خاسلىقنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلىرىمىز ھەپتىگە بىرەردىن تەگلىك ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. بەزىلەر كۈندە ئالماشتۇرسا كېرەك. بۇ ئادەت كىشىگە بىر خىل يېڭىلىق تۇيغۇسى بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئايفوننى يېڭىدىن سېتىۋالغاندەك ھېسياتقا كەپ قالىدىكەن. شۇڭا مەن ئۆزۈمدە بار بىرقانچە ئۆزگىچە تەگلىك رەسىملىرىنى سىلەرگە سۇندۇم.
بۇ تەگلىك رەسىملىرىنى ئۆزگىچە دېيىشىمدە سەۋەپ بار. يەنى بۇ تەگلىكلەر ھەر بىر ئەپنى چىرايلىق رامكىلارغا ئېلىپ قويغان ھالەتتە بولۇپ، كىشىگە يېڭىچە تۇيغۇ بېرىدۇ. قارىماققا يېڭى ئۇسلۇب ئالماشتۇرغاندەك كۆرىنىدۇ. ئاستىدىكى رەسىمدىن بۇنىڭ ئۈنىمىنى كۆرۈڭ.
بۇ رەسىملەرنى ئايفون 4 تە سىناق قىلىپ باقتىم. 3-ۋە 2-ئەۋلاد تېلىفۇنلارغا ماس كېلەمدۇ بىلمەيمەن. خالىساڭلار سىناپ باقساڭلار بولىدۇ.
DBank تور بوشلىقىدىن چۈشۈرۈڭ :
تەۋسىيە: DBank نۆۋەتتە ھەقسىز تور دېسكىسى تەمىنلەيدىغان چوڭ تور بېكەتلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىزگە تېز سۈرئەتلىك چۈشۈرۈش مۇھىتى ھازىرلاپ بېرىۋاتىدۇ. ھەقسىز ئىلتىماس قىلىپ، مەڭگۈلۈك ھەقسىز بوشلۇقتىن مەڭگۈلۈك ھەقسىز چۈشۈرۈش شارائىتىدىن بەھر ئالالايمىز. ئەگەر سىز تېخى بۇ بېكەتكە ئەزا بولمىغان بولسىڭىز بۇ يەردىن كىرىپ تىزىملىتىڭ. دەسلەپكى تىزىملىتىشتا سىزگە 5 GB ھەقسىز بوشلۇق بېرىدۇ. بۇ ئايدا DBank بوشلۇقى «يوقلىما» پائالىيىتىنى يولغا قويىۋاتىدۇ. ھەر كۈنى كىرىپ 签到 نى بېسىپ يوقلىمىدىن ئۆتىۋەتسەك، كېمىدە 30 مېگابايت، يۇقىرىسىنىڭ چېكى يوق ھالەتتە بوشلۇق بىلەن مۇكاپاتلايدۇ. ئەگەر مۇشۇ ئاي ئىچىدە 10 كۈن يوقلىمىدىن ئۆتسەك 1 يىللىق VIP ئەزالىق سوۋغا قىلىنىدىكەن. بۇ پۈتۈنلەي ھەقسىز. بۈگۈنكى يوقلىمىدا مەن 825 MB بوشلۇققا ئېرىشىپتىمەن. قېنى، سىزمۇ سىناپ باقامسىز؟









































ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇرادەر .سالامەتمۇ سىز ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. بۇ تەگ رەسىمنى قانداق قاچىلاشنى بىر دەۋەتكەن بولسىڭىز
iTunes ئارقىلىق قاچىلايمىز. تۈنۈگۈنكى يازمىدا iTunes نى تەپسىلىي چۈشەندۈرگەن ئىدىم. شۇنىڭدا كومپىيۇتېردىكى رەسىمنى قانداق قىلىپ ئايفونغا چۈشۈرۈش توغرىسىدا قىسقىچە توختىلىپ ئۆتۈپ كەتكەن. شۇ يازمىنى تەپسىلىي بىر كۆرۈپ چىقىڭ.
ئەگەر تۈرمىدىن قاچۇرغان بولسىڭىز iTools ئارقىلىق ناھايىتى ئاسانلا ئايفونغا چۈشۈرەلەيسىز.
ئايفوننى iTools قا ئۇلاپ، سول تەرەپتىكى 墙纸 دېگەننى بېسىڭ. ئايفونىڭىزدىكى تەگلىك رەسىملەر كۆرىنىدۇ. ئۈستىدىكى 导入 نى بېسىپ بايا چۈشۈرگەن رەسىملەرنى تاللاپ بېرىڭ. شۇنىڭ بىلەن ئايفونىڭىزنىڭ تەگلىك قاتارىغا بۇ رەسىملەر قوشىلىدۇ. ئاخىرىنى ئۆزىڭىز بىلىسىزغۇ دەيمەن؟
设置-墙纸-墙纸 دىن بايام قوشقان رەسىملىرىڭىزنى تاللاپ بېرىپ 设置为主屏幕 نى بېسىڭ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ماۋۇ تەگلىك خېلى بوپ قويىدىكەن جۇما. پاسىبان قېرىندىشىم بولسا ھېلىقى سىلىنىڭ ئايفۇننى قوزغاتقاندا بىر چىشلەپ قويغان ئالمىنى پاراسپۇرۇس يەۋىتىدىغان ئەپنىمۇ يوللاپ قويسىلا قاندا بولا؟ ئارتۇقچە سوزلەپ قويمىغاندىمە ھە