يېڭى iPad ئېلان قىلىندى

بۈگۈن كەچتە، 3-ئەۋلاد iPad ئامېرىكا ۋاقتى 7-مارت سەھەردە جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتى. يېڭى ئايپەدكە ھازىرچە iPad 3 دەپ نام بېرىلمەپتۇ. ئورگان تور بېتىدە پەقەت The New iPad دەپلا ئاپتۇ. تۆۋەندە يېڭى iPad نىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىر كۆرۈپ چىقايلى.

ئالدىنقى يازمىمىزدا يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇنقى پەرەزلەرنى سۆزلەپ ئۆتىدىغان كونا ئادىتىمىز بويىچە iPad 3 نىڭ قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى پەرەزلىرىمىزنى ئېيتىپ ئۆتكەن ئىدۇق. ئۇ يازمىدىكى بەزى پەرەزلەر توغرا چىقتى. تۆۋەندە ھەقىقەتتىكى يېڭى iPad نىڭ بىر قانچە يېڭىچە ئالاھېدىلىكلىرى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

1. رېتىنا ئېكران

يېڭى iPad ئېلان قىلىندى

بىز ئېيتقانغا ئوخشاش يېڭى iPad نىڭ ئېكرانى iPad 2 گە قارىغاندا 2 ھەسسە چوڭايتىلغان بولۇپ، پىكسېل سانى 4 ھەسسە كۆپەيتىلگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئالما شىركىتى يېڭى iPad كە Retina ئېكرانغا ئېگە ئۈسكۈنە دەپ نام بەردى. بۇ ھازىر دۇنيادىكى پىكسېل سانى ئەڭ چوڭ يۆتكىلىشچان ئۈسكۈنە ھېسابلىنىدۇ. رېتىنا ئېكران iPad نى تېخىمۇ گۈزەل، تېخىمۇ قوللىنىشچان بىر نەرسىگە ئايلاندۇردى.

يېڭى iPad ئېلان قىلىندى

نۆۋەتتىكى ئەڭ سۈزۈك فىلىمنىڭ ئۆلچىمى 1920×1080 بولۇپ، بۇنى ئادەتتە 1080P ئۆلچەمدىكى HD فىلىمى دەپ ئاتايمىز. بۇ فىلىمنىڭ رازمىرى ئالاھىدە چوڭ بولغانلىقى ئۈچۈن بىر كىنو ھەتتا 45 گېگابايتمۇ كېلىدۇ. مۇشۇ سۈزۈكلۈكتىكى فىلىمنىڭ ئۆلچىمىدىن يېڭى iPad نىڭ ئېكرانى يەنە نەچچە مىليون پىكسېل يۇقىرى تۇرىدۇ.

يېڭى iPad ئېلان قىلىندى

2. مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ CPU

يېڭى iPad ئېلان قىلىندى

CPU نىڭ ھېلىقى يازمىدا ئېيتقاندەكلا چىققىنىغا ھەيران بولدۇم. پەرەزچى ئانالىيزچىلارمۇ راس يامانلىشىپ كېتىپتۇ. ئالما شىركىتى بۇ قېتىم راستىنلا A6 CPU نى ئېلان قىلماي، A5 نىڭ كۈچەيتىلگەن CPU سى A5X نى يېڭى iPad كە سەپلەپتۇ. يېڭى CPU ئىلگىرىكى iPad 2 گە قارىغاندا 4 ھەسسە چوڭايتىلغان ئېكراننى راۋان سۆرەپ ماڭالايدىكەن. ئېكران كۆرۈنىشى، ئويۇن ئوينىغاندىكى سۈزۈكلىكى خېلىلا كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپتۇدەك.

يېڭى iPad ئېلان قىلىندى

گەرچە يېڭى CPU ئىلگىرىكى iPad 2 نىڭ CPU سىنى كۈچەيتىپ ياسىغان بولسىمۇ، بۇ كۈچەيتىشنى كىچىك چاغلىغىلى بولمايدۇ. چۈنكى ئېكران چوڭلۇقى 2 ھەسسە چوڭايغىنى بىلەن ئومومى پىكسېل سانىنى ھېساپلىغاندا چېكىت 4 ھەسسە كۆپىيىدۇ. بۇنى ئەلۋەتتە يۇقىرى ئۈنۈملىك CPU بىر تەرەپ قىلمىسا «راۋان» دېگەن بۇ سۆزنى ئىشلەتسەك جايىغا چۈشمىگەن بولىدۇ.

يەنە بىر ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى شۇكى، A5X CPU بولسا 4 نېگىزلىك يۇقىرى ئىقتىدارلىق ئۆزەك. كىچىككىنە ئېكرانغا 3 مىليون 1 يۈزمىڭ دانە چېكىتنى راۋان ۋە جانلىق بىر شەكىلدە ھەرىكەتلەندۈرۈپ كۆرسىتىشى شۇنىڭ بىر ئىسپاتى.

3. iSight Camera

يېڭى iPad ئېلان قىلىندى

يېڭى  iPad كە ئالما شىركىتىنىڭ 5 مېگاپىكسېللىك iSight كامېراسى سەپلىنىپتۇ. بۇ كامېرا ئىلغار بولغان ئوپتىكا تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان بولۇپ، 1080P ئۆلچىمىدىكى HD سىنىنى ئالالايدۇ.

iSight كامېراسىغا ئالاھىدە ياسالغان سېنزور سەپلەنگەن بولۇپ، مەيلى كۈن نۇرىدىكى يورۇق مەنزىرە بولسۇن، مەيلى شام يورۇقىدىكى غۇۋا مەنزىرە بولسۇن، ئوخشاشلا ئوچۇق ۋە يورۇق رەسىمگە ئېرىشكىلى بولىدىكەن. iPhone غا ئوخشاش يىنىك چېكىش ئارقىلىقلا ئاپتۇماتىك فوكۇس نوقتىسى بەلگىلەشكە بولىدۇ. ئىچىدە ئادەم چىرايىنى پەرق ئېتىش قۇرۇلمىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، 10 دانە چىرايغا ئاساسەن ئاق بالانىسنى ئاپتۇماتىك تەڭشەيدۇ.

يېڭى iPad ئېلان قىلىندى

بۇنىڭغا يانداشتۇرۇپ 5 لېنزىلىق ۋە ƒ/2.4 لىك نۇر چەمبىرىكىگە ئېگە لېنزا ئىشلىتىلگەن. ئىشلەنگەن پۈتۈن ئەسلىھەلەر پۈتۈنلەي يۇقىرى تېخنىكىدىكى ئوپتىكا ئىلمى بويىچە ياسالغان بولۇپ، زىيانلىق ئىنفىرا قىزىلنۇر فىلتىرى سەپلەنگەن.

يېڭى iPad ئېلان قىلىندى

4. 4G LTE تورىنى قوللايدۇ.

يېڭى iPad ئېلان قىلىندى

دەرىجىدىن تاشقىرى سىمسىز تور 4G LTE نى يېڭى iPad قوللايدىكەن. 4G تورى نۆۋەتتىكى ئەڭ تېز سىمسىز تور بولۇپ، 3G غا قارىغاندا چۈشۈرۈش تېزلىكى 10 ھەسسىدىن ئاشىدۇ. بۇ تور تېخى دۆلىتىمىزدە ئەمەلىيلەشتۈرۈلگىنى يوق. ئامېرىكىدا بولسا AT&T ۋە Verizon لاردا 4G تورى ئەمەلىيلىشىپ بولدى. يېڭى iPad نىڭ 4G نۇسقىسىنى سېتىۋالغانلار مۇشۇ ئىككى شىركەتنىڭ تور كارتىسىنى سېلىپ چاقماق تېزلىكىدىكى 4G تورىدىن بەھرىمان بولالايدۇ.

يېڭى iPad ئېلان قىلىندى

توردا 4G LTE نىڭ سۈرئەت سىناق فىلىملىرى بەكلا جىق. قىزىققانلار ئىزدەپ كۆرسە بولىدۇ. يېڭى iPad كە دەل مۇشۇ 4G تېخنىكىسى قوللىنىلغان. GSM/UMTS تورىنى قوللايدۇ. بۇ HSPA+ ۋە DC-HSDPA تورىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. DC-HSDPA نىڭ تور سۈرئىتى 42 Mbps كە، HSPA+ نىڭ تور سۈرئىتى 21.1 Mbps كە يېتىدۇ. سىزنىڭ ئۆيىڭىزدىكى كەڭ بەلباغ تورىڭىز ئېشىپ كەتسە 3 ياكى 4 Mbps قۇ دەيمەن؟ مۇشۇنىڭ ئۆزى سىزنىڭ 4G تورىنىڭ سۈرئىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىۋېلىشىڭىزغا يېتەرلىك.

بۈگۈن بەك كەچ بوپكەتتى. ئاللاھ خالىسا كىيىنكى يازمىمىزدا يېڭى iPad ۋە ئېلان قىلىش يىغىنىدىكى باشقا يېڭىلىقلارنى داۋاملىق ئېلان قىلىمىز.

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



3 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. ئەسسالام بىرىنچى ئىنكاسنى مەنلا يېزىۋىتەي.سىرتقى كۆرۈنۈشتە بەك ئۆزگىرىش يوقمۇ نىمە

  2. سىرتقى كۆرىنىشىدە پەرق ناھايىتى ئاز، شۇ ئىقتىدار،سەپلىمىلىرى يېڭىلىنىپتۇ ، لېكىن چىننىڭ ھازىرقى ۋەزىيەت ، تور ئەھۋالى بىلەن ئالما مەھسۇلاتلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ، تازا پۇخادىن چىققۇچە ئىشلىتەلمەيمىز .

  3. قاتتىق دىتال قىسمى كۆرىنەرلىك ياخشىلىنىپتۇ.
    ھەي، يىڭى ئالغان 64GBلىق ئاق ipad2نى سىتىۋىتىپ يىڭىنى ئالايمىكى.
    ئالىدىغانلار بولسا سىتىۋىتىمەن.

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)


App Store دىن ئىزدەش

iOS 5 نىڭ بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسلىرى

iOS 5.0 ئابونتلىرى 5.0.1 گە يېڭىلىماقچى بولسا OTA شەكلىدىلا يېڭىلىسا بولىدۇ. بۇ ئەڭ قولاي ھەم ئەڭ ئىخچام ئۇسۇل. (مۇناسىۋەتلىك يازما) يېڭىلاش باسقۇچى: 设置-通用-软件更新

iPhone 3GS 4.3.5 5.0 5.0.1
iPhone 4 4.3.5 5.0 5.0.1
(iPhone 4 (CDMA 4.2.10 5.0 5.0.1
iPhone 4S - 5.0 5.0.1
iTouch 3 4.3.5 5.0 5.0.1
iTouch 4 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 1 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 Wifi 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 3G 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 CDMA 4.3.5 5.0 5.0.1

نۆۋەتتە iTunes نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى 10.5.3 . بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى: [Windows 64] [Windows 32] [Mac]

iTools نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى iTools 2012 Beta 0111 . بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى:
[English Version] [简体中文] [iTools for Mac]

© 2012 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
E-mail : ICP 备案 : 新ICP备10202432号
بەت ئۈستىگە قايتىش