CNBC نىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە قارىغاندا، 3-ئەۋلاد iPad ئامېرىكا ۋاقتى 7-مارت چارشەنبە ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى. كىشىلەرنىڭ ئۈمىدىدىكىدەك رېتىنا ئېكران، 4 نېگىزلىك CPU ۋە 4G تورىنى قوللاش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەر بارمۇ يوق، بۇنى ئاللاھ نىسىپ قىلسا مەھەللىمىزدە 8-مارت كۈنى تەڭ كۆرىمىز.
تۋىتتىردا ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە iPad 3 تېخىمۇ تېز بولغان سىمسىز تور 4G LTE نىمۇ قوللىغۇدەك. ئالمىنىڭ يېڭى مەھسۇلاتلىرىنىڭ نەقەدەر سىرلىق تۇتىلىدىغانلىقى ھەممەيلەنگە ئايان. مۇشۇنداق بولغاچقا، دۇنيا مىقياسىدا سان-ساناقسىز كىشىلەر يېڭى ئەۋلاد Apple مەھسۇلاتلىرىغا ھەرخىل قىياسلارنى باغلاپ پىكىر يۈرگۈزىشىدۇ. تۆۋەندە بىز كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىكى iPad 3 نىڭ « يېڭى ئالاھىدىلىكلىرى» نى پەرەز قىلىشىپ كۆرەيلى.
1. iPad 3 نۆۋەتتىكى iPad 2 دىن ئازراق قېلىن چىقىدۇ.
بۇ قېتىمقى iPad 3 نى كىشىلەر iPad 2 گە قارىغاندا كىچىككىنە قېلىن بولىشىنى پەرەز قىلىشىۋاتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبىنى ئىچىدىكى قاتتىق دېتاللارنىڭ سەپلىمىسىنىڭ يۇقىرى بولىشى، 4G تور ئانتىنىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىلىشىدىكى تېخنىكىلىق مەسىلە قاتارلىق ئامىللار دەپ قارىشىۋاتىدۇ. ئەگەر راستىنلا شۇنداق بوپقالسا، كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىكى «تېخىمۇ نېپىز، تېخىمۇ يېنىك» دەيدىغان «قائىدىسى» بۇزۇلۇپ كېتەرمۇ؟
2. 4G تورىنى قوللايدۇ.
ھەرقايسى چوڭ تور بەتلەردىكى پەرەزلەرگە نەزەر سالساق iPad 3 كە 4G تورىنى قوللايدىغان ئۆزەك ۋە ئانتىنا سەپلىنىدىكەن. ئەگەر راستىنلا مۇشۇنداق بوپقالسا 4G تورىنى قوللايدىغان جايلاردا iPad 3 تە ھەقىقىي تېز سۈرئەتلىك سىمسىز تورغا چىقىشقا بولغۇدەك. ئانالىزچىلار ۋە ھەرقايسى پەن-تېخنىكا بلوگلىرىنىڭ ئانالىزىغا قارىغاندا ئالما شىركىتى 2012-يىلى ئېلان قىلىدىغان ئۈسكۈنىلىرى 4G تورىنى قوللايدىكەن.
3. A6 CPU سەپلىنىدۇ.
ئۈلۈشيىلى (2 يىل بۇرۇننى قەشقەردە مۇشۇنداق ئاتايمىز. ئورتاق تىلىمىزدا نېمە دەپ ئېلىشىمنى ھېچ ئەسلەپ تاپالمىدىم) ۋە ئۆتكەنكى يىلدىكىگە ئوخشاش، يېڭى ئەۋلاد iPad ئېلان قىلىنغاندا ئالدىنقى ئەۋلادتىن تېزراق بولغان يېڭى بىر ئەۋلاد CPU سەپلىنەتتى. بۇ يېڭىلىنىش ئادەتتىكىدەك كىچىككىنە پەرق ھاسىل قىلىش ئەمەس، مەيلى سۈرئەت جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى ئويۇندىكى 3D ئۈنۈمىنى ھاسىل قىلىش جەھەتتە بولسۇن، زور دەرىجىدە پەرق ھاسىل قىلىش ئىدى. ئەگەر مۇشۇ قائىدە بويىچە بوپقالسا iPad 3 نىڭ CPU سى بەلكى 4 نېگىزلىك تېخىمۇ تېز CPU بولىشى مۇمكىن.
4. ياكى A5 نىڭ A5X دەيدىغان CPU ئىشلىتىشى مۇمكىن.
بەزىلەرنىڭ پەرىزىدە CPU بۇ دەرىجىدە تېز تەرەققىي قىلىپ كەتمەسلىكى مۇمكىن ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە iPad 3 كە iPad 2 گە سەپلەنگەن A5 كە ئوخشاپ كېتىدىغان قوش نېگىزلىك A5X ناملىق CPU سەپلىنىشى مۇمكىنكەن. بۇنداق بولغاندا سۈرئېتىنىڭ تېزلىكى ئۇ دەرىجىدە زور پەرق قىلىپ كەتمەسلىكىمۇ مۇمكىن.
5. كامېراسى 8 مىليون پىكسېلگە كۈچەيتىلىشى مۇمكىن.
مېنىڭچە بۇ خىل ئېھتىماللىق زور. چۈنكى كامېرانى 5 تىن 8 گە كۈچەيتىش ئالما ئۈچۈن ھېچقانچە چوڭ ئىش ئەمەس. يەنە كېلىپ ئېكرانى iPhone دىن خېلىلا چوڭ بىر مەھسۇلاتقا 8 مېگاپېكسىللىق كامېرا ئەلۋەتتە يارىشىدۇ. ئەگەر ئاشۇنداق بوپقالسا، كامېرا كۆزى iPad 2 گە قارىغاندا چوڭراق بولىشى مۇمكىن.
6. ئالدى تەرەپ كامېراسى HD Camera غا ئۆزگەرتىلىشى مۇمكىن.
بۇ خىل ئېھتىماللىقنىمۇ يوق دېگىلى بولمايدۇ. نۆۋەتتە ھەرقانداق بىر ئالدى-كەينىدە كامېراسى بار بولغان تېلىفون ياكى تاختا كومپىيۇتېرلىرىنىڭ ئالدى تەرەپتىكى كامېراسى بەك تەلەپكە لايىق ئەمەس. ئەگەر iPad 3 كە HD سۈپىتىدىكى ئالدى تەرەپ كامېراسى سەپلەنسە FaceTime لىرىمىزنىڭ سۈپىتى قانچە ياخشى بولۇپ كېتەر ھە؟
7. سىرتقى كۆرۈنىشى iPad 2 بىلەن ئاساسەن ئوخشاش
ئېنىق بولمىغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا iPad 3 نىڭ قېلىنلىقى iPad 2 گە قارىغاندا تەخمىنەن 1 مىللىمېتىر ئەتراپىدا چوڭراق بولىدىكەن. سىرتقى كۆرۈنىشى بولسا iPad 2 بىلەن ئوخشاش ئىكەن. ئەجەبا ئالما بۇ قېتىم iPhone 4S كە ئوخشاش iPad 3 نىمۇ iPad 2S بويىچە ئېلان قىلامدىغاندۇ؟
8. تېخىمۇ يۇقىرى بولغان ئېكران كۆرۈنىشى
يېڭى iPad كە ئېكران چوڭلۇقىنى ئىلگىرى iPhone 3GS تىن iPhone 4 كە 2 ھەسسىلەپلا چىققانغا ئوخشاش، iPad 2 دىن iPad 3 كىمۇ 2 ھەسسىلەپ چىقىشى مۇمكىن ئىكەن. ئەگەر شۇنداق بوپقالسا نۆۋەتتىكى 1024×768 دىن 2048×1536 گە چىقىشى مۇمكىن. لېكىن بۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ، ئېكرانى يەنىلا Retina تەلىپىگە ئۇيغۇن بولمايدۇ (بۇ توغرىسىدا مۇشۇ يازمىنىڭ ئاستىدىكى كۇلۇبىمىزدىن Uzboy نىڭ ئىنكاسىغا قاراڭ). لېكىن نېمىلا دېگەن بىلەن، كىچىككىنە بىر نەرسىنىڭ ئېكران چوڭلۇقى 24 سۇڭلاق ئېكرانىمىزنىڭ چوڭلۇقى بىلەن تەڭلىشىپ يۈرسە، بۇنىڭغا بىز ئەلۋەتتە كۆز يۇمۇپ « بۇ تېخى كىچىككەن، رېتىنا ئەمەسكەن» دەپ يۈرسەكمۇ سەت تۇرىدۇ. بۇنداق ئويلايدىغانلار نەچچە يىل بۇرۇنقى كومپىيۇتېرنىڭ 17 سۇڭلۇق 1024×768 لىك دومباق ياكى تۈز ئېكران ئىشلىتىپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىمىزنى ئەسلىشىپ قويساق بولىدۇ. كىچىككىنە iPad ئاشۇ يوغان ئېكراننىڭ 2 ھەسسىچىلىك چوڭلۇقتا …
9. iPad 2 ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىمايدۇ، پەقەت باھاسى چۈشۈرىلىدۇ.
دۇنياغا iPad دەيدىغان بىر ئۇقۇم پەيدا بولغاندىن بۇيان، باشقا ماركىدىكى رىقابەتچىلەر ئارقا-ئارقىدىن ئۆزىنىڭ تاختا كومپىيۇتېرلىرىنى ئېلان قىلىشىپ رىقابەتكە چۈشۈشتى. HP نىڭ تاختا كومپىيۇتېر ھەتتا 99 دوللاردىن سېتىلىۋاتىدۇ. مۇشۇنىڭدەك تاختا كومپىيۇتېر بازىرىدا باھا رىقابىتى كەسكىن بولغانلىقى ئۈچۈن، ئالما بەلكى رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن iPad 2 نى داۋاملىق ئىشلەپچىقىرىپ ئەرزان باھا خېرىدارلىرىنىڭ ئېھتىياجىنىمۇ قاندۇرىشى مۇمكىن.
10. باتارىيەسى تېخىمۇ ئۇزۇن يېتىشى مۇمكىن.
مېنىڭچە بۇمۇ ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن بىر مەسىلە. چۈنكى ئالما ھەر قاچان ھەرقايسى مەھسۇلاتلىرىنى ئېلان قىلغاندا باتارىيەسىگە ئالاھىدە ئېتىۋارىنى بېرىپ مەخسۇس توختىلىپ ئۆتىدۇ. پەرەزلەردە باتارىيەسى 20 سائەتكە يېتىدىكەن.
11. iPad 3 كە 3D تېخىنىكىسى قوللىنىلىشى مۇمكىن.
3D تېخنىكىسىنىڭ ئالما مەھسۇلاتلىرىغا كۆچۈپ كىرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر خېلى زامانلار بۇرۇنلا چىققان ئىدى. پەرەزلەردە بۇ تېخنىكا iPad 3 تىن باشلاپ بىز بىلەن يۈز كۆرۈشۈشى مۇمكىنكەن.
ھەقىقىي ئەھۋال زادى قانداق، بۇنى كىشىلەر ئارىسىدا ئالما شىركىتىنىڭ بىرقىسىم ئەزالىرى، ئاندىن كىيىن 富士康 شىركىتىدىكى ئىشچىلار بىلىدۇ. خۇدا خالىسا 8-مارت سەھەردە ئاللاھ سالامەتچىلىكنى بەرسە بىزمۇ بىلەرمىز…









































ھەر قېتىم يېڭى بىر ئۈسكۈنە ئېلان قىلىنىدىغان چاغدا مۇشۇنداق غايىبانە پەرەزلەر ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ.
ئەمما ئېلان قىلىنغاندا بولسا . . . . . .
بەزىلەر ئايپەد ئىككى سېتىلىشتىن توختىشى مۇمكىن دەپ ئەنسىرىتىۋاتاتتى. ئۇنداق بولماس ھە؟؟
باھاسى ھېچ چۈشۈپ بولالمىدى بۇ بىژژژمىنىڭ…
بۇ قېتىم iPad 3 نىڭ ئىكران ئېنىقلىق دەرىجىسى 1536×2048 گە كۆتۈرىلىشى ئېنىقتەك تۇرىدۇ. لېكىن ئەگەر 9.7 سۇڭلۇق ئېكراندا ئېنىقلىق دەرىجىسى 1536×2048 بولسا يەنىلا iPhone 4 نىڭكىدەك (Retina(视网膜 بولالمايدۇ. شۇڭا بۇنى Retina ئېكران دەپ كىتىشكە ئالدىرىماسلىق كىرەك.
سېتىۋ جوبس iPhone 4 نى ئىلان قىلغاندا ئىكران ئېنىقلىقى iPhone 3GS دىن ئىككى ھەسسە چوڭايتىلىپ، PPI سى 326 گە يەتكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئادەم كۆزى بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان چەك 300PPI دىن ئىشىپ كەتكەنلىكىنى ئىيتىپ، بۇ دۇنيادىكى تۇنجى Retina ئېكران دەپ ئېلان قىلغان ئىدى.
PPI دىگىنىمىز ئېنگلىزچە Pixels per inch نىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، مەنىسى ھەربىر دىيۇم(يەنى سۇڭ، 英寸)دىكى ئېنىقلىق دەرىجىسى(Pixel)نىڭ سانىنى بىلدۈرىدۇ. يەنى قانچىكى كىچىك ئېكراندا ئېنىقلىق دەرىجىسى(Pixel) چوڭ بولسا PPI مۇ شۇنچىكى چوڭ بولىدۇ.
PPI نى ھىساپلاش ئۇسۇلى تۆۋەندىكى رەسىمدىكى ئېكسىل فورمۇلاسىدا كۆرسىتىلگەن، مۇشۇ فورمۇلا بويىچە ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ ئېكرانىنىڭ PPI سىنى ھىساپلاپ كۆرسە بولىدۇ.
بۇنىڭدىن كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى، ئەگەر 1536×2048 بولغاندا PPI سى 264 بولىدۇ. ئەگەر 1920×2560 بولغاندىلا iPhone 4 نىڭكىدەك ھەقىقى Retina ئېكران بولىدۇ. لېكىن بۇ قىتىم بۇنداق بولالىشى مۇمكىن بولمايدىغاندەك تۇرىدۇ.
iPad 2S دەپ ئېلان قىلىپ قويمىسىلا بولاتتىغۇ
ئاۋۇ ئېكران ئېنىقلىغىنى ھېسابلاش فورمۇلاسىنى تېخىمۇ ئېنىقراق چۈشەندۈرۈپ ، ئوچۇقراق يېزىپ قويۇڭلار ، ئىككى تىرناق ئىچىدىكى ئەمەلنىڭ ئوتتۇرىدىكى ئۈستى تەرەپتىكى يۇقىرى يېرىم يايسىمان بەلگە نىمىنى بىلدۈرىدۇ ؟
بۇ فورمۇلانىڭ ئەسلىسى مانا بۇ:
^ بەلگىسى كومپيۇتېردا دەرىجىگە كۆتۈرۈش ئەمىلى ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ. مەن ئۈستىدىكى رەسىمدىكى فورمۇلانى كومپيۇتېردا ھىساپلاش ئۈچۈن ئېكسىلگە تۆۋەندىكىدەك يازغان:
(960*960+640*640)^(1/2)/3.5≈330
بۇنى ئېكسىلگە يازغاندا تۆۋەندىكىدەك يازساقمۇ ئوخشاش:
(960^2+640^2)^0.5/3.5≈330
دىمەك بۇ فورمۇلادا كۆرسىتىلگەندەك، كومپيۇتېردا مەلۇم بىر ساننىڭ كۋادىراتىنى تېپىش ئۈچۈن شۇ ساننىڭ ئارقىسىغا 2^ دەپ يازىمىز. مەلۇم بىر ساننىڭ كۋادرات يېلتىزىنى تېپىش ئۈچۈن يىلتىز ئاستىدىكى ساننىڭ ئارقىسىغا 0.5^ دەپ يازساق شۇ ساننىڭ يىلتىزىنى ھىسابلاپ چىقىدۇ. بۇ فورمۇلادىكى 960 ۋە 640 بولسا ئېكراننىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى، 3.5 بولسا ئېكراننىڭ چوڭلۇقى.
ئەمدى چۈشەنگەنسىز؟
رەھمەت ، چۈشەنگەندەك قىلىمەن … ، قالغىنىنى توغرا ھېسابلاپ چىقالىسام ھېساب…
مەن ئىشلىتىۋاتقان كومپىيوتىرىمنىڭ ئېكرانىنى ھېسابلاپ باقاي دىگەن …
DELL 2312 Hm ئېكران . 1920 * 1080 23 دىيوم = ؟
كىيىنكى قېتىم قالدۇرغان فورمۇلاغا ئاساسەن ھېسابلاپ باقسام ، مېنىڭ بۇ ئېكرانىمنىڭ PPI = 112 چىقتى ،
بۇ ئېكراننى يېقىندا ئالغان dell ماركىلىق ، IPS LED ئېكران ئىدى ، قارىسامغۇ سۈزۈكلىگى ئاجايىپ ياخشى بۇ ئېكرانىمنىڭ ، ئەمما ئاۋۇ PPI سى ئارانلا 112 چىقىپتۇ … ، ماۋۇ 112 لىك ئېكرانىمنىڭ بۇنچىلىك سۈزۈكلىگىدىن قارىغاندا 330 چىقىدىغان ھەقىقى رېتىنا ئېكرانلىرىنىڭ سۈزۈكلىگىگە گەپ كەتمىگۈدەك جۇمۇ …
بەزىبىر ئاندرويد ئىشلىتىدىغان دوسلىرىم ، سامسۇڭ نىڭ سۇپېر ئامولېد ئېكرانلىرى ئەڭ سۈزۈك ، ئايفۇننىڭ رېتىنا ئېكرانلىرىنىڭ سۈزۈكلىگى سامسۇڭ نىڭ سۇپېر ئامولىد ئېكرانلىرىنىڭ يېرىمىغا تەڭ كېلىدۇ دەيدۇ ، راس شۇنداقمۇ ؟