App Store دىكى ئۇيغۇرچە ئەپلەر توپلىمى

بىز ھەممىمىنىڭ ئىنتايىن دىققەت قىلىدىغىنى، iPhone دا ئۇيغۇرچە فونتنىڭ بولىشى، ئاندىن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنىڭ بولىشى بولسا كېرەك. بۇلار بولغاندىن كىيىن ئۆزىمىزنىڭ تىلىمىزدا ئۇيغۇرچە ئەپلەرنىڭ بولىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. مېنىڭچە بۇ ھەممەيلەندە ئورتاق. ھازىرغا قەدەر iPhone غا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇلمىغىنى بىلەن، App Store دا كىتاب شەكلىدە بولسىمۇ ئۇيغۇرچە ئەپتىن 2~3 ى بار ئىكەن.

توپلام دىگۈدەك ساماندەك كۆپ بولمىسىمۇ ئاشۇ ئۇيغۇر يىزىقىدا يېزىلغان ئەپلەردىن ئۆزۈم ئۇچراتقانلىرىمنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشاي دەپ بۇ يازمىنى يازدىم. ئەپ لوگوسىنى بېسىپ iTunes چۈشۈرۈش بېتىگە بېرىڭ.

مەدەنىيىتىمىزنىڭ پەزىلەت نەمۇنىلىرىدىن – ۋەقىپ، ئىنفاق، خىزمەت.

1. مەدەنىيىتىمىزنىڭ پەزىلەت نەمۇنىلىرىدىن – ۋەقىپ، ئىنفاق، خىزمەت.

بۇ App Store دىكى چۈشەندۈرىشى:

بۇ كىتابتا دىنىمىز ئىسلامدىكى ۋەقىپ، ئىنفاق، خىزمەتلەر، ئوسمانلى دۆلىتى ۋاقتىدىكى ئىبرەتلىك ھادىسىلەر، تەسىرلىك ۋەقەلەر بايان قىلىنغان. ھەر بىر ئۇيغۇر مۇسۇلماننىڭ، بولۇپمۇ دىنىي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىشىغا ئەرزىيدۇ.

بۇ ئەپ iPad كە ماس كېلىدۇ. iPhone نۇسقىسى يوقكەن. ئەپتىن كۆرۈنۈش:

پەيغەمبىرىمىزنىڭ گۈزەل ئەخلاقى ھەققىدە ھېكايىلەر

2. پەيغەمبىرىمىزنىڭ گۈزەل ئەخلاقى ھەققىدە ھېكايىلەر

بۇ App Store دىكى چۈشەندۈرىشى:

بۇ كىتابتا ھاياتىنىڭ ھەر بىر سەھىپىسى بىز ئۈچۈن ئەڭ گۈزەل ئۆرنەك بولغان سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد مۇستاپا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھاياتىدىكى سەرگۈزەشتىلىرىدىن بەزى قىسقا ھېكايىلەرنى ئوقۇيسىز. بۇ كىتابتا جەمئى 17 پارچە ھېكايە بار. بۇ ھېكايىلەرنىڭ كۆڭلىڭىزگە تەسىر قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

بۈگۈن تونۇشتۇرماقچى بولغان ئۇيغۇرچە ئەپلەر ئىچىدە iPhone غا ماس كېلىدىغان بىر تاللا ئەپ بار ئىكەن. قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى iPad ئۈچۈن ئىكەن. ھەر ئىككىسىگە ماس كەلگەن بولسا تولىمۇ گۈزەل بىر ئىش بولاتتى، ئەپسۇس …

ئەپتىن كۆرۈنۈش:

رەھمەت شاماللىرى ۋە قۇرئان مۆجىزىلىرى

3. رەھمەت شاماللىرى ۋە قۇرئان مۆجىزىلىرى

بۇ App Store دىكى چۈشەندۈرىشى:

بۇ كىتابتا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بىزلەر چوقۇم ئۆگىنىشكە تېگىشلىك سۈپەتلىرى بايان قىلىنىش بىلەن بىرلىكتە مۇقەددەس كىتابىمىز قۇرئان-كەرىمدىكى كۈنىمىزدە بايقالغان مۆجىزىلەر ئىلمىي ئاساستا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. پەيغەمبىرىمىزنى ۋە قۇرئانىمىزنى ھەقىقىي رەۋىشتە بىلمەكچى بولغان ھەر بىر ئۇيغۇر بۇ كىتابنى چوقۇم ئوقۇپ چىقسا، ئۆزىگە لازىملىق مۇھىم بىلىملەرگە ئىگە بولالايدۇ، ئىنشائاللاھ.

ئەپتىن كۆرۈنۈش:

045

4. ياش – ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن ھېكايىلەر بىلەن 40 ھەدىس

بۇ App Store دىكى چۈشەندۈرىشى:

بۇ كىتاب بالىلارغا ھەدىس ئۆگىتىش مەقسىتىدە تەييارلانغان بولۇپ، بالىلارنىڭ ھېكايىلەرگە ئامراقلىقىنى نەزەردە تۇتقان ئاساستا ھەر بىر ھەدىس مەزمۇنىغا مۇۋاپىق بىردىن ھېكايە، جەمئى 40 ھېكايە بايان قىلىنغان. بۇ ھېكايىلەردىن ئۆزىڭىزگە كېرەكلىك ئىبرەت، تەربىيە ۋە ئەدەبىي زوق ئالالايسىز.

بۇ ئەپنىڭ ئۇيغۇرچە ياكى ئەمەسلىكىنى بىلمىدىم. چۈشەندۈرىشىنىڭ ئۇيغۇرچە ئىكەنلىكىن ئۇيغۇرچە بولسا كېرەك دەپ گۇمان قىلدىم. ئۆزۈمدە iPad بولمىغانلىقى ئۈچۈن سىناق قىلىشقا ئىمكان بولمىدى. ئۆزۈڭلار بىر قاراپ باقارسىلەر.

مېنىڭ گۈزەل دىنىم (1-، 2-قىسىم)

5. مېنىڭ گۈزەل دىنىم (1-، 2-قىسىم)

بۇ App Store دىكى چۈشەندۈرىشى:

بۇ كىتابتا گۈزەل دىنىمىز ئىسلامدىكى ئىبادەتلەر بايان قىلىنغان بولۇپ، 1-قىسىمدا ئىبادەت، پاكىزلىق، تاھارەت، غۇسۇل، تەيەممۇم ۋە ناماز توغرىسىدىكى مەزمۇنلار بار. 2-قىسىمدا روزا، زاكات، ھەج ۋە قۇربانلىق ھەققىدە بىلىشىمىز زۆرۈر بولغان مەلۇماتلار بار. قولىڭىزدىكى بۇ نۇسخا مەخسۇس ئايفون قوللانغۇچىلار ئۈچۈن تەييارلانغان بولۇپ، ئىلگىرىكى 1-2-قىسىم كىتاب بۇ يەردە بىرلەشتۇرۇلدى.

پەچەت ئەپنىڭ بىرى. كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن.

مېنىڭ گۈزەل دىنىم (3-، 4-قىسىم)

6. مېنىڭ گۈزەل دىنىم (3-، 4-قىسىم)

بۇ App Store دىكى چۈشەندۈرىشى:

قولىڭىزدىكى بۇ كىتابتا گۈزەل دىنىمىز ئىسلامدىكى ئىمان ئاساسلىرى بايان قىلىنغان بولۇپ، 1-قىسىمدا دىن، ئىمان، ئاللاھقا ئىمان ۋە پەرىشتىلەرگە ئىمان تېمىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. 2-قىسىمدا مۇقەددەس كىتابلارغا، پەيغەمبەرلەرگە، ئاخىرەت كۈنىگە، قازا ۋە قەدەرگە (تەقدىرگە) ئىمان ئېيتىش قاتارلىق مەزمۇنلار بايان قىلىنغان. بۇ ئىككى قىسىمنىڭ بىرلەشتۈرۈلگەن نۇسخسى بولغان بۇ ئېلېكترونلۇق كىتاب مەخسۇس ئايفون ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن تەييارلاندى.

يۇقارقى ئەپنىڭ ئاخىرى.

قۇرئان ئوقۇ

7. قۇرئان ئوقۇ

بۇ ئەپ قۇرئان كەرىم ئوقۇشلۇقى بولۇپ، ئىچىدە ئۇيغۇرچىنى ئۆزئىچىگە ئالغان قىرىق نەچچە خىل تىلدىكى قۇرئان كەرىم تەرجىمىسى بىلەن بار. لېكىن شۇ ئاۋازى بىلەن چىقمايدىغانلا كەمچىللىكى بار. ئەپ بىر ئاز ئاددىي بولسىمۇ، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى بولغانلىقتىن تەۋسىيە قىلىشقا، چۈشۈرۈپ پايدىلىنىشقا ئەرزىيدۇ. يەنە كېلىپ بۈگۈن تەۋسىيە قىلغان ئەپلەر ئىچىدە پەقەت مۇشۇلا ئۇنىۋېرسال. iPhone ۋە iPad نىڭ ھەر ئىككىسىگە ماس كېلىدۇ.

ئەپتىن كۆرۈنۈشلەر:

يۇقارقى ئەپلەر بىزدەك ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن قاچىلاش لازىم بولغان ئەپلەر سۈپىتىدە تەۋسىيە قىلىنىدۇ. مەن بىلىدىغان ئۇيغۇر يېزىقى بولغان ئەپلەر مۇشۇلار ئىكەن. كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ بولىدۇ. ئەگەر كۇلۇبداشلار سىلەر يەنە باشقا ئەپلەرنى بىلسەڭلار ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە iTunes ئادرىسىنى قالدۇرۇپ قويغايسىلەر! ھەممىمىز تەڭ پايدىلانساق …

ئاخىرىدا ئۇيغۇرچە ئەپ كەلگۈسىنىڭ تېخىمۇ پارلاق بولىشىنى، قولىمىزدىكى ئامرىقىمىزغا پات ئارىدا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ۋە فونتلارمۇ تەڭ قوشۇلۇپ كېتىشىنى، مۇشۇنىڭغا ئازراق بولسىمۇ تۆھپە قوشۇش قولىدىن كېلىدىغانلارنىڭ ئۆز كۈچىنى ئايىماي ئالما تەرەپ بىلەن ياكى پروگراممېرلار بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇيغۇر «ئالمىچىلىقى» غا ئۆز تۆھپىسىنى قوشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



20 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تىما يوللاپسىز رەخمەت سىزگە شۇغىنىسى چۈشۈرۈش ئادرىسىنى قالدۇرۇپ قويماپسىز :?:

  2. دېمىسىمۇ ئۇيغۇرچە دېتاللار بەز ئاز،قارلۇقتىكىلەر بۇ ئىشقا كۈچەپ قويسا بولىتى…بولۇپمۇ تەربىيىۋىي ئەھمىيىتى بار دېتاللارغا….!!!

    • مەنمۇ ئىلگىرى مۇشۇنداق ئويلىغان. ئەمما قايسى بىر بىر توربەتتە مۇنداق دېيىلىپتىكەن.بىر شىركەت ئىقتىساد، ۋاقىت ۋە ئادەم كۈچى قاتارلىقلار ئالاھىدە ئويلىشىلغان ئەھۋالدىلا مەۋجۇدلىقىنى ساقلاپ قالالايدۇ. بىز شۇ شىركەتلەر ئۈچۈن يۇقارلىق تەرەپلەرنىڭ ھېچقايسىدا پايدا يەتكۈزەلمىسەك ئاندىن يەنە خالىغىنىمىزنى ئۇلارغا يۈكلەپ قويساق سەل مۇۋاپپىق بولمىغىدەك.

    • ئەمما ئۇلارمۇ جىم تۇرماسمىكىن. بۇ پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى. بىز ھازىر جوڭگودىكى كومپيۇتېر ساھەسىدە ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئازسانلىق مىللەت. تېخنىكىدىن قىيلىنىش يوق.

  3. بۇ بەك نوچى ئىش بوپتۇ ! مەن بەك ياقتۇرۇپ ئوقۇغان كىتاپلاركەن تېخى ھەممىسى !

  4. يۇقارقى ئەپلەر 4.3.5 كونا سېستىمىدا نورمال ئىدى. لىكىن سېستىمىنى يۇقىرى كۆتۈرگەندىن كىيىن نورمال ئەمەس. بۇ نىمە سەۋەپتۇ ھىچ بىلمىدىم. ھازىرقى سېستىما 5.0 ، تۈرمىدىن قاچۇرمىغان. مەن بۇ خەتلەرنى ئايپەتتە يىزىۋاتىمەن خاتا جايلىرى بولسا كەچۈرۈڭلار

  5. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!

    مەن تېخى ھازىر پاسىبان كۇلۇبىغا يېڭىدىن ئەزا بولۇپ كىردىم،پاسىبان ئەپەندى كۇلۇبىڭىزغا ئۇزۇندىن بېرى دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن،كۇندە دىگۈدەك كىرىمەن دىسەممۇ بولىدۇ.

