ھېيىت تىنچ-ئامان ئاخىرلاشتى. ھېيىت خوشاللىقى ئاخىرىغا باشقا خوشاللىقلارنى ئاللاھ ئۇلاشتۇردى. چەكسىز ھەمدۇسانالار بولسۇن. شۇڭا ھېيتتىن كىيىن بلوگ نەچچە كۈن تاشلىنىپمۇ قالدى. بۈگۈن ئاللاھ كەچ بولسىمۇ يازما يېزىشقا نىسىپ قىپتۇ. ئاجايىپ – غارايىپ ئەپ «پروگراممىمىز» نى داۋاملاشتۇرىمىز. ھەم ھەقسىز، ھەم ئاجايىپ-غارايىپ ئەپ لازىم بولسا «داۋامىنى ئوقۇش» نى سەت كۈچەپ بېسىڭ ئەمىسە!
قىستۇرما رەسىمدىكىدەك بۇ ئەپ مۇشۇنداق قارانچۇققا مۇناسىۋەتلىك. يەنى بىز قارانچۇق بولىمىز. قىززىق يېرى بۇ iPhone نىڭ ئويۇنلاردا كەڭ قوللىنىۋاتقان، ھەممىمىز بىلىدىغان «ئېغىرلىق سېزىش ئىقتىدارى» ئارقىلىق باشقۇرۇلمايدۇ. بۇنى ئۆزىمىز كاللىمىزنى ئۇيان-بۇيان قىلىپ تۇرۇپ ئويناپ قويىمىز. بۇنىڭ قىززىقى مانا مۇشۇ يەردە.
ئەقىللىق بۇرادەرلىرىمىزنىڭ كاللىسى ۋاللىدە يورۇپ بولدىغۇ دەيمەن. شۇنداق، بۇنى ئالدىدا كامېراسى بولغان iPhone 4, iPad 2, iPod touch 4 دېگەندە iDevice لاردا ئوينىغىلى بولىدۇ. چۈنكى بۇ قارانچۇقنى بىز بېشىمىزنى ئۇيان بۇيان قىلساق ئالدىدىكى كامېرا كۆرۈپ تۇرۇپ شۇنىڭغا ماس ھالدا ھەرىكەتلەندۈرىدۇ.
بىز مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئاسماندىن چۈشىدىغان قاغا-قۇزغۇنلاردىن كاۋا ئېتىزىمىزنى قوغدايمىز. بۇ ئويۇننىڭ يەنە بىر پايدىسى شۇكى (TV دىن ئۆگىنىۋالغان ئېلاندىن ئىلھام ئېلىپ كۆرەي):
بۇ ئويۇن جەمئىيتىمىزدە كومىيوتېرنىڭ ئوموملىشىشى بىلەن كۆرىلىۋاتقان ھەرخىل «بويۇن ئۇمۇرتقا ياللۇغى»، بوغۇم ئاغرىقى، ئولتۇرغۇچ نېرۋا ئاغرىقى دېگەندەك سۆڭەك-بوغۇم كېسەللىكلىرى بىمارلىرى ئۈچۈن Dev قىلىنغان بولۇپ، ئويناپ بەرسىڭىز ئاشۇنداق بولمايسىز، گەجكە قېتىشىشقا مەنپەئەتى بولىدۇ. ئويۇن ئوينىغۇچە ئوغۇللار ئوماق كۆرىنىسىز، قىزلار گۆدەك كۆرىنىسىز. ئويۇننى داۋاملىق ئويناپ بەرسىڭىز رىماتىزىمنىڭ ئالدىنى، رىمابوينامنىڭ ئارقىنى ئالالايسىز.
ئەڭ دەسلەپتە بېشىمىزنى مۇشۇ ئەپنىڭ ياردىمىدە بىر قېتىم تونۇتۇپ قويىمىز. ئوڭ ۋە سولغا بۇراپ كۆرسىتىپ قويغاندىن كىيىن ئويۇننى باشلاپ كېتىمىز.
خوش قېنى، ئاۋال سىننى بىر كۆرۈپ باقايلى!
ساتقۇچى : VisionHacker Studio
تۈرى : كۆڭۈل ئېچىش
چوڭلۇقى : 21.0 MB
باھاسى : ۋاقىتلىق ھەقسىز.
باھاسى دېگەن جايدىكى «ۋاقىتلىق ھەقسىز» دېگەننى كۆلە ھەقىچان. شۇندا بولدى، بازا چاققاننىڭ. چاياندەك سۈرەتتە بېسىپ ئۈلگۈسەك ئۈلگۈدۇق، بوممىسا قاغىنىنى ئۆزلىرى بىلىلا …









































رەھمەت سىزگە مەن چۈشۈرۋالدىم ! جاپا چەكتىڭىز ھارمىغايسىز ! داۋاملىق يىڭى ئەپلەرنى كۈتىۋاتىمىز !
رەھمەت سىلىگە ئەپنى تۇنۇشتۇرۇشلىرى ئۇنىڭدىنمۇ قىززىق بوپتۇ. شۇتاپتا سىلىدىن تولىمۇ خۇرسەن بولىۋاتىمەن
قىتىۋىلىپ ياخشى ئوينىغىلى بولمايۋاتىدۇ يا…
ئەپتىن بەكرەك ئېلانلىرى پەچەت بوپ كىتىپ بارىدۇ .ئاللاھ قوللىرىغا دەرت بەمىسۇن بولىدىغان ئەپكەن . باشقا دەرتلەگە شىپا بولىدىغان ئەپلىنى داۋاملىق كۈتىمىز.
قارانچۇقنىڭ ئىنكاسى سەل ئاستىمۇ قانداق