Van Pershing ناملىق بۇ ئويۇن يۈرۈشلۈك بولۇپ، بۈگۈنكىسى Van Pershing – The Showdown . بۇنىڭدىن باشقا Van Pershing – Monsters Hunter دەپ ئۆتكەل ئېشىپ ئوينايدىغان يەنە بىر ئويۇنى بار. بۇ ئويۇن Universal تېخنىكىسى بىلەن ياسالغاچقا ئايفون، ئايپود تاچ (ئايتاچ) ۋە ئايپەدلەرنىڭ ھەممىسى ماس كېلىۋېرىدۇ. بىر قانچە ئالما مەھسۇلاتلىرىنى تەڭ ئىشلىتىۋاتقانلارغا ئوشۇقچە چىقىمنىڭ ھاجىتى يوق. لېكىن بۇ بۈگۈن ھەقسىز!
بۇ ئويۇننىڭ 2D كۆرۈنىشى سۈپسۈزۈك بولۇپ، ئايفون 4 نىڭ رېتىنا ئىكران تەلىپى بويىچە لايىھەلەنگەن. پىرسوناژ ئۆزى كارتون شەكىللىك بولغىنى بىلەن جەريان ناھايىتى كەسكىن، جانلىق.
ئويۇننىڭ ئاۋازى تولىمۇ ماس كەلگەن بولۇپ، قويۇق ئورماندا مۇردا ئارىسىدا قېلىۋاتقان ھىسياتنى بېرەلەيدۇ.
جەڭدە ئۆزىڭىزنىڭ قولىڭىزدىكى قورال ئارقىلىق سىزگە توختىماي ھۇجۇم قىلىۋاتقان مۇردا، يەكچەشمە، مادورا ۋە بۆرىلەرنى قىرىپ تاشلايسىز.
ئويۇننىڭ 2 خىل ئويناش ئۇسۇلى بار. بىرى ئىستىھكامدا تۇرۇپ جان قوغداش ھالىتى. يەنە بىرى، چەكسىزلىك ھالىتى. قېنى سىز قانچىلىك بەرداشلىق بېرەلەيسىزكىن؟
ئويۇن ئىسمى : Van Pershing – The Showdown
ياسىغان شىركەت : ECO Pawel Jarosz
قوللايدىغان سۇپا : Game Center
ئويۇن تۈرى : جەڭ
چوڭلۇقى : 38.1 MB
چۈشۈرۈش ئادرىسى : (ئايفون ۋە ئايپەد ئۈچۈن ئورتاق)
ئەسكەرتىش: بۇ ئويۇننىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق. بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېزراق چۈشىرىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما ئايفوندا سىناق قىلىندى.
iTunes قا تىزىملىتىش جەريانىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ.









































پەيزى ئويۇندەك قىلىدۇ
ئالمىنىڭ بىرەر مەھسۇلاتىنى ئىشلىتىپ باققان كىشى مۇشۇ ماركىغا كۆيۈپلا قالىدىكەن. iPad تىن بىرنى ئېلىشقا نىيەتنى بۇزۇپ يۈرگىلى خېلى بولدى. Universal نى دەپ بولسىمۇ ساقلاپ قويىۋاتىمەن. ئاللاھ نىسىپ قىلىپ بىرەرنى ئېلىشقا قادىر بولغىنىمدا قاچىلايدىغان نەرسە تاپالماي قالماي دەپ
كىچىك ئويۇنلارنى ئىزدەپ ، بەيدۇلاپ پالاقلىمىساممۇ …..بلوگىڭىزغا كىرسەم بولغۇدەك …كىرىپلا …فەچەت ئويۇنلارنى چۈشۈرۋالدىم …
تېخى يېڭى «بايقاپ» سىزدە!
ئويۇننى قاچىلىۋىلىپلا قاچماي باشقىلىغىمۇ تەۋسىيە قىلىپ قويىلى
پاسىبان ەپەندى QQنى اپتۇماتىك وچۇق ھالەتكە تەڭشەپ قويۇپ ،باش بەتكە قايتپ كەتسەك،كەلگەن ۇچۇرنى ەسكەرتمەيدىكەن،لېكن بەزلەر بولىدۇ.دەيدۇ.شۇنداق سېستىما بامۇ قايسى سېستىما تاپالمىدم
4.0 لىك سېستىمىدىن كىيىن ئارقا سۇپىدا ئىجرا بولۇش ئىقتىدارى قوشۇلغان ئىدى. ئەگەر 2-ئەۋلاد ئايفون (iPhone 3G) بولمىسا سېستىمىنى 4.0 دىن يۇقىرى نەشىرگە يېڭىلىغاندا بۇ ئىقتىدار ئاپتۇماتىك قوشۇلىدۇ. ئارقا سۇپىدا ئىجرا بولۇشنى قوللايدىغان App نىڭ ھەممىسى Home كونۇپكىسىنى بېسىپ چىكىنسەكمۇ ئارقىدا ئىجرا بولىۋېرىدۇ. ئايفون 2 نىڭ سەپلىمىسى تۆۋەن بولغاچقا 4.0 سېستىمىنى قاچىلىغاندىن كىيىن بەك ئېغىرلىشىپ كەتكەنلىكتىن بۇ ئىقتىدارنى چىقىرىۋەتكەن.
ئەگەر سىزنىڭ سېستىما نەشىرى 4.0 دىن تۆۋەن بولسا Cydia دىن مۇناسىۋەتلىك ياماقلارنى ياماش ئارقىلىق بۇ ئىقتىدارنى قوشسىڭىز بولىدۇ.