iPhone نىڭ 1- ۋە 2-ئەۋلاد نۇسقىسىنىڭ ياڭراتقۇسى بەكلا ئاجىز ئىدى. 3-ئەۋلاد ئايفوندا ئاۋازى خېلىلا كۈچەيدى. 4-سىدە تېخىمۇ شۇنداق. لېكىن بۇ يەنىلا يەتمەيدۇدە. بۇ ئالما شىركىتىنىڭ iPhone نىڭ ئاۋازىنى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىشقا قۇربىتىنىڭ يەتمىگەنلىكى ئەمەس. ئەلۋەتتە باتارىيەنىڭ ئۇزۇنغا يېتىشىنى ئويلىشىش مۇھىم. بۇ نوقتىنى ئويلاپ يەتكەن ئەقىللىق كىشىلەر iBamboo Speaker دەيدىغان يېشىل «كاناي» ياساپ چىقىپتۇ…
بۇ نەرسىنىڭ ئىش پرىنسىپىنى چۈشىنىسىلەرغۇ دەيمەن. ئاۋاز بامبۇك غولىدىكى يۇمىلاق بوشلۇققا كىرىپ ئەكس سادا ئارقىلىق بىرلىشىپ كۈچىيىپ ئاڭلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىش پرىنسىپى مەكتەپتىكى، يېزا-كەنتلەردىكى ياڭراتقۇ (لابا) غا ئوخشاپ كېىتىدۇ. بۇ دەل مۇشۇ پرىنسىپتىن پايدىلىنىپ ياسالغاچقا ھىچقانداق ئېنىرگىيە سەرپ قىلمايلا ئايفوندىن چىقىۋاتقان ئاۋازنى خېلى چوڭ دەرىجىدە كۈچەيتىپ بېرەلەيدۇ. بۇنىڭ زادى قانچىلىك كۈچ قوشالايدىغانلىقىنى تۆۋەندىكى سىندىن كۆرۈپ بېقىڭ.









































ما خەقنىڭ ياسىماس نەرسىسى يوقكەن جۇمۇ. نوچى نەرسىكەن بۇ. قەيەردە ساتىدىكىنە بۇنى
بامبۇك تاپالمىغاندا سۇلىياۋ تۇربا ئارقىلىق بىرنى ياسىۋالسىمۇ بولغۇدەك
iPlastic دەپ بىرنى ياساڭلا ئەمىسە
تەبئى بامبۇك ئوخشايدۇ ھە، ئۆزىمىز ياسىۋالساقمۇ بولغۇدەك بۇنى ، ئەمما كۆتۈرۈپ يۈرۈش سەل ئەپسىز بولغۇدەك .
ما كەشپىياتنى كۆرۈپ تازا كۈلۈپتىمەن ! ئادەم ئويلاپ باقمىغان نەرسىلەرنى قىلىدۇ بۇ چەتئەللىكلەر
مەنچە ئاۋاز سۈپىتىنى سەل بۇزۇپ قويشى مۇمكىن…
شۇنى دەيمەن… يېڭىچە يېشىل مەھسۇلاتكەن جۇما