Isaac Newton’s Gravity ناملىق بۇ ئويۇن كۆرۈنۈش يۈزى ۋە لايىھەسى پەچچەت فىزىكىلىق ئەقىل سىناش، تېپىشماق تېپىش تۈرىدىكى ئويۇن بولۇپ، Namco شىركىتىنىڭ پەخرلىك مەھسۇلاتى. بۇ شىركەتنىڭ نامىنى SONY ئويۇنلىرىنى ئوينىغان بولسىڭىز چوقۇم ئاڭلاپ باققانغۇ دەيمەن. شۇنداق، بۇ ئويۇن ساھەسىدىكى خېلى چوڭ شىركەت. بۈگۈن بۇ ئويۇننىڭ ئايفون ۋە ئايپەد ھەر ئىككى نۇسقىسى ھەقسىز. ئەقىل سىناش ئويۇنىغا ئامراق فىزىكاخۇمارلار ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇڭ. ھەقلىق قىلىشىغا يەنە ئازلا قالدى!
50 كە يېقىن ئۆتكەل سىزنىڭ ئەقىل ئىشلىتىشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. سىز ھەر ئۆتكەلدە سىزگە بەرگەن نەرسىلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى بىلىشىڭىز كېرەك. ئاخىرىدا موگۇسىمان كونۇپكىنى بېسىپ ئۇنى قوزغاتسىڭىز ئۆتكەلدىن ئۆتكەن بولىسىز.
ئىچىدىكى تەھرىرلىگۈچ بىلەن ئۆزىڭىز ئۆتكەل ياسىسىڭىزمۇ، ياسىغىنىڭىزنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىپ ئۇنى جەڭگە چاقىرسىڭىزمۇ بولىدۇ. توردىن يېڭى ئۆتكەل چۈشۈرۈپ ئويۇننى يەنە داۋام قىلىشقىمۇ بولىدۇ. پەچەتمىكەن؟ ۋاقىت ئاز قالدى!
بۇ ئويۇننىڭ سىن ھۆججىتىنى كۆرۈپ باقايلى
ئويۇن ئىسمى : Isaac Newton’s Gravity
ياسىغان شىركەت : Namco
قوللايدىغان سۇپا : Game Center
ئويۇن تۈرى : ئەقىل سىناش
چوڭلۇقى : 39 MB
ئايفون ئۈچۈن چۈشۈرۈش ئادرىسى :
ئايپەد ئۈچۈن چۈشۈرۈش ئادرىسى :
ئەسكەرتىش: بۇ ئويۇننىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق. بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېزراق چۈشىرىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما ئايفوندا سىناق قىلىندى.
iTunes قا تىزىملىتىش جەريانىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ.









































Assalamu alaykum.pasiban apandi
Man(hong jing)uyuniga bak amrak idim birqagda ayfun nus hisini
Torda korgan idim“itunes“ta haksiz nushisi barmidu ?hawardar kilsingiz boptikan
بۇنىڭ ھەقسىز نەشىرى ھازىرچە يوق. ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە ۋاقىتلىق ھەقسىز تارقىتىپ قالسا خۇدا خالىسا چۈشۈرۈش ئادرىسىنى چوقۇم تەمىنلەيمەن. بۇ ئويۇن سەل چوڭ. 91 دىن قاچىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىپ كەتمەيمەن.
بۇ سىناق نۇسقىسى ئىكەن. تولۇق نۇسقىسى 1 دوللاركەن. ھەقسىز سىناق نۇسقىسىنىڭ ئادرىسىنى قالدۇراي:
http://itunes.apple.com/us/app/command-conquer-red-alert/id345222245?mt=8
مەن بىر دەسسەپ ئۇتۇپ كېتەي….سالامەت بولسىلا ھاجىم..
دەسسەپ ۋەيران قىلىۋەتمىسە يەنە! يۇمشاق دەسسەپ كەپتۇسىلا ھە! ئايپودلىرىغا ئويان جىق ماۋەدە
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پاسىبان ئەپەند .مەن بىر خاتىرە كومپېيوتىر ستۋالاي دىگەن قانداراقنى سىتۋالسام بولا مەسلەھەت بەگەن بوسىلا
نەچچە پۇل ئەتراپىدا بولسا بولاتتى؟ نېمىگە ئىشلىتىسىز شۇنى ئېنىقراق دېسىڭىز …
3-4 مڭ ئەتراپىدا .ئادەتتە مەن تولاراق سەپەردەبولىمەن شۇڭا بىر خاتىرە كومپېيوتىر ستۋالاي دىگەن .. قولۇمدا تخى يڭى سىتۋالفان ئايفۇن4 بارئىدى لىكىن كومپېيوتىر دەك پايدىنالمىدىم شۇڭا ………………..
DELL نىڭ Inspiron تۈرىدىكى 14 سۇڭلۇق بىرسى بار. ئەگەر بۇنى چوڭ كۆرمىسىڭىز مۇشۇ ياخشى تاللاش بولالايدۇ. تاشقى كۆرىنىشى جەھەتتىن بولسۇن، قاتتىق دېتال ۋە يۇمشاق دېتال جەھەتتىن بولسۇن سۈپىتى ياخشى. سېتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمىتىدىن پەچەت رازى بوپقالىسىز. مەن كومپىيۇتېر تاللاپ قالسام ئەڭ دەسلەپ تاللايدىغان ماركام مۇشۇ. يەنە ASUS مۇ بولىدۇ. سىز دېگەن باھاغا DELL نىڭ ماۋۇ 3 خىل كومپىيۇتېرى :
INSPIRON 14 بۇ 14 سۇڭلۇق.
Vostro 101z بۇ 11.6 سۇڭلۇق.
INSPIRON M101Z بۇ 11.6 سۇڭلۇق.
ئېلىپ يۈرىمەن دېدىڭىز، ئەگەر بۇلارنىڭ ئىچىدە چوڭكەن دېمىسىڭىز 14 سۇڭلۇق نۇسقىسى ياخشىراق. سىنكارتىسىدا نورمال تىپتىكى 3D لىك ئويۇنلارنىمۇ راۋان ئوينىيالايسىز. CPU مۇ i3 تىن كىيىنلا تۇرىدۇ. ئويۇن ئويناپ قالسا چوڭراق ئىكران بولغىنى ياخشى.
ASUS نىڭ K52 ۋە K42 تۈرىدىكىلىرى بولىدۇ. بۇ ماركىنىڭ كومپىيۇتېرلىرى ئەرزان. بۇ ئىككى تۈرگە كىرىدىغاندىن بىردىن مىسال قىلاي:
K42EI38Je-SL بۇ 14 سۇڭلۇق. CPU سى DELL نىڭ ئۈستىدىكى 14 سۇڭلۇقىغا قارىغاندا سەل ياخشىراق.
K42EI38Je-SL بۇمۇ 14 سۇڭلۇق. سىنكارتىسى ئۈستىدىكىگە قارىغاندا سەل ياخشىراق. ئويۇن ئويناشقا ماس كېلىدۇ. CPU سى ئۈستىدىكىنىڭ ياخشى.
بۇنى پايدىلىنىشىڭىزغا سۇندۇم. قالغىنىنى ئۆزىڭىز دەڭسەپ كۆرۈپ ئالسىڭىز بولىدۇ.
تېلىفونى يوقلارمۇ ئىنكاس يازالايدىكەن ھە
@Zaman
ماي نەچىلىك ۋاقىت يىتە ..يانا ئايپەت چۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟
مىيى سىزنىڭ ئىشلىتىشىڭىزغا باغلىق. دەسلەپتە 3 سائەت ئەتراپىدا يېتىشى مۇمكىن.
ئايپەد (iPad) بىلەن لەپتوپنىڭ ئىككىسى پەقەتلا ئىككى نەرسە. بىرى خىزمەت ۋە تىجارەتكە قولايلىق ئېلىپ كەلسە يەنە بىرى كۆڭۈل ئېچىش جەھەتتە بىر قەدەر ئارتۇقچىلىققا ئېگە. ئايپەدتە ئويۇن ئويناش، كىنو ۋە رەسىم كۆرۈش كومپىيۇتېردىكىگە قارىغاندا جىق پەچەت بولىدۇ. لېكىن ھۆججەت بىر تەرەپ قىلىش (مەسىلەن تىجارەت ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان WORD ۋە EXCEL ھۆججەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش) قا كەلگەندە بۇنىڭ كۆپ ئالاھېدىلىكى يوق.
(iPad)نى سملق تورغا چاتقلى بولامدۇ توك قانچىلىك يىتە
سىمسىز تورغا چىقىدۇ. سىملىق تورغا چاتىدىغان جاي يوق. بۇنى سىز كومپىيۇتېر دەپ چۈشىنىۋالماي يوغان iPod ياكى تېلفۇن ئۇرغىلى بولمايدىغان يوغان ئايفون دەپلا چۈشەنسىڭىز بولىدۇ. 2-ئەۋلادنىڭ مىيى 10 سائەت يېتىدىكەن.
/201103031225.html
سىزئاۋارەچىلىك ھىسقلمىسىڭىز بىز بىر تىلفۇندا پاراڭلاشساق بولامۇ