ھەرقانداق بىر ئالما ئىشلەتكۈچىسىنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان بىر دانە Apple ID (ئالما كىملىكى) بولىشى كېرەك. بۇ كىملىك بىلەن ئالمىنىڭ ھەرقانداق يېرىدىن ھەقسىز ۋە ھەقلىق بولغان نەرسىلەرنى سېتىۋالغىلى، ئالمىنىڭ ھەر خىل مۇلازىمەتلىرىدىن بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ. ئۇنداقتا بۇ كىملىكنى قانداق ئىلتىماس قىلىمىز؟

ئالما بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرگەندىن بۇيان بەلكى سىلەرمۇ ھېس قىلغانسىلەر. ئالما ھەممە نەرسىلىرىنى توردا، يەنى iTunes Store دا ساتىدۇ. بۇنىڭ بەزىلىرى ھەقسىز. بەزىلىرى ھەقلىق. Windows نى كۆپ ئىشلىتىپ كۆنۈپ قالغان كىشى ئالمىغا كۆچكەندە بۇنچە كۆپ ھەقلىق نەرسىلەرنى كۆرۈپ تازا كۆنەلمەسلىكى مۇمكىن. چۈنكى بىز ئەرزىنىغا، بولۇپمۇ ھەقسىزىغا كۆنۈپ قالغان. مانا بۇ بىزدىكى يامان بىر ئادەت. بۇ ئادەت مەندىمۇ بار. لېكىن چەتئەللەردە 1 كومپىيۇتېرغا 1 دىن ئايرىم-ئايرىم سېستىما سېتىۋېلىپ قاچىلايدۇ. بىرەر تال مۇزىكا بولسىمۇ توردىن ھەقسىز چۈشۈرۈپ ئاڭلىمايدۇ. بەلكى پلاستىنكىسىنى سېتىۋېلىپ ئاڭلايدۇ. بۇ قىلمىش ئۇلارنىڭ ئېڭىغا سىڭىپ كەتكەن.

ئۆتكەندە چەتئەلدە ئوقۇيدىغان بىر دوستىمىز ئۆزىدىكى ئون نەچچە تال MP3 نى بىر ساۋاقدىشىغا دېسكىغا ئويۇپ بەر دەپ بېرىپتۇ. ئۇ ساۋاقدىشى ئۇنىڭغا يامان نەزىرى بىلەن بىر قارىۋېتىپ كايىپلا كېتىپتۇ. ئاغىنىمىزنى شۇنداق دېگىنىگە تويغۇزۇپ قويغانىكەن. چۈنكى بۇ ئىشنى ئۇلار نومۇسسىزلىق دەپ بىلىدىكەن.

گەپكە كەلسەك، ئالما مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھەرقانداق نەرسىلەرنى iTunes Store ئارقىلىق سېتىپ چىقىرىپ، چۈشۈرگەن ئەپ ئىچىگە سېتىۋالغۇچىنىڭ Apple ID سىنى يېزىۋېتىدۇ. بىز باشقىلارنىڭ كومپىيۇتېرىدىكى شۇ نەرسىلەرنى كۆچۈرۈپ ئەكىلىۋالغان بىلەنمۇ شۇلارنىڭ Apple ID سىنىڭ مەخپى نومۇرىنى بىلمىسەك يەنە ئوخشاشلا قاچىلىيالمايمىز. شۇڭا ئايفونغا باشقىلارنى ئويۇن قاچىلاپ بەر دەپ بەرگەن بىلەنمۇ بۇ ئويۇنلار سىزگە ۋاپا قىلمايدۇ. چۈنكى بۇ ئويۇنلارنى باشقىلارنىڭ كىملىكىگە ئالغان. قاچىلىغاندا ۋە يېڭىلىغاندا يەنە شۇلارنىڭ مەخپى نومۇرى لازىم بولىدىغان گەپ.

ئۇنداقتا بۇ كىملىكنى قانداق ئىلتىماس قىلىمىز؟ ئىلتىماس قىلىشتا ئۈستىدە ئېيتىپ ئۆتكەندەك ھەقلىق ئەپلەرنى سېتىۋېلىشقا ئېھتىياجلىق بولىدىغان «ئىناۋەتلىك كارتا» لازىم بولىدىغان گەپ. ئەگەر بىزدە ئىناۋەتلىك كارتا بولمىسىچۇ؟ بۇ كىملىكنى ئىناۋەتلىكى كارتىسى بولمىغانلارمۇ ئىلتىماس قىلالايدۇ، ئەلۋەتتە. بۇنىڭ ئۇسۇلىنى تۆۋەندىكى سىندىن كۆرۈڭ.


ئىلگىرى يوللىغان مۇناسىۋەتلىك يازما : /20101220255.html

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



4 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. كۈرگۈزگەن سۇئال جاۋابىڭىزنى كۈرىۋالدىم! ئەمدى ئوغۇرلىۋلىمە! :o))): :-D  

  2. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. قىرنداشلار ياردەم قىلساڭلار مەن ھەقلىق دىتال سىۋالاي دىگەن خىلى ئۇزۇن بوپ قالدى شۇنچە قىپمۇ تىزملىتالمىدىم ،بۇنىڭغاكارتىلارنى ئشلىتىپ باقتىم中国银行的。信用卡. 长城电子借记卡 :shy:

    • ھەقلىق ئويۇننى سېتىۋالالايدىغان ھېساۋات تىزىملىتىش ئۈچۈن ئىناۋەتلىك كارتا بولىشى كېرەك. ئەگەر سىز مۇشۇنداق ھېساۋات ئالماقچى بولسىڭىز بۇمۇ بەك ئاسان. پەقەت ئاشۇ سىندا سۆزلەنگەن 04:55 دىكى ئىناۋەتلىك كارتا ئۇچۇرلىرىنى يازىدىغان جايىدىلا ئوخشىماسلىق بار. سىز بۇ چاغدا 无 نى تاللىمايسىز. سىزنىڭ ئىناۋەتلىك كارتىڭىز Visa بولسا Visa نى، MasterCard بولسا شۇنى تاللايسىز. ئاندىن ئاستىغا ماس كېلىدىغان ئۇچۇرلارنى تولدۇرىسىز. كارتا نومۇرىڭىز، ئىناۋەتلىك ۋاقتى (ئادەتتە يىل ۋە ئاي نومۇرى بولىدۇ. مەسىلەن 04/14 دېگەندەك)، بىخەتەرلىك نومۇرى دېگەندەك نەرسىلەرنى يازىسىز. بىخەتەرلىك نومۇرى كارتىنىڭ ئارقىدا بولىدۇ. 3 خانە نومۇر شۇغۇ دەيمەن. بىلەلمىسىڭىز ياندىكى 这是什么 نى بېسىڭ. مۇشۇنىڭدەك ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇڭ. باشقا باسقۇچلىرى ئۈستىدىكىگە ئوخشايدۇ. سىزنىڭ كارتىڭىز جۇڭگونىڭ بولغانلىقى ئۈچۈن چوقۇم دەسلەپتە ئۈستىدىكى فىلىمگە ئوخشاش جۇڭگو بازىرىنى بېسىپ كىرىپ تىزىملىتىسىز.
      تىزىملىتىش مۇۋاپپىقىيەتلىك بولغاندىن كىيىن ھەقسىز ئەپ سېتىۋالغاندەكلا سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ. پۇلنى بىۋاستە كارتىڭىزدىن تۇتىۋالىدۇ. سېتىۋالغاندا يەنە قايتىدىن كارتا نومۇرى دېگەندەك نەرسىلەرنى قايتىدىن يېزىشنىڭ ھاجىتى يوق. كارتىڭىزدىكى دوللار ئىناۋەت سوممىسى قالدۇقىغا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك. شۇ پۇل يەتمىسە ئالالماسلىقىڭىز مۇمكىن.

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)


App Store دىن ئىزدەش

iOS 5 نىڭ بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسلىرى

iOS 5.0 ئابونتلىرى 5.0.1 گە يېڭىلىماقچى بولسا OTA شەكلىدىلا يېڭىلىسا بولىدۇ. بۇ ئەڭ قولاي ھەم ئەڭ ئىخچام ئۇسۇل. (مۇناسىۋەتلىك يازما) يېڭىلاش باسقۇچى: 设置-通用-软件更新

iPhone 3GS 4.3.5 5.0 5.0.1
iPhone 4 4.3.5 5.0 5.0.1
(iPhone 4 (CDMA 4.2.10 5.0 5.0.1
iPhone 4S - 5.0 5.0.1
iTouch 3 4.3.5 5.0 5.0.1
iTouch 4 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 1 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 Wifi 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 3G 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 CDMA 4.3.5 5.0 5.0.1

نۆۋەتتە iTunes نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى 10.5.2 . بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى: [Windows 64] [Windows 32] [Mac]

iTools نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى iTools 2011 Beta 1215 . بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى:
[English Version] [简体中文] [iTools for Mac]

© 2012 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
E-mail : ICP 备案 : 新ICP备10202432号
بەت ئۈستىگە قايتىش