iOS 5 ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان ھەرخىل يېڭىلىقلارنىڭ بارلىقىنى ئۇجاي-بۇجايلاردىن دىگۈدەك كۆرۈپ كەلدۇق. مەن ئۆزۈم قاچىلاپ سىناپ كۆرگەندىن كىيىن يېڭى سېستىمىنىڭ ھەقىقەتەن كۆپ يېڭىلىقلارنى ئۆز ئىچىدە مۇجەسسەملىگەنلىكىدىن سۆيۈندۈم. بۈگۈن مەن دوسلارغا iPhone 4 كە iOS 5 نى قانداق قاچىلاشنى سۆزلىمەكچىمەن. ئەلۋەتتە باشقا iPhone لارغىمۇ مۇشۇ ئۇسۇلدا سىناپ باقساڭلار بولىدۇ. ئەگەر سىزمۇ يېڭىلىقنى بالدۇرراق تېتىپ باقماقچىمۇ؟ ئۇنداقتا سىزمۇ كېلىڭ!
بۇنىڭ ئۈچۈن كومپىيۇتېرىڭىزدا چوقۇم iTunes نىڭ 10.5 تىن يۇقىرى نەشىرى بولىشى ھەم iOS 5 سىستىما بولىقى ھۆججىتى بولىشى كىرەك. (قۇلۇپى بار تورداشلار ئەڭ ياخشى يىڭىلاشقا ئالدىرماڭ)
چۈشۈرۈشكە تىگىشلىك قۇراللار:
redsn0w_win_0.9.8b1
ئەڭ يېڭى نەشىردىكى iTunes
ifunbox_sc بۇنىڭ ئورنىغا iTools نى ئىشلەتسەكمۇ بولىدۇ. iTools0614
SystemVersion.plist (بۇ بولسا تېلېفۇنغا بۇ سېستىمىنى ئىشلىتىشكە ھوقۇق بىرىش ئىشلىتىلىدۇ)
iso5نىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسى: http://u.115.com/file/clwogk2w
ھەممە تەييار بولدى. ئەگەر سىز بىۋاستە 10.3 نەشىردىكى iTunes بىلەن مەشغۇلات قىلسىڭىز 3194 خاتالىق ئۇچۇرى چىقىۋېلىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسى ئورگان تور بېتىدىن ئەڭ يېڭى نەشىرنى چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ ۋەياكى كومپىيۇتېرىڭىزدىن بىۋاستە ئەڭ يېڭى نەشىرىگە يېڭىلاڭ.
يانفۇننى كومپىيۇتېرغا ئۇلاپ 恢复 نى بىسىش بىلەن بىرگە shift كۇنۇپكىسىنى بىرگە بىسىڭ. iso5نى تاللاپ قايتۇرۇشقا بۇيرۇق بىرىڭ. ئەگەر 3194 خاتالىق ئۇچۇرى چىقىۋالسا C:\Windows\System32\drivers\etc\ ئاستىدىكى hostھۆججىتىنى ئۆزگەرتىڭ. 74.208.10.249 gs.apple.com دەل مۇشۇ ئادرىسىنى يۇيىۋىتىڭ. (خاتالىق ئۇچۇرى چىقمىسا يۇيمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ) مەشغۇلات تەرتىۋى تۆۋەندىكىچە:
مۇشۇ بويىچە مەشلات قىلىپ iTunes نى تاقاپ قايتا ئىچىڭ. ئىش تامام. iOS 5 قاچىلاشنى باشلايمىز.
قايتىپ بولغاندىن كىيىن ھىچقانداق مەشغۇلات قىلماي. تۈرمىدىن قاچۇرىمىز. بۇ بەلكىم تورداشلارغا كونا ساۋات بولۇپ قالدى.
redsn0w_win_0.9.8b1 بۇ تۈرمىدىن قىچىش قۇرالىنى چۈشۈرىمىز.
مەشخۇلاتى تۆۋەندىكىدەك:
1- قىتىم install cydia نى تاللايمىز. قالغاننى سىستىما مەشغۇلاتى بويىچە قىلسىڭىز بولىدۇ.
2- قىتىمدا ifunbox_sc ياكى iTools0614 دىن پايدىلىنىپ SystemVersion.plist ھۆججىتىنى /System/Library/CoreServices نىڭ ئاستىغا قويىمىز.
