ئايفوننى ئىشلەتكەندىن بۇيان بۇ نەرسە ئارقىلىق بىز خىيالىمىزغا كەلتۈرۈپ باقمىغان نۇرغۇن نەرسىلەرنى قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىپ يەتتۇق. بەزىلىرىگە ئاغزىمىز ئېچىلىپلا قالدىغۇ دەيمەن. بۈگۈن سىلەرگە تونۇشتۇرماقچى بولغىنىم قانداقتۇر ئېگىزنى پاكار قىلىدىغان، سېمىزنى ئورۇن قىلىدىغان ئەمەس بەلكى ئۇزۇننى قىسقارتىدىغان ئەپ!
قىستۇرما رەسىمگە قاراپ كاللىڭىز باشقا تەرەپلەرگە كەتتىمۇ نېمە؟ بۇ ئەپ پۇت قولىمىزنى قىسقارتمايدۇ. بەلكى ناھايىتى ئۇزۇن بولغان URL نى قىسقارتىپ بېرىدىغان ئىسىل ئەپ.
مىكرو بلوگ ئوينىغان بولسىڭىز بۇنى چوقۇم ئىلگىرى كۆرۈپ باققان. سىز /get-short.html دېگەنگە ئوخشاش تور بەت ئادرىسىكى كىرگۈزۈپ يوللىسڭىز بۇ باشقا بىر ئۇلىنىشقا ئۆزگىرىپ كۆرىنىدۇ. خۇددى بۇنىڭغا ئوخشاش :
لېكىن بۇنى باسقىنىمىزدا بىزنىڭ ئىلگىرى كىرگۈزگەن ئۇلىنىشىمىزغا بارىدۇ. بۇ تېخنىكا URL ئالماشتۇرۇش بولۇپ مىكروبلوگلاردا كەڭ قوللىنىلىۋاتىدۇ. ھەرخىل مىكروبلوگلارنىڭ ئۆزىنىڭ قوللىنىدىغان قىسقارتىلما تور ئادىرىسلىرى ئوخشىمايدۇ. سىنا مىكروبلوگىنىڭ t.cn بولسا تېڭشۈن مىكروبلوگىنىڭ url.cn .
بۇ ئەپ ھەممىمىز بىلىدىغان Google شىركىتنىڭ قىسقارتىلما تور ئادرىسى تەمىنلەش مۇلازىمىتىرى بولغان http://goo.gl/ دىن پايدىلىنىپ ياسالغان بولۇپ كۆرىنىشى ناھايىتى ئاددى. ئادرىسنى كىرگۈزىمىز، بىزگە شۇنىڭغا ماس قىسقارتىلما ئادرىسنى چىقىرىپ بېرىدۇ. بىز گەرچە ئاشۇ بەتنى ئېچىپ ئوخشاش مەشغۇلات بىلەن ئوخشاش ئۈنۈمگە ئېرىشسەكمۇ، لېكىن ئايرىم ئەپ بولغانغا يەتمەيدۇدە، ئەلۋەتتە!
بۇ نېمىگە ئىشلەيدۇ ئەمدى، دەپ ئويلاپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. ئەگەر سىز بىرەرسىگە داستانغا ئوخشاش ئۇزۇندىن ئۇزۇن تور ئادرىسىنى قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق يوللاپ باققان بولسىڭىز مۇشۇ ئەپنىڭ شۇنىڭغا «دورا» ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىسىز. بۇ ئەپ ئارقىلىق ھاسىل قىلغان قىسقا ئۇلىنىشلارنىڭ خاتىرىسىنى ساقلاپ قالىدۇ. ئىلگىرىكى ئادرىسلارنى تېپىشقىمۇ قولايلىق. بولىدىكەن دەپ ئويلىغان بولسىڭىز ۋاقتىدا دەرھال چۈشۈرۈپ ساقلاپ قويۇڭ ئەمىسە!
ئەپ ئىسمى : Get Short
ياسىغان شىركەت : Quantic Fox LLC
تۈرى : قوللىنىشچان
چوڭلۇقى : 1.7 MB









































بۇمۇ بولىدىغان قورالدەك قىلىدۇ….
ھە راست، پاسىبان ئەپەندىم، ئايفوننى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تېمىڭىزنى تاپالمىدىمغۇ…؟!
ئۇيغۇرچە فونت قوشىدىغان تېما بۇ
/201103051255.html
ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشىدىغان تېما بۇ
/uyghur-keyboard.html
مەن باشقا تېما يازمىغانغۇ دەيمەن
پاسىبان ئەپەندىم نادىر تىمىلىرىڭىز بىلەن ئايفونلىرىمىز كۈندىن – كۈنگە رەڭدارلىشىپ ئىقتىدارى ئىشىپ بىرىۋاتىدۇ ..بۇنىڭ ئۈچۈن يەنە بىر قىتىم رەھمەت ئىيتىمەن..
مۆمكىن بولسا ئايفوننىڭ ئۇسلۇبىنى ئۆزگەرتىش، ۋاقىت نى 12سائەت قىلىپ تەڭشەش .. دىگەندەك مەزمۇنلاردا بىر تىما يوللىسىڭىز..
خەنزۇچە مۇنبەرلەرگە قارىسام ئۇسلۇبنى ئۆزى خالىغانچا ئۆزگەرتىۋاغىلى بولىدىغاندەك..سەۋىيە چەكلىك بوغاچ تازا چۈشۈنۈپ كىتەلمىدىم…يەنىلا پاسىبان ئەپەندىمگە ئەگىشىش بىزگە قولايلىقكەن
ئۇسلۇب ئالماشتۇرىدىغان بولسىڭىز Winterboard نى قاچىلاپ 威锋网 نىڭ مەنبەسىدىن ياكى باشقا يەرلەردىن ئاستىدىكى چۈشەندۈرىشىدە 主题 ياكى Themes دەپ بار بولغان نەرسىلەرنى قاچىلاپ بولۇپ Winterboard تىن تاللاپ قويسىڭىز بولىدۇ.
12 سائەتلىك قىلىش بەكلا ئاسان. تەڭشەك تىزىملىكىگە بۇ تەرتىپ بويىچە كىرىپ 设置-通用-日期与时间 دېگەن يەرنىڭ ئەڭ ئۈستىدە 24小时制 دەيدىغان يەر بار. بۇنى تاقىۋەتسىڭىز ئىش تامام.