قويغۇچلارنىڭ ئىسىملىرىنى تۇتماقمۇ تەس بوپكەتتى. TPlayer, OPlayer … توردىكى ھەقسىزلىرىنىڭ باھاسىنىڭ ئەرزان بولىشىدا ئەلۋەتتە سەۋەبى بار. ياكى بولمىسا ئىقتىدارى تۆۋەن، ياكى بولمىسا قويۇدىغان نەرسىسى ئاز. بۈگۈن سىلەرگە تەۋسىيە قىلماقچى بولغىنىم GPlayer .
قويغۇچنىڭ نېمىلىكىنى چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوققۇ دەيمەن. بۇ iPhone نىڭ ئۆزىدىكى سىن قويغۇچ قويالمايدىغان ھەرخىل مېدىيا ھۆججەتلىرىنى قويالايدۇ. بۇ ھۆججەتلەرنى iPhone ياكى iPad كە ئۇزىتىش ئۈچۈن پەقەت iTunes بولسىلا بولدى. ھەتتا بەزىلىرى WiFi ئارقىلىقمۇ يوللىيالايدۇ.
بۇ ئەپنى بۈگۈن ھەقسىز قىلىپ تارقاتقان ئىكەن. ۋاقىلىق ھەقسىز (ۋاقىتلىق ھەقسىز ئەپ بۈگۈن ھەقسىز، بەلكى ئەتىلا ھەق ئېلىشنى باشلىشى مۇمكىن بولغان ئەپ) ، لېكىن ھەقىقىي نەشىردىكى قويغۇچ بولغانلىقى ئۈچۈن ، يەنە كېلىپ iPad ۋە iPhone غا تەڭ ماس كېلىدىغان ئۇنىۋېرسال بولغانلىقى ئۈچۈن تەۋسىيە قىلغۇم كەلدى.
بۇ ئەپنىڭ قوللايدىغان ھۆججەت فورماتلىرى:
✔ XVID/DIVX AVI, WMV, RMVB, ASF, H264, MKV, TS, M2TS…
✔ MP3, WMA, WAV, OGG, FLAC…
✔ SMI, ASS, SUB, SRT, TXT…
بۇ ئەپ تېخى Apple tv غا AirPlay ئارقىلىق سىن ئۇچۇرلىرىنى يوللىيالايدىكەن. ئېكران تاقالغان ھالەتتە سىن قويالايدىكەن. ئەپ ئىچىدە ھۆججەت ئۆچۈرۈش، كۆچۈرۈش، كېسىپ-چاپلاش، ئىسىم ئۆزگەرتىش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى قىلغىلى بولىدىكەن. فىلىمدىن قىسقا كۆرۈنۈش كۆرگىلى بولىدىكەن. سىن قويغاندا ئالدىنقى قېتىم كۆرۈپ بولغان جايدىن باشلايدىكەن. خەت ھۆججىتىنىمۇ قوللايدىكەن.
ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكىنىڭ بىرى – مۇشۇ بىر تال ئەپ ھەم iPhone غا، ھەم iPad كە ماس كېلىدىكەن. ئىككى نەرسە ئۈچۈن ئىككى خىلنى سېتىۋېلىش (ھازىر پەقەت ھەقسىز چۈشۈرسىڭىزلا كۇپايە) نىڭ ھاجىتى يوقكەن. ئۇنداقتا نېمىگە ساقلايسىز؟ ھەق ئېلىشتىن بۇرۇن دەرھال چۈشۈرىۋېلىڭ!
ئەپ ئىسمى : GPlayer
ساتقۇچى : Ginkgo Tech
تۈرى :قوللىنىشچان
چوڭلۇقى : 11.8 MB
باھاسى : 0.99 دوللار









































دېۋاندا مەنمۇ ئولتۇرۇپ باقاي.

بىكا ئولتاغىچە بىر نەرسە سوراپ باقاي، ناخشا مۇزىكىنى قاندا قاچىلايمىز مۇشۇ نەرسىگە، كومپيۇتېرغا چاتسام كامىرادىكى رەسىمدىن باشقا نەرسە كۆرۈنمىدى…
ما سۇئالنىڭ تېخنىكىلىق دەرىجىسى تۆۋەن بولسىمۇ خاپا بولماي جاۋاب بەرسەڭلار.
مەنمۇ ئىلان چەككىلى كەپ تۇسام.
ئامان بولغايسىلەر.
يان تەرەپتىكى «نادىر يازمىلار» دېگەن قاتاردىكى يازمىلارغا سەپ سېلىڭ. سىزگە لازىملىق نەرسە شۇ يەردىن تېپىلىدۇ. iTunes ھەققىدە قىسقىچە ساۋات دېگەن يازما شۇ.
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ! ھەقىقەتەن ياخشى ئەپكەن…
مەن بەك ياقتۇردۇم
gel abi, nasilsin? özledim seni
?iyiyim sen nasilsin
bende ozledim kardaslari,
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! مېنىڭ مۇشۇ تۈركچىنى بەكمۇ ئۈگەنگىم بار، ئەمما قەيەردە قانداق ئۈگۈنۈشنى بىلەلمەيۋاتىمەن.
مەن بۇنى چۈشۈرۋالدىم ھەم بىر ئىككى كىنونىمۇ ئەسلى ھۆججىتى بىلەن قاچىلاپ باقتىم ناھايىتى سۈزۈك چىقتى قېتىۋالدىغان ئىشمۇ يوق.ئەمما بىر ھۆججەتنىڭ خېتى بىلەن ئايرىم قاچىلغان خەت ھۆججىتى srtئىدى .شۇنى باسسام كىنونىڭ ئۆزى قويۇلدى ئەمما خەت چىقمدى .تەڭشەيدىغان يەردىن خېتى دىگەندىن شۇنى تاللىساممۇ ئوخشاش نىمە ئىشتۇ؟
يەنە بىرى بەك ئاستا قاچىلايدىغان بولۇپ قالدى بۇرۇن خېلى تىز قاچىلايتى video دىگەن يەرگە قاچىلسام تۈنۈگۈن بىر سائەت كەتتى.بۈگۈنمۇ ئىككى كىنوغا 40مىنۇتتەك كەتتى قانداق قىلسام تىز قاچىلغىلى بۇلار؟
مەن بۇ دېتالنى چۈشۈرۈپ بولۇپ ئىقتىدارى مۇشۇ دېتالغا ئوخشاپ كېتىدىغان يەنە بىر دېتالنى ئۇچرىتىپ قالدىم.
دېتال نامى: flex:player
قوللايدىغان ھۆججەت تىپلىرىمۇ خېلى مولكەن. خېلى يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى فىلىملارنىمۇ ناھايىتى راۋان قويالايدىكەن.
ماۋۇ GPlayer غا ئېنىقلىقى يۇقىرى mp4 فورماتىدىكى فىلىم ھۆججىتىنى كۆچۈرۈپ قويسام قېتىۋېلىپ (ئۇنچە كۆرۈنەرلىك ئەمەس) قويۇۋاتىدۇ. ئوخشاش بىر فىلىمنى ئىككى قويغوچتا قويۇپ سىناپ باقسام flex:player قويغۇچ ناھايىتى راۋان ۋە ئېنىق قويدى.
شۇڭا بۇ دېتالنىمۇ كۆرۈپ باقارسىلەر. بۇ ئىككى دېتالنىڭ ھېچقايسىسى سىمسىز ئۇزىتىش-قوبۇل قىلىشنى قوللىمايدىكەن يامان يىرى. تۈرمىدىن قاچۇرغان بولساق GoodPleyer ياخشى قويغۇچ ئىدى.
بۇ خىلدىكى قويغۇچلار بەك جىقكەن جۇمۇ. مەن RunPlayer دېگىنىنى ئىشلىتىۋاتىمەن. ئوخشاشلا WiFi ئارقىلىق كومپيۇتېردىن ھۆججەت ئۇزاتقىلى بولىدۇ. كۆرۈنمە يۈزى بەك ئاقسا چىقىپتۇ ئەمما.
Hadi ya Turkceye mi basladik گۈزەل بىر ئەپ .
Hadi ya Turkceye mi basladik دەپ بىر ئەپ بارمىتى يا؟ مەن ئىزدەپ كېتىپتىمەن بىرەر تۈركچە ئۆگىتىدىغان ئەپ ئوخشايدۇ دەپ! ماۋۇنى دەپتىكەنلىدە گۈزەل ئەپ دەپ
باھاسى $2.99 غا چىقىپ بوپتۇ ئەمدە….