3- قىتىم يەنىلا تۈرمىدىن قاچۇرۇش دىتالىنى تاللاپ، just boot tethered right now بۇ تىزىملىكنى تاللايمىز. (install cydia گە بەلگە قويماڭ)
بۇ قەدەمنى بېسىپ بولغاندىن كىيىن iPhone قايتا قوزغىلىپ iPhone نىڭ قارشى ئېلىش تىزىملىكى كۆرۈنىدۇ. iTunes ھېساۋاتى ئارقىلىق تىزىملىتىپ كىرىپ كەتسەك بولدى.
تۆۋەندىكى iOS 5 نى قاچىلىغاندىن كىيىنكى ئېكران رەسىملىرى:
بۇ چوقۇم تورداشلارغا ئەڭ ياقىدىغان بىر يېرىغۇ دەيمەن. ئاڭلاشنى خالىمايدىغان ناخشىلارنى خالىغانچە يۇيىۋەتكىلى بولمايتتى. يىڭى سېستىمىدا بولسا بۇ قىيىنچىلىقلار پۈتۈنلەي ھەل قىلىنغان. ئەمدى بەزىبىر ئەپلەرگە تايانمايدىغان بولدۇق. بۇ ئىقتىدار ئاساسەن ھەممە جايدا ئىشلەيدۇ.
ئەمدى iPod بىلەن مەڭگۈ خوشلىشىمىز مۇمكىن. (بەكلا چىقىشىپ قالغان ئىدىم ئۇنىڭ بىلەن، كوڭلۇم بۇزىلىۋاتىدۇ)
ئىش تامام دوسلار، ئەمدى iOS 5 تىن قانغۇچە ھوزۇرلىنايلى. تۈرمىدىن قېچىش پۈتۈنلەي مۇكەممەل ئەمەس. شۇڭا بەزى Cydia غا كىرەلمەي قېلىشىمىز مۇمكىن. لېكىن ئىشىنىمەنكى ھەپىلىشىپ يۈرۈپ چوقۇم كىرەلەيسىز. چۈشەنمىگەن دوسلار بولسا خەت قالدۇرساڭلار بولىدۇ. ۋاقىت قىس بولغاچقا بەزى جايلىرى تەپسىلىي بولماي قالدى. ئەپۇ قىلىڭلار.
ئەسكەرتىش: قولۇپى بار دوسلار ئىمكان بار يېڭىلىماڭلار.
7-ئاينىڭ 1-كۈنى يېڭىلىغان مەزمۇن :
iTunes 10.5 نىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسى:
http://dl.dbank.com/c0qb4h6u74









































ھەي، قۇلۇپى بار نەشىرى دېگەنزە … مۇشۇنداق يامان يەرگە كەلگەندە چاتىغى باردە!
ئامال قانچە، مودىم نەشىرىنى ساقلاپ قىلىپ، يىڭىلىسىڭىز بولىدۇ. لىكىن خاتالىق كۆرۈلۈپ قالسا ئۇ ۋاقىتتا
بولىدىغان گەپ شۇ
بولۇپمۇ يانفۇنغا ئويۇنچۇق ياكى سىستىما چۈشۈرگەندە بۇرۇنقىدەك بىردىن بىردىن قاچىلاشتىن كۆپلەپ قاچىلاشقا تەرەققىي قىلغىنى بەك پەيزى بوپتۇ. مەن راسلا بەك رازى بولدۇم جۇمۇ ISO 5 تىن .
تېمىڭىزغا رەھمەت. جاپا چېكىپسىز!
مەن 3gs كە قاچىلىغانتىم، ئاكتىپلاشتىن ئۆتەلمىدىم، كىيىن بىر نىمە قىلىپ ھەپىلىشىپ نورمال ھالەتكە (يەنى نورمال قوزغالغان ھالەتكە) ئەكەلدىم، بىراق سىگنال چىققىلى ئۇنىمىدى… تېلفۇنۇم قۇلۇپى يوق دۆلەت مېلى ئىدى بولمىسا…
شۇنىڭ بىلەن يەنە 4.3.3 گە چۈشىۋالدىم…
بۇ بەقەت ئالمىنىڭ 4 ئەۋلات تېلېفۇنىدىلا نۇرمال ئىشلەيدۇ. سىز 3gs تە نۇرمال ئىشلەيدىغان iso5 نى چۈشۈرۈپ سىناپ بىقىڭ.
مەن يانفۇنۇمغا mvt ،mp3 قاچىلاشنى پاسىبان ئەپەندىمنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا ئۈگىنىۋالغان ئىدىم ، شۇندىن بۇيان ئىزچىل ناخشا مۇزىكا قاچىلاپ ئاڭلاپ كىلىۋاتىمەن ھەم ھەرقىتىم ناخشا مۇزىكا ئاڭلىغاندا پاسىبان تورىنى بىر قىتىم ئەسكە ئىلىپ تۇرۇشنىمۇ ئادەتكە ئايلاندۇرۋالدىم دىسەممۇ بولىدۇ.
بۈگۈنكى مەسىلە مەن mtv دىن 30 نى mp3 تىن 56 نى قاچىلاپتىمەن.لىكىن داۋاملىق قاچىلاي دىسەم پەقەت مۇۋاپپىقيەتلىك بولمايۋاتىدۇ.مەن قايسى مەشخۇلاتنى خاتا قىلغىنىمنى زادى بىلەلمىدىم ، بولمىسا مىنىڭ مەشخۇلات تەرتىۋىم بۇرۇنقىغا ئوخشاش ئىدى…مۇشۇ توغۇرلۇق بىر مەسلىھەت بەرسەڭلار بوپتىكەن…
قانداق ئەسكەرتمە چىقتى؟ توشۇپ كەتمىگەندۇ ھە؟
بۇ IPODقا چۈشەمدۇ يا؟
چۈشۈدىغىنىمۇ بار. لېكىن تەمىنلەنگەن قاچىلاش بولىقى ئايفون 4 نىڭ ئىكەن. iPod نىڭ بولىقىنى تېپىپ چۈشۈرۈپ ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن سىناپ باقساڭ بولامدىكىن
تاپتىم لىكىن پەقەت چۇشمىدى. ئەگەر سەن تاپالىساڭ ئەۋەتىپ بەسەڭ قاچىلاپ باقسام!
قەيەدىن تاپتىڭ؟ ئادرىسىنى بى يازە! دەقەمتې پۇت-قولىدىن تاتىپ بى چۈشۈرىلى!
5.0گە يىڭىلاپ تۈرمىدىن قاچۇرۇپ ھەممە مەشخۇلات تاماملاندى ئاخىرىدا تورغا كىرمەي..ئاپپىلى ھىساۋاتىم ئۆتمىدى… تىلفۇندا سىگنال يوق…
باشقا ئامالى بامۇ يا 2 3 4 كە يىنىۋالىمىزمۇ ؟
ئايفۇنۇمنى 3 3 4 كە چۈشۈرەي دىسەممۇ بولمايۋاتىدۇ…. تىلفۇننى كوم پىيۇتىر غا چاتساملا iTunes تىن iTunesنىڭ ئەڭ يىڭى نەشرىنى ئورگان تەرەپ تور بىتىدىن چۈشۈرۈپ يىڭىلاڭ دەپ ئۇچۇر چىقىۋالدى.. نەچچە رەت چۈشۈرۈپ ھەتتا كوم پىيۇتىر نىڭ سىستىمىسىنىمۇ قايتا قاچىلاپ ئاندىن iTunesنىڭ يىڭى نەشرىنى قاچىلاپ باقتىم…تىلفۇننى نورمال تۇنىماي تۇرىدۇ 91 تىلفۇن ياردەمچىسىدىمۇ سىستىمىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمىدىم
مىنڭنڭمۇ سىزنىڭكىگە ئوخشاش بولۇپ قالدى ، قانداق قىلسام بولار؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
ئەڭ ئاددىي ھەل قىلىش ئۇسۇلى: كومپىيۇتېرىڭىزنىڭ سېستىمىسىنى يىڭىلاڭ. بولمىسا بولمايدۇ.
ئايپوتقا قاچېلغانتېم لېكېن نۇرمال ئېچېلېپ مۇلازېمتېر تېخې ئېچېلمېدې دەپ خەت چېقېۋالدې
سىز itunes نىڭ قايسى نەشىرىدە قالىغانتىڭىز 10.3 ياكى 10.5 چوقۇم 10.5 ناشىرى بولىشى شەرت جۇمۇ دوسلار.
10.5ئدې iTunes دېمۇ شۇنداق خەت چېقېۋالدې
يەنە ماك بوك ئايردا تۇرمېدېن قاچۇرغېلې بولمايۋاتېدۇ
ئاخېرې مۇۋەپپقيەتلېك ھالدا قاچېلېدېم
يەنە بېر سۇئالېم ماك بوك ئايردا قانداق قېلسام تۇرمېدېن قاچۇرۇش دېتالېنې ئېشلېتەلەيمەن . ھازېر ئېچېلېدۇ لېكېن سېستېما بولېقېنې تاللغېلې بولمايدۇ قايتا قاچېلاپمۇ باقتېم لېكېن ئوخشاش.
تۈرمىدىن قاچۇرىدىغان دېتالنىڭ Windows نەشىرى بولغاندەك مەخسۇس Mac ئۈچۈن ئايرىم نۇسقىسى بار. شۇنى تېپىپ سىناپ بېقىڭ.
يەنە ئوخشاش . قانداق قېلسام بولېدۇ ياردەم بېرېڭ
نېمە نېمىگە ئوخشاش؟ ئېنىقراق ئېيتىڭ. نۆۋەتتە iOS5 تە تۈرمىدىن قاچۇرۇش مۇكەممەل ئەمەس. يەنە كېلىپ تەمىنلەنگەن نەرسىلەر Windows مۇھىتىدا خىزمەت قىلىدىغان نەرسىلەر. سىز Mac ئىشلىتىدىغان ئوخشايسىز. سىز تۆۋەندىكىلەرگە كاپالەتلىك قىلالامسىز؟
سىزنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنىڭىز Windows سېستىمىسىمۇ؟ ئۈستىدىكى ئۇسۇل Mac كە ئوخشىمايدۇ.
ئايفونىڭىز 4-ئەۋلا ئايفون iPhone 4 مۇ؟ بۇ يەردە تەمىنلەنگەن ئۇسۇل ۋە دېتاللار باشقا ئايفونغا ماس كەلمەيدۇ.
مەشغۇلاتلارنى ئۈستىدىكىدەك بىرمۇبىر قىلدىڭىزمۇ؟
ھەممە جاۋابىڭىز «ھەئە» بولسا ROKR سىزگە جاۋاب بېرىپ باقسۇن. بۇ يازمىنى شۇ يازغان. مەن ئۆزۈم قاچىلاپ باقمىغان ئىكەنمەن. مېنىڭ قۇلۇپى بار نەشىرى ئىدى.
يەنە بىر پىكىرىم، ئىملاغا سەللا دىققەت قىلىپ قويسىڭىز ياخشى بولاتتى. H كونۇپكىسىنى باسساق «ى» ھەرىپى چىقىدۇ. بۇنىڭ ئورنىغا ھەممىسىگە E نى بېسىپ ئاسما چېكىتلىك «ې» نى ئالماشتۇرىۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوق.
ما ك كومپىيۇتېردا تۇرمىدىن قاچۇرۇش دىتالى ئىشلىمەيۋاتىدۇ . 4.3.3 نىمۇ تۇرمىدىن قاچۇرغىلى بولمىدى ،5.0 مۇ شۇنداق
سىز چوقۇم Mac سېستىمىسىنىڭ مەخسۇس نۇسقىسىنى تېپىپ ئىشلەتمەپسىز. شۇنى ئىشلىتىپ بېقىڭ.
تۇرمىدىن قاچۇرۇشتا خاتالىق كورۇلۋاتىدۇ
تۇرمىدىن قاچۇرۇشتا خاتالىق كورۇلۋاتىدۇ،4.3.2دەقاچۇرامدۇق ياكى 4.3.3دە
قانداق خاتالىق؟ خاتالىق مەزمۇنىنى توردىن ئىزدەشكە ئىشلىتىمىز. نېمە خاتالىق بولسا شۇ شەكىلدە يېزىڭ. بىللە ئىزدەپ باقايلى
ios5 دە بۇرۇنقى ئەپلەرنىڭ ھەممىنى نورمال ئىشلەتكىلى بولىدۇ شۇنداقمۇ؟
يېڭى چىققاندىلا كۆتۈرۈپ، ھېچ ئايتيۇنېزغا ئۇلىيالماي، ios4 گە چۈشۈۋالغانتىم…
بولىدۇ. بۇ ھازىر تولۇق ئىقتىدارلىق ئەمەس. ھەم تۈرمىدىن قاچۇرۇشمۇ مۇكەممەل ئەمەس. شۇڭا مەنمۇ بەك قىزىقىپ كەتمىدىم
پاسىبان ئەپەندىمنىڭ تۇرسۇنجاندىن سورىغان سۇئاللىرىغا مەن ھەئە دەپ جاۋاپ بىرىمەن……
ئۈستىدىكى چۈشەندۈرۈلگىنى بويچە بىر مۇ -بىر مەشخۇلات قىلغانتىم….2-3كۈن توربەتلەرنى ئارىلاپ يۈرۈپ بۈگۈن بىر دوستۇم 3 بارماق بىلەن ئىكراننى سىيرىپ يۈرۈپ ئايفوننى قوزغاتتى…ios5دەسلەپكى قەدەمدە قوزغالدى ئەمما يەنىلا جوڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش نىڭ سىگنالى يوق…ئايفونۇمدا رەسىم تارتىپ باقتىم…ios5نىڭ يىڭىلانغان ئىقتدارى بويچە ياندىكى كۇنۇپكا نورمال ئىشلىدى…ئەمدىكى مەسىلە…قانداق قىلىپ نورمال سىگنال چىقىرىپ ئايفوننى نورمال ھالەتكە كەلتۈرۈش….دوسلار بىرلىكتە ئىزدىنەيلى…بۈگۈن مەن باسقان يوللار ئەتىكى يەنە بىرەيلەننىڭ يولىغا ئاسانلىق ئىلىپ كىلەر
دوسلارنىڭ چوقۇم دىققىتىدە بولىشى لازىمكى، iOS 5 نۆۋەتتە Beta نەشىرى ھالىتىدە. بۇنىڭدا بىز ئالدىنقى تېمىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك 200 نەچچە خىل يېڭىلىق ئىقتىدارلارنىڭ ھەممىسى بولىشى ناتايىن. ئەڭ ئاددىسى iTunes قا سىمسىز ئۇلاش Beta 2 نەشىرىدە ئېلان قىلىندى. بۇنى ئىشلىتىش ئۈچۈن چوقۇم 开发者账号 بولىشى كېرەك. بۇ ھېساۋاتنىڭ يىللىقى 99 دوللار. قائىدە بويىچە ئەگەر بۇ ھىساۋات نومۇرى بولمىسا بۇ سېستىمىنى ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. بىز بۇ توساقنى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق بۆسۈپ تاشلاپ ئاندىن قاچىلايمىز. بۇ ئۇسۇللار پەقەت ۋاقىتلىق سېستما iOS 5 Beta ئۈچۈن ياسالغاچقا بۇ پەقەت ۋاقىتلىق ئاددى ئۇسۇللار. مۇكەممەل ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن بەزىبىر خاتالىق، يوچۇقلاردىن خالىي ئەمەس. يازمىدىمۇ ئېيتىپ ئۆتكەندەك تۈرمىدىن قاچۇرۇشمۇ مۇكەممەل ئەمەس. شۇنداق بولغانىكەن بەزى كومپىيۇتېردا نورمال بەزىدە بىنورمال بولىشى مۇقەررەر.
تەۋسىيەرىم: ھەقىقى نەشىردىكى سېستىما چىقىشتىن بۇرۇن بۇ ئۇسۇللار بىلەن قاچىلاپ «ھە، iOS 5 دېگەن مۇشۇنداق بولىدىكەندە!» دېگەندەك شۇنداقلا كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ، لېكىن iOS 4.3.3 كە ئوخشاش مۇكەممەل قىلىپ ئىشلىتىمەن دېگەن ئىدىيە بىلەن قاچىلىمىغايسىلەر.
يازمىنى ROKR نىڭ تەلىپى بويىچە شۇنىڭ نامىدا ئېلان قىلغان ئىدىم. چۈنكى مەن ئۆزۈم قىلىپ باقمىغان. ROKR مۇشۇنىڭغا ئۆزى جاۋاب بەرگەن بولسا ياخشى بولاتتى. ئالدىراش بوپكەتتىمۇ بىلمىدىم. يوقاپ كەتتى. بىزنى پەيزىنى سۈرۈڭ دەپ قويۇپ ئۆزى بەك سۈرۈپ كېتىۋاتامدۇ تاپقىلى بولمىدى.
باشقا دوسلىرىممۇ يېڭى سېستىمىنى قاچىلاپ بېقىپتۇ. ئۇلار ئايفونغا ناھايىتى پىششىق ھەم ئۆتكۈر. ئۇلارنىڭ كەسپىي پىكىرلىرىنى ئاڭلاپ باقتىم. خۇلاسە :
1. نۆۋەتتە بۇ پەقەت Beta نەشىرى، يەنى سىناق نەشىرى بولغانلىقى ئۈچۈن ھېلىقى 200 نەچچە خىل يېڭىلىق يوقكەن دېدى.
2. سېستىمىنى 淘宝 دىن بىر نەرسىلەرنى پۇلغا سېتىۋېلىپ تۇرۇپ قاچىلاپتۇ. قاچىلاپ نورمال قىلىش خېلىلا قىيىن ئىكەن.
3. تۈرمىدىن قاچۇرۇش مۇكەممەل ئەمەسكەن. Cydia خېلى مۈشكۈلچىلىكتە ئاران قاچىلاندى. قاچىلىنىپ بولۇپ قوزغالماي خېلى ئاۋارە قىلدى.
4. ئىقتىدارلىرى تولۇق بولمىغانلىقتىن 200 نەچچە يېڭىلىق دېگەن يېڭىلىقلارنى ھەقىقى تۈردە كۆرۈپ يېتەلمىدۇق.
5. ئاخىرى iOS 4 كە چۈشۈرىۋالدىم، دېدى. بۇ پىكىرلەرنى ۋە ئۈستىدىكى دوسلارنىڭ يولۇققان مەسىلىلىرىنى كۆرۈپ يېڭىدىن قاچىلىماقچى بولغان دوسلار ئاۋال ئويلىشىپ ئاندىن قاچىلىسا بولىدۇ. چۈنكى يەنە دېسەك يەنە شۇ، بۇ سېستىما ھازىر مۇكەممەل ئەمەس. قاچىلاش ئۇسۇللىرىمۇ بىر قەدەر قالاق. بۇندىن كىيىنكى سۇئاللارغا بۇلار تولۇق جاۋاب بولالايدۇ دەپ ئويلايمەن.
قاچىلاپ كۆرگەن بولسىڭىز بوپتۇ، يېڭى سېستىما مۇشۇنچىلىك ئوخشايدۇ. ئەمدى iOS 4 كە چۈشىۋېلىپ شۇنىڭ پەيزىنى داۋاملىق سۈرگەيسىز.
بەلكىم سىز بىرەر قەدەمنى خاتا باسقان بولىشڭىز مۇنكىن. ئەگەر ئۇمۇ توغرا بولسا ئۇ ۋاقىتتا. مەنمۇ راسلا بىر نىمە دىيەلمەيمەن. مەن نۇرغۇن دوسلۇرۇمنىڭ يانغۇنىغا قاچىلاپ بەردىم. شۇنداق بەك نۇرمال ئىشلەۋاتىدۇ بولمىسا.
پەقەت بولمىسا چ چ ئارقىلىق مەن بىلەن ئالاقىلىشىىڭ. بىز بىرلىكتە ھەل قىلايلى ئۇنى قانداق دىدىم.
مىنىڭ چ چ نۇمۇرۇم 493104596 مۇشۇ نۇمۇر بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.
@تۇرسۇنجان
ئاخىر تۇرمىدىن قاچۇرۇش سىستىمىسى ئىشلىدى
مەنمۇ سىناپ باقاي دەپ كىرەكلىك ماتىرياللارنى چۈشۈرۈپ بولغان، ئەمدى قورقىۋاتىمەن جۇمۇ!
ھە راست،مىنىڭ كومپيوتىرىمدىكى iTunes10.3.1 ئىدى، شۇنىلا يېڭىلاي دىسەم سىزنىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى دەيدىغۇ؟
ئالما تور بېتىدىن چۈشۈرۈپ قاچىلاپ بېقىڭ. ئاشۇ ئەڭ يېڭى نەشىرى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پاسىبان ئەپەندىم،مەن كومپىيوتىرىمدىكى iTunes نى يېڭىلاي دىسەممۇ ‹سىزنىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى› دەيدۇ. سىز تەمىنلىگەننى ھەم ئالما تور بېتىدىن چۇشۇرۇپ قاچىلىدىم، بىراق نۇسخىسى يەنىلا 10.3.1 غۇ، سىز دىگەن 10.5نەشىرىنى تاپالمىدىم….
ROKR يازمىسىدا ئەسكەرتمەپتۇ. مەنمۇ قاراپ باقتىم. 10.5 نەشىرى Beta نۇسقىسى بولۇپ بۇنى پەقەت پروگراممىرلارغا چۈشۈرۈشكە تەمىنلىگەن ئىكەن. توردا ئىزدەپمۇ باقتىم. تەڭدىن تولىسى يالغانچى ئېلان ئادرىسلار ئىكەن. ياكى Mac نەشىرى ياكى Windows 64 بىتلىق نەشىرى. ROKR نىڭ ئۆزىدە بار ئىكەن. تورغا يوللاۋاتىدۇ. يوللاپ بولغاندىن كىيىن تېما ئاستىغا چۈشۈرۈش ئادرىسى قالدۇرىلىدۇ.
http://dl.dbank.com/c0qb4h6u74
بۇ inutes نىڭ 10.5 نەشىرى چۈشۈرۈپ پايدىلىنىڭلار
بۇ ئىنگىلىزچە چىقىۋېلىپ يەنە بىر مەسلە بولدى…. ئىنگىلىسچىنى بىلمىگەنلىكىندىن بەزى بىر ئەسكەرتىش چىقىپ قالسا نىمە كىلارىمنى بىلمەي ئۆۈرۋەتتىم…..بىراق يىڭىلاشقا بەكلا قىزىقىۋاتىمەن…….
پاسىبان ئەپەندىم،مەن قايسى كۈنى تور ئارلاۋېتىپ ئايفوننى تۈرمىدىن قاچۇرغاندىن كىيىنكى بەزى بىر ئىقتىدارلىرىنى تۇنۇشتۇرغان بىر سۈرەتلىك فىلىمنى كۆرۈپ قالدىم…بىراق بۇمۇ ئىنگىلىسچە ئىكەن….مۇنداق بىر ئەپنى تۇنۇشتۇرۇپتۇ….بىز ئادەتتە تېلفۇننى ئىشلىتىپ بولغاندىن كىيىن powerكۇنۇپكىسى ئارقىلىق ئېكراننى قۇلۇپلايمىزغۇ؟ باسقان ھامان لاپلا قىلىپ ئىكران ئۆچىدۇ…مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم مۇشۇ ئۆچۈشكە ئۈنۈم قۇشىدىغان ئەپكەن…ھەر خىل ئۆچۈش ئۇسۇلى باركەن…..بۇ ئەپكىمۇ بەكلا قىزىقىپ قالدىم….بۇ ئەپنىڭ ئىسمى نىمىدۇ؟
مەن بۇنى ئىلگىرى قاچىلاپ باققان. ئىنكاسنى ئاستىلىۋېتىدىغاندەك ھېس قىلىپ ئۆچۈرىۋەتكەن ئىدىم. 威锋 مەنبەسى ئىچىدە بار. GPower Pro 关机增强 دەيدىغان نەرسە شۇغۇ دەيمەن
سەل ئۇيقۇم كەپ قېلىپ ئىملاغا دىققەت قىلماپتىمەن…..
ھېچ ئىنكاس يوققۇ، ios5غا كوتۈرۈش قىزغىنلىقى سۇۋۇپ قالدىمۇ نىمە؟ مەن كوتۈرەلمىدىم، iTunes ئىنگىلىزچە بولغانلىقى ئۈچۈن چىقىۋالغان ئۇچۇرنى بىلەلمىدىم،
3GSكە چۈشىدىغان IOS 5نىڭ مەنبەسى بىلەن تەمىنلىگەن بوسىڭىز رەخمەت!!!!
iOS 5نىڭ سىستىما بولىقى ھۆججىتىنى چۈشۈرەلمىدىم ،پاسىبانىم بىر ياردەم قىلىغايلا.
سىناپ بېقىش ئۈچۈن قاچىلاپ كۆرسىلە بولىدۇ. لېكىن داۋاملىق ئىشلىتىش ئۈچۈن بۇ تېخى مۇقىم ئەمەس. زادى سىناپ باقسام بولىتى دېسىلىرى مۇشۇ جايدىن ئۆزلىرىگە لايىق نۇسقىسىنى تاللاپ چۈشۈرىۋالسىلا.
http://iphone.tgbus.com/news/class/201106/20110607051847.shtml
چۈشۈرۈپ بولغاندىن كىيىن ماۋۇ ئۇسۇل ئارقىلىق تۈرمىدىن قاچۇرسىلىرى بولىدۇ. لېكىن مۇكەممەل ئەمەس.
http://iphone.tgbus.com/tutorial/hacktutorial/201106/20110617171233.shtml