ماشىنىنىڭ چاقىدىمۇ خېلى كۆپ بىلىملەر بار. چاق ئۈستىگە يېزىلغان سان-سىفىرلاردىن چاقنىڭ تىپ ئايرىمىسىنى، بەنداش چوڭلىقىنى، كەڭلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. لېكىن بۇ نەرسىلەر قايسى ئورۇنغا قانداق يېزىلغان؟ ئۇنىڭ بىرلىكى نېمە؟
بۇنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئۈستىدىكى چاقنى مىسالغا ئالايلى. قارايدىغان بولساق 195/55R15 85H دەپ بار ئىكەن. بۇنىڭ مەنىسىنى بىردىنبىر يەشسەك:
195 بولسا چاقنىڭ كەڭلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بىرلىكى مىللىمېتىر. يەنى بۇ چاقنىڭ كەڭلىكى 195 مىللىمېتىر.
55 بولسا قېلىنلىقىنى كۆرسىتىدۇ. يەنى يەرگە تېگىپ تۇرىدىغان جاي بىلەن بەنداشنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىدىغان يېرىگىچە بولغان ئارىلىقى. بىرلىكى پىرسەنت. يەنى چاقنىڭ قېلىنلىقىنىڭ كەڭلىكى بولغان 195 مىللىمېتىرنىڭ 55 پىرسەنتىچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇنداقتا بۇ چاقنىڭ قېلىنلىقى 195×55%=107.25 مىللىمېتىر.
R بولسا RADIAL نىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، چاقنىڭ ياسىلىش قۇرۇلمىسىغا قارىتىلغان.
15 بولسا بەنداشنىڭ دىئامېتىرىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇنىڭ بىرلىكى ئېنگلىز سۇڭى. 1 ئېنگلىز سۇڭى تەخمىنەن 2.54 سانتىمېتىر. ئۇنداقتا 15 سۇڭلۇق بەنداشنىڭ دېئامېتىرى 38.1 سانتىمېتىر بولىدۇ.
85 بولسا چاقنىڭ كۆتۈرۈش سىغىمچانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ سانلارنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىق كۆتۈرەلەيدىغانلىقى تۆۋەندىكى قىممەت بويىچە بولىدۇ:
82=475; 83=487; 84=500; 85=515; 86=530; 87=545; 88=560; 89=580; 90=600; 91=615; 92=630; 93=650; 94=670; مۇشۇ بويىچە بولۇپ، ئەڭ چوڭى 108=1000 كېلوگرام. مۇشۇ بويىچە بولغاندا ئۈستىدىكى بۇ چاق 515 كېلوگرام ئېغىرلىقنى كۆتۈرەلەيدۇ. ئوخشاش چاقتىن 4 نى ئورۇنلاشتۇرغان بولساق بۇ ماشىنىنىڭ كۆتۈرۈش ئېغىرلىقى 515×4=2060 كېلوگرام بولىدۇ.
H بولسا بەلگىلەنگەن سۈرئەت چېكى. بۇ ھەرپلەرنىڭ بىلدۈرىدىغان قىممەتلىرى تۆۋەندىكىچە:
B 50 km/h
C 60km/h
J 100km/h
K 110km/h
L 120km/h
M 130km/h
N 140km/h ئادەتتە زاپاس چاققا ئىشلىتىلىدۇ
P 150km/h
Q 160km/h قارلىق مەخسۇس بالونى
R 170km/h
S 180km/h
T 190km/h
U 200km/h
H 210km/h ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان چاق تۈرى
V 240km/h
Z 240km/h چاپقۇرلار ئىشلىتىدىغان چاق تۈرى
W 270km/h ئالاھىدە چاپقۇرلار ئىشلىتىدىغان چاق تۈرى
Y 300km/h دەرىجىدىن تاشقىرى چاپقۇرلارنىڭ مەخسۇس چاق تۈرى
بۇلارنىڭ ئىچىدە تۇرمۇشىمىزدا ئەڭ كەڭ قوللىنىلىدىغىنى P, S, T, H تۈىدىكىلەر. دېمەك چاق ئۈستىگە يېزىلغان بۇ پارامىتىرلار «سۈرئىتى ۋە كۆتۈرۈش ئېغىرلىقى | بەنداش دىئامېتىرى | چاق تىپى | قېلىنلىقى / كەڭلىكى» دېگەن فورمۇلا بويىچە يېزىلىدۇ.









































چاقنىڭمۇ ئايرىم تىلى بار دەيلۇق؟
ماۋۇ يىڭى ئىشكەن مەن مۇشۇلارنى تازا چۈشەنمەيتىم ئەمدى چۈشىنىۋالدىم بۇنى! ھى ھى
ھې ھې زادى يېڭىلىقكەن….ماشىنامغا قاراپباقاي…
بەك تەپسىلىي يېزىلىپتۇ، موھىم بىر ئۇچۇرغا ئىگە بولدۇق. رەھمەت!
235/55R19 101V كەن بىزنىڭ 董事长نىڭ ….مىنىڭكى پاسىبانجاننىڭكى بىلەن ئوخشاشكەن، شۇ 180 كىلوگىرام نى ئارتۇق كۆتىرىدىكەن….
مېنىڭكى ئەسلى 185/55R15 ئىدى. ھازىر 215/45ZR17 گە ئۆزگەرتىۋالدىم. بۇرۇنقىدىن 3 سانتا كەڭ، خېلىلا نېپىز. كونترول بۆلەكچە ياخشىلاندى. سەل ئاستىلاپ قاتتىقلىشىپ قالغاننى ھېساپقا ئالمىغاندا ئارتۇقچىلىقى بېسىپ چۈشىدۇ
قىنى ئەمىسە دىۋاننى تالاشقاچ ماشىنامنىڭ سان – شىفىرلىرىنى بىر يۆللىۋىتەي تەلىم بىرەلا
165/70R13 79T M+S
قىنى ئەمىسە جاۋاپلىرىنى كۈتىمەن
ئۈستىدىكى مەلۇمات بويىچە ئۆزلىرى بىر ئىشلەپ باقسىلا. تاپشۇرۇق بېرىلدى ئەمىسە!
ئاللا ئاللا ئۈسىتىدىكى مەلۇماتلاردا مىنىڭكىگە ماس كەلگۈدەك سانىلق مەلۇمات يوقكەن ،قىنى بىر تەلىم بىرىلى
سىلىنىڭ ئاۋتومۇ ياكى QQمۇ؟ 长安奔奔 مۇيا؟ 比亚迪 نىڭ Flyer ئەمەستۇ؟ 16.5 سانتىلىق چاقكەن. 13 سۇڭلۇق بەنداش. كۆتۈرۈش ئېغىرلىقى 440*4=1760 كېلوگرام. يۇقىرى سۈرئەت چېكى 190
مىنىڭكى 小屁股夏利 ئىدى .
بولسا تور بەتكە مەزمۇن تۇلۇقلاپ، چاقنىڭ كۈتۈرش سىفىمىنى 70 تىن باشلاپ سانلىق مەلۇماتلارنى بىر تۇلۇقلاپ قويساڭلار .
ھە راسىت ماۋۇ يەردىكى M+S دىگىننى قانداق چۈشىنىمىز ئەمدى ؟
ھەقىقەتەن تەپسىلىي يېزىلغان تېما بوپتۇ، رەھمەت…..
ياۋ…. بالۇنى! دەپ ئابدۇكېرىمكام بىكارغا تەخەللۇس قويماپتىكەندە! ئەسلىدە چاقنىڭ مۇنداق نەرسىلىرىمۇ باركەن ئەمەسمۇ!