iOS مەشغۇلات سېستىمىسى قاچىلانغان  ئۈسكۈنىەرنى قىسقارتىپ iDevice دەپ ئاتايمىز. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان iDevice كىشىلەرنىڭ ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن سېتىۋالىدىغان نەرسىلىرىگە ئايلاندى. ئامېرىكا ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ئامېرىكا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ ئېلىكترون مەھسۇلاتلىرىنى iDevice قا ئالماشتۇرغۇدەك.

iPhone ۋە iPad نىڭ تولىمۇ قوللىنىشچان ۋە ئىلغار سەۋىيەدىكى ئۈسكۈنىلەر بولغانلىقتىن، شۇنداقلا تۆۋەتتىكى بىخەتەرلىكى بىرقەدەر كۈچلۈك بولغان مۇقىم ئۈسكىنە بولغانلىقتىن فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى ئۈچۈن ئىشلىتشكە تاللىغان ئەڭ ياخشى ئۈسكۈنىلەر بولغان. بۇ شارائىتتا ئەڭ پايدا ئالغۇچى ئالما بولغان. ھازىر ھۆكۈمەت دائىرىلىرى خىزمەتچى خادىملار ئەسلى ئىشلىتىۋاتقان BlackBerry تېلىفۇنلىرىنى iPhone غا ئالماشتۇرغان. ئېغىر ۋە قولايسىز بولغان لەپتوپلارنىڭ ئورنىغا iPad نى ئالماشتۇرغان.

بۇ قېتىملىق «ئالماشتۇرۇش» نىڭ ئاساسلىق مەنبەسى – يۇقىرى پەن-تېىنىكىغا ھېرىسمەن ئوباما زوڭتۇڭ بولۇپ، ئۇ ئۆزى BlackBerry نىڭ سۆيۈپ ئىشلەتكۈچىسىدىن ھاىرقىدەك  ئالماخۇمار ھالىتىگە ئۆتكۈچى. فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى بۇرۇنقىدەك ئۇزۇنغا سوزۇلغان بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ ئاممىغا ئوخشاش يۇقىرى پەن-تېىنىكىلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشىلىتش ۋە قوبۇل قىلىش قەدىمىنى تىزلەتكەن. بۇنىڭدىكى ئاساسى مەقسەت خىزمەتچى خادىملارنىڭ ئىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئاساسى ئېقىمغا ماسلىشىش ئىكەن. يەنە بىر ئېيتىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى، Google نىڭ Gmail مۇ بۇلار ئارىسىدىكى كۆپ قىسىملارنىڭ دائىم ئىشلىتىدىغان ئېلخەت ئادرېسى بولۇپ، ئۆز سېستىمىسى ئىچىدىكى ئېلخەتنىڭ ئورنىنى ئالغان.


ئۆتكەن يىل 11-ئايدىن باشلاپ ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش ئەترىتى iPad نى جەڭ ئايرۇپىلانلىرىغا ۋە بەزى ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلىشقا يانداشتۇرۇپ ئىشلىتىپ سىناق قىلىشقا باشلىغان. iPad نى خەرىتە ئارقىلىق يول باشلاش، يەر شەكلى خەرىتىسى بىلەن تەمىنلەش، ئالاھىدە ئورۇنلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق تەرەپلەرگە قوللانغان. ئىلگىرى iPad 1 بىلەن سىناق قىلىنغاندا كۆپ قىسىم ئۇچقۇچىلارنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، iPad 2  چىققاندىن كىيىن سۈرئەت تېز، ئېلىپ يۈرۈش تېخىمۇ ئەپلىك بولغاچقا تېخىمۇ قولاي بولغان. نۆۋەتتە iPad قوللىنىۋاتقان ئايرۇپىلانلاردىن KC-130J Harvest Hawk ۋە F/A-18 Hornet، AH-1W  Cobra تىپلىق ئايرۇپىلانلار بار ئىكەن.

بىر مەزگىل ئىلگىرى ئايفوننىڭ ئىز قوغلاش توغرىسىدىكى خەۋەر تارقالغان ئىدى. كىيىن ئالما شىركىتى چۈشەندۈرۈپ بۇ نەرسىنىڭ قەستەن يوشۇرۇلغان ئىقتىدار بولماستىن بىر Bug ئىكەنلىكى، ئۇ نەرسىنىڭ ئىز قوغلىغۇچ ئەمەس، يېقىن ئەتراپتىكى WiFi سېگنال نوقتىسىنى كىيىنكى قېتىم تېزدىن تېپىۋېلىش ئۈچۈن ساقلىۋالغان ئۇچۇر ئىكەنلىكىنى، پەقەت ئۇلارنىڭ بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى مەخپىيلەشتۈرمىگەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتتى. بۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىكنىڭ ئالمىغا بولغان بەزىبىر خاتا كۆز قاراشلىرىدا ئۆزگىرىش بولدى. ئەمدى بولسا فېدېراتسىيە ھۆكۈمەت خادىملىرى بۇ نەرسىلەرنى ئىشلەتمەكچى بولىۋېتىپتۇ. بۇلار بىخەتەرلىكىدىن خاتىرجەم بولۇپ ئىشلىتىۋاتقان بۇ نەرسىلەرنى سىزنىڭ يەنە ئەنسىرەپ ئىشلەتمەسلىككە قانداق باھانىڭىز بار؟

مەنبە : tgbus.com

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



3 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. ئەگەر 24 سائەتنىڭ يېڭى بۆلۈمى چىقسا(ئەلۋەتتە بۇ مۈمكىن ئەمەس :cry2: )، جەك باۋۇركام ئاخىرى بلەكبېرىيسىنى ئايفونغا ئالماشتۇراكەنتۇق. لېكىن 2010-يىلدىن كېيىن ئىشلەنگەن فىلىملارنى ئاساسەن ئايفون سپونسور قىلىۋاتامدىكىن دەيمەن، ھەتتا ئەڭگىلىيەنىڭ شېرلوكتىمۇ ئايفونغا ئالاھىدە كۆرۈنۈشلەر بېرىلگەن :kungfu:

  2. پاسىبانىم ، ئاخىرقى سۆزلىرى ئېلانغا ئوخشاپ قالدىمۇ نېمە ، ئىشلەتمەسلىككە نېمە باھانىڭىز بار دەپ :o))):
    خۇددى ئالبىنى يىيىشكە نېمە باھانىڭىز بار دىگەندەكلا …..

    باھانىمىزغۇ يوق ئەمدى :evil:

  3. فىدراسسىيە ئىشلىسە مەن بۇ نەرسىلەردە ئادەمنى نازارەت قىپ تۇردۇ دەتىتى . ئالما شىركىتىدىكىلەر فىدراسسىيە ئىدارىسىنى نازارەت قىپ تۇرامۇ :o))): ئاندا قىسا چاتاق چىقىدا جۇما …ئايرىم ياساپ بىردا ھەقىچان ئۇلاغا …

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش