ھەممىمىزگە مەلۇم. ئايفون 4 نىڭ ئېكرانى ھازىر دۇنيا بويىچە ئەڭ سۈزۈك ئېكران ھېساپلىنىدۇ. بۇ ئىكراننى رېتىنا (Retina) ئېكرانى دەيمىز. HD بولسا High Definition نىڭ قىسقارتىلىمىسى بولۇپ، خەت مەنىسى بويىچە ئېيتساق يۇقىرى ئېنىقلىق دېگەن مەنا چىقىدۇ. رېتىنا ئېكرانى دەل HD ئېكران. ماۋۇ ئويۇنمۇ ئايفون 4 نىڭ رېتىنا ئېكرانىنى قوللايدىغان HD ئويۇنكەن. ئالدىنقى مەزگىللەردە ئۆسۈملۈك بىلەن مۇردا ئويۇنى بەكلا مودا بوپ كەتكەن ئېدى. بۇمۇ شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئۆزگىچە ئويۇن ئىكەن.

Wanted Zombies نى ياسىغۇچىلار AppStore دىكى كلاسسك ئويۇن Go!Go!Go! نىڭ ئاپتورى ياسىغان بولۇپ، بىز ئېكراندا كۆرسىتىلگەن تۇتۇش بۇيرىقى چىقىرىلغان مۇردىنى چېكىش ئارقىلىق ئوينايمىز.

ئۇلارنى پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلى 3 خىل. بىرى، رەڭگى ئوخشاش بولغان مۇردىنى چېكىمىز. يەنە بىرى، شەكلى ئوخشاش مۇردىنى چېكىمىز. ئاندىن يەنە ئوخشاش ھارۋىغا چىقىۋالغان مۇردىنى چېكىمىز. ئۇلارنى چەكسەكلا تۇتقان ھېساپ.

قېنى، ئىلگىرىكىك مۇردا ئويۇنلىرىغا ئامراق بولغان ئويۇنخۇمارلار پۇرسەتنى قولدىن بەرمىگەيسىلەر…

ئويۇن ئىسمى : Wanted Zombies

ياسىغان شىركەت : Jung Hun Baek

ئويۇن تۈرى : كۆڭۈل ئېچىش

قوللايدىغان سۇپا : Game Center

چوڭلۇقى : 9.4 MB

چۈشۈرۈش ئادرىسى :

ئەسكەرتىش: بۇ ئويۇننىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق.  بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دىققىتىڭىز دائىم كۇلۇبىمىز مەزمۇنلىرىدا بولسۇن.

تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما ئايفوندا سىناق قىلىندى.

iTunes  قا تىزىملىتىش جەريانىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



2 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. ھە مەيلى،ئايفون ئالمىساقمۇ ئىنكاس يېزىپ قويغۇلۇق!كىيىن… :shy:

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش