ئالما مەھسۇلاتلىرى تۇرمۇشىمىزغا بۇرۇنقىغا قارىغاندا خېلى كۆپلەپ سىڭىشقا باشلىدى. بۇنىڭ مەھسۇلاتلىرى، سېستىمىلىرى ئۇيغۇرلارغا ھازىر ئۇنچە بەك يات ئەمەس. ئالما مەھسۇلاتلىرى i ھەرىپى بىلەن باشلىنىپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن … iPhone, iPad, iPod, iMac ھەتتا سېستىمىلىرىمۇ iOS دېگەندەك. بۇ دېتاللارنى قىسقارتىپ iDevice دەپ ئاتايمىز. ئۇنداقتا تۆۋەندە مۇشۇ iDevice لار توغرىسىدىكى ستاتىستىكىلارنى كۆرۈپ ئۆتەيلى.
ئالما دۇنيادا شۇنداق مودا بولىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە دۆلىتىمىزدىمۇ شۇنداق. بۇ «مودا» زادى قانچىلىك؟ قانچىلىك كىشى بۇنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىدۇ؟ قايسى نەرسىلىرىنى ئىشلىتىۋاتىدۇ؟ ئىشلىتىش ئادىتى قانداق؟ بۇ سانلىق مەلۇماتلار iOS پروگراممىرلىرى ۋە ئالما قوشۇمچە قاتتىق دېتال ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى قاتارلىق شەخس ۋە ئورگانلار ئۈچۈن ناھايىتى پايدىلىنىش قىممىتى بار ئۇچۇرلاردۇر. توڭبۇ تورىنىڭ CEO سى شيوڭجۈن يېقىندا GMIC يىغىنىدا iDevice قا مۇناسىۋەتلىك بەزىبىر ئۇچۇرلارنى ئورتاقلاشتى. بۇ ئۇچۇرلارنى 100% توپتوغرا دەپكەتكىلى بولمىسىمۇ، بىزگە تەخمىنەن دائىرىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ.
ئۇنداقتا جۇڭگودا زادى قانچىلىك iDevice بار؟ 10 مىليون دانە دېسەك:
رەسىمدىن كۆرۈنىشىچە iPad نىڭ ئىشلەتكۈچىلىرى iTouch نىڭدىكىن كۆپ ئىكەن. ئايفون ئۈستىدە ئايرىم ستاتىستىكا ئېلىپ بارساق تۆۋەندىكى نەتىجىگە ئېرىشىمىز:
iPhone بەلكى ئالمىنىڭ ئوموملىشىشىدىكى ئەڭ چوڭ تۈرتكىلىك رول ئوينىغان مەھسۇلات بولسا كېرەك. بولۇپمۇ iPhone 4 دەۋرىگە كەلگەندە بۇ قىزغىنلىق تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ iPhone نىڭ قاتارىدا iPhone 4 ھەممىدىن كۆپ ئورۇننى ئېگەللەيدىكەن.
iPhone غا سېلىشتۇرغاندا تېلفۇن ئۇرۇش ئىقتىدارىلا كەم بولغان iPod Touch ئالما مەھسۇلاتلىرى ئىچىدە ئەڭ ئەرزان ۋە ئەڭ تولۇق ئىقتىدارلىق iDevice ھېساپلىنىدۇ.
بۇنىڭدىمۇ يەنىلا 4-ئەۋلاد iTouch ھەممىدىن كۆپ ئورۇننى ئېگەللىگەن.
iPad2 گەرچە جۇڭگو بازىرىغا تېخى سېلىنغىنى نەچچە كۈن بولغان بولسىمۇ قارا يوللار ئارقىلىق خېلى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ قولىغا تېگىپ بولغان ئىكەن.
iOS سېستىمىسىنىڭ 4.0 سېستىمىسىدە خېلى چوڭ ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى ئۈچۈن، بەزىلەر گەرچە كونا نۇسقىدىكى iDevice ئىشلىتىۋاتقان بولسىمۇ سېستىمىسىنى يېڭىلىغان. لېكىن كىشىنى تولىمۇ ھەيران قىلىدىغىنى 2.0 لىك ھەتتا 1.0 لىك سېستىمىنى ئىشلىتىۋاتقانلار يەنىلا بار ئىكەن.
App Store دىكى ھەرخىل ئەپلەرنىڭ تەۋە تۈرى توغرىسىدىكى ستاتىستىكىدىن تۆۋەندىكىگە ئېرىشىمىز.
بۇنىڭ ئىچىدە ئويۇن ئەڭ كۆپ بولۇپ 16 پىرسەنتنى ئېگەللەيدىكەن. كىيىنكىسى كىتاب، 3-ئورۇندا كۆڭۈل ئېچىش تۈرىدىكى ئەپ ئىكەن. تۆۋەندىكىسى بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەقلىق ۋە ھەقسىز ئەپلەرنىڭ سېلىشتۇرمىسى
ئېنىقكى AppStore دىكى ھەقسىز ئەپلەر ئاندرويىد سېستىمىسىدىكىگە قارىغاندا خېلىلا ئاز. گەرچە ئاز بولسىمۇ iOS تە ئوينىغاندا ئاندرويدقا قارىغاندا ھېسيات بۆلەكچە… لېكىن بۇ يىل 2010-يىلىدىكىگە قارىغاندا ھەقسىز ئەپلەرنىڭ ئېگەللەش نىسبىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.
AppStore دىكى ھەقلىق ئەپلەرنىڭ باھاسىنىڭ سېلىشتۇرما جەدۋېلى. بۇلارنىڭ ئىچىدە 0.99 دوللارلىق ئەپ ھەممىدىن كۆپ بولۇپ، پۈتۈن ئەپلەرنىڭ تەخمىنەن يېرىمىغا توغرا كېلىدىكەن.
ستاتىستىكىدا جەمئى ئەپلەر 380 مىڭدىن ئارتۇق بولسىمۇ، ئابونتلارغا ھەرخىل ۋاستىلەر ئارقىلىق تەۋسىيە قىلىش ئارقىلىق پەقەت 5 مىڭ دانىسىنىلا كۆرسىتىلىدىكەن. دېمەك يەنە باشقىلىرىنى قولىمىز بىلەن ئىزدەپ تېپىشىمىزغا توغرا كېلىدىكەن.
جۇڭگودا پەقەت لىيەنتوڭ ئالما شىركىتى بىلەن بىۋاستە توختاملىشىپ قانۇنلۇق يۈرگۈزىۋاتقان تېلېگراف شىركىتى بولسىمۇ يەنىلا كۆچمە خەۋەرلىشىش ئابونتلىرىنىڭ iPhone ئىشلىتىش مىقدارى يۇقىرى ئىكەن.
ئابونتلارنىڭ iPhone نى ئىشلىتىش ئادىتىگە ئاساسلانغاندا ئۇلار دائىم قاچىلايدىغان ئەپلەر تۆۋەندىكىچە ئىكەن:
تۆۋەندىكىسى iPad ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ ئەپ قاچىلاش ئەھۋالى:
يۇقارقى 2 ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا جۇڭگودا iDevice ئىشلىتىدىغانلارنىڭ تەخمىنەن 90 پىرسەنتى تۈرمىدىن قاچۇرىدىكەن. ھەر ئىككىسىدە Cydia نىڭ قاچىلىنىش نىسبىتى تەخمىنەن 90 پىرسەنت ئەتراپىدا.
تۆۋەندىكىسى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قايسى ۋاقىت دائىرىسىدە ئەپ قاچىلايدىغانلىقى توغرىسىدىكى مەلۇمات. بۇنىڭدىن قارىغاندا بېيجىڭ ۋاقتى كەچ 11 ئەڭ يۇقىرى پەللە ئىكەن.
بۇ سانلىق مەلۇماتلار 4-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى قەدەر توڭبۇ تورىنىڭ 同步助手 ئارقىلىق قىلىنغان ستاتىستىكا ئىكەن.









































جۇڭگودا تۈرمىدىن ۋەھشى قاچۇرىدىكەنغۇ
پاسىبانىم ئەجەپ ئاڭلىماپتىكەنمەن 24-ئاي دەپ
خاتابوپقالدىمۇ قانداق
ھا ھا ! 4-ئاينىڭ ئىدى! تۈزىتەي