ھەممەيلەنگە مەلۇم، ئايفوننىڭ ئويۇنلىرى ئەرزىنى 1 دوللاردىن قىممىتى نەچچە ئون دوللارغىچە بولۇپ، بۇنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن appstore دىن ھەق تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ. لېكىن، يېڭى چىققان پروگرامما ياكى ئويۇنلارنى appstore دا ھەر كۈنى ۋاقىتلىق ھەقسىز قىلىپ تارقىتىدىغان بىر ئىش بار. ئەگەر بىزۋاقىتلىق ھەقسىز قىلىپ تارقىتىش ۋاقتىنى ئېنىق بىلەلەپ appstore دىن دەل ۋاقتىدا چۈشۈرىۋالالىساق ئۇ چاغدا شۇ پروگرامما مەڭگۈ بىز ئۈچۈن ھەقسىز بوپ كېتىدۇ.
باشقىلار نۇرغۇن ئەجىر قىلىپ مىڭ بىر مۇشەققەتتە ياسىغان ئېسىل ئويۇنلار ياكى پروگراممىلارنى بىز قانۇنلۇق ھالدا ھەقسىز بەھرىمان بولالايمىز دېگەن گەپ. ئەمىسە بۇنىڭ ۋاقتىنى قانداق بىلىمىز؟ قايسى ۋاقىتتا قانداق نەرسىلەر ھەقسىز بولىدۇ؟ ئەگەر بۇنىڭغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز كۇلۇبىمىزدا بولسۇن. كۇلۇبىمىز ۋاقىت بەلگىلەپ ئەڭ يېڭى ھەقسىز ئايفون يۇمشاق دېتاللىرىنى سىزنىڭ دىققىتىڭىزگە سۇنىدۇ.









































نەدىن چۈشۈرىدۇ؟.ۋاقتى قاچان؟
بۇ خىل پروگراممىلار ناھايىتى قىسقا مۇددەتلىك ھەقسىز بولغانلىقى ئۈچۈن بىز ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئەڭ يېڭى ھەقسىز ئويۇن ۋە پروگراممىلارنى دىققىتىڭلارغا سۇنۇشقا تىرىشىمىز. بۇ يېڭى يازما شەكلىدە كۇلۇبىمىزنىڭ «ئايفون» سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنىدۇ. دىققىڭىز كۇلۇبىمىزدا بولسۇن. قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت!
تەبرىك تېلىگىرممىسى(ئۆتكۈر بلوگىدىن)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، پاسىبان ئەپەندى، بۈگۈن تور ئارىلاۋىتىپ مۇشۇنداق ياخشى تور بەت قۇرۇۋالغانلىقىڭىزنى كۆرۈپ تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم، ۋە كىچىكىپ خەۋەر تاپقانلىقىمدىن ئەپسۇسلاندىم. مۇبارەك بولسۇن!!!
تور بىتىڭىز تولىمۇ ئېسىل ،خاسلىققا ئىگە،رەڭدار،جەلىپ قىلارلىق تور بەت بوپتۇ. تىمىلىرىڭىزدىن تور بەتنىڭ خاسلىقى، ئەمەلىيەتچانىلىقى،يىڭىلىقلىقى جەھەتتە كۆپ ئەجىر قىلغانلىقىڭىز بىلىنىپ تۇرۇپتۇ. ئۇيغۇر تىلى تور بەتچىلىكىدىكى بوشلۇقلارنى تولدۇرۇشقا چوڭ تۆھپە قۇشۇپسىز. ئاپىرىن!!!
بۇندىن كىيىن مۇشۇنداق نادىر تىمىلارنى كوپرەك يوللاپ تۇرىشىڭىزنى . تور بېتىڭىز ئارقىلىق ھەر ۋاقىت تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلاردىن
ۋاقىپ بولۇپ تۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.
-تور بېتىڭىزنىڭ قىزغىن كۆرۈرمەنى، قېرىندىشىڭىز ‹‹ئۆتكۈر›› 2010-يىل 29-دىكابىر
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. رەھمەت سىزگە! بىرگە بولسۇن. سىزدەك ئۆتكۈر پىكىرلىك كۆرۈرمەنلىرىمنىڭ بولغىنى مېنىڭ شەرىپىم. ئاللاھ خالىسا سىزدەك قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن بولسىمۇ تېخىمۇ ياخشى قىلىشقا تىرىشىمەن. پات-پات كەپ تۇراسىز.