كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا ياقتۇرۇپ ئوينايدىغان مۇشۇنداق بىر ئويۇن بولىدىغان. ئاپام كىر يۇغاندا داسقا يېڭى سۇ قۇيۇپ سوپۇن سالغان چاغدا دەرھال كىچىك قۇتىدىن بىرگە سوپۇن سۈيىنى قاچىلىۋېلىپ ئۆزىمىز ياسىغان نەرسىگە چىلاپ پۈۋلەپ ئاشۇنداق شار چىقىرىپ ئوينايدىغانتۇق. كىيىن ئۇنىڭ بازاردا ھەرخىل ھەرياڭزا، ھەر چىرايلىقلىرى سېتىلىدىغان بوپ كەتكەن. ئايفون پروگرامما تۈزگۈچىلىرى شۇ چاغلىرىمىزنى ئەسلەپ تۇرىشىمىز ئۈچۈن شۇ ئويۇنلارنى ئايفونغىمۇ كۆچۈرۈپ ئەكەپتۇ. بۈگۈن ئەمدى ئۇنىڭ ئاخىرىنى ئايفونىمىزدا ئوينىغۇدەكمىز.
ئويۇننى ئويناش ئۇسۇلى ئىنتايىن ئاددى. ئويۇننى ئېچىپ ئوڭ قول ياكى سول قولدا ئوينايدىغانلىقىمىزنى تاللاپ بېرىمىز. ئويۇنغا كىرگەندىن كىيىن ئېكرانغا قاراپ پۈۋلىسەك كۆپۈكچە چىقىشقا باشلايدۇ.
ئېكران بولسا ئارقا تەرەپتىكى كامېرا ئارقىلىق ھەقىقى مەنزىرىنى ئىكراندا كۆرسىتىدۇ. ئىكراننى ئوڭ سول سۈرسىڭىز كۆپۈكچىلەر شۇنىڭغا ماس ئىكراننىڭ ئوڭ-سولىغا سۈرىلىدۇ. كۆپۈكچىلەرنى چېكىش ئارقىلىق پارتىلىتالايسىز.
ئويۇن ئىسمى : Bubbles Bubbles
چوڭلۇقى : 2.9 MB
ئەسكەرتىش: بۇپروگراممىنىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق. بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دىققىتىڭىز دائىم كۇلۇبىمىز مەزمۇنلىرىدا بولسۇن.
تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما ئايفوندا سىناق قىلىندى.
iTunes قا تىزىملىتىش جەريانىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ.









































تېلېفۇنىم بولغان بولسىمۇ ھەي،،،،