ماتورنىڭ ئات كۈچى بىلەن ھېساپلېشىپ بۇنىڭغا ئالاھىدە ئېتىۋار بەرگەندىن بۇيان بېكنىڭ ماشىنىلىرىغا ئانچە قاراپ كەتمەيدىغان بوپقالغان ئىدىم. چۈنكى ئوخشاش چوڭلۇقتىكى ماتورنىڭ قۇۋۋىتى (ئات كۈچى) نى سېلىشتۇرغاندا بۇنىڭ ماتورلىرى خېلىلا ئارقىدا ئېدى. لېكىن ئات كۈچى تۆۋەن بولغىنى بىلەن ماينىمۇ ئاز يېمەيتتى. شۇڭا بۇنىڭ ماشىنلىرى مېنىڭ تاللاش تەرتىۋىمدە ئارقا رەتكە تىزىلاتتى. لېكىن ئېكسېل XT پەيدا بولغاندىن كىيىن مەندىكى بۇ قاراش مۇتلەق ئۆزگەردى.

سىرتقى كۆرىنىشىگە نەزەر

سىرتىدىن قاراشقا ياۋرۇپاچە پۇراق چىقىدىغان يېڭىچە ماشىنا گەۋدىسى كىشىگە چاپقۇرلارنى ئەسلىتىدۇ. بۇ ماشىنا لايىھەلىنىشىدىنلا سپورت (تەنھەرىكەت) تۈرىدىكى ماشىنىلارغا خاس ئۇسلۇب بويىچە لايىھەلەنگەن.

بۇ ماشىنىنىڭ ئەسلى لايىھەسى OPEL نىڭ لايىھەسى. دىققەت قىلغان بولساڭلار OPEL نىڭ ASTRA دېگەن ماشىنىسى بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش (بۇ ئادرىستىن بۇ ماشىنىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز).

سىرتقى قىياپىتىنى مۇشۇنداق ئوخشىتىپ ياسىسا بولىدىغان بولمايدىغانلىقىنى بىلمىدىم، ئىشقىلىپ قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشاشلا ياساپتۇ. بىر قېلىپنىڭ ماشىنىلىرى ئىكەن. ئالدى كۆرۈنىشىدە ئالدى تور قىسمى يېڭى ئەۋلاد بېكنىڭ خاس بولغان بىردەك لايىھەلىرى بويىچە ياسالغان. ئەگەر ئېكسېل GT (بۇ 3 ساندۇقلۇق نۇسقىسى) نى كۆرسە رېگالمۇ ياكى ئېكسېلمۇ پەرق قىلغىلى بولمىغۇدەك ئوخشاش ئىكەن.

ماشىنىنىڭ ئومومى ئۇزۇنلىقى 4،419 مىللىمېتىر، كەڭلىكى 1،814 مىللىمېتىر، ئېگىزلىكى بولسا 1،487 مىللىمېتىر. بۇ ئۇزۇنلۇق ئوخشاش تۈردىكى گولفقا قارىغاندا بىر ئاز ئارتۇقچىلىققا ئېگە. ئوق ئارىلىقى 2،685 مىللىمېتىر بولۇپ، ئارقا رەتتە ئولتۇرغان ئادەم ئۇنچە تار ھېس قىلمايدۇ.

ئىچكى بېزىلىشىگە نەزەر

ئىچكى بېزىلىشى مۇشۇ باھادىكى ماشىنىلارغا قارىغاندا بەك ناچار دېگۈدەك ئەمەس. ھازىرقى ئېقىمغا تامامەن ماسلاشقۇدەك يېڭىچە ئۇسلۇبتا لايىھەلەنگەن.

تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ ماشىنىغا سپورت ئېلىمېنتلىرىنى كۆپلەپ سىڭدۈرىۋەتكەن بولۇپ، ئۆزىدىن كۆك نۇر چىقىرىدىغان كۆرسىتىش ئېكرانى سپورت ھالىتىگە ئۆتكەندىن كىيىن دەرھال قىزىل نۇر ھالىتىگە ئۆزگىرىدۇ.

بۇ كىشىگە ياشلاردىكى ئوتتەك قىزغىنلىقنى، ئۇرغۇپ تۇرغان كۈچ-قۇۋۋەتنى ئەسلىتىدۇ.

مەركىزىي كونترول رايونى بەزى ماشىنىلاردە ئۇنچە قالايمىقان ئەمەس. گەرچە 150 مىڭدىن 200 مىڭغىچە باھادىكى ماشىنا بولسىمۇ، ئوڭ ۋە سول تەرەپ تېمپىراتۇرىسىنى ئايرىم تەڭشىگىلى بولىدۇ.

يان تەرەپكە ئىشلىتىلگەن مېتال پارقىراقلىققا ئېگە ئىشىك تۇتقۇچلىرى ئالىي دەرىجىلىك ماشىنىلاردىكىدەك تۇيغۇ بېرىدۇ. بۇ باھا ئىچىدە بۇ خىل سەپلىمە خېلى يامان ئەمەس ھېساپلىنىدۇ.

ئورۇندۇق ۋە ئىچ بوشلۇقى

بايا ئېيتقاندەك 4 مېتىر 40 نەچچە سانتىمېتىر كېلىدىغان 2 ساندۇقلۇق ماشىنا ئۇنچە كىچىك ۋە تار بولمايدۇ.

ئارقا تەرەپتىكى مىھمانلارغىمۇ ئوخشاشلا ئىستاكان ۋە جەينەك قويىدىغان ئورۇن جايلاشتۇرۇلغان.

نەرسە-كېرەك ساقلاش بوشلۇقلىرى

گەرچە 2 ساندۇقلۇق ماشىنا بولسىمۇ ئارقا تەرەپ بوشلۇقى يەنىلا چوڭ

ماتورنىڭ ئات كۈچى ۋە تەگلىك پارامېتىرلىرى

باشقىلارنىڭ ئېغىزىدا «پولات چاپقۇر» دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ ماشىنا نېمىشقا بۇنچە قارشى ئېلىنىپ بۇ نامغا ئېرىشەلەيدۇ؟ بۇنى ئەلۋەتتە ماتورىدىكى قۇۋۋەتتىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

4 سېلىندىرلىك، تۇربېنلىق بېسىم ئاشۇرغۇچ (Turbo) ئورۇنلاشتۇرۇلغان 1.6 لېتىرلىق ماتورنىڭ قۇۋۋىتى 136 كېلوۋات بولۇپ، ئات كۈچىگە سۇندۇرغاندا 183 ئات كۈچى بولىدۇ. بۇ ھازىرچە ئەسلى زاۋۇتتىكى ماتورنىڭ قۇۋۋىتى بويىچە رەتكە تىزىلغاندا 1-ئورۇندا تۇرىدىغان قۇۋۋەت. بۇ دەل تۆۋەن ئېنىرگىيە سەرپىياتى بىلەن چاياندەك قۇۋۋەتكە ئېگە ماشىنىغا ئېرىشىدىغانلارنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشى. تېمىنى نېمە ئۈچۈن بۇنداق قويغانلىقىمنى ئەمدى بىلگەنسىز؟

ماشىنىنىڭ سىرتقى كۆرىنىشى ۋە ماتورى سپورت ماشىنىغا خاس بولسىلا كۇپايە ئەمەس. ئەڭ مۇھىمى مۇرەككەپ شارائىتلاردا شۇنىڭغا كۆرە كونتورللىقىنى ساقلىيالىشىدا. ئېكسېلنىڭ ئالدى تەرەپكە ئىشلەتكەن ئاسمىسى ئادەتتە ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان مەكفورسىن شەكلىدىكى مۇستەقىل ئاسما بولۇپ، ئارقا تەرەپتىكى بېرىكمە تولغىنىش كۈچىلىك كۆۋرۈكلۈك ئاسما ئورۇنلاشتۇرۇلغان. سىلكىنىشتىن ساقلىغۇچ پۇرژىنىسى ۋە ئارقا تەرەپ ئاسمىسىدىكى پولاتنىڭ قاتتىقلىقى نورمالدىكىگە قارىغاندا ئايرىم-ئايرىم ھالدا 50% ۋە 30% كۈچەيتىلگەن بولۇپ، بۇ سپورت ھالىتىدە ماشىنىنىڭ كونتروللىقىغا بۆلەكچە كۈچ قوشۇشىغا پايدىلىق شارائىت ھازىرلىغان.

سىناش جەريانلىرى

تىزلىنىش سىنىقىدا ئېكسېل XT نىڭ 1.6T لىق نۇسقىسى 8.2 سېكونتلۇق پەچەت نەتىجە ياراتتى

0-60 كېلومېتىرغىچە 3.7 سېكونت، 0-100 گە 8.2 سېكونت سەرپ قىلغان.

100 كېلومېتىرلىق تورمۇز سىنىقىدا 39.4 مېتىر نەتىجە ياراتتى. بۇ نەتىجە ئەلا نەتىجە ھېسابلىنىدۇ. بۇنى 22.5 سانتىمېتىرلىق چاقتىن ئايرىپ قارىغىلى بولمىسا كېرەك.

ماي سەرپىيات سىنىقى XT نىڭ بىر تۇققىنى بولغان 3 ساندۇقلۇق ئېكسېل GT دە ئېلىپ بېرىلغان. 1.8 لېتىرلىق بۇ ماشىنىنىڭ ماي سەرپىياتى 100 كېلومېتىرغا 7.16 لېتىر بولۇپ چىققان.

شاۋقۇن سىنىقىدا نەتىجە تۆۋەندىكىدەك بولغان. يەنى، ماتور قوزغىتىلغان تىنچ ھالەتتە 46.6 دېتسىبىل، 60 كېلومېتىرلىق سۈرئەتتە 61.1 دېتسىبىل، 80 كېلومېتىرلىق سۈرئەتتە 64.3 دېتسىبىل، 120 كېلومېتىرلىق سۈرئەتتە بولسا 70.2 دېتسىبىل بولغان.

ئىچكى بوشلۇقىغا تەپسىلىي نەزەر سالغىنىمىزدا تۆۋەندىكىدەك نەتىجىلەرگە ئېرىشكۈدەكمىز. بوي ئېگىزلىكى 1.78 مېتىر كېلىدىغان كىشى شوپۇر ئورۇندۇقىدا ئولتۇرغاندا باش تەرەپتىن يەنە 1 مۇشت پاتقىدەك ئارىلىق قالغان.

بۇ ماشىنا سپورت نۇسقىسىدىكى ماشىنا بولغانلىقتىن ئورۇندۇقنىڭ ئوراش ئىقتىدارى ئالاھىدە ياخشى بولۇپ، سپورت ماشىنىدا بولۇشقا تېگىشلىك بىر خىل ئالاھىدىلىكنى ئۆزىدە نامايەندە قىلغان. لېكىن ئورۇندۇقنى كەينىگە ياتقۇزىدىغان تۇتقۇچىنىڭ قولنى قىسىۋېلىش ئىھتىمالى بار ئىكەن.

يان تەرەپ تۇتقۇچ خېلىلا كەڭ ۋە ئۇزۇن بولۇپ، بويى ئېگىزرەك كىشىنىڭ قولىنى خاتىرجەم قويسىمۇ چانمىغۇدەك ھالەتتە ئىكەن. تېرىنىڭ ماتىرىيالى ئالاھىدە ياخشى بولۇپ، راھەت تۇيغۇسى كۈچلۈك ئىكەن.

ئالدى تەرەپتە 3 دانە ئىستاكان قويۇش ئورنى بار بولۇپ، بۇ جەينەك قويىدىغان جاينىڭ ئۇزۇنلىقىغا تەسىر كۆرسەتكەن. گەرچە بۇ جاينى قىسقا ۋە ئۇزۇن قىلىپ تەڭشىگىلى بولسىمۇ ئۇزۇن قىلىپ جەينەك قويىدىغان قىلىپ تەڭشىگەندە ئەڭ ئىچىدىكى ئىستاكان ئورنى «غايىب» بولىدىكەن.

ئارقا تەرەپ ئورۇندۇقتىكى بوشلۇق تۆۋەندىكىدەك ھالەتتە. پۇت ئارىلىقى ئالاھىدە كەڭمۇ ئەمەس. كەينى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان كىشىنىڭ باش تەرىپى تاقىشىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، باش قىسمى ئالاھىدە ئېگىزرەك قىلىپ لايىھەلەنگەن.

ئارقا ساندۇقىنىڭ ئەھۋالى رەسىمدىكىدەك. ئارقا ئورۇندۇقنى تۈزلىۋەتسەك تۈپتۈز تۇرماستىن ئازراق ئېگىز-پەس بوپقالىدىكەن. ئۈستىدە بىر ئىلغۇ بار. بۇ جايغا ئاپاراتقا ئوخشاش نازۇكراق نەرسىلەرنى ئېسىپ قويۇشقا بولىدۇ.

ساندۇقنىڭ بۇلىڭىدا يەنە بىر ئىلغۇ بار بولۇپ، نەرسىلەرنى مۇقۇملاشتۇرۇشقا ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

ساندۇقنىڭ سول تەرىپىدە توك يول لېنىيەسى بار. ئوڭ تەرەپتە يەنە كىچىك تەكچە بار بولۇپ، ئۇششاق-چۈششەك نەرسىلەرنى سېلىپ قويغىلى بولىدۇ.

سىرتقى يۈزىنىڭ چوڭلۇقىنى تۆۋەندىكى رەسىمدىن ئېنىق كۆرەلەيسىز.

ئېكسېل XT نىڭ 1.6T لىك نۇسقىسىغا ئىشلەتكەن چاق GoodYear نىڭ 225/50R17 لىك چاق. بەنداش 5 تاياقلىق 5 بولتىلىق بەنداش. قاراشقا ئۇنچە بەك سپورت تۇيغۇسى بەرمىسىمۇ خېلىلا چىرايلىق.

ئالدى ۋە كەينى تەرەپ ئاسمىسى بايا ئېيتقاندەك 2 خىل ئاسما.

بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللىنىشنىڭ سەۋەبى سپورت ھالىتىدە تېخىمۇ ياخشى بولغان كونترول ھالىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن. بۇنى زاغرا تىلىمىز بىلەن چۈشەندۈرسەك، ماشىنا جىددى بۇرالغاندا قارشى تەرەپكە چۈشىدىغان كۈچنى ئوتتۇرىدىكى كۆۋرۈك ئوقى ئارقىلىق يەنە بىر تەرەپكە ئۇزىتىپ بېرىپ تەڭ ئۈستىگە ئالىدۇدە، ماشىنىنىڭ ئېغىشى ئازلايدۇ. دېمەك بۇنىڭدا كونترول ئالاھىدە ياخشى بولىدۇ.

تۆۋەندە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىر سىن كۆرۈپ باقايلى:

ماشىنا باھاسى

ئېكسېل XT نىڭ 6 خىل تۈرى بار. زاۋۇت بېكىتكەن باھالىرى تۆۋەندىكىچە:

1.6L قول خوت. ماتورى: 1.6L   ئات كۈچى : 121  باھاسى : 134 مىڭ 9 يۈز.

1.6L ئاپتۇماتىك خوت. ماتورى: 1.6L   ئات كۈچى : 121  باھاسى : 149 مىڭ 9 يۈز.

1.6T ئاپتۇماتىك خوت ئادەتتىكى تىپلىق. ماتورى: 1.6T  ئات كۈچى : 183  باھاسى: 171 مىڭ 5 يۈز.

1.6T ئاپتۇماتىك خوت ھەشەمەت تىپلىق. ماتورى: 1.6T  ئات كۈچى : 183  باھاسى: 181 مىڭ 5 يۈز.

1.8L ئاپتۇماتىك خوت ئادەتتىكى تىپلىق. ماتورى: 1.8L   ئات كۈچى : 146  باھاسى : 159 مىڭ 5 يۈز.

1.8L ئاپتۇماتىك خوت. ماتورى: 1.8L   ئات كۈچى : 146  باھاسى : 186 مىڭ 9 يۈز.

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



12 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. ھىچ ماشىنىنىڭ باھاسى يوقيا ؟ مەن كۆرمەي قالدىممۇ يا ؟ :evil:

  2. ئارقى تەرىپىنى ئانچە ياقتۇرمىدىم…. :right:

    • بۇنىڭ يەنە قۇيرۇقى بار 3 ساندۇقلۇق نۇسقىسىمۇ بار. Excelle GT دەيدىغان. شۇنىڭ ئارقىسى يارامدىكىنە؟! :lol:

    • مىنىڭ تەۋسىيە قىلىدىغىنىممۇ شۇ…قۇيرۇقى بارلىرى بولۇپ قويۇدۇ….يېقىندا بىرمەزگىل ھەيدىدىم…بۇنىڭدا ئىسكەت دىسىڭىز ئىسكەت ،كۈچ دىسىڭىز كۈچ تۇلۇق…ئەمما كاساپەت…..漂移 قىلىپ ھەيدىسىڭىز ئالامەت ھاردۇقىڭىز چىقىدۇ…بەك يۇمشاق…. :beauty:

  3. پاسىبانىمنىڭ مانا مۇشۇنداق جانغا ئەسقاتىدىغان تېمىلىرىنى دەپلا كىرىمىزدە بۇ بلوگقا :good: پاسىبانىمنىڭ بلوگىغا كىرسەملا ئۆزەمگە قايتىدىن مەدەت بېرىمەن. چۈنكى بۇ بلوگدا بىر بولسا ئايفون بىر بولسا ئېسىل ماشىنىلارنىڭ گېپى، كىشىگە ھاياتتا يەنىمۇ تېرىشىش لازىملىقىنى، باشقىلارغا ئوخشاش شەرىپىمىز بىلەن ياشاش كېرەكلىكىنى سەمىمىزگە سېلىپ تۇرىدۇ.
    مۇمكىن بولسا باھاسى 100 مىڭنىڭ ئىچىدە بولغان ئېسىل ماشىنىلار بولسا شۇلارنىمۇ كۆپرەك تونۇشتۇرغان بولسىڭىز.

    • مانا سىلەردەك قىزغىن ئىشتراكچىلار ئادەمنىڭ ھاردۇقىنى چىقىرىسىلەردە! ئاللاھ خالىسا مۇشۇ بىرقانچە كۈن ئىچىدە يەنە بىرنى يازاي.

  4. ھازىر بىرقەدەر مودا بولىۋاتقان، داڭلىق ماركىدىكى ئاپتوموبىللار توغرىسىدا توختىلىپ ،داڭلىق ئاپتوموبىل ماركىلىرىغا نىسبەتەن سەل بىلىم بېرىلگەن بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاركەن، :cute: بۇ ساھەدە قارا قورساقلار سەل تەربىيلىنىپ قالغان بولساق :appoint: يولدىكى ماشىنىنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بىلىنىدۇ بەزىدە ماڭا ،ماركىلىرىنى بىلمىگەچكە :o))): ، تۇيۇقسىز بايقاپ قالدىم بىلوگىڭىزنى :lol: يەنە داۋاملىق كەپ تۇرىمەن :welcome: :-D

    • بولىدۇ. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تۇرمۇشىمىزدا كۆرۈپ تۇرساقمۇ تېگى-تەكتىنى بىلىپ بولمايدىغان ماركىلار دېگەندەكلەرگە ئىزاھ بېرىپ ئۆتۈش ئويۇم بار ئىدى ئۆزۈمنىڭمۇ. قولۇمدىن كېلىشىچە … قارشى ئالىمەن! :welcome:

    • كىچىكىپ بايقاپسىز…. :o))): ( پاسىبان )دا پايدىلىق ،كېرېكلىك نەرسىلە جېق ….پاسا-پۇسسا تىمىلا ئاساسەن يوق دىيەرلىك….شەخسەن ياقىدۇ ماڭا…..بولۇپمۇ iPhone ۋە ماشىنا تۈردىكىلە….

  5. بۇ ماشىنا بىلەن Opel Astra ئىككىسى بىر، ھەر ئىككىلىسى ئاممىباپ ئاپتوموبىل گۇرۇھى GMنىڭ ماشىنىلىرى.
    ياۋروپادا Opel Astra ماركىسى بىلەن سېتىلىدۇ، ئامېرىكا ۋە جۇڭگودا Buick ماركىسى بىلەن بازارغا سېلىنغان. تۇربو موتورلۇق، echotech تېخنىكىسى قوللىنىلغان، ھەم يۇقىرى ئاتكۈچىگە ئىگە، ھەم كۆرۈنىشى بەك سەتەڭ.

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش