iPhone ئۈچۈن قولاي سكەننىر

iPhone ىڭىزنى يۆتكىلىشچان سكەننىر قىلىۋالغۇڭىز بارمۇ؟ بەلكى بۇ ئەپ سىزگە ياردەم قىلالىشى مۇمكىن. Scan Pages ناملىق بۇ ئەپ ئارقىلىق بىز ماقالە، گرافىك، كىتاب-ژورنال ۋە مەھسۇلات كارتوچكىلىرى قاتارلىق ھەرخىل نەرسىلەرنى خۇددى سكاننېردە تەسۋىر ھاسىل قىلغانغا ئوخشاش ساقلاپ ئالالايدىكەنمىز.

بۇ ئەپ ئۆزىنىڭ ئىلغار تېخنىكىسى ئارقىلىق سۈرەت بىر تەرەپ قىلىپ، ئۆزىمىز سۈرەتتىكى ئارتۇق نەرسىلەرنى چىقىرىپ تاشلىغاندىن كىيىن يىغىپلا PDF ھالىتىگە ئەكىلىپ ساقلاپ بېرىدىكەن. ساقلىغان ھۆججەتلەرنى GoogleDocs, Evernote, Dropbox ۋە ياكى E-Mail ئارقىلىق ھەمبەھرلەنگىلى بولىدىكەن. Scan Pages نى ئىشلىتىش ئۈچۈن تىزىملىتىشنىڭ ھاجىتى يوق. قوللىنىشچان بىر ئەپ بولۇپ، ساقلاپ قويۇپ ئىشلىتىشكە ئەرزىيدىكەن.

يەنە بىر تەۋسىيە شۇكى، بۇ ئەپ ياسىغۇچى شىركەت Ricoh Innovations نىڭ يەنە مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان رەسىم بىر تەرەپ قىلىش ۋە سكەننىرلەش خاراكتىرىدىكى بىرقانچە ئەپلىرى بار ئىكەن. باشقىلىرىمۇ ئوخشاشلا ھەقسىز بولۇپ، كۆرۈپ باقىدىغانلارغا ئادرىسىنى قالدۇراي.

ئەپ ئىسمى : Scan Pages

ساتقۇچى : Ricoh Innovations

تۈرى : قوللىنىشچان، فوتو-سۈرەت

چوڭلۇقى : 9.6 MB

باھاسى : ھەقسىز.

iTunes چۈشۈرۈش ئادرىسى:

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



3 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. ئەمسە سىناشنى باشلىۋەتتۇق !

  2. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم… :welcome:
    بۇرۇن بىر قىسىم ۋاقىتلىق ھەقسىز دېتاللاردا ئىشلىتىپ باققان. بۇ ھەقسىزكەندە…
    يەنە بىر گەپ، «سىكەننېر» ئىملاسىدا خاتالىق باردەك تۇيۇلدى :upset: . «سىكانېر» دەيمىزغۇ دەيمەن. :roll:

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)


App Store دىن ئىزدەش

iOS 5 نىڭ بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسلىرى

iOS 5.0 ئابونتلىرى 5.0.1 گە يېڭىلىماقچى بولسا OTA شەكلىدىلا يېڭىلىسا بولىدۇ. بۇ ئەڭ قولاي ھەم ئەڭ ئىخچام ئۇسۇل. (مۇناسىۋەتلىك يازما) يېڭىلاش باسقۇچى: 设置-通用-软件更新

iPhone 3GS 4.3.5 5.0 5.0.1
iPhone 4 4.3.5 5.0 5.0.1
(iPhone 4 (CDMA 4.2.10 5.0 5.0.1
iPhone 4S - 5.0 5.0.1
iTouch 3 4.3.5 5.0 5.0.1
iTouch 4 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 1 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 Wifi 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 3G 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 CDMA 4.3.5 5.0 5.0.1

نۆۋەتتە iTunes نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى 10.5.3 . بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى: [Windows 64] [Windows 32] [Mac]

iTools نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى iTools 2012 Beta 0111 . بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى:
[English Version] [简体中文] [iTools for Mac]

© 2012 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
E-mail : ICP 备案 : 新ICP备10202432号
بەت ئۈستىگە قايتىش