ئىلگىرى بەزى دوسلار مېنىڭ ئايفونىمنىڭ ئۈستىدە نېمىشقا ئۇيغۇرچە ”پاسىبان“ دىن باشقا يەنە بىرتال ماشىنا ۋە ئايفوننىڭ رەسىمى بارلىقىنى سورىغان ئىدى. بۇ ئەسلى رەسىم ئەمەس. بەلكى ئايفوننىڭ ئۆزىدە بار بولغان گۈزەل ئايكونلاردىن تەركىب تاپقان Emoji كونۇپكا تاختىسىنىڭ كارامىتى…

بۇ كونۇپكا تاختىسى ئايفوننىڭ ئۆزىدە ئەسلىدە بار بولۇپ، سېستىما ئۆزىدە ئاكتىپ ھالەتتە ئەمەس. بۇنى ئازراق ھۈنەر ئىشلىتىپ ئاچساقلا كۇپايە. بىز بۇنى ئېچىپ بولغاندىن كىيىن بۇ كونۇپكا تاختىسىنى ئاكتىپلىمىغان باشقا ئايفونلارغا يېزىپ يوللىساقمۇ بولىۋېرىدۇ. ئۇلارنىڭكىدە يەنىلا نورمال كۆرىنىدۇ. چۈنكى بۇ سېستىمىنىڭ ئىچىدىكى بار ئىقتىدار. تۆۋەندە  بۇ كونۇپكا تاختىسى بىلەن ئايفوننى بېزىگەندىن كىيىنكى ئۈنۈمنى بىر كۆرۈڭلار.

بۇ كونۇپكا تاختىسى ئارقىلىق تېلىفۇن دەپتىرىنى بۇنداق رەڭدار قىلىۋالالايسىز. بۇ ئوماق چىراي ئىپادىلىرىنى ھەرقانداق جايغا ئىشلەتكىلى بولىدۇ. چۈنكى بۇنى ئايفون رەسىم ھالەتتە ئەمەس، ھەرپ ھالىتىدە تونۇيدۇ. شۇڭا بۇ بىزگە تولىمۇ قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن. پەمىمچە سىز دەل مۇشۇ پەيتتە ئايفونىڭىزنىڭ مۇشۇنداق ئالاھېدىلىكلىرىنىڭ بارلىقىدىن پەخرلىنىۋاتىسىزغۇ دەيمەن؟ شۇنداق، بۇ تېلىفۇن قىممەت ئەمەس. گەپ پايدىلىنىش-پايدىلىنالماسلىقتا!

سەپسەتە سېتىپمۇ بولدۇق، ئەمدى نەق گەپكە كېلەيلى. بۇنى قانداق ئاكتىپلاش توغرىسىدا توردىن ئىزدىسىڭىز بىر پاتمان نەزەرىيە سۆزلەيدۇ. مەن تۆۋەندە ئەڭ ئاددى، لېكىن ئۈنۈملۈك بىر ئۇسۇلنى تەۋسىيە قىلاي.

مەيلى ئايفون، مەيلى كومپىيۇتېردا بولسۇن App Store غا كىرىپ Emoji دەپ ئىزدەڭ. ئاندىن تاپقان ئەپلەر ئىچىدىن ++Emoji ئىسىملىك بۇ ئەپنى تېپىپ قاچىلىۋېتىڭ (رەسىمنى بېسىپ iTunes ئۇلانمىسىنى ئاچالايسىز):

Emoji++

قاچىلاپ بولغاندىن ئاساسى بەتكە بىر ئايكون قوشىلىدۇ. شۇنى قوزغىتىڭ. كۆرۈنمە يۈزى بەكلا ئاددى. ئاستىغا قارىسىڭىز ئېچىپ تاقايدىغان ”ئۈزچات“ نى كۆرىسىز. شۇنى ئېچىپ قويۇپ چېكىنىڭ. ئاندىن ئايفونىڭىزنى قايتا قوزغىتىڭ.

قوزغالغاندىن كىيىن 设置-通用-键盘 دېگەن جايدىن يېڭى كونۇپكا تاختىسى قوشۇشنى بېسىپ 表情符号 (ئەگەر سېستىمىڭىز باشقا تىلدا بوپقالسا Emoji دەپ چىقىشى مۇمكىن) دېگەن كونۇپكا تاختىسىنى قوشۇڭ. ئىش تامام!

ئەمدى چېكىنىپ چىقىپ كونۇپكا تاختىسى ئالماشتۇرىدىغان يەرنى بېسىپ كۆرۈڭ. يېڭىچە كونۇپكا تاختىسى كۆز ئالدىڭىزدا نامايەن بولىدۇ.

مېنىڭكىگە ئوخشاش ئۈستى تەرەپتىكى تېلېگراف شىركىتىنىڭ نامى ئورنىغا چىقىرىۋېلىش ئۈچۈن بۇ يازمىدىن پايدىلىنىڭ.

تېلىفۇن دەپتىرىگە ئېموجى ئىپادىلىرىنى قوشقاندا بىۋاستە كىشى ئىسىملىرى ئالدىغىلا قوشۇپ قويماڭ. بۇنىڭدا ئىسىم تەرتىپىدە قالايمىقانچىلىق كۆرۈلىدۇ. شۇڭا ئازراق كاللا ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ.

تېلىفۇن دەپتىرىدىكى تەھرىرلىمەكچى بولغان كىشى ئىسمىنى ئېچىڭ. تەھرىرلەشنى باسسىڭىز ئاستى تەرەپتە 添加字段 دېگەن بىر جاينى كۆرىمىز. شۇنى باسساق ئەڭ ئۈستىدە 前缀 يەنى ئالدى قوشۇمچە دېگەن بىر تۈر بار. شۇنى باسساق ئىسىم 名字 نىڭ ئۈستىگە يېڭىدىن بىر قۇر قوشىلىدۇ. مۇشۇ قۇرغا ئېموجى ئىپادىلىرىنى يېزىڭ. ئايفوننىڭ ئىسىم دەپتىرىدىكى تىزىلىش تەرتىپى ئىسىم-فامىلە بويىچە تىزىلىدۇ. شۇڭا ئالدىغا قوشقان 前缀 بۇنىڭغا كىرمىگەچكە بۇرۇنقى ئىسىم تەرتىپى ئۆز يولىدا كېتىۋېرىدۇ. بىز بولساق تېلىفۇن خاتىرىمىزنى رەڭدار بېزىۋالالايمىز.

بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئايفون، ئايپەد، ئايپود تاچ قاتارلىق iDevice لارنىڭ ھەممىسىدە سىناپ باقتىم. سىناقتىن ئۆتتى!

يازمىدىن مەنپەئەت ئالدىڭىزمۇ؟ غىپپىدە قاچماي جاۋابنى ئىنكاستىن كۆرەيلى ئەمىسە!  :-D

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



19 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. ئايفونچى يۈكسەللەر كۆرۈنمەيدىغۇ؟ :-| ئاللاھ خالىسا ھەپتە ئاخىرىدىن باشلاپ پاسىبان بلوگىدا تۈنەشكە باشلايمەن 8)

  2. مەنمۇ Fake Carrier ئارقىلىق كۆچمە خەۋەرلىشىش ئىسمىنى ئۆز ئىسمىمغا ئالماشتۇرىۋالغان. لېكىن رەسىم قوشالماي سىزدىن سوراي دەپ يۈرگەندە بۇ تېمىنى يېزىپ بۇ قىيىنچىلىقىمنى ئاسان قىلدىڭىز. مەن كيۇ كيۇدىكى چىراي ئىپادىلىرىنى كۆچۈرۈپ چاپلاپ ئىشلىتىپ باقتىم، نورمال بولغان… ماۋۇ كۇنۇپكا تاختىسى ھەقىقەتەن قولايلىقكەن.

  3. مەنمۇ ئاشۇنى بىلەلمەي يۈرگەن، سىزگە نىمە دەپ رەھمەت ئىيتىشىمنى بىلەلمىدىم، بۇ ماڭا بولغان ئايەملىك سوۋغا بولدى، كۆپ رەھمەت سىزگە، پاسىبان ئەپەندىم، ئاللا مۇراد-مەخسىتىڭىزگە يەتكۈزگەي،ئىشلىرىڭىزنى تېخىمۇ ئاسان قىلغاي،،،،،،،، ئاخىردا ئۇلۇغ رۇزا ھېيتىڭىزنى قۇتلۇقلايمەن، رۇزا ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن. تىنىڭىڭزنىڭ سالامەت ئىشىلىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق ،ئائىلىڭىزنىڭ بەخىتلىك بۇلۇشىنى ئۇلۇغ ئاللاھتىن تىلەيمەن….

  4. مەن ماشىننىڭ رەسىمىنى چىقرامىدىمغۇ ؟ لىكىن ھېلىقى بەلگىلەر چىقتى

  5. App Store نى باسسام ئۇلانمىدى ،ئاستىدا مۇنداق ئەسكەرتىش باكەن ،您必须连接到

    • ئۇچۇرنى تولۇق يازماپسىز. 连接到internet دېگەندۇ؟ تورغا ئۇلانمىسا توردىن قانداق بىر نەرسە چۈشۈرگىلى بولىدۇ؟ ئايفوننى WiFi ياكى 3G تورىغا ئۇلىغان بولىشىڭىز كېرەك. بولمىسا App Store ئېچىلمايدۇ

  6. چ چ نومىرىڭىزنى قىتىۋالسام بولامدۇ

  7. wifi ئۇلانمىدى دەيدۇ.قانداق ئۇلامەن ،مەن پەقەت بىلەلمىدىم،تەپسىلىرەك چۇشەنچە بېرەمسىز،ئوڭشىيالماي ئىچىم بەك سىقىلدى

  8. مۇشۇنچىلىك ياخشى ئۇچۇرلاربىلەن تەمىنلىگنىڭىزگەرەخمەت بۇندىن كىيىن مۇشۇ توربېتڭزنى تەخىمۇ تەرەققى قىلدۇرشىڭزنى ئۇمىد قىلمەن. ئامان بولۇڭ.

    رەسىم ئۇستى دىكى پاسىبان دىگەن خەتنى نەدىن كىرگۇز دىڭىز.
    مەن مۇ ئۇگنىۋاسام بوپتىكەن! 

    • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. يازمىنى تەپسىلىي ئوقۇماپسىز. ئاساسەن ئۆزۈمنىڭ بايقىغىنىمچە سورىغىدەك بىرەر نەرسە قالدۇرۇپ قويمايمەن. يازما ئىچىدە شۇنى تەپسىلىي تونۇشتۇرغان ماقالە ئۇلىنىشىنى قالدۇرغان. شۇ جايدا تەپسىلىي بار

  9. :kungfu: menmu shundaq chirayliq qiliwaldim, :good:

  10. ئەسسالامۇئەلەيكۇم پاسىبان . مەنمۇ سىزيازغان تېمىلانى كۇرۇپ iphone توغۇرلۇق كوپنەرسىلەرنى

  11. مەشغۇلاتتا خاتالقق يۇزبىرىپقالدى كەچۇرگەيسىلە .

  12. ئەسسالامۇئەلەيكۇم پاسىبان . مەنمۇ سىزيازغان تېمىلانى كۇرۇپ iphone توغۇرلۇق كوپنەرسىلەرنىئ ئوگۇنىۋالدىم ، ئەجرىڭىزگەكوپ رەخمەت. مەنمۇبۇندىنكىيىن بۇكۇلۇبقا داۋاملىق كىلىپتۇرىمەن .

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)


App Store دىن ئىزدەش

iOS 5 نىڭ بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسلىرى

iOS 5.0 ئابونتلىرى 5.0.1 گە يېڭىلىماقچى بولسا OTA شەكلىدىلا يېڭىلىسا بولىدۇ. بۇ ئەڭ قولاي ھەم ئەڭ ئىخچام ئۇسۇل. (مۇناسىۋەتلىك يازما) يېڭىلاش باسقۇچى: 设置-通用-软件更新

iPhone 3GS 4.3.5 5.0 5.0.1
iPhone 4 4.3.5 5.0 5.0.1
(iPhone 4 (CDMA 4.2.10 5.0 5.0.1
iPhone 4S - 5.0 5.0.1
iTouch 3 4.3.5 5.0 5.0.1
iTouch 4 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 1 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 Wifi 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 3G 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 CDMA 4.3.5 5.0 5.0.1

نۆۋەتتە iTunes نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى 10.5.3 . بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى: [Windows 64] [Windows 32] [Mac]

iTools نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى iTools 2012 Beta 0111 . بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى:
[English Version] [简体中文] [iTools for Mac]

© 2012 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
E-mail : ICP 备案 : 新ICP备10202432号
بەت ئۈستىگە قايتىش