نەچچە كۈن بۇرۇن يوللىغان «ئايفونغا قاچىلىمىسا يامان بولىدىغان پرگرامما» دېگەن تېمىدا سۆزلەپ ئۆتكەن ئاۋۇ پروگرامما پەقەت تۈرمىدىن قاچۇرغانلارلا پايدىلىنالايدىغان ئەپ. چۈنكى ئۇ Cydia ئارقىلىق قاچىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئىقتىدارى ھەقىقەتەن مۇكەممەل بولسىمۇ تۈرمىدىن قاچۇرۇشنى خالىمايدىغانلار ئۈچۈن ۋازكەچمەي ئامال يوق ئىدى. بۈگۈن تونۇشتۇرماقچى بولغان بۇ ئەپ – تۈرمىدىن قاچۇرمىغانلارمۇ پايدىلىنالايدىغان يەنە بىر قولايلىق ئەپ!
AppStore دا سېتىلىدىغان GeniusDialer دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ئەپنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارى تېلفۇن ئۇرۇشنى قولاشلاشتۇرۇش بولۇپ، بۇنىڭدا تېلفۇن دەپتىرىدىكى خالىغان بىر كىشىنى ئىزدىمەكچى بولساق نومۇر تاختىسىدىن شۇ كىشىنىڭ ئىسمىنى يېزىپ چىقساقلا بولىدۇ. يېزىش ئۇسۇلى T9 كونۇپكا تاختىسى بويىچە بولىدۇ.
ئىزدەش ئۇسۇلىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي:
نومۇر تاختىسىغا قارىساق 2 دىن باشلاپ 9 غىچە ھەر بىر نومۇردا ئېنگلىزچە ABCD ھەرپلىرى تەرتىپ بىلەن 3 ياكى 4 تىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئېنگلىزچە ۋە خەنزۇچە پىنيىن ھەرپلىرىنى قوراشتۇرۇپ سۆز ياساش ئۈچۈن لازىملىق ھەرپ بار بولغان نومۇرنى 1 قېتىملا بېسىش ئارقىلىق ھەل قىلىمىز. بۇ بىزنىڭ لاتىن يېزىقىنى يازغاندەك Rahman نى يېزىش ئۈچۈن 777 نى بېسىپ R نى چىقىرىۋېلىپ، 44 نى بېسىپ H نى چىقارغاندەك ئاۋارىچىلىق ئەمەس. بۇنى يېزىش ئۈچۈن پەقەت 724626 نى باسساقلا بولىدۇ. مانا بۇ T9 ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ كىرگۈزۈش ئۇسۇلى.
تېلفۇن دەپتىرىدىكى خالىغان بىر كىشىنىڭ نومۇرىنى ئىزدەش ئۈچۈن مانا مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە ئىزدىسەك تولىمۇ قولايلىق بولىدىغۇ دەيمەن؟ بۇ ئۆزىنىڭ ئىزدەش ئىقتىدارى بىلەن سېلىشتۇرغاندا بىزگە خېلى ۋاقىت تېجەپ بېرەلەيدۇ. يەنە كېلىپ ئىزدەش دائىرىسى دەسلەپكى ھەرپلىرى بىلەن باشلانمىسىمۇ، ئارىلىقتىكى بىرەر ھەرپ بىلەن باشلانسىمۇ بولىۋېرىدۇ. مەسىلەن : Tursun Sayit Urumchi دېگەن نامدىكى شەخسنى ئىزدىمەكچى بولساق نومۇر باسىدىغان جايغا 878 نى باسساقلا بولىدۇ. يەنى TSU دېگەن باش ھەرپلىرى بويىچە تەرتىپكە تىزىپ بۇ نومۇرنى ئەڭ باشقا تىزىدۇ. مۇقۇملاش ئارقىلىق مۇرەككەپ ئىسىمدىكى نومۇرلارنىمۇ ئاسانلا تاپالايمىز.
خەنزۇچە ئىزدەش پرىنسىپىمۇ ئوخشاشلا. مەسىلەن 张小三 دېگەن ئىسىمنى ئىزدىمەكچى بولساق ZXS نى بېسىپ (997 نىلا باسساق بولىدۇ) تاپالايمىز. مانا مۇشۇنداق قولاي.
بۇ ئەپ گەرچە نەچچە كۈن بۇرۇن تونۇشتۇرغان كەلگەن تېلفۇن رايون نومىرىنى كۆرسىتىش ئىقتىدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان بولسىمۇ تېلفۇن ئۇرۇشنى قولايلاشتۇرىدىغان بۇ ئىقتىدارنى ئۆزىگە مۇكەممەل مۇجەسسەملىگەن. شۇڭا تۈرمىدىن قاچۇرۇشنى خالىمايدىغان ئايفونداشلارغا ياخشى تاللاش بوپقالغۇسى…
يەنە باشقا ئىقتىدارلىرىنى ئۆزىڭىز ئاقتۇرۇپ بايقاپ كۆرۈڭ. تۆۋەندىكى ئۇلانمىنى بېسىپ AppStore ئارقىلىق چۈشۈرۈڭ.
تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما ئايفوندا سىناق قىلىندى.
iTunes قا تىزىملىتىش جەريانىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ.









































چۇشۇرۇپ سىنىدىم……بوپ قويىدىكەن …..ئاۋارە بوپسىز ،رەھمەت…..
بۇ يۇمتالنى ئاخشام چۈشۈرۋالغان ئىدىم . مۇمكىن بولسا سۆزلەشكەن تىلفۇن خاتىرىسىنى تاللاپ ئۆچۈرىدىغان دىتال بولسا تونۇشتۇرغان بولسىڭىز بوپتىكەن . مىنى ئەڭ قىيناۋاتقان ئىشنىڭ يەنە بىرسى ئايفۇن4 نىڭ تۈرمىدىن قاچۇرمىغانلىرىغان قوڭغۇراق ئاۋازىنى بەلگىلەشتىن ياردەم قىلسىڭىز بوپتىكەن.ئۆزۈم خالىغان ناخشىنى تاللىيالماي شۇنداق بىزار بوپ كەتتىم. سىتىۋالغان 6ئايدىن بۇيان دىرىڭ دىرىڭ دىن باشقا قوڭغۇراق ئاۋازىمۇ يوق بەك بىزار بولدۇم..
چ چ : 99655266
تاللاپ ئۆچۈرىدىغان نەرسىلەر ھازىرچە AppStore دا يوق. قوڭغۇراق ئاۋازىنى توغرىلاشنى iTunes ئارقىلىقلا ھەل قىلغىلى بولىدۇ. ئاۋال MP3 ھالىتىدىكى 40 سېكونتتىن قىسقا بولغان ئاۋاز ھۆججىتىنى تەييارلىۋالىسىز. ئاندىن بۇنى M4R فورماتىغا ئالماشتۇرۇپ بىۋاستە iTunes قا سۆرەپ ئەكىرىۋەتسىڭىز iTunes ئامبىرىغا قوشىلىدۇ. ئاندىن 同步铃声 دېگەن جاينى تاللاپ قويۇپ ماسقەدەملىۋەتسىڭىز ئىش تامام.