كۆرۈنمە يۈزۈى ئىنتايىن سۈزۈك بولغان بۇ ئويۇن ئايفون، ئايپەد ۋە ئايتاچلارنىڭ ھەممىسىگە ماس كېلىدىغان ئۇنىۋېرسال ئويۇن. دەسلەپ چىققان ۋاقىتلاردا كۆپلەپ سېتىۋېلىنىپ AppStore دا بازىرى ئىتتىك ئويۇن بولۇپ قالغان. ھازىر ۋاقىتلىق ھەقسىز قىلىپ تارقىتىپتۇ. يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى ئويۇنلارغا ئامراقلارغا ئىسىل پۇرسەت.
ئوينىغۇچى رەسىمىدىكى غەلىتە مەخلۇقنىڭ رولىنى ئالىدۇ. ئۇ ئالدىغا ئۇچرىغانلىكى نەرسىنى يەيدۇ. ئۆزى يەر ئاستىدا ھەرىكەت قىلىدۇ. يەر تېگىدىن ئېتىلىپ چىقىپ قۇرۇقلۇقتىكى، ھەتتا كىيىن ئاسماندىكى ئېگىز ئۇچىۋاتقان قۇش ۋە ئايرۇپىلانلارنىمۇ يەۋىتىدۇ. چوڭى يولوچىلار ئايرۇپىلانى، تانكا، جەڭ ماشىنىلىرى بولسا ئۇششىقى يەر ئاستىدىكى قۇرت-قوڭغۇزلاردىن تارتىپ ئارامىدا قويمايدۇ.
رول بىلەن باشقۇرۇدىغان بولۇپ، ناھايىتى ئاسانلا ئۆگىنىۋالالايسىز. 3 خىل مەيدان، 45 ئۆتكەل، ئىككى دانە كىچىك ئويۇن، 30 خىل دۈشمەن، 3 خىل شەكىلدىكى مەخلۇق، رېتىنا ئېكران ئۈچۈن ئالاھىدە لايىھەلەنگەن يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى ئويۇن كۆرۈنىشى … ئىشقىلىپ ۋاقىتنى ئۆتكۈزىۋەتمەي چۈشىرىۋالىدىغان ياخشى ئويۇننىڭ بىرى.
ئايفون 4 تە ئوينىسا ئاجايىپ سۈزۈك كۆرىنىدىكەن. ھەقىقىي رېتىنا ئېكران ئويۇنى …
ئۆتكەلنىڭ قىينلىشىشغا ئەگىشىپ ئۇچار تەخسىلەرمۇ ئارام بەرمەيدۇ. قان تۈگىگەندە ئويۇن ئاياغلاشقان بولىدۇ. لېكىن قاننى قانداق قىلىپ تولۇقلايدىغانلىقىنى بىلەلمىدىم. بىلگەنلەر بولسا دەۋىتەسىلەر.
ئويۇن ئىسمى : Death Worm
ياسىغان شىركەت : Play Creek LLC
قوللايدىغان سۇپا : Game Center
چوڭلۇقى : 43.7 MB
ئەسكەرتىش: بۇ ئويۇننىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق. بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دىققىتىڭىز دائىم كۇلۇبىمىز مەزمۇنلىرىدا بولسۇن.
تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما ئايفوندا سىناق قىلىندى.
iTunes قا تىزىملىتىش جەريانىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ.









































بۇ ئويۇننى چۈشۈرۋاتىمەن،بالامغا بولاپ بېرىدىغان بولدىدە-يەنە.
مېنىڭ بالاممۇ ئۆيگە كەلسەملا قولۇمدىن تارتىۋالىدۇ
يوغان تۇفۇيۇڭنى بىيە دەپ
مەن داۋاملىق چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەندىلا كىرىمەن دىسە ….تازىمۇ بىر …….
بۈگۈن بىرنى يوللىدىم، خۇدا خالىسا ئاخشاملىققا يەنە بىرنى يوللايمەن. بۇلارنى بولسىمۇ ئۆتكۈزىۋەتمەيلى جۇما!
كۈندە يوقلاپ تۇرساق مۇشۇ گەپ يوق
ئىشلەتمەيدىغان كېسەكلىرىڭلار بولسا بىرنى بەرمەمسىلە؟
ھەي مۇشۇ تىلفۇننى ئەرزانراق ساتىدىغانلا يوقما ،ئادەمنىڭ ئىچىنى قىزىتىپ ما پاسىبانمۇ.
3-4 مىڭغا تىلفۇن ئالغۇدەك سەۋىيەگە تىخى ئۇلىشالمىدۇق .مۇشۇ ئالما نىمانداق قىممەتتۇ .ئۇيەردە199دوللارغا ئالغىلى بولىدىكەن 16g لىقنى 4-ئەۋلادنىڭ.