ئايفوننىڭ ئاۋازغا ئېلىش ئىقتىدارى خېلى بوپ قويىدۇ. ئۆزىدە دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار تېخنىكا قوللىنىلغان ئاۋاز سۈزۈش قۇرۇلمىسى بار. ئاستى ۋە ئۈستىدىكى 2 مىكروفۇن ئارقىلىق ئاۋازنىڭ ھەقىقىيلىقىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ساقلىيالايدۇ. لېكىن بۈگۈنكى بۇ قورال بولسا مۇخبىرلارغا ۋەياكى ئالاھىدە ھەرىكەت ئۈچۈن ئىشلىتىدىغانلارغا ماس كېلىدۇ. چۈنكى بۇ پەقەت ئاۋاز سېگنالى پەيدا بولغاندىلا ئاندىن ئاۋازغا ئېلىشقا باشلايدۇ.

ئايفوننىڭ ئۆزىدىكى ئۈنئالغۇ ئارقىلىق ئاۋازغا ئېلىشنى باسساقلا ئاۋازغا ئېلىشنى باشلايدۇ. 5 مىنۇت ئېچىپ قويساق 5 مىنۇت ئاۋازغا ئالىدۇ دېگەن گەپ. بۇ ئەپ ئارقىلىق بولسا ئايفونغا كىرگەن ئاۋاز چاستوتىسى مەلۇم قىممەتتىن ئاشقاندىن كىيىن ئاندىن خىزمەت قىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق پەقەت ئاۋاز بولسا ئالىدىغان، بولمىغاندا ساقلاپ تۇرىدىغان بولۇپ، بوشلۇقنى تېجەيدۇ.

ئالدىن بەلىگىلپ قويغان ئاۋاز چاستوتىسىنى ئەگەر 0.00 قىلىپ تەڭشەپ قويساق توختىماي ئېلىۋېرىدۇ. ئەگەر 0.20 قىلىپ تەڭشىسەك ئاۋازنىڭ كۈچلۈكلىكى مۇشۇ قىممەتتىن ئاشقاندىن كىيىن باشلىنىدۇ. ئەگەر تىنچ ئاۋاز باشلانسا يەنە 10 سېكونت ئالىدۇ. چۈنكى ئارىلىقتا سۆز ئۈزۈلۈپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. 10 سېكونتقىچە يەنە ئاۋاز كەلمىسە دەرھال توختايدۇ ۋە داۋاملىق ئاۋازنى تەكشۈرۈپ تۇرىدۇ. ئەگەر يەنە باشلانسا يەنە داۋاملىق ئېلىشقا باشلايدۇ.

بۇنداق بولغاندا ئايفوندا ماي ۋە بوشلۇقنى تېجىگىلى، شۇنداقلا ئاڭلاپ باققان چاغدىكى ۋاقتىمىزنىمۇ تېجىگىلى بولىدۇ.

بۇنىڭ باھاسى 2 دوللار ئىكەن. ئەگەر بۇنى بولىدىكەن دەپ ئويلىسىڭىز App Store دىن 1.99 دوللارغا سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر تاۋباۋ ئويناپ قويىدىغانلار بولسا App Store 代购 دەپ ئىزىدسىڭىز 1 دوللارنى 1 يۈدەندىن تارتىپ 6.8 يۈەنگىچە باھادا ئېلىپ بېرىدىغانلار بار. ھەتتا 1 دوللارنى 5 موغا ئېلىپ بەرگەنلەرنىمۇ ئاڭلىدىم. بەلكى بۇلار قارا كارتا ئارقىلىق ئالسا كېرەك. ھېساۋات نومىرىڭىزنىڭ توڭلاپ قالماسلىقىدىن ئەنسىرىمىسىڭىز ئەرزانلىرىدىن ئالسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ. مۇشۇنداق ھەقلىق ئەپلەرنى تاۋباۋدىكى شۇ كىشىلەر ئارقىلىق ئالسىڭىز قولاي بولىدۇ. شۇڭا ھەقلىق بولسىمۇ يازما يېزىۋەردىم.

ئەپ ئىسمى : 免静音录音器

ساتقۇچى : ياڭخوڭۋىن

تۈرى : قوللىنىشچان

چوڭلۇقى : 2.3 MB

چۈشۈرۈش ئادرىسى :

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



2 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. خەن ياسىغان نەرسىكەندە بۇ؟ قىممەت سېتىپتۇ گۇي :right:

  2. زېرىكمەي – تېرىكمەي ئۈنگە ئالىدىغان ئوقەتكەن بۇ :lol:

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش