ئىككى كۈندىن بۇيان iOS 5 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى چىقمىسىمۇ تونۇشتۇرۇپ يۈرگىنىم ئەسلى مۇشۇ سەۋەبتىن ئىدى. مەقسەتكە كەلسەك، سىرى iPhone 4S نىڭ پاتېنتى ئەمەس. تۈرمىدىن قاچۇرساقلا، iPhone 4 كىمۇ ئەكىرىش مۇمكىن. ئەلۋەتتە، ھازىرچە نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرغانلار ئۈچۈنمۇ بولىۋېرىدۇ.
دىققەت: تۆۋەندىكى مەشغۇلاتلار سېستىمىنىڭ نېگىزىنى ئۆزگەرتىدىغان بولغاچقا سېستىمىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشى مۇمكىن. ئاۋال يازمىنى تولۇق بىر ئوقۇپ چىقىڭ، ئاندىن چاتاچ چىقسا ئۆزۈم ئېگە دىيەلىگەندە ئاندىن مەشغۇلات قىلىڭ. iPhone بۇزۇلسا كارىم يوق!
يۇقارقى سۈرەتتىكىسى خاككېرلارنىڭ iPhone 4 تىكى سىرىنىڭ ئالمىنىڭ مۇلازىمېتىرىگە مۇۋاپپىقىيەتلىك ئۇلىغانلىقى توغرىسىدىكى سۆزى. بۇنداق ئېيتىلىشىدە، دەسلەپتە سىرىنى iPhone 4 كە مۇۋاپپىقىيەتلىك قاچىلىغان. لېكىن، ئالمىنىڭ مۇلازىمېتىرىدىن ھېچقانداق ئۇچۇر ئوقۇپ ئالالمىغان. بۇنداق بولغىنىدا سىرىنىڭ ھېچ ئەھمىيىتى بولماس ئىدى. ئەجەبا بىز iPhone 4 نى 4S قىلىپ كۆرسىتىشكە ئىشلىتەرمىدۇق؟
خاككىرلارنىڭ جاپا چېكىشى بىلەن 4 تىكى سىرىنى ئالمىغا ئۇلاپ مىۋە بېرىشكە باشلاپ قويغانمۇ ئوخشايدۇ. بۇنىڭ ئۇسۇلى مۇنداقكەن.
ئاۋال بىزدە نامۇكەممەل بولسىمۇ، تۈرمىدىن قاچقان iPhone 4 ياكى iPod touch 4 بولىشى كېرەككەن. (iOS 5 نى نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى بۇ يازمىدا بار) ئاندىن كومپىيۇتېرىمىزدا iFunbox ياكى iTools تەك زىيارەتچى بولىشى كېرەككەن. iPhone غا Cydia دىن iFile دېگەن بۇ دېتالنى قاچىلاش لازىمكەن. بۇلار تەق بولغاندىن كىيىن سىرىنى بۇ جايدىن چۈشۈرۈپ كومپىيۇتېرنىڭ بىز بىلىدىغان جايىغا ساقلاپ قويۇپ قويىدىكەنمىز.
چۈشۈرگەن ھۆججەتنى يېشىڭ. ئىچىدە iFunbox مۇ بار. بۇ خۇددى iTools نىڭ iPhone ئىچىدىكى ھۆججەتلەرنى زىيارەت قىلىدىغان ئىقتىدارىغا ئوخشايدىغان بىر قورال. مۇشۇ ئارقىلىق كۆچۈرسەكمۇ بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى AssistantServices.framework ئىسىملىك مۇندەرىجىنى iPhone ئىچىدىكى بۇ مۇندەرىجىگە كۆچۈرۈڭ:
/System/Library/PrivateFrameworks/
SpringBoard_Assistant_pics دېگەن مۇندەرىجىنىڭ ئىچىدىكى ھۆججەتلەرنى (دىققەت: بۇ مۇندەرىجىنى ئەمەس، ئىچىدىكى ھۆججەتلەرنى) تۆۋەندىكى ئادرىسقا كۆچۈرۈڭ:
/system/library/coreservice/springboard.app
ئاندىن /system/library/coreservice/springboard.app نى تېپىپ، iPhone 4 ئابونتلىرى N90AP.plist ھۆججىتىنى، iPod touch ئابونتلىرى N81AP.plist ھۆججىتىنى تېپىڭ. iPhone دىكى iFile ئارقىلىق بۇ ھۆججەتنى تەھرىرلىيەلەيسىز. تۆۋەندىكىدەك ئۆزگەرتىپ ساقلاڭ.
ئەمەلىيەتتە چۈشۈرۈشكە تەمىنلىگەن rar ھۆججىتىدە ئۆزگەرتىپ بولغان N90AP.plist ھۆججىتى بار. Restart SpringBoard يەنى 注销 قىلىپ، قوزغالغاندا قايتىش كونۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇڭ. سىرى قوزغالغاندۇ؟ مۇبارەك بولسۇن. ئەمدى 4S ئالمايمۇ سىرىدىن ھوزۇرلانغاچ تۇرسىڭىز بولىدۇ.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
- ھۆججەت ئالماشتۇرۇشتىن بۇرۇن ئەڭ ياخشىسى ئەسلى ھۆججەتنى زاپاسلاپ قويۇڭ. چاتاق چىقىپ قالسا ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ئوڭشىغىلى بولىدۇ.
- SpringBoard_Assistant_pics مۇندەرىجىسىنىڭ ئىچىدىكى ھۆججەتلەرنى كۆچۈرىمىز، مۇندەرىجىنى ئەمەس.
- سېستىما ھۆججەتلىرىنى ئالماشتۇرۇش سېستىمىغا ئېغىر زىيان سېلىشى مۇمكىن. ئېھتىيات قىلىڭ. بىرەر مەسىلە كۆرۈلگىدەك بولسا ئۈلگۈرسىڭىز زاپاسلىۋالغان ھۆججەتلەرنى قايتۇرۇڭ، كىيىن قوشقان ھۆججەتلەرنى كاللىڭىزنى يىغىپ تۇرۇپ ئۆچۈرىۋېتىڭ.
iPhone 4 كە سىرىنى مۇۋاپپىقىيەتلىك قاچىلاپ سىناق قىلغان كۆرۈنۈش
iPhone 4 كە سىرىنى كۆچۈرۈپ ئەكەلگەن پروگراممېر ستىۋىننىڭ iPhone 4 تىكى سىرىنى سىناق قىلغان كۆرۈنىشىنى كۆرۈپ چىقايلى









































ۋاۋ ! دىىىىىىىىىىىى ىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىۋاااااااااااااااااااا اااااااااااان
توردىكى بەزى سىنلاردىن كۆرۈشۈمچە، IP4 نىڭ سەپلىمىسى Siri نى سەل قىيناپ قويىدىغاندەك قىلىدىغۇ؟ ئەگەر مەن كۆرگىنىمدەك ئېغىر بولسا، قاچىلاشتىن ۋاز كېچىشىم مۇمكىن. چۈنكى مەن سۈرئەت قوغلىشىدىغانلارنىڭ بىرى.
PS: 楼上鸡冻了
围脖 نى جانلىق ئويناپ قويىلا ھە!
ياشاااااااااااااااا ااااااااااااااااااپ كېتىىىىىىىىى ىىىىىىىىىىىىىىىىىى ىىىڭ !
بەەەەەەەەەەەەە ەەەەەەەك ياااااااااا اااااااخشىىىىىىىىىىىىىى ىىىىىىىىىىى بوووووو وووووووووووپ تتتتتتۇۇۇۇۇۇۇۇۇ ۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇ
كاتتتاااااااااااا اااااااااا خوششششششششش ششششششش ششخەۋەر بوووووووو ووووووووووووپتۇۇۇۇۇ ۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇ! بۇۇۇۇۇۇۇ ۇۇۇۇۇۇۇۇۇ
راستىنلا ھاياجانلىنىۋېتىپ كىتىپ بارىمەن! ئەتىلا چىقىپ سېتىۋېتىمەن ماۋۇ 4sنى ساتقان پۇلغا تازا ئاشۇ 32g لىقىدىن بىرنى ئېلىپ پاتۇرۇپ ئىشلەتمەيدىغان بولسام !
قانچىگە ئالىسىز! ئۆزۈم 7500 گە تالىشىپ يۈرۈپ ئالغان ، سىزگە بوپتۇ 8000غا ساتاي، تۇنۇشلۇقىمىزنىڭ يۈزخاتىرسىدىن.
ھېسابنى بەلەن ئۆگىنىپتىكەنسىز … قايىلمەن
راس گەپ قىلسام تېما مەزمۇنىغا قاراپ باقماي مۇنۇ ئىنكاسلانى يېزىۋاتىمەن ! بۇگۇن پۈتۈن كۇلۇبنى ئۆزۈمنىڭ قىلىمەن !
iphone4ئېشلىتىۋاتقانلارغامۇبارەك بولسۇن!….iphone3gsقىمۇ بوپكەتكەن بولسىچۇ……ھەي ئىسىت……iphone3gsتە تەۋەككۇل قىلىپ سىناپ باقىدىغانلاربارمۇ؟……..
نەزىرىيە جەھەتتىن بولىدۇ. لېكىن 3GS تە 5.0 لىك سېستىما بەك ئېغىر ئىشلەيدىكەن. سىرى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىدىغان ئۇچۇرلىرى كۆپ بولغانلىقتىن 3GS كە خېلى ئېغىر كەلسە كېرەك
ھاھاھاھا ھاھھھھھھھ ھھھھھھھھھھھاااااااااااا ااااااااااااااااااھھھھھھھھھ ھھھھھھھھھھھاااااااااااااا اااااااااااااااا ااااااااا
ھەراس ، بىزنىڭ ئاي پاتەم (iPad نىڭ بىزنىڭ ئۆيدىكى يېڭى ئىسمى) دىمۇ نورمال ئىشلە ھە؟
سىناپ باقىلى. تۈرمىدىن چالا-پۇلا قاچسىمۇ ئىشقىلىپ بىر قاچسا بولاپمۇ قالا
مەيلى ، ھازىر شۇنداق ھەپىلەشكۈم با! لېكىن بىر كىرىشىپ كەتسەم سا ئەت 1~2 لىگىچە ئۇخلىماي ھەپىلەشسەم بولىدۇ ! بىكا ئەتىدىكى ئۇلۇغۋار پىلانلىرىمغا دەخلە يىتىپ قالمىسۇن!
قالغىنىغا ئەتە ئىشىم ئەپلەشمايقالسا، يەنە ئاۋارە قىلىمەن سىزنى !
ھەراس !iPhoneنى ماڭا سېتىپ بەرمىدى دەپ كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ ، ئەتە ئىشىم ئەپلەشمەي ئۈسكىنىنى بۇزۇپ قويسام، ئۈلۈگۈمنى سېتىپ بولسىمۇ تۇتقۇزۇپ قويىمەن سىزگە! خاتىرقەم بولۇڭ!
ئەسسالامۇئەلەيكۇم پاسىبان ئەپەندى،
مەن سىناپ قاملاشتۇرالمىدىم، كۆرسىتىلگەن ئادرىس بويىچە ئىزدىسەم SpringBoard_Assistant_pics دىگەن مۇندەرىجە يوق تۇرىدۇ.
مۇۋەپپىقىيەت قازانغانلار تەجرىبەڭلىنى ئايىمىغايسىلەر !!!!
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.
مۇشۇنى ئۆزۈم قول تىقىپ قىلىپ باقمىغان ئىدىم. توردا مۇشۇ ئۇسۇلنى كۆرۈپ تېزدىن سىلەر بىلەن ئورتاقلاشقۇم كەلدى. ئۆزۈمدە بولمىسىمۇ سىلەرنىڭ ئايفونىڭلاردا ئۇتۇقلۇق بولسا تەسىراتنى بىللە ئاڭلامىز دەپلا يوللىغان ئىدىم. نېمە سەۋەبتىن كۆرۈنمىدىكىن مەنمۇ ئېنىق بىلمىدىم. يازمىنىڭ ئاخىرىدا باشقىلارنىڭ iPhone 4 كە مۇۋاپپىقىيەتلىك يۆتكەپ Siri نى سىناق قىلغان فىلىمنى قوشۇپ قويدۇم. ئەسلى مەنبەدىمۇ بۇنداق بىرەر خاتالىق كۆرۈلگەننىڭ گېپى يوق بولمىسا
مەن قەتئىيلا قىزىقمىدىم دېسە، مۇشۇ Siri غا (شۇڭىمۇ ھازىر disabled قىلىپ قويدۇم)… باشتا راست AI مىكىن دەپتىكەنمەن، كېيىن توردىكى ماقالىلەردىن قارىسام شۇ بىزنىڭ سۆزىمىزدىكى بەزەن (چەكلىك مىقداردىكى) ئاچقۇچلۇق سۆزلەرنى ئېلىپ، Apple نىڭ مۇلازىمىتېرىغا بېرىپ تەييار ساقلاپ قويغان ئۈن ھۆججەتلىرىنى query قىلىپ ئېلىپ كېلىپ قويۇپ بېرىدىغانلا ئىش ئىكەن… مېنىڭچە ئاۋازنى چوقۇم مۇلازىمىتېر تەرەپتە بىر تەرەپ قىلىدۇ، شۇڭا ئابونت تەرەپتە بۇنىڭغا تور سۈرىتىدىن باشقا ھېچقانچە HP كەتمەيدۇ جۇمۇ…
ئەمدى ئاۋاز ئارقىلىق مەلۇم ئەسۋابنى تىزگىنلەشنى (كونترول قىلىشنى) دېسەك، مەن بۇرۇنقى كونا Nokia E61 نى ئىشلىتىۋاتقاندىلا ئىشلىتىپ باققان ئىدىم، شۇڭا بۇ تەرەپمۇ ئانچە يېڭىلىق تۇيۇلۇپ كەتمىدى.
مەن سەل ئىككىلىنىپ قالدىم، پاسىبان ئەپەندى ئۆزلىرى بىرە ئايفۇنغا قاچىلاپ ئىشلىتىپ باقلىمۇ؟
ياق، مەندىكىسى قۇلۇپلۇق نەشىرى ئىدى. ئۆزۈم تېخى 4.3.3 تە سۆرۈلۈپ يۈرۈيمەن. بۇنى ئۆزۈم سىنىمايلا توردىكى خەۋەر بويىچە چىقىرىپ قويغان ئىدىم. تۈرمىدىن قاچقانلا بىر سىناپ بېقىپ تەجرىبەڭلارنى سۆزلىۋەتمەمسىلەر
سىلەر ئېنگىلىزچە بىلسەڭلار قاچىلاڭلار، بىلمىسەڭلار ئەڭ ياخشىسى قاچىلماڭلار
مەن ipad 2 قانداق تۇرمىدىن قاچۇرىمەن، ۋورد ئېكىسئېل ئىشلىتەتتىم تۇرمىدىن قاچمىغان ئىدى، لېكىن ئۇنداق ھۆججەتلەرنى كۆرىدىغان دېتالنى پەقەت قاچىلىغىلى بولمايدىكەن، بولسا يول كۆرسىتىڭلار كۆپچىلىك 649300450
4.3.3 بولسا ئايپەدتىكى سافارى بىلەن http://jailbreakme.com نى ئېچىپلا تۈرمىدىن قاچۇرغىلى بولىدۇ. ئەگەر نەشىرى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بوپقالسا مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچمايدۇ. مۇشۇنداق ئىشلارغا بەك پىششىق بولمىسىڭىز ئەڭ ياخشىسى چالا-پۇلا تۈرمىدىن قاچۇرۇپ يۈرمەڭ
iPad 2 نى ھازىرچە پەقەت 4.3.3 دىلام قاچۇرغىلى بولىدۇ، باشقا نەشىرلىرىدە ناكۇممەلمۇ قاچۇرغىلى بولماسمىكى. ۋورد ئېكسئېل، پوۋېرپوئىنت ئىشلىتىدىغان بولسىڭىز، ئالما شىركىتى ئۆزى ياسىغان iWork دەيدىغان بىر يۈرۈش ئەپ نى سېتىۋىلىڭ.(ئايرىم ئايرىم ھالدا Pages, Numbers, Keynotes لار. بۇ ئۈچى مىكروسوفت نىڭ شۇ ئۈچ خىل يۇمشاق دېتالى بىلەن ئوخشايدۇ.)
بۇلار ھەممىسى ئۇنىۋېرسال ئەپ، ھەقىقەتەن پۇلغا سىتىۋىلىشقا ئەرزىيدۇ، بولۇپمۇ iPad ئۈچۈن. يىقىندا ھەممىسىنى iCloud نى قوللايدىغان قىلىپ يېڭىلىدى،
مەن سىناق قىلىشنى باشلىۋەتتىم ئەمىسە…
بولمىدى، Siri نىڭ ھۆججەتلىرىنى قاچىلاپلا RespringBord قىلساملا تېلفۇن قوزغىلالماي تۇرىۋالدى… 3 قېتىم قايتا قايتا سىنىدىم، يەنە بولمىدى… تۈرمىدىن ئوبدان قاچتى… لازىملىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئوبدان قاچىلاندى… بىراق شۇ Siri… .؟
iOS5 مىدى يا؟
5.0 نى نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرغاندىن كىيىن redsn0w ئارقىلىق ئايفۇننى قوزغىتىسىز. بولمىسا ئالمىنىڭ رەسىمى چىقىپ كامادەك قاراپ تۇردىكەن.
ئەلۋەتتە iPhone 4 iOS 5 تە….
redsn0w بىلەن قوزغىتىپ بېقىڭ. ھېلىقى Just Boot دېگەن يەر بىلەن
قارىغاندا ھەممىڭلار siriخاننى ئىندەككە كەلتۇرەلمەي دەككەڭلىنى يەپسىلەردە سىلەردەك قاملاشقان ئالمىچىلار كەلتۈرەلمىگەن بولساڭلار مەن ئاستا كەشىمنى توغىرلىسام بولغۇدەك
ۋاي ئۇ يەر بىلەن قوزغىتىپ قىلمىغانلىرىم قالمىدى، مەغلۇپ بولدۇم.. لېكىن توختىمايمەن… قىزىل قار نىڭ ئەڭ يېڭى نۇسخىلىرىنىمۇ ئىشلىتىپ باقتىم بولمىدى.. مانا تۈنۈگۈنلا 3 قېتىم، بۈگۈن 2 قېتىم سېستىما يېڭىلاپتىمەن.. شۇنداق قىلىپ ئاي ئو ئېس 5 نى جەمئىي 8 قېتىم قاچىلاپ بوپتىمەن… ئۇف ف ….!