equipment Identity نىڭ قىسقارتىلمىسى. بۇ ھەرقانداق يان تېلىفۇندا بولىدۇ. بۇمۇ پەقەت شۇ ئاپاراتقا تەۋە بولغان بىردىنبىر نومۇر.

ئۇنىڭ ئاستىدىكى ICCID  بولسا Integrate circuit card identity نىڭ قىسقارتىپ يېزىلىشى. يەنى توپلاشتۇرۇلغان توك يولى كارتىسىنىڭ پەرقلەندۈرۈش نومۇرى. بۇ SIM كارتىسىغا يېزىۋېتىلگەن. بۇ 20 خانە بولۇپ، كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ 898600 دىن باشلىنىدۇ. بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ 898601 دىن باشلىنىدۇ.

ئۇنىڭ ئاستىدىكى 调制解调器固件 دەل بىز دەۋاتقان مودىم نەشىرى Baseband شۇ. قۇلۇپى بار نەشىرىدىكى ئايفونداشلار ئايفوننى يەشكەندە مۇشۇ جايغا دىققەت قىلىڭ. UltraSnow سىزنىڭ ئايفونىڭىزنىڭ مۇشۇ نەشىرىنى يېشەلەمدۇ يوق شۇنىڭغا دىققەت قىلسىڭىز بولىدۇ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



7 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. ئاجايىپ كېرەكلىك بىلىم بوپتۇ. كۆپ رەھمەت!

  2. يىقىندىن بۇيان ئايفۇنىمنى كوم پىيۇتىر غا چاتقاندا iTunesتا ‹بەگزادىنىڭ›ئايفۇنى دىگەن خەت كۆرۈنمەيدىغان بولۇپ قالدى…تىلفۇندا تۇرۇپ ئاپپىسىتورى دىن بىرە ئەپ چۈشۈرەي دىسەم ئەڭ بۇرۇن تىزىملانغان ھىساۋات چىقىپلا تۇرىدۇ ئۇ ھىساۋات ئىناۋەتسىز قىلىنغاچقا مەن بىرە ئەپ چۈشۈرەممىدىم… باشقا ھىساۋاتنى قانداق ئالماشتۇرىمىز..

  3. ھەل بولدى..ئاۋارە قىلغىنىمدىن خىجىلمەن ئىنكاسىمنى ئۆچۈرىۋەتسىڭىز

  4. tilfun kilgan lin torga qikalmidim bu nima sawap?ipod

  5. xundak yahxi ukum ikan rahmat

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)


App Store دىن ئىزدەش

iOS 5 نىڭ بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسلىرى

iOS 5.0 ئابونتلىرى 5.0.1 گە يېڭىلىماقچى بولسا OTA شەكلىدىلا يېڭىلىسا بولىدۇ. بۇ ئەڭ قولاي ھەم ئەڭ ئىخچام ئۇسۇل. (مۇناسىۋەتلىك يازما) يېڭىلاش باسقۇچى: 设置-通用-软件更新

iPhone 3GS 4.3.5 5.0 5.0.1
iPhone 4 4.3.5 5.0 5.0.1
(iPhone 4 (CDMA 4.2.10 5.0 5.0.1
iPhone 4S - 5.0 5.0.1
iTouch 3 4.3.5 5.0 5.0.1
iTouch 4 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 1 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 Wifi 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 3G 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 CDMA 4.3.5 5.0 5.0.1

نۆۋەتتە iTunes نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى 10.5.3 . بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى: [Windows 64] [Windows 32] [Mac]

iTools نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى iTools 2012 Beta 0111 . بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى:
[English Version] [简体中文] [iTools for Mac]

© 2012 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
E-mail : ICP 备案 : 新ICP备10202432号
بەت ئۈستىگە قايتىش