    تېمىللىرڭىز ناھايتى ياخشى ئىكەن،مەندىمۇ گەرچە ئۆز ئانا تىل يېزىقىمىز دىكى بولمىسىمۇ،ئەمما ئېنگىلىسچە ۋە ئەرەپ يېزىقىدىكى ئسلام دىنىغا ئائىت ياخشى ئەپلەر بار،دوستلار بىلەن ئورتاق پايدىلىنىشنى خالايمەن

    1-ئەپ:muslim pro
    ئالاھىدىلىكى:بەش ۋاق ناماز ۋاقتىغا ئەسكەرتىش بېرىش،.ئاۋازلىق قۇرئان ئوقۇش،ھەر ۋاقىت قىبلىنى كورسىتىدىغان كومپاس،شەكلى ھەرخىل ھېيىتلىق تەبرىكلەش كارتىسى قاتارلىق ۋەھاكازالار….
    ئادېرىسى:http://itunes.apple.com/cn/app/muslim-pro-accurate-prayer/id388389451?mt=8
    2-ئەپ:quran tafsir
    ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى ئاۋازلىق قۇرئان ئوقۇش
    ئادېرىسى:http://itunes.apple.com/cn/app/id442158525?mt=8
    3-ئەپ:islamic compass
    ئالاھىدىلىكى: قىبلىنى كورسىتىدىغان كومپاس،بەش ۋاق ناماز ۋاقتىغا ئەرزان ئاۋازلىق ئەسكەرتىش بېرىش(ئەرزان ئاۋازىنى بىر نەچچە خىل تەڭشىگىلى بولىدۇ)
    ئادېرىسى:http://itunes.apple.com/cn/app/islamic-compass-free-prayer/id329675214?mt=8

    4-ئەپ: iquran
    ئالاھىدىلىكى: ئاۋازلىق قۇرئان ئوقۇش(قۇرئان ئۆگەنگۈچىلەگە ياخشى تاللاش بولالايدۇ)
    ئادېرىسى:http://itunes.apple.com/cn/app/iquran-lite/id285944183?mt=8
    5-ئەپ:alquran
    ئالاھىدىلىكى: ئاۋازلىق قۇرئان ئوقۇش(قۇرئان ئۆگەنگۈچىلەگە ياخشى تاللاش بولالايدۇ)
    ئادېرىسى:http://itunes.apple.com/cn/app/alquran/id314099174?mt=8

    يۇقارقى ئەپلەرنىڭ ھەممىسى ئايفون ۋە ئايپەدكە ماس كېلىدۇ،ھەمدە بىردەك ھەقسىز ئەپلەر!!!!!!
    بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ياخشى نەرسىلەر بولسا كۇلۇبداشلارنىڭ پايدىلنىشىغا سۇنىمەن!!!!!
    ئۇلۇغ ئاللا قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن،تېخىمۇ ياخشى تېمىلارنى يوللاپ تۇرغايسىز…….

  6. مەن قۇرئان ئوقۇ دېگەن ئەپنى ئايتۇنىستىن ئۇچرىتىپ قېلىپ ناھايىتى ھەيران بولغان، سەۋەبى: ئايتۇنېستىن ئىبارەت بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى خەلقئارالىق بازاردا ئۆز ئانا تىل-يېزىقىمدىكى ئەپنىڭ ئورۇن ئالغانلىقىدىن ئىدى. بۇ ئەپنى كۆرۈپ ۋە قاچىلاپ ئانا تىل يېزىقىمغا ۋە بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى ئەقلىي يانفونغا تېخىمۇ مېھرىم ئاشقانىدى. بۈگۈن بۇ ئەپلەرنى كۆرۈپ بۇ مۇھەببەت يەنىمۇ كۈچەيدى. «ئايفون نۇسخىسىمۇ بولسىچۇ» دەپ لېۋىمنى تامشىپ قالدىم.

  7. مەنمۇ ئالما دىتال چۈشۈرۈش بېكىتىدە ئۇيغۇرچە ئەپنى تۇنجى كۈرۈشۈم،ھازىر چۈشۈرىۋاتىمەن.دەھشەت رەخمەت بۇرادەر.ئايپەتتە يازغان.ئىملاداخاتالىق بۇلۇپ قالسا توغرا چۈشۈنۈڭلار! پاسىبان ئەپەندىمگە رەخمەت!

  8. بۇ دېتاللارنى يوللاپ ناھايىتى قىپسىز.مەن بىلىدىغان ئۇيغۇرچە بار دېتاللاردىن isIamicQAiphoneدېگەن دېتال بولۇپ بۇ دېتالدا ئىسلام تۇغىرىسىدا خېلى كۆپ مەلۇمات بار ، يەنە بىرى لۇغەت ئىسمى 欧路词典 .بۇ لۇغەتنىڭ سۆز ئامبىرىدا ئۇيغۇرچە سۆز ئامبىرى بار خېلى تولوق تېخى 

  9. ئەجەپ ياخشى !!!

  10. مەن يۇقارقى ئەپلەرنى ئايپەدگە قاچىلىدىم لىكىم يۇقارقى ئەپلەرنى ئاچساملا بىر ئىچىلىپ يەنە ئۆزلۇكىدىن چىكىنىپ چىكىتىپ بارىدۇ.
    بۆلەك باشقا ئەپلەر شۇنداق نۇرمال. ئايپەدنىڭ نەشىرى 5.01 ئىدى. بۇ نىمە ئىشتۇ؟

    • بۇنىڭ سەۋەبى سىز چۈشۈرگەن ئەپ لەر بۇ iPad دە ئىچىلىشى ئۈچۈن ھوقۇق بېرىلمىگەن. بۇ ئەپ لەرنى ئۆزىڭىز سېتىۋالغانلىقىڭىزنى ئىسپاتلىشىڭىز كىرەك. بۈنىڭ ھەل قىلىش ئۇسۇلى:
      سىز بۇ ئەپلەرنى iTunes دىن قايسى Apple ID نى ئىشلىتىپ تۇرۇپ چۈشۈرگەن بولسىڭىز(بۇنى iTools قاتارلىق چوماقچىلار ئارقىلىق كۆرگىلى بولىدۇ)، قاچىلىغان iPad ياكى iPhone دا App Store دىن بىر تال ئەپ نى بولسىمۇ شۇ Apple ID نى ئىشلىتىپ چۈشىرىۋەتسىڭىز ئوڭشىلىدۇ. بۇنداق بولغاندا شۇ Apple ID نىڭ سىزنىڭ ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلىنىدۇ.
      —–
      تەجىربەمنى دەپ بېرەي: ئۈستىدىكىدەك مەجبۇرەن بىرەر ئەپ چۈشۈرۈپ قويۇش كىرەك بولغاندا، سىغىمى بەك كىچىك بولغان ئەپ دىن بىرنى چۈشۈرۈپ قويۇڭ، مەسىلەن : Harun Yahya (سىغىمى: 43.8Kb)

    • iTunes بىلەن قاچىلىغان بولسىڭىز مۇشۇنداق ئىش يوق. بۇ ئەڭ نوچى ھەل قىلىش چارىسى

  11. ئايفۇنغا قاچىلىغان قۇرئاننىڭ ئۇيغۇرچىسى ياخشى كۆرۇنمىدى. سىستىمام 5.01 ئىدى. ئامال بارمىدۇ؟

  12. aslamu alay kum man iPhone 4 5.0.1nusksnig kunup katahtsin uygurqa kilay digan pakat la bolmay watdu bal la jinap la katim uni kilmhnim kalmdi kandak kilsam bola bexim bak la kati buldhan la bolsa yardam kilsag la

  13. بىلد ىم مەن بۇرۇنكى خەت كىرگۈچ قولامكىن دەپتىمەن

  14. ئۇنداك تا 5.0.1 ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قاچان چىكا …………؟

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)


App Store دىن ئىزدەش

iOS 5 نىڭ بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسلىرى

iOS 5.0 ئابونتلىرى 5.0.1 گە يېڭىلىماقچى بولسا OTA شەكلىدىلا يېڭىلىسا بولىدۇ. بۇ ئەڭ قولاي ھەم ئەڭ ئىخچام ئۇسۇل. (مۇناسىۋەتلىك يازما) يېڭىلاش باسقۇچى: 设置-通用-软件更新

iPhone 3GS 4.3.5 5.0 5.0.1
iPhone 4 4.3.5 5.0 5.0.1
(iPhone 4 (CDMA 4.2.10 5.0 5.0.1
iPhone 4S - 5.0 5.0.1
iTouch 3 4.3.5 5.0 5.0.1
iTouch 4 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 1 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 Wifi 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 3G 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 CDMA 4.3.5 5.0 5.0.1

نۆۋەتتە iTunes نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى 10.5.2 . بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى: [Windows 64] [Windows 32] [Mac]

iTools نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى iTools 2011 Beta 1215 . بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى:
[English Version] [简体中文] [iTools for Mac]

© 2012 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
E-mail : ICP 备案 : 新ICP备10202432号
بەت ئۈستىگە قايتىش