ئاز مۇددەت ئىلگىرى (10-مارت كۈنى) ئالما شىركىتى ئايفون مەشغۇلات سېستىمىسى iOS نىڭ 4.3 نەشىرىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئارقىغا ئۇلاپلا 4.3.1 نەشىرىنىمۇ ئېلان قىلىپ ئۈلگۈرۈشتى. 4.3 مەشغۇلات سېستىمىسى ئائىلىسىدە ئۆزگىرىشلەر خېلى بار بولۇپ، قۇلۇپى يوق ئايفون ئىشلىتىۋاتقانلار ئۈچۈن ئىككىلەنمەي يېڭىلاش ياخشى تاللاشتۇر.

4.3 نەشىرىدە 4.2.1 گە قارىغاندا كۆرۈنەرلىك بولغان تۆۋەندىكى بىر قانچە ئالاھېدىلىكلەر بار:

  • سافارىنىڭ ئىقتىدارى كۈچەيتىلدى. Java نى قوللاش ئىقتىدارى بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە تىزلەشتۈرۈلدى.  (Safari Performance)
  • iTunes ئارقىلىق ئائىلىۋى ھەمبەھرلىنىش ئىقتىدارى قوشۇلدى. (iTunes Home Sharing)
  • سىمسىز قويغۇچ ئىقتىدارى  كۈچەيتىلدى. (AirPlay Enhancements)
  • ئايپەدنىڭ يان كونۇپكىسىنى خالىغانچە تەڭشىۋېلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. (iPad Side Switch)

نۆۋەتتە ئايفون مەشغۇلات سېستىمىسى 4.3 نەشىرى قوللايدىغان دېتاللار:

(iPhone 4  (GSM/WCDMA

iPhone 3GS

iPod touch3/4

iPad2

iPad

2-ئەۋلاد ئايفون ۋە ئايتاچقا بۇ نەشىردىكى سېستىما ياسالمىدى. سەۋەبى ناھايىتى ئېنىق. ئۇ «تەۋەرۈكلەر» قېرىپ قالغانلىقى ئۈچۈن قاتتىق دېتال تەلىپىدىن ئۆتەلمەيدۇ.

نەچچە كۈن ئالدىدا ئېلان قىلىنغان 4.3.1 نەشىرىدە بولسا يۇقارقى ئىقتىدارلار ساقلانغاندىن باشقا تۆۋەندىكى خاتالىقلار تۈزىتىلدى.

  • 4-ئەۋلاد iPod touch نىڭ 4.3 گە يېڭىلىغاندىن كىيىن ئېكرانى چاقناپ تۇرىۋېلىش مەسىلىسى ھەل قىلىندى.
  • بىر قىسىم ئايفوننىڭ تور تاپالماسلىق مەسىلىسى ھەل قىلىندى.
  • Apple Digital AV Adapter ئارقىلىق ئالما تېلىۋىزورىغا ئۇلىغاندا ئېكرانى چاقناپ تۇرىۋېلىش مەسىلىسى ھەل قىلىندى.
  • بەزى بىر قىسىم كارخانا تورلىرىنى ئىشلەتكىلى بولماسلىق كەمچىللىكى تۈزىتىلدى.
  • iPad2 نىڭ تۈرمىدىن قاچۇرۇش يامىقى ئېتىۋېتىلدى.
  • ئايفوننىڭ باتارىيەسى تېخىمۇ ئۇزاق يېتىدىغان بولدى.
  • سافارىنىڭ تېخنىكىلىق يامىقى ئېتىۋېتىلدى.

مانا مۇشۇلار. گەرچە ئىككى سېستىمىنىڭ ئېلان قىلىنىش ۋاقتى تولىمۇ قىسقا بولسىمۇ، يېڭىلىق خېلىلا چوڭ. ئەگەر 4.3 نەشىرىگە يېڭىلىمىغان ئالمىداشلار بولسا بىۋاستە مۇشۇ نەشىرىگە يېڭىلىۋالسا بولىدۇ. ئەگەر ئىشلىتىۋاتقىنىڭىز قۇلۇپى بار، تۈرمىدىن قاچۇرمىسا كارتا تونىمايدىغان ئايفون بولسا يېڭىلىماي تۇرۇڭ. ئەگەر بەك ئالدىراپ كەتسىڭىز Tiny Umbrella ئارقىلىق 4.3 نىڭ SHSH نى زاپاسلىۋالغاچ تۇرۇڭ. بۇ دېتالنى چۈشۈرۈش ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى بۇ جايدىن كۆرۈۋالسىڭىز بولىدۇ. بۇ ئۇلانمىدىكى ھازىرقى ئەڭ يېڭى نەشىردىكىسى بولۇپ، ھازىرچە 4.3 نەشىرىنى قوللايدۇ. كىيىنچە 4.3.1 نىڭ يېشىش ئۇسۇلى چىققاندا بۇ نەشىرنىمۇ قوللايدىغان بولۇپ چىقسا كېرەك.

4.3.1 نەشىرىنىڭ بىر قەدەر كۆرۈنەرلىك يېڭىلىنىش – باتارىيەسىنىڭ تېخىمۇ ئۇزاق يېتىشى.

چەتئەلدىكى BGR ناملىق تېخنىكا تورىنىڭ تەمىنلىگەن ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا iOS 4.3.1 نىڭ باتارىيەسى بۇرۇنقىغا (4.3 نەشىرىگە) قارىغاندا  ئۇزاق يېتىدىغان بولۇپ، 4.3 تىكى بەزىبىر bug لارنى ياماش ئارقىلىق بۇ ئۈنۈمگە ئېرىشكەنكەن. 4.3 نەشىرى يېڭىلانغاندىن كىيىن كۆپ قىسىم ئىشلەتكۈچىلەر ئايفون باتارىيەسىنىڭ ناھايىتى تىز خوراۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلىشقان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا بۇ ئابونتلار 4.3.1 نەشىرىگە يېڭىلىغاندىن كىيىن بۇ خىل ئەھۋالنىڭ كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغانلىقى ئېيتىشقان. ئەگەر ئارىلىقتا 4.3 نەشىرىگە كۆتۈرگەنلەر بولسا 4.3.1 نەشىرىنىڭ تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى چىققۇچە ئاشۇ ھالەتتە ئىشلىتىپ تۇرۇشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. گەرچە 4.3.1 نىڭ يېشىش ئۇسۇلى پات-ئارىدا ئېلان قىلىدىغانلىق مىش-مىش پاراڭلىرى كۆپ بولسىمۇ، ھەقىقىي جاۋابقا ئېرىشىشتىن بۇرۇن كۈندە بىرەر قېتىم زەرەتلەپ تۇرارسىلەر.

2-چوڭ يېڭىلىنىش – سافارىنىڭ بىخەتەرلىك يوچۇقى ئېتىۋېتىلدى

ئازراق ۋاقىت بۇرۇن Pwn2Own خاككىرلار مۇسابىقىسىدە بىر خاككىرنىڭ سافارىدىن تېپىۋالغان بىخەتەرلىك يوچۇقى 4.3.1 نەشىرىدە ئېتىۋېتىلدى. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە Charlie Miller نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىخەتەرلىك مۇتەخەسىسلىرى بۇ يوچۇقنى تېپىۋېلىشقان ئىدى. بۇلار Twitter ئارقىلىق ئالما تەرەپ بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ بۇ ياماقنى ئەڭ يېڭى نەشىرىدە تاقىۋېتىشكە ياردەمدە بولدى.

بۇ قېتىمقى يېشىش بولسا iOS نىڭ Address Space Layout Randomization بىخەتەرلىك تەكشۈرىشىدىن بۆسۈپ ئۆتۈشىدىن پايدىلىنىپ تېپىۋېلىنغان يوچۇق. بۇ ئالمىنىڭ iOS كە يېڭى قوشقان ASLR دەپ ئاتىلىدىغان بىخەتەرلىك ئىقتىدارى ئىدى. Charlie Miller ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىسى Dion Blazakis بۇ يوچۇقنى يامان نىيەتلىك خاككىرلارنىڭ پايدىلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئاممىغا ئاشكارىلىمىدى.

ئەڭ يېڭى نەشىرىنى تۈرمىدىن قاچۇرۇشتىكى ئۈمىد - Ac1dRa1n

بۇ نەشىرىنىڭ بۇنچە تېز ئېلان قىلىنىشى سەۋەبلىك تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇللىرى 4.3.1 رەسمىي ئېلان قىلىنىشتىن كىيىنگە قالدى. PwnDev Team ناملىق ئايفون مەشغۇلات سېستىمىسىنى يېشىش گورۇپپىسىدىكى پىداكارلار 4.3 نەشىرىگە تەييارلىغان يەشكۈچنى مۇكەممەللەشتۈرىۋاتىدۇ. ئىلگىرى ئۇلار ياسىغان يەشكۈچ 4.3 نەشىرىنى يېشەلەيتتى. ھازىرقى 4.3.1 نەشىرىدە بۇ يوچۇق تاقىۋېتىلگەندىن كىيىن بۇلارنىڭ خىزمىتى يەنە سىناش باسقۇچىغا قايتىپ قالدى.

Ac1dRa1n نىڭ ئىلگىرىكى نەشىرى iOS 4.3 نى مۇكەممەلسىز يېشەلەيدۇ. PwnDev Team گورۇپپىسىنىڭ مەھسۇلى Ac1dRa1n نىڭ ئارتۇقچىلىقى شۇكى، بۇ ئىلگىرىكى Chronic Dev Team نىڭ GreenPois0n ناملىق يەشكۈچىگە ئوخشاش، بىر كونۇپكا بىلەن يېشىش مەقسىتىگە يېتىدۇ. Ac1dRa1n بۇ قېتىم GreenPois0n نىڭ كودىنى ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن ئاسانلا RAMDISK نى ئوقۇش ۋە ئۇنىڭدا كودلىرىنى ئىجرا قىلىش مەقسىتىگە يەتكەن. خەۋەرلەردە ئېيتلىشىچە Ac1dRa1n نىڭ ئوخشاشلا Mac ۋە Windows سېستىمىسى نەشىرلىرى تەڭ ئېلان قىلىنىدىكەن. يېڭى نەشىردىكىسى بەلكى iPad2 گە ماس كەلمەسلىكى مۇمكىن ئىكەن. چۈنكى iPad 2 نىڭ قاتتىق دېتالىنى بۇزماق باشقىلىرىغا قارىغاندا بىر قەدەر قىيىن ئىكەن.

ھازىر PwnDevTeam گورۇپپىسىدىكىلەر iPhone Dev-Team ۋە Chronic Dev Team گورۇپپىسىدىكىلەر بىلەن تېخنىكىلىق ھەمكارلىق ئورناتتىمۇ يوق تېخى مەلۇمات يوقكەن. ئەگەر Twitter ئويناپ قويىدىغانلار بولسا PwnDevTeam نىڭ ئەزالىرىغا ئەگىشىۋېلىپ يېڭىلىقلاردىن خەۋەردار بولغاچ تۇرسا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ گورۇپپا ئەزالىرىنىڭ تىزىملىكى : @Gr0undbreak1ng, @P01sonN1nja, @IP4pwn, @iJailSnowBreak, @SwampFox56

تۆۋەندىكى ئادرىسلاردىن ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان iOS 4.3.1 نەشىرىنى چۈشۈرىۋېلىڭ.

ئايفون 4 ئۈچۈن : iPhone3,1_4.3.1_8G4_Restore.ipsw

ئايفون 3GS ئۈچۈن : iPhone2,1_4.3.1_8G4_Restore.ipsw

2-ئەۋلاد ئايپەد WiFi نەشىرى : iPad2,1_4.3.1_8G4_Restore.ipsw

2-ئەۋلاد ئايپەد GSM نەشىرى : iPad2,2_4.3.1_8G4_Restore.ipsw

2-ئەۋلاد ئايپەد CDMA نەشىرى : iPad2,3_4.3.1_8G4_Restore.ipsw

ئايپەد (1-ئەۋلاد) : iPad1,1_4.3.1_8G4_Restore.ipsw

4-ئەۋلاد ئايتاچ (ئايپود تاچ) : iPod4,1_4.3.1_8G4_Restore.ipsw

3-ئەۋلاد ئايتاچ (ئايپود تاچ) : iPod3,1_4.3.1_8G4_Restore.ipsw

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



19 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. مۇشۇ سۈرئەت بويىچە يېڭىلانسا، iOS4 كە ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 3GS نەشىرى، iOS5 كە ئەڭ تۆۋەن بولغاندا iPhone 4 نىڭ سەپلىمىسى بولمىغۇدەكقۇ؟

    • شۇنداق. 4.0 چىققاندىن كىيىن يېڭىلاپ قالغان iPhone 3G ئېگىلىرى پۇشايمان قىلىۋاتىدۇ. ئىجرا بولىشى بەكلا ئاستا. ئالما مۇشۇنى ئويلىشىپ ئارقا سۇپىدا ئىجرا بولۇش، تەگلىك رەسىمى دېگەندەك بەزى ئىقتىدارلارنى چىقىرىۋەتتى. لېكىن يەنە كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس

  2. ئايفۇننىڭ نەشرىنى ھەپتىدەبىر يېڭلاۋەردۇق بىرەر كاشىلاچىقماس ھە.!!!
    ئالماشىركىتى بىرەرقېتىملىق نەشرىگە ئۇيغۇرچە«فونت» نى قاچىلىۋەتكەن بولسا بەك ياخشى بولاتتى ھە…..

  3. پاسىبان ئەپەندى:ئايفۇن4 كەبىر باتارىيە سېتىۋالغان ئىدىم ھېچ ئىشلىتەلمەيۋاتىمەن.بىرەر ئېلىخەت ئادرىسى قالدۇرۇپ قويسىڭىز رەسىمىنى يوللاپ بەرسەم بوپتىكەن،قاندانەرسە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قوياتتىكەنسىز :oh,no: :oh,no: :welcome:

    • ئايفوننىڭ باتارىيەسىنى ئالماشتۇرغىلى بولامدىكەن تېخى؟ ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن. ياندا ئېلىپ يۈرۈيدىغان توك قاچىلايدىغان ئەپچىل زەرەتلىگۈچنى كۆرگەن، باتارىيەسىنى ئايرىم ساتقاننى ئاڭلىماپتىمەن. ئايفونىڭىز تاغتۇرا ئەمەستۇ ھە؟

  4. SHSH دىگەن نىمىس نېمشقا سقىلۋالېمىز؟ كانداق بايدىس بار؟ :cute:

    • SHSH دېگەن مەخپىيلەشتۈرگەن ھۆججەت بولۇپ، ھەر بىر ئايفوننىڭ قاتتىق دېتالى بىلەن نۆۋەتتىكى سېستىما نەشىرىنىڭ مۇرەككەپ جەريان ئارقىلىق ھاسىل بولغان نەرسىسى. بۇ ئالما مۇلازىمىتىرىدە ساقلىنىدۇ. ھەر بىر قېتىم سېستىمىنى يېڭىدىن يازغاندا مۇشۇ ھۆججەتنى مۇلازىمىتىردىن ئوقۇپ ئاندىن يازىدۇ. ئەگەر سېستىمىنى ھازىرقى نەشىردىن تۆۋەنلەتمەكچى بولغاندا بۇ ھۆججەت مەشغۇلاتنى ئۈزىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئايفوندا نوكىيا تېلفۇنلارغا ئوخشاش يېڭىلاپ بولۇپ قاملاشمىسا قايتۇرىۋالىدىغان ئىش يوق بولىدۇ دېگەن گەپ.
      بۇنىڭغا كۆرە ھازىر SHSH نى ساقلىۋېلىپ بەزى ئۇسۇللار ئارقىلىق ساقلىۋالغان SHSH نى ئىشلىتىپ تۇرۇپ نەشىرىنى تۆۋەنلىتىدىغان ئۇسۇللار چىقتى. SHSH مۇشۇ چاغدا ئىشلەيدۇ.

    • ئىملاغا دىققەت قىلىپ يازغايسىز بۇرادەر! ئىملايىڭىز ئادەمنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدىكەن…

  5. توۋا!!!!.پاسىبانىم تاغتۇرادا ئۆزلىرى تۇرسىلا!!
    سىلى دىگەن شۇ زەررەتلىگۈچ شۇ بولسا كىرەك،سەرەڭگەقېپىدەك بىرنىمىكەن ئايفۇنغا چۇقۇسام ھېچبىر ئىنكاس يوق ساقمۇ بۇزۇقمۇ بىلەلمىدىم،بۇئىشتا ئۆزلىرى ئالىم بىر تەلىم بىرىۋەتمەملا

    • مەن ئىشلىتىپ باقماپتىكەنمە، ئايفون 4 نىڭ مېيى خېلى ئوبدان يېتەتتىغۇ؟ تېلفۇن ئاز بولسا 3 كۈن، نورمال بولسا 2 كۈن، بەك ھەپىلىشىپ ھەممە نەرسىسىنى ئېچىۋېلىپ ئويۇن ئويناپ ئىشلەتسە 1 كۈن يېتىدۇ. شۇڭا ھاجىتى يوقمىكىن دەپ كۆپ ئويلىشىپ ئولتۇرمىغان ئىدىم.
      ئادەتتە ئۇنىڭ چوقۇم بىۋاستە ئايفوننىڭ ئاستىغا چاتىدىغان يېرى، ياكى USB ئېغىزى بولىدۇ. بۇ ئېغىزغا ئايفوننىڭ ئۇنىۋېرسال سىمىنى ئۇلاپلا توك قاچىلايمىز. ئۇ نەرسىنىمۇ زەرەتلەش كېرەك. ئىنكاس بولمىسا بەلكى ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ توكى تۈگىگەندۇ. ئالغان جايدىن ئوبدانراق سوراپ بېقىڭ.
      مېنىڭچە ئەڭ ياخشىسى بۇنداق نەرسىلەرنى ئايفونغا سەپلەپ يۈرمىگەن ياخشى. ئەسلى زاۋۇت ئېتىراپ قىلغان قوشۇمچە سايمان بولىشى ناتايىن. شۇنداق بولىدىكەن، ماسلىشىشى ياخشى بولمايدۇ. بەلكى كۆپ ئىشلەتسىڭىز مېيى تېخىمۇ ناچارلىشىپ كېتىشى مۇمكىن. يۇمشاق دېتالدىن چاتاق چىقسا يامىنى كەلسە سېستىمىنى قايتا يېزىپلا توغرىلايمىز. قاتتىق دېتالدىن چاتاق چىقىپ بۇزۇلسا رېمونت قىلالىغان تەقدىردىمۇ پالان پۇلغا رېمونت قىلىدىغان گەپ. بولمىسا بۇنى رېمونت قىلىدىغان جاي ئۇنچە كۆپ ئەمەس. شۇڭا ئۆزىنىڭ زەرەتلىگۈچى گۈلىدەك بولغاندىكىن ئىھتىياج بولسا ياندا ئېلىپ يۈرسەكمۇ، بولمىسا ئەتىگەن-ئاخشامدا ئۆيدە زەرەتلىۋالساقمۇ بولىدۇ.

  6. پاسىبان ئەپەندى .ئايفۇننىڭ cdyiaسىدىن يېڭىلاش ئېلىپ بېرىۋاتسام توكى تۈگەپ ئۆچۇپ قالدى قايتا قوزغاتسام ،ھەممە يېرى نورمال،لېكن ئېكراندا cdyiaيوقاپ كېتىپتۇ،91غا چاتسام cdyiaكۆرۇندى cdyiaدىن باشقا دىتال قاچلىسام تونىدى،بارلق تەڭشەكنى ئەسلى ھالەتكە ئەكەلدىم ،…..يەنىلاcdyiaھېچ يەردە يوق ،ئۈمۈدۈم سىزدە قادى :…: :?: :cry:

    • 91 نى ئوبدان ئىشلىتىپ قويىدىكەنسىز. 修复图标 دەيدىغان بى يېرى بار. شۇنى بېسىپ سىناپ بېقىڭ. ئەگەر ئەسلىگە كەلمىسە قايتىدىن تۈرمىدىن قاچۇرۇشتىن باشقا ئامال يوق ئوخشايدۇ. سېستىمىنى قايتا قاچىلايمەن دېمەي تۈرمىدىن قاچۇرسىڭىز ئەسلىگە كېلىدۇ.
      مۇشۇنداق سېستىمىنىڭ يوچۇقلىرىدىن پايدىلىنىپ بىرەر مەقسەتكە يېتىدىغان دېتاللار، مەسىلەن Cydia ، 91 قاتارلىق نەرسىلەرنى ئىشلەتكەندە مەشغۇلات جەريانىدا باشقا چاتاقنىڭ چىقماسلىقىغا ئالاھىدە كاپالەت بېرىش كېرەك. ھېلىمۇ ياخشى سىزنىڭ باشقا ئىقتىدارلىرى ساقكەن. يامىنى كەلسە ھازىرچە زاپاسلىۋېلىپ سېستىمىنى قايتا يازسا بولىدۇ. سېستىما يۈرۈشمەيدىغان ناكا قىپلا قويمىغانغا خوش بولۇڭ.
      ئىلاج بار ئاز ئىشلىتىڭ.

  7. پاسىبان ئەپەندى سىز نىڭ دېگېنىڭزدەك،سېستىمىنى قايتا قاچىلىماي تېلفۇننى قايتا تۇرمىدىن قاچۇرسام ،Cydiaمۇۋاپىقيەتلىك،ئكراندا پەيدا بولدى بىراق قوزغۇلۇش ھالتدە چېكىنىپ كېتىدۇ.Wi-fiتورىدىمۇ قوزغىلۋىتىپلا چېكىنىپ كېتدۇ،ئامال بارمىدۇ :?:

  8. پاسىبان ئەپەندى,ئايفۇنۇم 3.1.3نەشىرى ئىدى (قۇلۇپلۇق)سېستىمىسى يۇيۇلۇپ كەتتى.ئايفۇن2نىڭ سەپلىمىسى تۆۋەن بولغاچ3.1.3نەشىرىدن يۇقىرلاپ كەتسە سەل پاسسىپ بوپ قالىدىكەن ،شۇڭا يەنە  3.1.3نەشىرىنى قاچىلاي دېگەن،دوستۇمدىن ئاۋال 2.3.1.2بىلەن تۈرمىدىن قاچۇرۇپ ئاندىن 2.3.1.3نى قاچلاپ 3.1.3نەشىرىنى قايتا ئەسلىگە قايتۇرۇرغانلىقىنى ئاڭلىغان ،ئۆزۈم قول تىقىپ قىپ باقمىغان 。بايا مەن ئېيتقان سېستىملار كومپىيۇتۇردا ساقلاپ قويۇلغان.لېكىن مەن بۇنىڭغا يېڭى بولغاچ تەمتىرەپ قالدم شۇڭا رەسىملىك پايدىلنىش ماتريالى بولامدۇ بىر ياردەم قىلسىڭز ،ياردىمڭزدە ئۆزۈمنڭ ئايفۇنۇمنى ئۆزۈم سېستما يېڭىلىيالىسام سىزدن مىننەتتار بولاتتم.رەخمەت سىزگە :good:  

    • سېستىمىنىڭ نەشىرىنى تۆۋەنلىتىش توغرىسىدا سوراۋاتقان ئوخشايسىز. ھېلىقى SHSH دېگەن نەرسىنىڭ مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلەتتىم. لېكىن مەن ئۆزۈم قىلىپ باقمىغاچ بېشىمدىن ئۆتمەپتىكەن… :shy:

  9. پاسىبان ئەپەندى ئايفۇنغا قايتا سېستما يېزىپ تۇرمىدىن مۇۋاپىقىيەتلىك قاچۇرغانتىم ،يەنىلاCydia قوزغۇلۇپ يېڭىلاش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا چېكىنىپ كېتىپ بارىدۇ،ئەسلىدە بىر قېتىم  Cydiaنى ئىشلىتىۋاتقاندا توك تۈگەپ ئۆچۈپ قالغان بلەن Cydiaيوقاپ كەتكەن بۇنى سىزگە ئيتقان،قايتا سېستمايازماي تۈرمىدىن قاچۇر سا بولىدۇ پەقەت بولمىسا سېستىما قاچىلاش كېرەك دېگەنتڭز،تۈرمىدىن قاچۇرسام Cydiaئېكراندا پەيدا بولدى بىراق يەنىلاقوزغالماي چېكىنىپ كەتتى،قايتا سېستىما يازدىم ھازىر قوزغۇلۇپ بوپ مەشغۇلات قىلىۋاتقاندا چېكىنىپ كېتىدۇ،Cydiaتور ئادرسمۇ توغرابولمىسا.شۇنداق تىرشتم …بېشىم بەكلا قاتتى ،كەچۈرۈڭ سىزنى يەنە مالال قىلدىم :oh,no: :oh,no2:

    • مېنىڭمۇ ئېچىلىۋاتقاندا ياكى يېڭىلاۋاتقاندا بەزى ئاشۇنداق بوپقالىدۇ. لېكىن قايتا قوزغىتىپ قايتا بىر سىنىساملا نورمال ئىشلىۋېرىدۇ. بەزى بۇزۇلۇپ كەتكەن ئويۇنلارمۇ مۇشۇنداق ئېچىلىۋاتقاندا تولۇق قوزغىلىپ بولمايلا چېكىنىپ كىتىدىغان ئىشلارغىمۇ يولۇققان. ئۇنى ئۆچۈرۈپلا قۇتۇلغان ئىدىم. ئەگەرCydia بەك مۇھىم بولمىسا كارىڭىز بولمىسۇن. زادى بولمىسا بولمايتى دېسىڭىز سېستىمىنى قايتا قاچىلاپ سىناپ باقاسىز.  

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش