نەچچە ۋاقىتتىن بېرى تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇرغاندا قۇلۇپى بار ئايفونداشلارنىڭ TinyUmbrella ئارقىلىق مودىم نەشىرىنى ساقلاپ قېلىپ يېڭىلاش كېرەكلىكىنى قەيت قىلىپ ئۆتكەن. ئۇنداقتا بۇ زادى قانداق ئۇقۇم؟ نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىمىز؟ بۈگۈن بۇ توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتمەكچىمەن.

TinyUmbrella ئۇقۇم چۈشەنچىسى

TinyUmbrella بولسا Java تىلىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان دېتال. بۇنىڭ ئاساسلىق ئالاھېدىلىكى ئايفوننىڭ SHSH كود ھۆججىتىنى ساقلىۋېلىش ۋە iOS يېڭى نەشىرىگە يېڭىلىغاندا مودىم نەشىرىنى كونا نەشىردىكى iOS نىڭ مودىم نەشىرى ھالىتىدە يېڭىلاش ئېلىپ بېرىشتىن ئىبارەت.

ئۇنداقتا SHSH دېگەن نېمە؟ بۇ سۆزگە ئېنىقلىما بېرىشتىن بۇرۇن Exclusive Chip ID قىسقارتىلىپ ECID دەپ ئاتىلىدىغان نەرسىنى ئېزاھلاپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. ECID بولسا ئالما دېتاللىرىنىڭ كىملىكى بولۇپ، بۇ پەقەت بىر دانە بولىدۇ. مۇشۇ نومۇر بولسىلا قايسى ئۈسكۈنە ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. SHSH بولسا مۇشۇ ECID غا نۆۋەتتىكى ماس iOS نى قوشۇپ ھاسىل قىلغان بىر ھۆججەت بولۇپ، بۇنىڭ سىغىمى ئادەتتە بىرقانچە كىلوبايت بولىدۇ. iTunes ھەر بىر قېتىم سېستىما يېڭىلىغاندا مۇشۇ ECID بىلەن SHSH ھۆججىتىنى مۇلازىمىتېرغا يوللاپ تەستىق ئالىدۇ. ئەگەر نۆۋەتتە يېڭىلىماقچى بولغان SHSH مۇلازىمىتىردىكىسى بىلەن ئوخشاش بولمىغاندا ( توغرىسى تۆۋەن بولغاندا) مۇلازىمىتىر سېستىما يېڭىلاشنى رەت قىلىدۇ. مۇشۇ سەۋەپلىك iOS سېستىمىلىرىنى يۇقىرىلاتقاندىن كىيىن تۆۋەتلەتكىلى بولمايدۇ.

ئالما شىركىتىنىڭ بۇنداق قىلىشىنىڭ سەۋەبى تولىمۇ ئاددى. ھەر بىر قېتىم يېڭى نەشىرنى ئېلان قىلغاندا ئالدىنقى نەشىردىكى تۈرمىدىن قاچۇرۇش يامىقىنى ئېتىۋەتكەن بولغاچقا يېڭى نەشىرنى قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن تۈرمىدىن قاچۇرغان نۇسقىسى بولغان تۆۋەن نەشىرگە قايتۇرۇغىلى بولمايدىغان قىلىش.

لېكىن بۇنىڭمۇ ئامالى بار. بۈگۈن چۈشەندۈرمەكچى بولغان TinyUmbrella ئارقىلىق سىز نۆۋەتتىكى SHSH ھۆججىتىڭىزنى زاپاسلاپ قويۇپ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ماس نەشىرگە مۇشۇ ھۆججەتنىڭ ياردىمى بىلەن تۆۋەنلىتەلەيسىز. مەسىلەن ھازىر سىزنىڭ سېستىما نەشىرىڭىزنى 4.3.1 دەيلى، سىز بۇ كۈنلۈك (TinyUmbrella) ئارقىلىق SHSH نى زاپاسلاپ قويۇپ، 4.3.2 گە كۆتۈرۈپ يەنە قايتىدىن 4.3.1 گە تۆۋەنلىتەلەيسىز.

SHSH نىڭ رولىنى چۈشىنىپ ئۆتتۇق. ئۇنداقتا كۈنلۈكنىڭ يەنە بىر ئىقتىدارى مودىم نەشىرىنى ساقلاپ قېلىش ئىكەن. بۇ نېمە گەپ؟

مودىم نەشىرىنى Firmware خەنچە 调制解调器固件 دەيدۇ. بۇنىڭ 设置-通用-关于本机 دىن كۆرەلەيسىز. قۇلۇپى بار ئايفوننىڭ قۇلۇپىنى يېشىش مۇشۇ مودىم نەشىرىگە باغلىق. تۈرمىدىن قاچۇرغاندىن كىيىن UltraSnow ئارقىلىق قۇلۇپنى ئاچىمىز. لېكىن بۇ ھەرقانداق مودىم نەشىرىنىڭ قۇلۇپىنى يېشىۋەرمەيدۇ. ھازىرچە ئايفون 4 نىڭ پەقەت 01.59.00 نەشىرىنىلا يېشەلەيدۇ. ئايفون 3GS ۋە 3G نىڭ يېشەلەيدىغان مودىم نەشىرلىرى بىر قەدەر كۆپ. ھەر بىر قېتىم سېستىما يېڭىلىغاندا مودىم نەشىرىمۇ ماس ھالدا يېڭىلىنىپ ماڭىدۇ. ئەگەر مودىم نەشىرى يېڭىلىنىپ كەتسە UltraSnow نىڭ ئاچقۇچى كىچىك كەپ قالىدۇدە، ئايفونىڭىز پەقەت ئويۇنچۇقلا بولىدۇ. تېلفۇن ئۇرالمايسىز دېگەن سۆز. گەرچە سېستىمىنى SHSH نى زاپاسلاپ يۈرۈپ تۆۋەنلەتكىلى بولغان بىلەن مودىم نەشىرىنى تۆۋەنلىتىش ھازىرچە مۇمكىن ئەمەس. بۇنىڭ بىردىنبىر ئامالى كونا مودىم نەشىرىنى ساقلاپ قالغان ھالدا سېتىمىنى يېڭىلاش. بۇنى يەنە TinyUmbrella غا ھاۋالە قىلىمىز.

TinyUmbrella ئارقىلىق مودىم نەشىرىنى ساقلاپ سېستىما يېڭىلاش

* بۇ ئۇسۇلدا قۇلۇپى بار iPhone 4 مىسالغا ئېلىنىدۇ. چۈنكى ھازىرچە ئايفون 4 كە يېڭى سېستىما قاچىلىغاندا پەقەت مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق يېڭىلاش لازىم.

ئاۋال كېتەرلىك دېتالنى بۇ جايدىن چۈشۈرۈڭ. TinyUmbrella 4.32.01 ۋە FixRecovery 4.3

TinyUmbrella بولسا بايا ئېيتقاندەك Java تىلىدا ياسالغان پروگرامما بولۇپ، كومپىيۇتېرىڭىزدا Java مۇھىتى ھازىرلانغان بولىشى كېرەك. ئەگەر بولمىسا ئورگان تور بېتىدىن چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ.

كۈنلۈكنى چۈشۈرۈپ بولغاندىن كىيىن ئۇنى قوزغىتىڭ. ئەگەر بىخەتەرلىك ئەسكەرتمىسى چىقسا يول قويۇش كېرەكلىكىنى ئېيتىپ قويۇڭ! USB ئارقىلىق iPhone نى كومپىيۇتېرغا ئۇلاڭ. كۈنلۈكنىڭ ئىچىدە ئايفونىڭىزنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى كۆرۈنگەن بولسا توغرا ئۇلانغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. رەسىمدىكىدەك:

ئاندىن سول تەرەپتىكى ئايفونىڭىزنىڭ نامىنى بىر چېكىپ ئوڭ تەرپتىكى Save SHSH دېگەن جاينى بېسىڭ. SHSH ھۆججىتىنىڭ كۆڭۈلدىكى ساقلاش ئادرىسى C دېسكىنىڭ ئاستدىكى مەلۇم بىر مۇندەرىجە بولۇپ، بۇنى ئۆزگەرتىپ ئۆزىڭىز بىخەتەر دەپ ئويلىغان بىرەر جاينى تاللاپ قويغىنڭىز ياخشى. بۇنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئۇسۇلى، ئوتتۇرا قىسىمدىكى General, Log, Advanced دېگەن جايدىكى Advanced نى بېسىپ، ئوڭ تەرەپتىكى ئادرىسنى خالىغان جايغا تاللاپ بېرىپ ئۆزگەرتىۋالىسىز. ئەگەر ئۆزگەرتكەندىن كىيىن ساقلىمىغان بولسىڭىز يەنە بىر قېتىم Save SHSH نى بېسىپ ساقلىۋېتىڭ.

ئۆزىڭىز يېڭىلىماقچى بولغان (مەسىلەن iOS 4.3.2 ) نى iTunes ئارقىلىق يېڭىلاشتىن بۇرۇن، چوقۇم كۈنلۈك ئارقىلىق دېگەن جاينى بېسىپ ئىقتىدارىنى قوزغاتقاندىن كىيىن ئېلىپ بېرىڭ. بۇنداق قىلغاندا كونا مودىم نەشىرى ساقلىنىپ قالىدۇدە يېڭى نەشىردىمۇ قۇلۇپىنى يېشەلەيسىز.

چوقۇم ئېسىڭىزدە بولسۇن، TSS Server نىڭ ھالىتى Running غا ئۆزگەرگەندىن كىيىن ئاندىن يېڭىلاشنى باشلاڭ. بولمىسا بۇنىڭ ئۈنىمى بولمايدۇ. رەسىمدىكىدەك:

ئەگەر بىرەر خاتالىق بولسا ئۇنىڭ ھەل قىلىشنىڭ ئامالىنى ئىزدەڭ. ئادەتتە چاقماق 迅雷 گە ئوخشاش تور دېتاللىرىنى ئېچىۋالغان بولسىڭىز 80 تور ئېغىزىنى ئېگەللىۋالغانلىق سەۋەبىدىن بۇ نورمال خىزمەت قىلالمايدۇ. شۇڭا مۇشۇ ئېغىزنى ئېگەللىۋېلىش مۇمكىنچىلىكى بولغان ھەممە نەرسىنى تاقىۋەتكەندىن كىيىن ئاندىن قايتا قوزغىتىپ يەنە سىناڭ. تاكى يېشىل رەڭلىك توغرا بەلگىسى كۆرۈنگىچە…

iTunes نى ئېچىڭ. ۋە Shift كونۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ Restore 恢复 نى تاللاڭ. ئالدىن چۈشۈرىۋالغان ئەڭ يېڭى نەشىردىكى iOS بولىقىنى تاللاپ بېرىڭ يېڭىلاشنى باشلىسىڭىز بولىدۇ.

تۆۋەندىكىسى iOS 4.3.1 نىڭ بولاق ھۆججىتى. 4.3.2 بولسىمۇ بولىۋېرىدۇ. بۇ ئۇسۇل ئوخشاش

يېڭىلاش داۋامىدا iTunes تىن تۆۋەندىكى خاتالىق چىقسا سىزنى تەبرىكلەيمەن. مەقسەتكە يەتكەن بولىمىز.

ئەگەر بۇنداق خاتالىق كۆرۈلمەي ئوڭۇشلق يېڭىلانغان بولسا، سىزگە تولىمۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا شۇنى بىلدۈرمەكچىمەن. ئايفونىڭىز ئايتاچقا ئۆزگىرىپ كەتتى… ئەمدى كارتا تونىمايدۇ. تونۇتۇش ئۈچۈن ئامېرىكىغا بېرىپ AT&T نىڭ كارتىسىنى ئىشلەتكەيسىز. ئامېرىكىغا بارغىچە ناخشا مۇزىكا ئاڭلاپ، ئويۇن ئوينىغاچ تۇرسىڭىز بولىدۇ. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى TinyUmbrella نىڭ مۇۋاپپىقىيەتلىك ھالدا iTunes نى توسۇپ قالالمىغانلىقى بولۇپ، بايا ئېيتقان يېشىل رەڭلىك توغرا بەلگىسى قويۇلغان گە دىققەت قىلمىغانلىقىڭىزنى ئىپادىسى. شۇڭا بۇ باسقۇچ تولىمۇ مۇھىم. بۇنىڭغا كاشىلا قىلىدىغان ھەرقانداق نەرسىنى تاقىۋېتىپ مەشغۇلات قىلغايسىز. ئەگەر بۇمۇ ئەمەس بوپقالسا بەلكى سىزنىڭ چاتقىنىڭىز iPhone 4 ئەمەس ئوخشايدۇ. ئەگەر 1600 نەچچە دېگەندەك نومۇردىكى خاتالىق كۆرۈلسە سېستىمىنى قايتىدىن يېزىپ سىنىسىڭىز بولىدۇ.

ئەگەر 1013 خاتالىقى كۆرۈلگەن بولسا كىيىنكى قەدەمدە ئايفوننى قايتۇرۇش ھالىتىدىن قۇتقۇزۇپ قايتا قوزغاتسىڭىز ئىش تامام. بۇنىڭ ئۈچۈن TinyUmbrella نىڭ Kick Device Out of Recovery (قايتۇرۇش ھالىتىدىن چېكىندۈرۈش) كونۇپكىسىنى بېسىپ ئايفوننى قايتا قوزغىتىڭ. ناۋادا سادا بولمىسا TinyUmbrella نى قايتا قوزغىتىپ ئاندىن بېسىپ بېقىڭ. iOS 4.3.1 گە ئوخشاش بەزى سېستىمىلاردا بۇنداق قىلغاندىمۇ ئەسلىگە كەلمەسلىكى مۇمكىن. شۇڭا بايىقى چۈشۈرۈش ئۇلانمىسىدىكى fixrecovery43.exe نى قوزغىتىپ بۇ باش ئاغرىقىدىن قۇتۇلسىڭىز بولىدۇ.

قوزغالغاندىن كىيىن 设置-通用-关于本机-调制解调器固件 نى كۆرۈپ بېقىڭ. سېستىما نەشىرىڭىز iOS 4.3.2 بولسىمۇ مودىم نەشىرىڭىز يەنىلا 01.59.00 . شۇنداقمىكەن؟

كىيىنكى قەدەمدە UltraSnow ئارقىلىق قۇلۇپنى يېشىڭدە ئۆزىڭىزنىڭ كارتىسىنى سېلىپ نورمال ئىشلىتىپ كېتىڭ. قولاي كەلسۇن…

ئىشلىتىش قوللانمىسىنىڭ خەنچە نۇسقىسى ۋە ئېنگلىزچە نۇسقىسىنى ئۇلانمىدىن كۆرۈڭ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



18 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
    http://filer.blogbus.com/11221657/resource_11221657_1303571888r.gif
    توغ ئادىرسىم ياسىغانتىم ئۆزگەرتىۋالاسىز رەخمەت

  2. ئايتاچقا ئۆزگىرىپ كەتكەنلەر قوقماڭلار ھە،ئامرىكىغا بارغىلى سالمايدۇ .بۇنى يىشىدىغان چاپلاق بار 150-200سومغىچە ئالغىلى بولىدۇ.ئاكىتىپلاش ئۈچۈن كىتىدىغانAT&Tنىڭ كارىنىمۇ تاپقىلى بولىدۇ ،30سوم :lol: :lol:

    • AT&T نىڭ كارتىسى بىلەن ئاكتىپلاشقىلا (激活) بولىدۇ. لېكىن ئۆزىڭىزنىڭ كارتىسىنى يەنىلا تونىمايدۇ. 150~200 سوملۇق چاپلاق دېگەن قانداق نېمە بولغىيتى؟

  3. تورقۇلۇپىنى يىشىدۇ،ئۆزىمىزنىڭ كارتىمىزنىڭ ئارقىسىغاچاپلاپ سالىمىز،قۇلۇپى بار كىسەكلەرنى تىرىلدۈرىدىغان نەرسە.،

  4. مىنىڭ قولۇمدىكىسىمۇ ئامرىكا نۇسقىسى شۇنڭدا يىشىپ ئشلىتىۋاتىمەن4.3.2نى

  5. GEVEY 苹果 iphone4 解锁 全基带 芯片卡贴

  6. ئاتىكاچىلىق قىپقويدۇممۇ نىمەئ :evil: :evil:

  7. يەنە بىر ئايفون ئالىدىغان ئىش بولسا ھەرگىز ئالدىراپ قۇلۇپى بارنى ئالماسمىنا!
    ئۆزەم نەشىرىنى كۆتۈرۈشتىن ئەنسىرەپ بازارغا ئېلىپ بارساممۇ قىلالمايمىز دەپ….. :angry:

    • شۇنداق قىلغۇلۇقكەن. ئالما بارغانسىرى قىيىنلاشتۇرىۋاتىدۇ. يېڭىسى چىققان ھامان خاتىرجەم يېڭىلىغىلى بولمىغان. تۈرمىدىن قاچۇرمىغان تەقدىردىمۇ يېڭى نەشىرىگە خاتىرجەم يېڭىلاپ ھېچ بولمىسا ئەسلىدىكى ئويۇنلارنى قاچىلاپ بولسىمۇ ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

  8. مەن ئايپوننى ئويناۋاتكىلى بىرىنىچى ئەۋلاتىن باشلاپ 3ئەۋلات ئويناپتڭمە مەن ئايپونغا ئويەۇرچە كىرگۇچ ياسلىشنى ئارزۇ قىۋاتقىلى 22 يىل بولدى مەن ھازىر /uدىن پايدىلنىپ بۇ ئارزۇيۇمنى 20پىرسەنىت ئەمەلگە ئاشۇردۇم پاسىبانجان قارىسام سىز ياساپ قۇيدىغاندەك قىلسىز ياساپ ئالما يۇمتال بازىرىغا كىرسە چۇكۇم 1 مىليۇن كىرىم يارتىشىدا گەپ يوى چ چ نۇمۇرىىڭىز بوسا ئېلىخىتىمگە يولاپ قويگان بوسىڭىز 18609970524china@gmail.comمۇشۇ توغۇرلۇق سىزگە تەكلىپىم باتى !!!

  9. 4.2.1 نى پەقەت SHSH لىيالمىدىم. 4.3.2غا سىز دىگەندەك كۆتۈرسەم كارتىنى تونىماي تۇرۋالسا ئىش چاتاق .ھازىرمۇ چاپلاق ئارقىلىق تۇنۇتۇۋاتىمەن كارتىنى…. قۇلۇپ بار تېلفۇننىڭ بۇنداق ئاۋارچىلىقىنى بىلگەن بولسام :…:

    • ھازىرنىڭ ئۆزىدە چاپلاق بىلەن تۇتۇپ تۇرىۋاتقان بولسىڭىز ئەمدى ئەنسىرەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوققۇ دەيمەن. مودىم نەشىرى كۆتۈرۈلۈپ بوپتۇ. ھازىر مودىم نەشىرى قانچە؟

  10. 03.10.01 كەن مودىم نەشىرى قانداق قىلىمىز يول كۆسەتسىلە . .. iTools ياخشىمۇ ifunbox مۇ . ..

    • بۇ نەشىرنى ساقلاپ قالغان بىلەنمۇ ھازىر UltraSn0w بەرىبىر يېشەلمەيدۇ. يەنىلا چاپلاق بىلەن قوللانماي بولمايدۇ. شۇنداق بولسىمۇ مودىم نەشىرىنى ساقلاپ قېلىپ يېڭىلىغان ياخشىمىكىن دەيمەن. ناۋادا كىيىنكى نەشىرلىرى 03.10.01 نى يېشەلەيدىغان بوپقالسا ئەجەب ئەمەس.
      ئۇ 2 پروگراممىغا كەلسەك مەن كۆپ ئىشىلىتپ كەتمەيدىكەنمەن. مەنچە iTools مۇ بوپقالىدىغاندەك…

  11. ئالدى بىلەن 4.2.1 نىSHSH لىۋېلىپ. كىيىنچە 4.2.1 گەچۈشۈرۈش ئۈچۈن ‹چۈشۈرۈش كېرەك بوپ قالسا› 03.10.01 مودىم نەشىرنى ساقلاپ قالغان ئاساستا 4.3.2 غا كۆتۈرگىلى بولامدۇ.؟ كۆتۈرگەندىن كېيىن چاپلاق بىلەن كارتىنى تۇنۇتقىلى بولامدۇ. .ھازىرقىدەك نۇرمال بولامدۇ .. :welcome: يول كۆرسەتسىڭىز… :welcome:

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)


App Store دىن ئىزدەش

iOS 5 نىڭ بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسلىرى

iOS 5.0 ئابونتلىرى 5.0.1 گە يېڭىلىماقچى بولسا OTA شەكلىدىلا يېڭىلىسا بولىدۇ. بۇ ئەڭ قولاي ھەم ئەڭ ئىخچام ئۇسۇل. (مۇناسىۋەتلىك يازما) يېڭىلاش باسقۇچى: 设置-通用-软件更新

iPhone 3GS 4.3.5 5.0 5.0.1
iPhone 4 4.3.5 5.0 5.0.1
(iPhone 4 (CDMA 4.2.10 5.0 5.0.1
iPhone 4S - 5.0 5.0.1
iTouch 3 4.3.5 5.0 5.0.1
iTouch 4 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 1 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 Wifi 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 3G 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 CDMA 4.3.5 5.0 5.0.1

نۆۋەتتە iTunes نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى 10.5.3 . بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى: [Windows 64] [Windows 32] [Mac]

iTools نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى iTools 2012 Beta 0111 . بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى:
[English Version] [简体中文] [iTools for Mac]

© 2012 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
E-mail : ICP 备案 : 新ICP备10202432号
بەت ئۈستىگە قايتىش