مۇسابىقە ئويۇنلىرىنى ياقتۇرمايدىغانلار بەكلا ئازغۇ دەيمەن. بولۇپمۇ ئوغۇللار ئىچىدە. Uber Racer 3D – Sandstorm ناملىق مونو ئويۇن ھەقىقىي مەنزىرىدەك تۇيغۇ بېرىدىغان 3D لىك دالا ماشىنا مۇسابىقە ئويۇنى. ماتورنىڭ شەھەر خارابىلىرى ئارىسىدا ئەتراپنى بىر ئېلىپ ھۆكۈرىگەن ئاۋازى بىلەن يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئەمەلىيەتكە تەدبىقلانغان ئويۇن كۆرۈنۈشى سىزنى چوقۇم رازى قىلىدۇ. ئايپەد ۋە ئايفونىڭىز ئۈچۈن پەقەت 1 تاللا چۈشۈرسىڭىز يېتىدۇ. يەنە بىر Universal ئويۇنى!
ئويۇندا 10 خىل مەيدان تەمىنلەنگەن. سۈرەت كۆرۈنۈشلىرى ئىنچىكىلىك بىلەن لايىھەلەنگەن. ئاۋازى تېخى! ماشىنا يۇقىرى دەرىجىدە تەقلىد قىلىنغان. سوقۇلۇش ئۈنۈملىرىمۇ خېلى پەچەت.
چىمپىيونلۇق تالىشىش تۈرىدە نەچچە ئونلىغان مۇسابىقە سىزنىڭ يېڭىشىڭىزنى كۈتمەكتە! ئىشىنىمەنكى بىر كىرىشىپ كەتسىڭىز نەچچە سائەت ۋاقتىڭىز كېتىپ قېلىشى مۇمكىن. ۋاقىتنى ئۈنۈملۈك ئورۇنلاشتۇرۇڭ.
بۇ ئەپ ئۇنىۋېرسال تېخنىكسى بىلەن ياسالغان. ئايپەد، ئايفون ۋە ئايتاچ قاتارلىق ئالمىلارنىڭ ھەممىسىگە چۈشىۋېرىدۇ. مۇشۇ بىرلا ئەپ بىلەن ھەممە ئالمىلىرىڭىزدا ھوزۇرىنى سۈرەلەيسىز. ھەقسىز ۋاقتىدا قولدىن بېرىپ قويماڭ~!
باشقىنى قويۇپ سىننى بىر كۆرۈڭ.
ئويۇن ئىسمى : Uber Racer 3D – Sandstorm
ياسىغان شىركەت : Mad Processor GmbH
ئويۇن تۈرى : مۇسابىقە
چوڭلۇقى : 283 MB
ئەڭ تۆۋەن سېستىما تەلىپى : + iOS 3.0
چۈشۈرۈش ئادرىسى : (ئايفون ۋە ئايپەد ئۈچۈن ئورتاق)
ئەسكەرتىش: بۇ ئويۇننىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق. بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېزراق چۈشىرىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما ئايفوندا سىناق قىلىندى.
iTunes قا تىزىملىتىش جەريانىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ.









































pasiban.com 不错嘛。。。
嘿嘿!欢迎欢迎!你是“看样子觉得不错”还是“内容丰富才觉得不错”啊!哈哈
我觉得什么都不错