iPad نى ئېلان قىلغۇچە قورقماي گەپ قىلىدىغان بىر گېپى بار. ئۇ بولسىمۇ iPad بالىلار ئۈچۈن ئىنتايىن ئېسىل بىر سوۋغا، ئېسىل بىر نەرسە. چۈنكى ئۇنىڭدا بالىلارنىڭ كاللىسىنى ئاچىدىغان، تەپەككۇرىنى ئويغىتىدىغان نۇرغۇن ياخشى ئەپلەر بار. بۈگۈن قارىسام ماۋۇ ئەپمۇ دەل مۇشۇ تېمىغا ماسلىشىدىغان ئەپ ئىكەن.
بۇ ئەپتە ئالدىن بېرىلگەن ھەرخىل رەڭدىكى يوپۇرماق ۋە گۈل بەرگىلىرى بار بولۇپ، بالىلار ئۆزىنىڭ تەپەككۇرىغا ئاساسلىنىپ شۇلاردىن ئۆزگىچە ھەر خىل رەسىملەرنى قوراشتۇرۇپ چىقىدىكەن.
بۇ ئەپتە 200 نەچچە خىل تەبىئەت شەيئىلىرىگە ئوخشىتىلغان گۈل بەرگى، يوپۇرماق، مىۋە-چىۋە قاتارلىق ماتىرىياللار ۋە 28 خىل تەگلىك رەسىمى تەمىنلەنگەن بولۇپ، بالىلار ئۆزىنىڭ مەيلىچە ئىنتايىن قولاي بىر شەكىلدە ئۇلارنى ئۆز-ئارا قوراشتۇرۇپ ھەرخىل نەرسىلەرنى ھاسىل قىلالايدۇ.
بېرىلگەن نەرسىلەرنىڭ چوڭلۇقىنى، بۇلۇڭىنى خالىغانچە ئۆزگەرتكىلى بولىدىغان بولۇپ، پۈتۈنلەي ئۆزىمىزنىڭ خاھىشىمىز بويىچە ئىشلىتىش ئەمەلگە ئاشقان. ياساپ چىققان نەرسىنى ساقلاپ بولغاندىن كىيىنمۇ يەنە تەھرىرلىگىلى بولىدىكەن. ياساپ بولۇپ، قورال ستوتىنىنى يوشۇرۇپ قويۇپ، ياسىغان ئەسەرگە نەزەر سېلىشقا بولىدىكەن.
بۇ ئەپنى ئىنچىكىلەپ چۈشۈنۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكى سىنغا نەزەر سېلىڭ.
بۇ ئەپ iPad ئۈچۈن ئىشلەنگەن. بۈگۈن ۋاقىتلىق ھەقسىز بولۇپ، iPad ئېگىلىرى بالىلىرى ۋە ئۇكىلىرى ئۈچۈن بىر چۈشۈرۈپ ساقلاپ قويىدىغان ئەپ ئىكەن.
ئەپ ئىسمى : 自然艺术家
ساتقۇچى : Angell Echo
تۈرى : فوتو-سۈرەت
چوڭلۇقى : 39.5 MB
باھاسى : ۋاقىتلىق ھەقسىز.









































ئايپەد بولغان بولسا بىر ئويناپ باقاركەنمەن، شۇنداقتىمۇ چۈشۈۈرۈپ قوياي، ئەسقېتىپ قالار.
كۆپ رەھمەت !