بۈگۈنكىسى پەقەت ئايپەد ئۈچۈن چۈشۈرۈشكە بولىدىغان ئويۇن . ئويۇننىڭ ئىسمى Jules Verne’s Return to Mysterious Island – Deluxe Edition . بۇ ئويۇن سىر يىيىش تۈرىدىكى ئويۇن بولۇپ Jules Verne نامىلىق ھېكايىدىكى ۋەقەلىككە ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن. تەۋەككۈلچىلىك، ئەقىل سىناش، سىر يىيىش تۈرىدىكى ئويۇنغا تەۋە. بۇ خىلدىكى ئويۇن ئىچىدىكى 3D لىك كۆرۈنۈشتىكى كاتتا ئەسەر ھېساپلىنىدۇ.

ئويۇندا بىز باش پىرسوناژ Mina نىڭ رولىنى ئالىمىز. Mina بىر قېتىملىق ساياھەتتە دېڭىزدا قاتتىق بوران-چاپقۇنغا ئۇچرايدۇ.

ئاندىن تىغ جېنى بىلەن بىر يىگانە ئارالغا كېلىپ قالىدۇ. ئۇ ئارالدا يۈرۈش جەريانىدا قەدىمكىلەر ئىشلەتكەن ھەرخىل نەرسىلەرنى، ئۆي ۋە خارابىلەرنى ئۇچرىتىدۇ. بۇلار ئىلگىرى بۇ ئارالغا باشقا كىشىلەرنىڭمۇ كېلىپ باققانلىقىنى بىلدۈرەتتى.

لېكىن Mina بىرەر كىشىنىمۇ ئۇچراتمايدۇ. ئۇ ئۆز قابىلىيىتىگە تايىنىپ ئورماندا ھايۋانلارنى ئوۋلاپ بىر مەزگىل تۇرمۇشىنى ئۆتكۈزىدۇ. ئارىدىن مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندە Mina بىر نەرسە كەينىگە چۈشىۋالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلايدۇ.

ئۇ ئەسلى باشقا نەرسە ئەمەس، كاپىتان نېمونىڭ روھى ئىكەن. ئۇنىڭ جەسىتى دېڭىز ئاستىدىكى پاراخوتنىڭ ئىچىدە بولۇپ، مىنانىڭ ياردەملىشىپ ئۇنىڭ روھىنى ئەمىن تاپقۇزۇشىغا مۇھتاج بولىدۇ.

ئويۇن ئىسمى : Jules Verne’s Return to Mysterious Island – Deluxe Edition

ياسىغان شىركەت : Anuman Microids

ئويۇن تۈرى : ئەقىل سىناش

چوڭلۇقى: 749 MB

چۈشۈرۈش ئادرىسى:

ئەسكەرتىش: بۇ ئويۇننىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق.  بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دىققىتىڭىز دائىم كۇلۇبىمىز مەزمۇنلىرىدا بولسۇن.

* تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ياكى ئايپەد ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما سىناق قىلىندى.

iTunes  قا تىزىملىتىش جەريانىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش