پاجانى ماركىسىدىكى ماشىنىلارنى ئارىمىزدىن ئەمەلىيەتتە كۆرۈپ باققانلار ناھايىتىمۇ ئاز، ھەتتا يوق بولىشى مۇمكىن. پاجانىنىڭ كۆپ ماشىنىسى يوق. لېكىن دەرىجىدىن تاشقىرى چاپقۇرى بار. پات ئارىدا بازارغا سالماقچى بولغان تەلۋە ماشىنا C9 مۇ ئاشۇنداق «ئاز» ماشىنىلاردىندۇر.
پاجانىنىڭ مەن بىلىدىغان بىرلا ماشىنا تىپى بار. نامى زوندا (Zonda) . بۇ ماشىنىدىن دۇنيادا پەقەت نەچچىسىلا بار. شۇڭا بايا ئاۋۇ گەپنى كېسىپ ئېيتقىنىم ئىدى. ئۆتكەن كۈنلىرى ئۇنىڭ زوندا 750 دەپ ئاتىلىدىغان بىر ماشىنىسىنىڭ خەۋىرىنى كۆرگەن ئېدىم. ئۇنى ئوتتۇرا شەرقتىكى بىر بايغا ئالاھىدە ئاتاپ ياسىغان ئىكەن. بېنزنىڭ AMG ماتور تەتقىقات ئورنى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئالاھىدە ياسىغان 12 سېلىندىرلىق ماتورنىڭ ئات كۈچى 750 كەن. بۇ ماشىنىدىن دۇنيادا پەقەت شۇ بىر دانىلا بار ئىكەن.
بۇ قېتىم ئېلان قىلماقچى بولغان C9 تىپىدىكى بۇ ماشىنىسىنىڭ تەپسىلاتى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات يوق ئىكەن. شىركەت تەرەپ پەقەت ناھايىتى قىسقا، ئامما ئۆزگىچە مەنىگە ئېگە تەشۋىق فىلىمىنى تارقىتىپتۇ. بۇنىڭ ئات كۈچى 700 دىن يۇقىرى بولىشى مۇمكىنكەن. ئەڭ يۇقىرى تولغىنىش مومېنتى 1000 نىيۇتۇن.مېتىر . گەرچە 12 سېلىندىرنىڭ كۈچى يېتىشكەندەك قىلسىمۇ، يەنىمۇ يۇقىرى ئات كۈچىگە ئېگە قىلىش ئۈچۈن تۇربو (تۇربېنلىق بېسىم ئاشۇرغۇچ) تېخنىكىسىنى قوللىنىشى مۇمكىنكەن. تۆۋەندىكىسى ئۇنىڭ تەشۋىق فىلىمى.









































ئەمما لېكىن مەن WordPress ماركىلىق ماشىنا چىقىپ قالارمىكىن دەپلا تۇرىمەن
چۈشلىرىدىمۇ مۇشۇ ۋوردپرەسنى چۈشەملا نېمە؟ ئەمما ئاخشام مەن بېتىمنى ئۆزۈم بىرنىمىلەرنى قىلىپ يامان بەك چىرايلىق قىلىۋېتىپ چۈشەپ قاپتىمە
ئاممازە مۇشۇ چەتئەللىكلەر ئېلاننى قالتىس ئىشلەيدۇ جۇمۇ ، بۇنى مەن راس گەپ قلىسام ئانچە چۈشىنەلمىدىم . بەلكىم پاجانىنىڭ كارخانا مەدەنىيىتى چۈشۈنىدىغانلار چۈشۈنۈپ يېتەلەر
«پاسىبان» كام چۈشەنمىسە بۇنى بىزدەكلەرگە خىلى بالدۇر ئوخشايدۇ جىما
مېنىڭ چۈشۈنۈشۈمچە :
ئۇ كىشى تۇرمۇشتىن لەززەتلىنىشنى ناھايىتى بەك بىلىدىغان ھەم لەززەتلىنەلەيدىغان كىشى بولۇپ، ئۇ ئىچكەن ئاۋۇ نامەلۇم شىرىن ئىچىملىكنى ھوزۇرلۇنۇپ ئىچىشىدىكى كەيپىيات، تەم تېتىشى ۋە ئۇ تەمدىن ھوزۇرلۇنۇپ ئىستاكاننى ئاستا قويۇشى، پاجانىنىڭ ئاشۇنداق يۇقىرى قاتلامدىكى ئاق سۆڭەكلەرنىڭ يۇقىرى تەلىپىنى يۈكسەك دەرىجىدە قاندۇرالايدىغانلىقى، ئۇلارنىڭمۇ ئۇ ئامرىقىنى ئاشۇنداق ئاسرايدىغانلىقىغا سىمۋول قىلىنغان. شۇ جايدىن كېيىنكىسىنى ئايرىم بۆلەك دەپ قارايمىز. ئاخىرىدا ئىستاكاننى قويۇپ قولىغا يېڭى پاجانىنىڭ نەپس ئاچقۇچىنى ئېلىپ پاجانىنىڭ ھوزورىنى سۈرگىلى ماڭىدۇ…
[...] يېڭى ماشىنىسى C9 ھەققىدە نەچچە كۈن ئىلگىرى بىر تېما يوللىغان ئېدىم. بۈگۈن توردا بۇ ماشىنىنى يولدا سىناق [...]