Talking Tom نى ئايفون ئىشلىتىپ باققانلار ئاساسەن دېگۈدەك چوقۇم قاچىلاپ باققانغۇ دەيمەن. مۇشۇ تېمىنى كۆرۈۋاتقان ئايفونداشلارنىڭ ھېلىھەم ئايفونىدا بۇ كلاسسىك مۈشۈك بولسا كېرەك. يېقىندا بۇ شىركەت يەنە Ben ئىسىملىك تېخىمۇ ئوماق بىر كۈچۈكنى ياساپ چىقىپتۇ. بۇ چوقۇم ئوماقلىقىدا Tom نى بېسىپ چۈشىدىكەن.

چوڭ سۈپەت ئولتۇرغان بۇ كۈچۈكنىڭ ئىسمى بەن «Ben». ئەڭ ئاۋال بۇنى كۆرگىنىمىزدە گېزىت ئوقۇپ ئولتۇرغان ھالىتىنى كۆرىمىز. گېزىتتە ستىۋ جوبسنىڭ تامنى ياخشى كۆرىدىغانلىق توغرىسىدا خەۋەر بېسىلغان. بۇ كۈچۈك ناھايىتى ئەقىللىق بولۇپ، يېنىدا تۇرغان تېلفۇن ئارقىلىق سىز بىلەن پاراڭلىشالايدۇ. تېلفۇننى بىر باسساق تېلفۇن سايرايدۇ. بەن تېلفۇننى ئالغاندىن كىيىن سىز بىلەن پاراڭلىشىشنى باشلايدۇ.

بۇ كۈچۈكنى بوش چاغلىماڭ. بۇ قايسى بىر ئۇنىۋېرىستىتنىڭ خىمىيە فاكۇلتىتىنى پۈتتۈرگەن ئەلاچى ئوقۇغۇچى. ئۈستىدىكى ئوقۇش پۈتتۈرۈش سۈرېتى بۇنىڭ ئىسپاتى. بۇ رەسىمنى باسقاندا ئاۋايلاپراق بېسىڭ ھە، چېقىلىپ كېتىپ قالمىسۇن. ئاستىدىكى پروبىركىنىڭ رەسىمىنى بېسىپ بەننىڭ تەجرىبىخانىسىغا كىرەيلى

ئاستىدا بىزگە ئەڭ دەسلەپ 2 تال خىمىيىلىك دورا بېرىدۇ. بۇ ئىككىسىنى رىئاكسىيەلەشتۈرۈش ئارقىلىق ھەرخىل ئۈنۈملەرگە ئېرىشىمىز.

پارتىلاشتىنمۇ ساقلانغىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە.

ئورۇندۇقنى بېسىپ بۇرۇنقى ھالىتىگە قايتىمىز. بۇنىڭمۇ ئوخشاشلا قول-پۇتلىرىغا باسساق ھەرخىل ئىنكاس پەيدا بولىدۇ. قورسىقىنى سىلىساق غىدىقى كېلىدۇ. ئەڭ ئوماق يېرى تېلفۇن ئارقىلىق بىز بىلەن پاراڭلىشىشى ئىكەن. مېنىڭچە تامغا قارىغاندا بۇ بەكلا ئوماقكەن. دەرھال ھەرىكەتلىنىپ ئاستىدىكى ئۇلىنىشنى بېسىپ iTunes ئارقىلىق چۈشۈرىۋېلىڭ.

يېشىش ئۇسۇلى

بۇلارنى چۈشۈرۈپ بولغاندىن كىيىن iTools ئارقىلىق تۆۋەندىكى مۇندەرىجىنى ئېچىڭ.

var / mobile / applications / Talking Ben  / Documents

بۇ جايغا چۈشۈرۈشكە تەمىنلەنگەن ھۆججەتنى چىقىرىپ قاپلىۋەتسەك ئىش پۈتىدۇ.

ئەگەر ئۈستىدىكى ئادرىسقا 文件系统 已越狱 دىن كىرسىڭىز Appilication نىڭ ئاستىدا 9ED1F8B3-11CE-47D2-A20F-4E10B1744585 دېگەندەك مۇندەرىجە چىقىۋېلىشى مۇمكىن. سىز تۆۋەندىكى ئۇسۇل ئارقىلىق بۇ سان-سىفىرلارنى ئەپ ئىسمىغا ئايلاندۇرۇپ ئاسانلا تاپالايسىز (iTools ئارقىلىق):

文件管理 نى باسسىڭىز ئوڭ تەرەپتە (程序(用户 دەپ بىر جاي بار. شۇنى باسقاندىن كىيىن قاچىلىغان ئەپنىڭ ئىسمى يۇقىرىدىكى سان-سىفىر شەكلىدە ئەمەس، ئەپ ئىسمى ھالەتتىلا كۆرىنىدۇ. سىز ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى Talking Ben نىڭ ئىچىنى ئاچسىڭىزلا بايىقى Documents دېگەن مۇندەرىجىنى تاپالايسىز. بۇ تولىمۇ ئاسان بىر ئۇسۇل. مۇشۇ جايغا بۇ نەرسىنى چۈشۈرۈپ قاپلىۋەتسىڭىزلا كۇپايە.

iPhone نۇسقىسىنى چۈشۈرۈڭ

iPad نۇسقىسىنى چۈشۈرۈڭ


无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



7 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. 博主的文章很不错,学习了。

  2. :lol: سىز بەك ئۇماقكەنسىز جۇمۇ مۇشۇنداق ئويۇنچاقلارنى بەك بىلىگىنىڭىزدىن قارىغاندا

  3. مەن سەپەردە .ئوبدان مۈشۈكتەك قىلىدۇ
    ئالمىدا چۈشۈۋاتىدۇ

  4. ئايفون 3 يىغىۋېلىنىدۇ! راست گەپ، تىزدىن مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ! :naive:

  5. 2500 لازىمما؟

  6. يىغىۋېلىپ نىم قىلىسلە؟ قايتا ساتىدىغانغىما؟ مېنىڭ ئايپەد 1نىمۇ يىغىۋالغان بولساڭلار بەك خوش بولاتتىم :naive:

  7. نېمانداق ئوماق بۇ

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش