ستىۋ جوبسنىڭ كىسەل ئەھۋالىدىن ئەنسىرەۋاتقان ئەگەشكۈچىلىرى بۇ كىشى توغرىسىدىكى ھەرقانداق خەۋەرلەرگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى. بۈگۈن 56 ياشلىق ستىۋ جوبس ئالما باش شىركىتىدە پەيدا بوپتۇدەك. بۇ ئۇنىڭ قىزىققۇچىلىرى ئۈچۈن خۇشخەۋەر بولسا كېرەك.

ستۋ جوبس بۇ يىل بېشىدا كىسەللىك سەۋەبى بىلەن باش ئىجرائىيە ئەمەلدارىلىق ۋەزىپىسىدىن ۋاقىتلىق ئىستىپا سورايدىغانلىق توغرىسىدا مۇدىرىيەتكە ئىلتىماس سۇنغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ كىسەللىك ئەھۋالى ۋە قاچان قايتا ئىشقا چىقىدىغانلىقى توغرىسىدا بىرەر ئۇچۇر بەرمىگەن ئىدى. شۇنىڭدىن بۇيان كىشىلەر جوبس توغرىسىدا ھەر خىل جۆيلۈپ بېقىشتى. تۋىتتىردا بەزىلەر ئۇ كىشىنى راك كىسىلى بىلەن «ئۆلتۈرۈپ» مۇ ئۈلگۈرۈشتى. لېكىن 3-ئايدىكى iPad 2 نىڭ ئېلان قىلىنىش مۇراسىمىدا روھلۇق قىياپەتتە قايتىدىن پەيدا بولىشى Fan لىرى ئۈچۈن تولىمۇ چوڭ خۇشخەۋەر بولغان ئىدى.

باشقىلار بۈگۈن ئۇنىڭ يەنە ئاشۇ ۋەكىللىك خارەكتىردىكى ئۈستى-بېشى بىلەن سىرتقا چىققانلىقىنى، خىزمەتدېشى بىلەن بىرگە ناشتا قىلغاندىن كىيىن ئالما باش شىركىتىگە كىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن. رەسىمدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، 56 ياشلىق جوبس كىسەل ئەرزىيتىنى خېلى تارتقان بولسا كېرەك. بۇنى ئۇنىڭ ئورۇقلاپ كەتكەن «زىلۋا» بەدىنىگە قاراپ بىلىۋالماق قىيىن ئەمەس.

ستىۋ جوبس 2004-يىلى ئاشقازان ئاستى بېزى راكى دەپ دىئاگنوز قويۇلغاندىن كىيىن، 2009-يىلى جىگەر كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيىسى قىلدۇرغان. ئوپىراتسىيەدىن كىيىن كىسەللىك ئەھۋالىدا كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش بولغان بولسىمۇ، بۇ يىل بېشىدا ئۇنىڭ كىسەللىك سەۋەبى بىلەن خىزمىتىدىن ۋاقىتلىق ئايرىلىش ئىلتىماسىنى سۇنىشى، ئۇنىڭ قىزىققۇچىلىرىنى تولىمۇ ساراسىمگە سالغان ئىدى. لېكىن بۇ يىل 3-ئايدىكى iPad 2 نىڭ ئېلان قىلىنىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلىشى كۆپلىگەن ئەگەشكۈچىلىرىنى خاتىرجەم قىلدى.

نېمىلا بولمىسۇن، ئاللاھ كۆپنى بىلدۈرگەن كىشى. بىزنىڭ كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنىشىمىزگە ئۈلگە بولالايدىغان ياخشى ئوبراز. بىز بۇ كىشىنىڭ كىسىلىنىڭ بالدۇرراق ياخشىلىنىپ بىزنى ئىسىل تەجرىبە ۋە تېخىمۇ ياخشى مەھسۇلات بىلەن تەمىن ئېتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



5 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
    ئايپەدكە قاچىلانغان بەزى سىستىمىلارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن مەخپى نۇمۇر سېلىش ياكى يۇشۇرۇپ قۇيۇشتەك ئىشلارغا ھاجەت بۇلىدىكەنمىز لېكىن توردىن بۇنداق سىستىمىنى تاپالمىدىم.
    ياخشىراقتىن بىرەنى تەۋسىيە قىلسىڭىز .
    يەنە بىرمەسىلە :ئالدىنقى قېتىم سىزنىڭ كۆرسەتمىڭىز بويچە بەزى قىستۇرمىلارنى قاچىلاپ ئۇيغۇرچە توربەتلەرگە قىستۇرۇلغان سىنلارنى كۈرۈش مەسىلىسىنى ھەل قىلغان ئىدىم. لېكىن ھازىر شۇ سىن توربەت يۈزىدە كۈرنىدىغان قۇيۇش كونوپكىسىنى باسسام باشقا بىربەت ئېچىلىپلا سافارى ئۈچۈپ قالىدۇ.
    قىستۇرۇلغان سىنلارنى يەنىلا كۆرگىلى بولمىدى .
    يەنە بىرياردەم قىلسىڭىز :shy:

    • مەن سىز ئېيتقان ھەر ئىككى مەسىلىگە ئورتاق يولۇقتۇم. ئۆزۈممۇ ھەل قىلالماي يۈرۈيمەن. ئامالىنى تاپقاندا تەڭ بەھرلىنىمىز، ئىنشا ئاللاھ.

  2. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پاسىبان ئەپەندى،بىر ئىككى كۈندىن بۇيانقى ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى ئىشلىتەلمەسلىك سەۋەبى بىلەن،ئۇيغۇرچىنى،ئەرەپچە كۇنۇپكا تاختىسى ئارقىلىق يازغان ئىدىم.ئويلىمىغان يەردىن ،كۇنۇپكا تاختىسىدا يوق بولغان،«گ،چ،پ،ژ،ئ،»قاتارلىقلارنىڭ ئۆزىگە ھەرىپ شەكلى يېقىن بولغان ھەرىپلەرنى بېسىپ تۇرۇش ئارقىلىق چىقىدىغانلىقىنى بايقىدىم. :o))):
    ئەمما«ڭ،ۋ،ۆ»لەرنى تاپالمىدىم.بەلكىم پاسىبان ئەپەندى بۇھەقتە ئەسكەرتمە بەرگىلى چولىسى تەگمىگەن بولسا كىرەك، :)
    مەن تاپالمىغان بۇھەرىپلەرنى قايەردىن ئىزدىسەك بولار… :?: :?:

    • ئۇ ھەرپلەرنى ئەرەپچە كونۇپكا تاختىسىدىن تاپقىلى بولمايدۇ. نەچچە كۈندىن بۇيان تور بوشلۇقىدىن چاتاق چىقىپ بىر قانچە تېمىنى يەر يۈتتى. ئاللاھ بۇ كۈننى ئەمدى كۆرسەتمىگەي.
      سىز خالىغان بىر ئۇيغۇرچە بەتنى زىيارەت قىلىپ خەت يازىدىغان جايىغا بېسىپلا ئۇيغۇرچە خالىغانچە يازالايسىز. بۇ پەقەت ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ بېتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئەمەس. بېتىمىز تەمىنلىگەن كىرگۈزگۈچ بېتى پەقەت ئارتۇقچە نەرسىلەرنى چىقىرىپ تاشلىغان ئاددىي، لېكىن قوللىنىشچانلىقى كۈچلۈك بولغان كىرگۈزۈش رامكىسى خالاس. بۇنىڭدا ئوشۇقچە ئىقتىدار يوق. شۇڭا سىز قىينىلىپ ئەرەپچە كىرگۈزگۈچتىن پايدىلنىپ تۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى. خالىغان مۇنبەر ۋە ياكى يۈكسەل، تورخۇمار دېگەندەك بلوگلاردىكى ئىنكاس يازىدىغان يەردىمۇ ئۇيغۇرچە يازغىلى بولىدۇ.

  3. Manda disla man tehi munbarlargimu sili taminligan kirguzguqkayezip qaplaytthm amasmu

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش