ئۇنىۋېرسال رەسىم تەھرىرلەش قورالى Snapseed

iOS تە رەسىم تەھرىرلەيدىغان قوراللار خېلىدىن ئوبدان سېتىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ iPad ئۈچۈن لايىھەلەنگەن رەسىم تەھرىرلەش قوراللىرى ئوبدان بازار تېپىغلىق. Nik Software, Inc نىڭ Snapseed دېگەن ئەپمۇ 4.99 دوللاردىن سېتىلىدىكەن. بۈگۈن بۇ ئەپ ۋاقىتلىق ھەقسىز ئىكەن.

رەسىم تەھرىرلەش قورالىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتىمۇ يوققۇ دەيمەن. بۇ ئەپ iOS نىڭ بارماق بىلەن باشقۇرۇدىغان ئالاھىدىلىكىدىن مۇكەممەل پايدىلانغان بولۇپ، نۇرغۇنلىغان كەسپىي ئالاھىدىلىكلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن، App Store دا 4.99 $ دىن ياخشى سېتىلىۋاتقان كەسپىي رەسىم بىر تەرەپ قىلىش قورالى.

ئىشلەتكەنلەرنىڭ، كەسپىيلەرنىڭ بۇ ئەپكە بەرگەن باھاسى ئىنتايىن يۇقىرى. قارىسام ماختاپ ئۇچۇرىۋېتىپتۇ. بەك يارايدىغان ئوخشايدۇ شۇلارغىمۇ. ئىشقىلىپ نېمىلا بولمىسۇن 30 كويلۇق ئەپ بۈگۈن ھەقسىزكەن. گاچچىدا چۈشۈرۈپ قويىدىغان نوچى نەرسىدەك تۇرىدۇ. فىلىمىنى بىر كۆرەيلى ئەمىسە.

بۇ ئەپ ئۇنىۋېرسال بولغاچ iPhone ۋە iPad لەرگە ماس كېلىدۇ. ھەرقانداق بىر iOS ئىشلەتكۈچىلىرى چۈشۈرۈپ قويىۋېرىڭ.

ئەپ ئىسمى : Snapseed

ساتقۇچى : Nik Software, Inc.

تۈرى : قوللىنىشچان، فوتو-سۈرەت

چوڭلۇقى : 26.5 MB

باھاسى : ۋاقىتلىق ھەقسىز.

iTunes چۈشۈرۈش ئادرىسى:

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



8 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. ما ئەپ خېلى بوپ قويىدىكەن جۇمۇ، چۈشۈرۈپ قوياي بولمىسا بەش دوللارغا سېتىۋالىدىغان ئىش چىقمىسۇن يەنە !

  2. ئاخشام نەق ئايفوننى يېڭىلىغاندا ئېچىلمايدۇ ما بېكەت، شۇنداق قىلىپ ئامېرىكا نەشىرىدىكى ISO4.0 دىن بىرنى 4.3 كە كۆتۈرىمەن دەپ، ھېلىقى تېمىدا ئېسىمدە قالغىنى بويىچە مەشغۇلات قىلىپ، ئاخىرى ئەپلەشمەي 5.0.0 گە كۆتۈرۈپ، كۆتۈرۈپلا قالماي 固件 سىنى 04.11.08 غا كۆتۈرۈپ كېسەككە ئايلاندۇرغاندىن كېيىن، چۈشتىن بۇرۇن تېلېفون بازىرىغا ئاپىرىپ، 1500 گە سېتىپ، 80 كويغا تېلفۇندىن بىرنى ئېلىپ كەلدىم .

    • :o))): ما ئالدىراقسانلىقنى … بلوگنىڭ قىممىتىنى تازا ھېس قىپسىزدە ھە؟ يامان بوپتۇ … قۇلۇپى بار نۇسقىسىغا زادى چاقچاق قىلغىلى بولمايدۇ. مەنمۇ يۈرمەمدىم مانا 4.3.3 تە سۆرۈلۈپ … :-?

  3. مەن چۈشۈردىم لېكىن ھەر قېتىم ئۈسكىنىگە قاچىلاش مۇۋاپىقىيەتسىز بولىۋاتىدۇ !

    ھەراس ئاكا ! بىلەت تاشلاش ئۈچۈن رادىئو -تىلىۋزۇرلاردا ئېلان بەرگەن مىدىڭىز؟ ھې ھې ! ساددىلىق قىپسىز ، ئېلان بېرىمەن دەپ پۇل ئىسراپ قىلغۇچە شۇ پۇلغىلا بىلكان پەد تىن بىرنىلا ئالمامسىز دەيمە! ھې ھې !

  4. 4.1دىن خۇيمۇ زىرىكتىم … نەدە ئىسىل ئەپلەر بولسا يىڭى نەشرى قاچىلاڭ دەپ … راست ئۈچۈنجى ئەۋلادقا 5.0.1 نى قاچىلىسا ئايفۇن ئېغىرلىشىپ قالامدا ؟ بەزىدە ئۆچۈۋالىدۇ دەيدىغۇ ؟

    • ئادەتتە 2 نۇسقا ئەۋۋەلدىكى ئايفونغا يېڭى سېستىما ئېغىرلىشىپراق كېلىدۇ. مەسىلەن 5.0 گە 3-ئەۋلاد، 4.0 گە 2-ئەۋلاد. ئەمدى كېلەر يىلى 6.0 چىقىپ قالسا 4-ئەۋلاد تېلىفون ئېغىرراق ئىشلەيدىغان ئوخشايدۇ. كىشىلەر ئالمىنىڭ مۇشۇ ئىشىدىن قاتتىق نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپتىكەنتۇق. لېكىن يېڭى سېستىمىدا يېڭىلىق راستىنلا كۆپ بولغانلىقتىن، بۇرۇنقى سەپلىمىلەر ماس كېلەلمەسلىك مەسىلىسى تەبىئىيلا پەيدا بولىدىكەن.
      ئەگەر سىزنىڭ iPhone 3GS بوپقالسا 5.0 لىك سېستىما سەل ئېغىر ئىشلەيدۇ.

  5. ماۋۇ دېتالنى ئۆنۈمى بولىدىكەنتۇق، شۇ يانفون يوق

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)


App Store دىن ئىزدەش

iOS 5 نىڭ بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسلىرى

iOS 5.0 ئابونتلىرى 5.0.1 گە يېڭىلىماقچى بولسا OTA شەكلىدىلا يېڭىلىسا بولىدۇ. بۇ ئەڭ قولاي ھەم ئەڭ ئىخچام ئۇسۇل. (مۇناسىۋەتلىك يازما) يېڭىلاش باسقۇچى: 设置-通用-软件更新

iPhone 3GS 4.3.5 5.0 5.0.1
iPhone 4 4.3.5 5.0 5.0.1
(iPhone 4 (CDMA 4.2.10 5.0 5.0.1
iPhone 4S - 5.0 5.0.1
iTouch 3 4.3.5 5.0 5.0.1
iTouch 4 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 1 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 Wifi 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 3G 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 CDMA 4.3.5 5.0 5.0.1

نۆۋەتتە iTunes نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى 10.5.2 . بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى: [Windows 64] [Windows 32] [Mac]

iTools نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى iTools 2011 Beta 1215 . بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى:
[English Version] [简体中文] [iTools for Mac]

© 2012 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
E-mail : ICP 备案 : 新ICP备10202432号
بەت ئۈستىگە قايتىش