نەچچە كۈنلۈك سەپەردىن كىيىن ئاخىرى خىزمەت ئورنىمغىمۇ يېتىپ كەلدىم. بۈگۈن ئەتىگەن قارىسام ماۋۇ پەچەت ئوماق ئويۇن ھەقسىز تارقىتىلىپتىكەن. كۆرىنىشى ناھايىتى ئوماق ھەم بەك چىرايلىقكەن. بۇ مەنبەنى سىلەرنىڭ ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم. بالىڭىزنىڭ كاللىسىنى ئاچىدىغان پەچەت ئويۇننى كەتكۈزۈپ قويمىغايسىز.
مونو ئويۇننىڭ باشقا ئالاھىدە تەرىپى يوق. ئادەتتىكى رەسىم قوراشتۇرۇش ئويۇنلىرى بىلەن ئوخشاش. لېكىن بىر ئالاھىدە يېرى، رەسىملىرى ناھايىتى ئوماق بولغان ماي بوياق بالىلار رەسىملىرى بولۇپ، ئادەمنىڭ تولىمۇ مەستلىكىنى كەلتۈرىدۇ.
كىرىشتۈرگەن مۇزىكىلىرىنى دېمەڭ تېخى. ئىشقىلىپ ئويۇن باشتىن ئاخىر ناھايىتى يىنىك، لەرزان، يېقىملىق ھوزۇر بېرىدۇ.
مۇشۇنداق ئوماق ئويۇننى ئايفون 4 نىڭ رېتىنا ئېكرانىغا ماسلاشتۇرۇپ يۇقىرى ئېنىقلىقتا ياسىمىسا تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولىدۇ، ئەلۋەتتە! ئەسلى ئايپەد ئۈچۈن لايىھەلىگەن چوڭ رەسىملەر ئايفونىڭىزدا رېتىنا ئېكران ئۆلچىمى بويىچە ناھايىتى سۈزۈك كۆرىنىدۇ.
بۇ ئويۇن ئايفون ۋە ئايپەد ئۈچۈن ئورتاق بولۇپ، ئالما مەھسۇلاتى ئىچىدىكى ئايتاچ، ئايفون، ئايپەدلەرنىڭ ھەممىسىگە چۈشىۋېرىدۇ. ئايپەد ئۈچۈن ئايرىم چۈشۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق. خوش، ئەمدى گەپنى سىزدىن ئاڭلايمىز.
ئويۇن ئىسمى : Drawing Book Jigsaw
ياسىغان شىركەت : Black Box Studio
ئويۇن تۈرى : ئارامبەخش
چوڭلۇقى : 16.1 MB
ئەسكەرتىش: بۇ ئويۇننىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق. بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېزراق چۈشىرىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما ئايفوندا سىناق قىلىندى.
iTunes قا تىزىملىتىش جەريانىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ.









































ئايپادقا كومپىيوتىردىكى كىنو-فىلىملەرنى قانداق قاچىلايدۇ؟ مۇشۇ ھەقتە ياردەم قىلسىڭىز؟؟
iPod دېمەكچى ئوخشايسىز. ئايفونغا ئوخشاشلا. ئايتۇنىس بىلەن 同步 قىلىش ئارقىلىق قاچىلايمىز. ئاۋال قاچىلىماقچى بولغان فىلىملەرنى (MP4 ھالىتىدە بولىشى كېرەك) تاللاپ ئايتۇنىسقا سۆرەپلا ئەكىرسىڭىز بولىدۇ. ئاندىن 同步 قىلىدىغان مەزمۇنلار ئىچىدىن 影片 دېگەن تۈرنى تاللاپ 同步 قىلسىڭىز بولدى.
ھەقلىق قىلىۋېتىپ بوپتۇ. كاساپەتلەر ئاران نەچچە سائەتلا ھەقسىز قويىۋېتىپتۇ چۈپەيلىشىپ …