يېقىندىن بۇيان بلوگ بەكلا تاشلىنىپ قالدى. شۇنداقتىمۇ يوقلاپ تۇرغان دوسلار ئالدىدا خىجىلمەن. يازىدىغانغا تېما بەكلا كۆپ. لېكىن ۋاقىت چىقماي قېلىۋاتىدۇ. بۇ جەرياندا ئالمىغا مۇناسىۋەتلىك كۆپ يېڭىلىقلار يۈز بەردى. بۇنى ئەسلى كۆپچىلىك بىلەن ۋاقتى-ۋاقتىدا خەۋەردار قىلىش ئويۇم بولسىمۇ ئىمكان بولماي قالدى. بۈگۈن 2 ئېغىز سۆزلەپ باقاي.

كۆچمە خەۋەرلىشىش ۋە بىرلەشمە خەۋەرلىشىش ئايفون 5 بازىرىنى قاتتىق تالاشماقتا

كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ باش لېدىرى 王建宙 مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئالما شىركىتىنىڭ COO سى (باش تىجارەت يۈرگۈزۈش ئەمەلدارى) تىم كوك (Tim Cook) بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. تۆۋەندىكىسى زىيارەت جەريانى.

زىيارەتتە ۋاڭجىيەنجوۋ ئالمىنىڭ COO سى كوك بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇچرىشىشىنىڭ ئەھمىيەتلىك غەلبىلىك بولغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ بۇ يىلقى TD تورى ئابونتى (كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ 3G تورى) نىڭ 50 مىليونغا يېتىدىغانلىقىغا ئىشەنچى كامىل ئىكەن. ئۇنىڭ يەنە ئېيتىشىچە ھەر ئىككى تەرەپ ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىشنى بەكلا ئۈمىد قىلىدىكەن.

تىم كوك 6-ئاينىڭ 22-كۈنى كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىگە كېلىپ زىيارەتتە بولغان بولۇپ، باش لېدىر ۋاڭجيەنجوۋ ئۇچرىشىش مەقسىتى ۋە مەزمۇنىنى ئاشكارىلىمىدى. لېكىن پەرەزلەرگە ئاساسلانغاندا ئالما شىركىتى 50 مىليون ئىشلەتكۈچىسى بولغان كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى بىلەنمۇ ھەمكارلىشىش ئويى بار ئىكەن. ئۇلارنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى كىينكى ئەۋلاد ئايفون 4S ياكى TD-LTE نەشىرىدىكى ئايفوننى كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىش شەكلى بىلەن جۇڭگو بازىرىغا سېلىش توغرىسىدا بولغان بولىشى مۇمكىنكەن.

كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىدە ئىشلەيدىغان بىر ئىشچىنىڭ مىكروبلوگىدا ئاشكارىلىشىچە كۆچمە خەۋەرلىشىش نۇسقىسىدىكى ئايفون 9-ئايدا چىققۇدك. 2007-يىلى ئايفون ياسالغاندىن بۇيان كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى جۇڭگوغا ئەكىرىش ئويىدا بولۇپ كەلگەن. بۇ ھالەتكە يېقىندا ئىككى تەرەپنىڭ ئۇچرىشىشى ۋە ھېلىقى ئىشچىنىڭ ئاشكارىلىشى، ئاشكارىلانغاندىن كىيىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ئۆچۈرۈپ تاشلىشى دېگەندەك بىر قاتار ئەھۋاللارنى قوشقاندا بۇ يەكۈن توغرا بوپ چىقامدۇ، قانداق؟

iPhone 5  ۋە iPad 3 ئەڭ تېز بولغاندا 10-ئايدا ئېلان قىلىنىدۇ

خەۋەرلەرگە قارىغاندا 5-ئەۋلاد ئايفون ۋە 3-ئەۋلاد ئايپەد مۇشۇ يىل ئاخىرىدا ئېلان قىلىنىدىكەن. ئەڭ تېز بولغاندا 10-ئايدا ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىشقا كېتەرلىك ماتىرىياللار تەقلەپ بولۇنغان. بۇ ئىشنى ئاشكارىلىغان چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە تەيۋەندىكى مەلۇم بىر زاۋۇت ئالما شىركىتىگە زاپچاس تەمىنلەيدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ يېقىندا ئالما شىركىتىدىن چوڭ زاكاس قوبۇل قىلغان. ئالما شىركىتىنىڭ تەلىپى بويىچە پەرەز قىلغاندا ئەڭ يېڭى تىپتىكى ئالما مەھسۇلاتلىرى 9-ئايدا ئېلان قىلىنىپ 10-ئايدا بازارغا سېلىنغۇدەك.

ئالمىغا ئىش قوشۇپ قوراشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان 富士康 زاۋۇتى، باتارىيە تەمىنلىگۈچى 新普科技 ۋە Dynapack International Technology شىركىتى، سەزگۈچ ئېكران تەمىنلىگۈچى 宸鸿 ئېلىكترونى ۋە 胜华 پەن-تېخنىكىسى قاتارلىق تەمىنلىگۈچى تەرەپلەر يېقىندا ئوخشاشلا كۆپلەپ زاكاس قوبۇل قىلغان بولۇپ، يىل ئاخىرىغىچە ئىشلەپچىقىرىشنى زورايتقان. iPad 3 نى بولسا ئالما شىركىتى 8-ئايدىن باشلاپ ئىشلەشكە باشلايدىكەن. بۇ قېتىمقى ئايپەد تېخىمۇ نېپىز بولۇپ، ئېكران سۈزۈكلىكى 250dpi غا يېتىدىكەن. بۇلارنى يىغىنچاقلىغاندا يېڭى مەھسۇلاتلارنىڭ بىز بىلەن يۈز كۆرىشىشىگە ئازلا قالغاندەك قىلىدۇ، ئىنشا ئاللاھ.

Twitter ئىشلەتكۈچىلەر ئىچىدە جۇڭگو %7 نى ئېگەللەيدىكەن

5 يىل بۇرۇن Twitter دۇنياغا كېلىپ تەرەققى قىلىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، كۈندە 200 مىليون ئاكتىپ ئىشلەتكۈچىسى بار بولۇپ، كۈندە 200 مىليوندىن ئارتۇق ئۇچۇر يېزىلىدىكەن. كىشىلەر ئۇنى ھازىر «تور قىسقا ئۇچۇرى» دەپ ئاتىشىۋاپتۇ. iPhone يۇقىرى قاتلامدىكى ئەقىللىق تېلىفون بولۇش سۈپىتى بىلەن بىر پاتمان Twitter ئەپلىرىگە ئېگە. مەسىلەن، ئورگان تەرەپنىڭ Twitter App تىن باشقا TweetDeck، Echofon، HootSuite،  Twitterrific  TweetBot دېگەندەك كۆپلىگەن ئەپلىرى بار. Onavo CEO سىنىڭ ستاتىستىكىسىغا قارىغاندا ھەرقايسى ئەپلەرنى ئىشلىتىپ Twitter غا چىققۇچىلارنىڭ ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە ئىكەن.

Onavo نىڭ يەنە بىر دوكىلاتىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى iPhone ئىشلەتكۈچىلىرى خالىغان ئەپ ئارقىلىق Twitter غا چىققۇچىلارنى ستاتىستىكا قىلغاندا تۆۋەندىكى جەدۋەلگە ئېگە بولغان.

بۇنىڭدا جۇڭگو %7 نى ئېگەللىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. بۇنىڭ سىتاتىستىكا ئۇسۇلى ۋە ئىشلەتكەن نەرسىسى توغرىسىدا ئۇلار ئېنىق بىرنەرسە دېمىگەن بولۇپ، بۇ نىسبەت پەقەت پايدىلىنىشقىلا تەمىنلەنگەنكەن. جۇڭگو %7 نى ئېگەللەپتۇ، ئۇلار قانداق چىقىۋاتقاندۇ؟ دېمەك VPN نى ئىشلەتكۈچىلەر يەنىلا كۆپ ئىكەندە…

iPhone 4 كامېرا ساھەسىدە يەككە رېفلېكىسنىڭ ئاتامان ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىدى

Flicker دە iPhone 4 يەككە رېفلېكىسلىك ئاپارات Nikon D90 دىن غالىب كېلىپ، يانچۇق ئاپاراتچىلىرى ئۈچۈن ئەڭ قارشى ئېلىنىدىغان ئاپارات بوپقالغان. چەتئەلدە iPhone ئارقىلىق سۈرەتكە تارتىپ يۈرۈيدىغانلار ئۆزىنى i-Phoneography دەپ ئاتايدىكەن. نىيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتىدە ئىشلەيدىغان Damon Winter ئىسىملىك مۇخبىرنىڭ ئافغانىستاندىكى ئۇرۇش كۆرۈنۈشلىرىنى تارتقان سۈرەتلىرى فوتوگراف كەسپىدىكى كاتتا مۇكاپات POYi مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

3 يىل ئىلگىرى دۇنياغا «كۆز يورىغان» App Store  دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ئەپ بازىرىدا Instagram، Hipstamatic، Best-Camera دېگەندەك ئەپلەردىن باشقا يەنە بىزگە ئەڭ تونۇشلۇق بولغان Adobe شىركىتىنىڭ Photoshop نىڭمۇ iPhone نۇسقىسى بار ئىكەن. شىياڭگاڭدا چىقىدىغان South China Morning Post گېزىتىدە ئىشلەيدىغان مۇخبىر 宋晓刚 نىڭ ئېيتىشىچە بۇ ئەپلەر ئارقىلىق ئىشلەتكۈچى ناھايىتى قولاي ھالدا تارتقان رەسىملىرىگە تېزلا ھەرخىل ئۈنۈملەرنى قوشۇپ، كېسىپ-چاپلاپ ئۆزى خالىغان ھالەتتە ئەكىلەلەيدىكەن. باسقۇچلار ناھايىتى ئاددى، يۈرۈشىشىمۇ ناھايىتى تېز بولۇپ، كومپىيۇتېردىكىگە قارىغاندا كۆپ قولاي ئىكەن. ئۇنىڭ بۇ يىل 1-ئايدا نەشىر قىلغان «苹果掉下来» ناملىق رەسىم توپلىمى – دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى iPhone دا تارتىلغان رەسىم توپلىمى ھېساپلىنىدىكەن.

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



11 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. iPad2 ئېلان قىلىنغىلى ئەمدى 3 ئاي بولغان ، ئەمدى 3 چىقامدىكەن ؟
    سۈرئەت نېمانداق تېز ؟! :oh,no:

  2. تىز-تىز يىڭىسى چىقىپ تۇرسا بولاتى دەيمە… :-D

  3. ئەگەر كۆچمە خەۋەرلىشىش 5-ئەۋلات تىلفۇننى بازارغا سىلىپ3G كەسپىنى يولغا قويسا بىرلەشمە خەۋەرلىشىنى 4- ئەۋلات تىلفۇن بازىرى كاساتلىشىپ بۇرۇنقى ئابونتلارمۇ كۆچمە خەۋەرلىششىكە ئىغىپ كىتىشى مۆمكىن

  4. ئۇ ۋاقىتقىچە بىرلەشمە خەۋەرلىشىش بىلەن تۈزگەن توختام تۈگەپ كۆچمە خەۋەرلىشىنىڭ 4Gسىغا ئۆزەمنى ئاتىمەن… :o))):

  5. ماۋۇنى كۆرۈپ بېقىڭلار …

    http://bbs.misranim.com/read.php?tid-55175.shtml

  6. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

    بۈگۈن ئايتۇنىس نى ئاچسام 4.3.4 نەشىرىگە يېڭىلاش ئەسكەرتىشى چىقتى، ئۆتكەندە تېخى 4.3.3 گە يېڭىلىغان ئىدىم،

    بۇ نەشىردە كۆرىنەرلىك يېڭىلىنىشلار بارمىدۇ ؟

    يېڭىلاپ باققانلار بارمۇ ؟

    • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. 4.3.4 تە Jailbreakme دىكىلەرنىڭ تېپىۋالغان Safari نىڭ PDF يوچۇقىنى ئېتىپتۇ. قۇلۇپى يوق ئايفونداشلار يېڭىلاپ قويسا بولىدۇ. باشقا يېڭىلىق يوقكەن. قۇلۇپى بارلار چوقۇم TinyUmbrella ئارقىلىق 4.3.3 نىڭ SHSH نى زاپاسلىۋېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەرگىز ئالدىراقسانلىق قىلمىغاي. يېشىش ئۇسۇلى تېخى ئېلان قىلىنغىنى يوق. TinyUmbrella نى ئىشلىتىش قوللانمىسى ئۈچۈن بۇ بەتنى كۆرۈڭ
      /201104231583.html

  7. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

    پەقەت شۇنىڭدىن باشقا يېڭىلىنىش يوقمىكەن، مەن يېڭىلاپ بوپتىمەن،

    يېڭىلاپ بولۇپ تۈرمىدىن قاچۇراي دەپ Redsn0w 9.6 ( 18 ) ii نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرىدە قاچۇرۇپ باقساممۇ قاچۇرغىلى بولمىدى، 4.3.4 نىڭ ipsw ھۆججىتىنى كۆرسىتپ بەرسەم ھۆججەت ماس كەلمىدى دىگەندەك مەزمۇندا ئۇچۇر چىقىپ ، قاچۇرغىلى بولمىدى،

    ios 5.0 قاچقان يەردە بۇ 4.3.4 نى قاچۇرغىلى بولماسمۇ ؟

    باشقىسىمۇ مەيلى، ئۇيغۇرچە فونتى بىلەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى ئىشلىتەلمەمدىم ئەمدى،

    ھېچ بولمىغاندا ئۇيغۇرچە فونتنى بولسىمۇ قاچىلغىلى بولىدىغان ئامال بارمۇ يا ؟ تۈرمىدىن قاچۇرماي تۇرۇپمۇ ؟

    • يېڭىلىغاندا ئاۋايلاپ يېڭىلايمىز. 4.3.3 نى يەشكەن نەرسە 3.1.2 نىمۇ يېشەلمەيدۇ. ھەربىرىنىڭ ئۆزىگە يارىشا يېشىدىغان قورالى بار. چوڭىنى يەشكىنى كىچىكىنى چوقۇم يېشەلەيدىغۇ دېگىلى بولمايدۇ.
      يېڭىلاپ بوپسىز. مۇشۇنى ئىشلىتىپ تۇرۇڭ يېشىدىغان ئۇسۇلى چىققۇچە. چوقۇم يېشىپ ئىشلىتەتتىم دېسىڭىز 4.3.4 نى 4.3.3 كە ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەنرەكىگە ياندۇرۇپ ئىشلىتىڭ. بۇنىڭ ئۈچۈن ماۋۇ ئادرېستىن پايدىلىناسىز
      http://iphone.tgbus.com/tutorial/hacktutorial/201107/20110716094615.shtml

  8. سالام پاسىبان ئەپەندىم…
    مۇمكىن بولسا ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىڭىزنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز
    چ چ : 99655266
    ئىلخەت kokart@sohu.com

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش