ipad-calling

iPad ئىشلىتىۋاتقانلارنىڭ مېنىڭچە يەنە بىر ئورتاق ئارزۇسى بولىشى مۇمكىن. ئۇ بولسىمۇ، مۇشۇ يوغان تاختاينى iPhone غا ئوخشاش تېلىفون ئۇرغىلى بولىدىغان، ئۇچۇر ئىۋەتكىلى بولىدىغان «گېگانت iPhone» قىلىۋېلىش. بەلكى 3G نۇسقىسىدىكى iPad چىلەرنىڭ بۇ خىل قارىشى كۈچلۈكرەكقۇ دەيمەن. بۈگۈن بۇنىڭ مۇمكىنچىلىك ئىكەنلىكىنى بىر ئىسپاتلايلى.

iPadنى iPhone غا «ئۆزگەرتكەندىن» كىيىنكى رەسىمىدىن بىرنى كۆرىۋەتمەي بولمايدۇ، ئەلۋەتتە.

بۇنى Cydia دىن قاچىلايدىغان بىر ئەپ ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرىمىز. بۇنىڭ شەرتلىرى:

  • چوقۇم 1-ئەۋلاد iPad بولىشى كېرەك.
  • 3G نۇسقىدىكى iPad بولىشى كېرەك.
  • سېستىمىسى 4.3.3 لىك بولغان بولىشى ۋە مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان بولىشى كېرەك.
  • 5.0 نىڭ نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان نۇسقىسى بولسىمۇ بولىدۇ.
  • راۋان WiFi تورى ياكى 3G تورى بولىشى كېرەك.
  • تور بانكىسى ئارقىلىق ياكى 支付宝 ئارقىلىق تۆلىگىلى بولىدىغان 130 يۈەن خەلق پۇلىمىز بولىشى كېرەك.

مۇشۇ شەرتلەرنى ھازىرلىغان بولساق ۋە رازى بولساق كىيىنكى قەدەمنى داۋاملاشتۇرىمىز.

Cydia نى ئېچىپ مەنبە قوشىدىغان جايغا تۆۋەندىكى مەنبەنى قوشۇڭ (ئەگەر مەنبە قوشۇشنى بىلمىسىڭىز بۇ يازمىدىن پايدىلىنىڭ):

http://apps.iphoneislam.com

بۇمۇ ئەرەپ خاككىرلىرىنىڭ قولىدىن چىقىپتۇ. ھېلىقى 3GS تە FaceTime نى ئىجرا قىلغۇزغانلار ئاشۇ شۇ.

مەنبە قوشقاندىن كىيىن بەزى تەستىقلاشلاردىن ئۆتۈشكە باشلايدۇ.

مەنبە قوشۇلۇپ بولغاندىن كىيىن قوشۇلغان مەنبە قاتارىدا iPhonelslam دەيدىغان بىر مەنبە كۆرىنىدۇ. ئۇنى ئېچىپ ئىچىگە كىرسەك PhoneIt-iPad دەيدىغان 4.3.3 كە ۋە 5.0 گە ئايرىم-ئايرىم ماس كېلىدىغان 2 تال ئەپنى كۆرىمىز. سېستىما نەشىرىمىز قايسىنىڭغا توغرا كەلسە شۇ نۇسقىسىنى قاچىلاشقا باشلايمىز.

راۋان WiFi تورى ياكى 3G تورى بولىشى دېگىنىمىزنىڭ سەۋەبى دەل مۇشۇ. بۇ ئەپنى قاچىلىغۇچە بولغان ۋاقىتتا تور مۇھىتى لازىم بولىدۇ. تېلىفۇن ئۇرۇشقا تور بولىشى شەرت ئەمەس.

قاچىلىغۇچە كومپىيۇتېر بىلەن بۇ توربەتنى ئاچىمىز:  http://www.iphoneislam.com/phoneitipad/

ئېچىپ ACTIVE YOUR COPY NOW نى باسىمىز. تەرتىپ بويىچە قەدەممۇ-قەدەم ئېلىپ بارىمىز. بۇ مەشغۇلاتلار قىيىن ئەمەس.

بۇنىڭ ئاستىدا ئۈسكۈنىڭىزنىڭ بىردىنبىر نومۇرى بار بولۇپ، شۇ نومۇرنى كىرگۈزىدىغان يەر بار، شۇنى كىرگۈزۈپ داۋاملاشتۇرىمىز. داۋاملاشتۇرۇپ پۇل تۆلەش باسقۇچىدا 130 يۈەننى تور بانكىسى ئارقىلىق تاپشۇرساق ئىش پۈتىدۇ.

بۇ چاققىچە iPad تە ھېلىقى ئەپنى قاچىلاپ بولىدۇ. ئۈسكۈنىنى قايتا قوزغاتقاچ بىر ئاز ساقلايمىز.

قايتا قوزغاتقاندىن كىيىن ئاساسى ئېكرانغا Phoneltipad دېگەن ئىسىمدا بىر ئەپ پەيدا بولىدۇ.

بۇنى چېكىپ ئىچىگە كىرىپ ئاستىدىكى قايتا قوزغىتىش كونۇپكىسىنى چېكىمىز. ئاندىن ئۈسكۈنە يەنە بىر قېتىم قايتا قوزغىلىدۇ. بۇ چاغدا ھېلىقى ئەپ ئۆزىنى قۇربان قىلىپ ئورنىغا 2 دانە تېلىفون ئىقتىدارىغا ئېگە «ئەپ» نى قالدۇرۇپ قويغان بولىدۇ.

ئەمدى بىزنىڭ iPad ىمىز بىلەن تېلىفون ئۇرغىلى، قىسقا ئۇچۇر يوللىغىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن iPad گېگانت iPhone غا ئۆزگىرىدۇ.

يۇقارقى ئۇسۇل بىلەن ئايپەدنى تېلىفونغا ئۆزگەرتىۋېلىشنىڭ ئالاھېدىلىكىنى ئېيتىپ ئولتۇرمايمىز، كەمچىللىكىنى ئېيتساق:

  • ئۈستىدە ئالدى تەرەپ كامېرا يېنىدا قۇلاق ئاڭلايدىغان يېرى يوق، پەقەت ياڭراتقۇسىدىنلا قارشى تەرەپ ئاۋازىنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ.
  • يوغان بىر نەرسە بىلەن تېلىفون ئۇرۇش بىر ئاز بىئەپ. زادى بىر سىناپ باققۇسى، 130 يۈەن يانچۇققا پاتماي ئۈسسۈپ خاپا قىلغانلار بولسا سىناپ باقسىمۇ بولىدۇ.
  • ئۇنىڭ ئوينىغا توردىن تېلىفون قىلغىلى بولىدىغان ئەپلەر بار. Skype, Viber دېگەنگە ئوخشاش. شۇلار ئارقىلىق پۇل قاچىلاپ قويۇپ شۇنىڭغا تېلىفون قىلساقمۇ بولىدۇ. بۇنىڭغا تېخى تۈرمىدىن قاچۇرۇشنىڭمۇ ھاجىتى يوق.

ئۆزى دەيدىغاننى دەپ بولۇپ يەنە ئىنكار قىلىپ … دەپ قالماڭلار، ئۆزۈمگە قويسا مەن سېتىۋېلىپ ئۇنى تېلىفون قىلىپ ئولتۇرمايمەن. بۇ يازمىنى زادى مۇشۇنداق قىلغىلى بولامدىغاندۇ، دەيدىغانلار ئۈچۈن يازدىم. پايدىلىنىدىغانلارغا پايدىسى تېگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

مەنبە: ipad.tgbus.com

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



8 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. بۇمۇ بولىدىغان پىچەت ئۇسۇلكەن ، لېكىن سىز ئوتتۇرغا قويغان «راۋان WiFi تورى ياكى 3G تورى بولىشى دېگىنىمىزنىڭ سەۋەبى دەل مۇشۇ. بۇ ئەپنى قاچىلىغۇچە بولغان ۋاقىتتا تور مۇھىتى لازىم بولىدۇ. تېلىفۇن ئۇرۇشقا تور بولىشى شەرت ئەمەس.» ……ماۋۇ دېگەنلىرىڭىزنى تازا چۈشىنەلمىدىم بۇرادەر ، تېلېفون قىلىشقا تورنىڭ ھاجىتى بولمىسا ، ياكى تېلېفون كارتىسىمۇ سالمىسا ئۇنداقتا سۆزلىشىش سېگىنالى قايسى يەردىن ئۆتىدۇ ؟

    لېكىن ، مەن ipda2 بىلەن iphone4 دە ئالمىنىڭ ID ھېساباتى ئارقىلىق كۆرۈنمە چاستوتىلىق ھالدا پاراڭلىشىپ باققان ، سۈرەت ۋە ئاۋاز شۇنداق سۈزۈك چىقىدىكەن كاساپەت ، ھەم يەنە كىلىپ WiFi تورى ياكى 3G تورى بولسىلا كۇپايىكەن . بۇنىڭغا سېگىنال WiFi تورى ياكى 3G تورىدىن ئۆتكەندە باشقا ھېچقانداق ھەقمۇ كەتمەيدىكەن . ئەگەر ئالمىنىڭ مۇشۇ تېخنىكىسى داۋاملىق تەرەققى قىلىپ ، يەر شارىنىڭ ھەممە يېرىنى يۇقىرى سۈرئەتلىك WiFi تورى قاپلايدىغان ئىش بولسا بولسا كەلگۈسىدە خەۋەرلىشىش شىركەتلىرىنىڭ مەۋجۇتلىقى چوقۇم تەڭداشسىز خەۋپكە دۇچ كىلىشى مۇمكىن . :-D

    • شۇ Cydia دىن ئەپ چۈشۈرگەندە تور لازىم دېگەن گەپ. تېلىفۇن ئۇرۇش بىلەن باغلىۋالمىسۇن دەپ ئاتايىتەن چۈشەندۈرۈش بەرگەن ئىدىم.
      «ئالمىنىڭ ID ھېساباتى ئارقىلىق كۆرۈنمە چاستوتىلىق ھالدا پاراڭلىشىش» دېگىنىڭىز FaceTime شۇدۇ؟ بۇنى چۈشەندۈرگەن يازمىدا ئېيتىپ ئۆتكەن ئىدىم. FaceTime ھازىر iPhone دىلا ئەمەس، iPod touch, iPad ۋە Mac كومپىيۇتېرلىرىدىمۇ نورمال خىزمەت قىلىدۇ. ھەرقايسى نەرسىلەر ئارا خالىغانچە ھەقسىز سۈرەتلىك پاراڭلىشالايمىز، دەپ.

  2. مەندە ipad2 wifi / 3g دىن بىرسى بار ئىدى ، بۇنىڭدا wifi ئارقىلىق iphone4 كە تېلفۇن قىلىپ سىناپ باقتىم ، ، ھەقىقەتەن سۇرەتلىك پاراڭلاشقىلى بۇلىدىكەن ، لېكىن چۇقۇم wifi مۇھىتى بۇلۇشى كېرەك ئىكەندە ،سىز دىگەن ئامالنى ئىشلىتىش ئۈچۈن چۇقۇم 1-ئەۋلاد iPad بولىشى كېرەكما ؟ ipad2 wifi / 3g نىڭ 5.0.1 نەشىردە بولمدۇ ؟ مىنىڭچە بۇ يەنىلا ئاۋارچىلىق ھەم قولايسىز ئىكەن .

  3. پاسىبان ئەپەندىم مايور غابەرگەن چۈشەندۈرىشىڭىزدىن قارىغاندا wfiياكى3gبولمىسىمۇ سۆزلەشكىلى بولىدۇ دىمەكچىمۇ سىز؟

    • FaceTime نى Wifi بولمىسا ئىجرا قىلغىلى بولمايدۇ. يازمىدا چۈشەندۈرگەن ئۇسۇلدا تېلىفون قىلىش دېگەن 3G لىك ئايپەدنىڭ ئىچىدىكى كارتا ئارقىلىق تېلىفون قىلىش. بۇ خۇددى ئايفوندا تېلىفون قىلغاندەكلا بىر ئىش. بۇنىڭدا ئەلۋەتتە تور بولمىسىمۇ بولىدۇ

  4. iutell دىگەن دېتال ئارقىلىق ئىككىنجى ئەۋلاد ۋايفاي نۇسخىسىدا نوكىياغا تېلىفۇن ئۇرۇپ پاراڭلاشقان ئىدىم.14 باشلانغان نۇمۇر چىقىدىكەن . ئاۋازى خېلى سۈزۈك.ماۋۇنىمۇ سىناپ كۆرسەك بولغۇدەك

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)


App Store دىن ئىزدەش

iOS 5 نىڭ بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسلىرى

iOS 5.0 ئابونتلىرى 5.0.1 گە يېڭىلىماقچى بولسا OTA شەكلىدىلا يېڭىلىسا بولىدۇ. بۇ ئەڭ قولاي ھەم ئەڭ ئىخچام ئۇسۇل. (مۇناسىۋەتلىك يازما) يېڭىلاش باسقۇچى: 设置-通用-软件更新

iPhone 3GS 4.3.5 5.0 5.0.1
iPhone 4 4.3.5 5.0 5.0.1
(iPhone 4 (CDMA 4.2.10 5.0 5.0.1
iPhone 4S - 5.0 5.0.1
iTouch 3 4.3.5 5.0 5.0.1
iTouch 4 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 1 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 Wifi 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 3G 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 CDMA 4.3.5 5.0 5.0.1

نۆۋەتتە iTunes نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى 10.5.2 . بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى: [Windows 64] [Windows 32] [Mac]

iTools نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى iTools 2011 Beta 1215 . بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى:
[English Version] [简体中文] [iTools for Mac]

© 2012 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
E-mail : ICP 备案 : 新ICP备10202432号
بەت ئۈستىگە قايتىش