ئالماخۇمارلار تۆت كۆزى بىلەن كۈتكەن تاختا كومپىيۇتېر 2-ئەۋلاد ئايپەد نۇسقىسى بۈگۈن ئېلان قىلىندى. ئېلان قىلىش مۇراسىمى ئامېرىكا ۋاقتى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى (بېيجىڭ ۋاقتى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى سەھەر سائەت 2 دە) سان-فرانسېسكودا ئېلىپ بېرىلدى. بۇ قېتىمقى يېڭىلىنىشمۇ ئاز ئەمەس. يېڭى ئايپەد تېخىمۇ چوڭ ئىچكى ساقلىغۇچ سىغىمى، تېخىمۇ سۈزۈك ئېكران، ئالما A5 بىر تەرەپ قىلغۇچ ۋە سۈزۈك كامىرا قاتارلىق يورۇق نوقتىلىرى بىلەن ئايپەدنىڭ ۋە ئالما شىركىتىنىڭ كىيىنكى تەرەققىيات نىشانىنى كۆرسىتىپ بەردى دېيىشكە بولىدۇ.

ستىۋ . جوبس ئېلان قىلىش مۇراسىمىدا پەيدا بولدى

نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان سىتىۋ جوبسنىڭ كىسەللىك سەۋەبىدىن ئالما شىركىتىنىڭ باشقۇرۇش قاتلىمى ۋە تەرەققىياتى توغرىسىدىكى ئەنسىرەشلەر پەيدا بولغان ئىدى. جوبس پرېزدېنت ئوباما بىلەن كۆرۈشكەندىن كىيىن باشقىلار ستىۋ جوبسنىڭ ئايپەد 2 نىڭ ئېلان قىلىنىش مۇراسىمىدا پەيدا بولىدىغانلىقىغا كۆزى يېتىشتى. دەرۋەقە جوبس باشقىلارنى ئۈمىدسىز قالدۇرماي، كۈلۈمسىرىگەن ھالەتتە ئېلان قىلىش مۇراسىمىدا پەيدا بولدى. بۇ ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئۈچۈن تولىمۇ خوشاللىنارلىق بىر ئىش. ئايپەد 2 نىڭ ئېلان قىلىنىشى 2010-يىلى 1-ئەۋلاد ئايپەد ئېلان قىلىنغاندىن كىيىنكى تۇنجى يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىشى ھېسابلىنىدۇ.

ئايپەد 2 نىڭ ئاق رەڭلىك نۇسقىسى ئايفون 4 نىڭكىدىن بالدۇر دۇنياغا كەلدى

ئايپەد 2 نىڭ يەنە بىر يورۇق نوقتىسى بۇنىڭ ئاق رەڭگىنىڭ بولغىنىدا. ئايپەد 2 بۇرۇنقى قارا رەڭ بىلەن بىللە تارقىتىلىدۇ. ئىلگىرى ئايپەدنىڭ ئاق رەڭلىك نۇسقىسىنىڭ بولمىغىنىدىن ئەپسۇسلانغانلارغا بۇ يەنە بىر تاللاش. بولۇپمۇ قىزلارغا …

يىپيېڭى A5 بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەندى

ئايپەد 2 گە ئالمىنىڭ يېڭى بىر تەرەپ قىلغۇچىسى ئالما A5 سەپلەنگەن بولۇپ، قوش نېگىزلىك ھېساپلىغۇچ ئىلگىرىكىنىڭ 2 ھەسسىسىچىلىك تىز سۈرئەت ئېلىپ كەلدى. سۈرەت بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى ئىلگىرىكىنىڭ 9 ھەسسىسىگە باراۋەر. ئىچكى ساقلىغۇچىسى 512 مېگابايتقا كۆتۈرۈلدى. يەنە بىر پەچەت يېرى، قوللىنىشچانلىقى ئىنتايىن يۇقىرى ۋە كەڭ ئوموملىشىۋاتقان يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى سىن چىقىرىش ئېغىزى HDMI قوشۇلدى. بۇنىڭ بىلەن سىز ئايپەدنى HDMI ئېغىزىنى قوللايدىغان ھەرقانداق ئىكرانغا چېتىپ ئىقتىدارىدىن تېخىمۇ ھوزۇرلىنالايسىز. پرويىكسىيە ئاپاراتى بولسا ئايپەد 2 پۈتۈن بىر تامنىڭ چوڭۇلۇقىدا كۆرۈنسە… بۇ تولىمۇ پەچەت بىر ئىش بوپتۇ. بۇمۇ ئايپەد 2 نىڭ يەنە بىر يورۇق نوقتىسى. باھاسىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن سىغىمىنى يەنە بۇرۇنقىدەك، 16، 32 ۋە 64 گېگابايت 3 خىل نۇسقىسىنى تارقىتىپتۇ.

قېلىنلىقى بۇرۇنقىدىن %33 نىپىز

1-ئەۋلاد ئايپەدتىن كۆرۈنەرلىق نىپىزلىگەن بولۇپ، بۇرۇنقىسىنىڭ 2/3 قىسمىغا توغرا كېلىدۇ دېگەن گەپ. قېلىنلىقى پەقەت 8.8 مىللىمېتىر. بۇ ئايپەد بىردىن ئەمەس، ئايفون 4 نىڭ 9.3 مىللىمېتىر قېلىنلىقىدىنمۇ ھالقىپ، باشقىلارغا نېمىنىڭ ھەقىقىي نىپىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويدى.

3G نۇسقىسى AT&T ۋە VERIZON ئىككى شىركەتنىڭ كارتىسىنى قوللايدۇ. 499 دوللارلىق باھا قىزغىن ئىشتراكچىلىرىنى تولىمۇ قىزىقتۇرىدىغۇ دەيمەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئەڭ تىز بولغاندا 12-چىسلا ئامېرىكىدا بازارغا سېلىنغۇدەك. جۇڭگودا قاچان بازارغا سېلىشى تېخى نامەلۇم.

ئايپەد 2 چىقىپ بولغۇچە چاپىنىمۇ بىللە چىقىپتۇ. سوغۇقتا توڭاپ قالمىسۇن دېگەن چىغىۋا

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



8 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. ئوقۇغۇچى نامرات بولا،مۇشتاق بولا،
    كۆرۈپ ئىسىل نەرسىنى كۆزگە ياشلا ئالا… :(

    • ھازىر سىزگە ئالدىراش يوق ئوقۇش مۇھىمدۇر
      ئوقۇش تۈگەپ ئاسپرانتتا داۋام ئېتىشتۇر
      شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇ «قىلىقىڭ نېمە؟»
      - فەرارىدا ئايپەدنى ئويناپ چېپىشتۇر!

  2. :o))): . شىئىرلا بەك قاملىشىپ كېتىپتىغۇ.

  3. ئايپەدنىمى ۋاستە قىلىپ تورغاچىقدۇ :?:

    • ئۆزىدىكى WiFi سىمسىز تور ئۆزىكى بىلەن تورغا چىقىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن Wifi سىمسىز تور تارقىتالايدىغان 无线路由器 بولىشى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا 3G كارتا چۈشىدىغان ئايپەدمۇ بار. 3G تورى ئارقىلىق تورغا چىقىدۇ

  4. ئۇنداقتائايپەدنى سىتۋالغاندكىين ھەقسىز تورغا چىقدۇ دىگەن گەپمۇ 

  5. ئايپەت تورغاچىقسا قانداق ھەق ھساپلايدۇ ماڭاچۈشەندۈرۈپ قويسىڭز :oh,no: :oh,no:

    • ئۆيدىكى 宽带 بىلەن تورغا چىقىسىز. بۇنىڭغا ئايرىم پۇل چىقمايدۇ. يەنى سىمسىز 路由器 دىن بىرنى ئالىسىز. 宽带 نى سىمسىز تور قىلىپ تارقىتىدىغان 路由器 ئارقىلىق چىققانلىقى ئۈچۈن كومپىيۇتېرىڭىز سىملىق كەڭ بەلباغ تورىغا چىققاندەكلا ئوشۇقچە پۇل چىقىدىغان ئىش يوق. ئۆزىدىكى WiFi سىمسىز تور ئۆزىكى بىلەن تورغا چىقىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن Wifi سىمسىز تور تارقىتالايدىغان 无线路由器 بولىشى كېرەك خالاس.
      بۇنىڭدىن باشقا 3G كارتا چۈشىدىغان ئايپەدمۇ بار. 3G تورى ئارقىلىق تورغا چىقىدۇ. بۇ خىل تورغا چىقىش ئۇسۇلى نورمال 3G تېلفۇنى بىلەن تورغا چىققانغا ئوخشاش.
      ئۈلۈشكۈن سورىغان ئىدىڭىز. جاۋاب بېرىپ بولغان ئىدىم. شۇنىڭغا قارىغاندا تەپسىلىي جاۋاب بېرەلمىگەن ئوخشايمەن.

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش