iPhone نىڭ بىز بىلمەيدىغان يەنە قانداق نەرسىلىرى باردۇر؟ مۇشۇ كىچىككىنە بىر پارچە نەرسىدىن مۇشۇنچىۋالا كۆپ نەرسىنىڭ چىقىدىغانلىقى كىشىنى خەجلىگەن پۇلىغا پۇشايمان قىلدۇرمايدۇدە… بۇرۇن ئايفونىمدا بار بولغان بۇ نەرسىنى بۈگۈن كۆپچىلىككە تەۋسىيە قىلغۇم كەپقالدى. شۇنداق، ئايفوندا تورت ياساپ باقمىدۇق، لېكىن شام ئۆچۈرۈپ باققانلار بار ئىكەن…
بۇ ئەپنىڭ ئىسمى Blower بولۇپ، ئېنگلىزچە شامالدۇرغۇچ دېگەن مەنىدە. App Store دىن مۇشۇنداق ئىزدىسىڭىز تاپالايسىز. بۇ ئەپنىڭ ئاساسلىق ئىش پرىنسىپى ئاۋازنى ئەڭ يۇقىرى چاستوتىغا چىقىرىپ ئايفوننىڭ ياڭراتقۇسىنى تىترىتىش ئارقىلىق «شامال» چىقىرىش. بۇ ئويۇننىڭ مەندە بارى 1.0 نەشىرى بولۇپ، ئۇ چاغدا 3GS دەۋرى بولغانلىقى ئۈچۈن لايىھەسىدە 3-ئەۋلاد ئايفوننىڭ لايىھەسى بويىچە شامالنى سول تەرەپتىن چىقىراتتى. ئەگەر سىزنىڭ ئايفونىڭىز 4-ئەۋلاد ئايفون بولسا ئۇ چاغدا ئوڭ تەرەپتىكىسى ياڭراتقۇسى بولغاچقا شۇ تەرەپنى تۇتسىڭىز بولىدۇ. تۆۋەندىكى رەسىمدىن كۆرۈپ چۈشىنەلەيسىز
بۇ ئەپنىڭ قانداق خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى تۆۋەندىكى سىندىن كۆرۈپ بېقىڭ.
ھازىرقى ئەڭ يېڭى نەشىرى 2.0 ئىكەن. باھاسى 0.99 دوللار ئىكەن. خالىسىڭىز ئەڭ يېڭى نەشىرىنى App Store دىن سېتىۋالساڭلارمۇ بولىدۇ.
App Store دىن چۈشۈرۈش ئادرىسى :
مەندە يېشىۋەتكەن نۇسقىسى بار. لېكىن نەشىرى 1.0 ئىدى. خالىساڭلار بۇنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسىنى قالدۇراي. شۇ جايدىن چۈشۈرۈپ قاچىلاپ كۆرسەڭلارمۇ بولىدۇ.









































ماۋۇنى بىر قاچىلاي جۇمۇ، باشقىلارغا كۆرسىتىپ قويۇشقا ئەرزىگۈدەك
ئادەمنىڭ مىكىسىنى يىگۇدەك ئاۋاز چىقىرىپ ئۆچۇرىدىكەن دىسە …
ھازىر بۇ ئايفون دا ھەممە ئىشنى قىلغىنى بولىدىغان بولۇپ كىتىپتۇ ھە… ئەتە-ئۆگۈن ئىش بامۇ نىمە؟ :…:
سالام بۇنى ئىنستالدىن چۈشۇرسەڭلا 2.0 نۇسخىسىنى ھەقسىز چۈشۇرگىلى بولىدۇ
قايسى يەر ئۇ ئىنستال دېگەن؟ ئادرىسىنى قالدۇرۇپلا قويسىڭىز بوپتىكەن
بۇنى چۈشۈرۈشكە ئانچە قىززىقىپ كەتمىدىم جۇما !
نېمىشقا دېمەيسىلەر ؟!
ئايفوننىڭ ياڭراتقۇسىنى كاردىن چىقىرىدىغاندەك تۇرىدۇ
ۋاي بولمايدىغان نارسىكان جۇمۇ بۇ يانفۇنۇمنى غىڭشىتىۋەتتى.