Alasdair Allan ۋە Pete Warden ئىسىملىك ئىككى پروگراممىرنىڭ ئاشكارىلىشىچە iPhone4 ۋە iPad نىڭ 3G نۇسقىسى ئارقا سۇپىدا مەخپىي ھالدا ئابونتنىڭ ئورنىنى ۋە ۋاقتىنى خاتىرىلەپ ماڭىدىكەن. ئالما شىركىتى iOS 4 نى ياساپ چىققاندىن بۇيان ئارقا سۇپىدا ئىجرا بولۇش ئەمەلگە ئاشقان بولۇپ، بۇ مەخپىي ئىجرا بولىدىغان پروگرامما ئارقا سۇپىدا ئىشلەتكۈچىگە ھېچقانداق بىلدۈرمەيلا بارلىق مەشغۇلاتنى ئېلىپ بارىدىكەن.
بۇ پروگراممىرلارنىڭ ئېيتىشىچە بۇ ئۇچۇرلار ۋاقتى بىلەن بىللە ساقلانغان بولغاچ ئىشلەتكۈچىنىڭ تۇرار جايى، ئىش ئورنى، تاماق يەيدىغان جايى دېگەندەك شەخسىيەتكە چېتىلىدىغان شەخسىي ئۇچۇرلارنى ناھايىتى ئاسانلا قولغا چۈشۈرگىلى بولىدىكەن. ئەڭ چاتاق يېرى، بۇ ئۇچۇرلار ھېچقانداق مەخپىيلەشتۈرۈش ئۆتكىلىدىن ئۆتمىگەن بولغاچ بىرەر خاككىرنىڭ ئىجازەتسىز ئېلىپ كېتىشى سەۋەبلىك ئىشلەتكۈچىنىڭ بارلىق ئۇچۇرلىرى ئاشكارىلىنىپ كېتىش ئېھتىماللىقى باركەن. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە بۇ ئېنىقلا مەقسەتلىك قوشۇلغان ئىقتىدار ئىكەن. نېمە ئۈچۈن بۇ ئىقتىدارنى قوشۇدىغانلىقىنى ئۇلار بىلمەيدىكەن. ئەگەر بۇ خەۋەر راست بوپقالسا بۇ ئىش ئالما شىركىتىنىڭ تا ھازىرغىچە ئۆتكۈزگەن شەخسىيەتكە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە بوپقالىدىكەن.
بۇ ئىككەيلەن ياسىغان iPhone Tracker ئىسىملىك پروگرامما بولسا ئايفوننىڭ يىغقان مەلۇماتلىرىنى خەرىتىدە ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدىغان نەرسە بولۇپ، بۇ ئۇچۇرلار consolidated.db ناملىق ھۆججەتتە ساقلىنىدىكەن. بۇ پروگراممىرلار ئالما شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى بىلەن ئالاقە قۇرغان بولسىمۇ تېخى جاۋابقا ئېرىشمىگەن.
بۇ خاككىرلار ياسىغان iPhone Tracker ناملىق دېتالنىڭ Mac سېستىمىسى ئۈچۈن لايىھەلەنگەن نۇسقىسىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسىنى تەمىنلەي. ئەگەر Mac ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز ئايفونىڭىزدا ساقلانغان ئۇچۇرلارنى قىز دوستىڭىز ۋە ياكى ئايالىڭىز كۆرۈپ قېلىشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىز ئاۋال بىر كۆرۈپ بېقىڭ.
بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان كۆپ قىسىم كىشىلەر ئالما شىركىتىنىڭ بۇ قىلمىشىنى ئەيىبلەشتى. ئۇلارغا جىڭغا توختىغىدەك بىرەر چۈشەندۈرۈش بېرىش لازىملىقىنى ھەرقايسى ئىجتىمائىي ئالاقە قوراللىرى ئارقىلىق قەيت قىلىشتى. خاككىرلاردىن Ryan Petrich ئىسىملىك بىرسى ئايفوننىڭ مەخسۇس مۇشۇ ئىشىنى توسىدىغان بىر ياماقنى ئېلان قىلغان بولۇپ، تۈرمىدىن قاچۇرغان ئايفونداشلار Cydia دىن ئىزدەپ قاچىلىۋەتسە بولىدۇ. نامى untrackerd . رەسىمدىكىدەك:
ئايفوندا سىزنىڭ قايسى ۋاقىت قايسى سائەتتە قانداق جايغا بارغانلىقىڭىز ناھايىتى ئېنىق قىلىپ خاتىرىلەنگەن ئىكەن. يەنە كېلىپ بۇ ھەر بىر قېتىم iTunes ئارقىلىق ماسقەدەملىگەندە كومپىيۇتېرغا زاپاسلىنىپ ماڭىدىكەن. بۇ ئۇچۇرلارنى ناھايىتى ئاددىي بىر قورال بىلەن ئوقۇپ ئالغىلى بولىدىكەن. سىزنىڭ يەنە قانداق مەخپىيىتىڭىز قالدى؟ ئەڭ ياخشىسى ماڭغان تۇرغان شەخسىيىتىڭىز باشقىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىشتىن بۇرۇن بۇ قورال ئارقىلىق قوغدىنىپ تۇرۇڭ…
PS : مېنىڭچە بۇنىڭ ۋاي دەپ كەتكۈچىلىكى يوقمىكىن دەيمەن. ھازىر تورغا ئۇلانغان قايسى نەرسە بىزنىڭ ئىزىمىزنى قوغلىمايدۇ؟ قايسى نەرسە بىزنىڭ ئىش-ئىزلىرىمىزنى يىپىدىن – يىڭنىسىغىچە خاتىرىلىمەيدۇ؟ ئەڭ ئاددىيسى ئىشلىتىۋاتقان كومپىيۇتېرىمىز بىزگە بىلىندۈرمەي بۇ جەرياننى بېسىپ ئۆتىدۇ. كومپىيۇتېر سىزنى بەلكى ئۆزىڭىزدىن بەكرەك چۈشىنىشى مۇمكىن. ئايفونغۇ مۇشۇنداق قىلىدىكەن. ئەجىبا 300 يۈەنلىك رەڭسىز تېلفۇنلارنى ئىشلەتسەك بۇ «خەتەر» دىن قېچىپ قۇتالالامدۇق؟ بۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئامالى – تەكلىماكاننىڭ قاق ئوتتۇرىسىغا بېرىۋېلىپ، ئات-تۆگە ئارقىلىق ئالاقە قىلىپ ھازىرقى زامانىۋىي دۇنيادىن مۇتلەق ئايرىلىپ ياشاش بولسا كېرەك…









































ھېلىمۇ ياخشى ئالماي تۇرۇپتىكەنمەن بۇ خەقنىڭ ئالمىسىنى
يۇمشاق دېتالچىلار، زامانىۋىي ئۇچۇر قۇرالچىلىرى كىشىنىڭ شەخسىيىتىگە چېتىلىدىغان ھەرىكەتلەرنى قىلمىسا بولاتتى ، بۇ ئاقىۋەتتە ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپقانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
undrackerd دىگەن بۇ بىرنىمىنى cydia دىن تاپالمىدىمغۇ….
Manage نىڭ ئىچىدىن BigBoss دەپ بىر مەنبە بار. شۇنىڭ ئىچىدىن ئىزدەپ تاپالايسىز. ھازىر قايتا ئىزدىسىڭىز بەلكى تېپىلىپ قالار.
بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرىسى بۇ:
http://apt.thebigboss.org/repofiles/cydia/debs2.0/com.rpetrich.untrackerd_0.3_iphoneos-arm.deb
توٰرمىدىن قاچوُروُلمىغان ئايفوننىموُ ئىز قوغلامدىغاندوُ